 |
 |
 |
 |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم :
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .
ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار !سەمىمىزدە بولسۇنكى ، بىزنى جانابى ئاللاھ ئۆزلىرىمىز ھېچ قانداق ھەقىيقى ئىلىمسىز ، ھېدايەتسىز (يەنى نۇرلۇق كىتاپسىز ) ھالدا تۇرۇپ ھەق باراسىدا باشقىلار بىلەن مۇنازىرلەشمەسلىككە تەۋسىيە قىلىپ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دىگەن : يەنى[بەزىلەر (توغرا تونۇشقا ئېلىپ بارىدىغان) ھېچ قانداق ھەقىقى ئىلىمسىز، ھىدايەتسىز ۋە نۇرلۇق كىتابسىز ھالدا اﷲ توغرىسىدا مۇنازىرلىشىدۇ. (ئۇنىڭ مۇنازىرلىشىشى نۇقۇل نەپسى خاھىشى ۋە تەرسالىقىدىندۇر]22-8.
يەنى[ئەگەر اﷲ ئۇلاردا بىرەر ياخشىلىق بار دەپ بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا (ھەقنى) ئاڭلىتاتتى؛ ئۇلارغا ئاڭلاتقان تەقدىردىمۇ ئۇلار ئەلۋەتتە ھەقتىن يۈز ئۆرۇگەن ھالدا باش تارتاتتى]8-23.
يەنى[مۇشرىكلارنىڭ سېنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرگەنلىكىگە قارىغىن، ئۇلار ئازدى، توغرا يول تاپالمايدۇ]25-9.
يەنى[شۇنداق مەسخىرە قىلىشنى بىز گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا سالىمىز]15-12. دىمەك يۇقارقى ئاللاھ نىڭ ھەق سۆزلىرى شۇ ھەقىيقەتلەرنى كۆرسىتىپ بىرىدىكى ، جانابى ئاللاھ ئەسلىدە ئىنسانلارنى گۇناھ ئىشلاردىن تۇسۇپ ، ياخشىلىققا بۇيرۇپ ، ئۇنىڭدىن ۋەز نەسىيئەت ئېلىپ توغرا يولدا بولسۇن دەپ ياخشى بىلەن ياماننى ، ھالال بىلەن ھارامنى ، گۇناھ بىلەن ساۋاپنى ،ئىمان بىلەن كۇفۇرنى ،ھىدايەت بىلەن گۇمۇراھلىقنى ئىنىق ئايرىغان ئاساسىدا ؛ ھەقىيقەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەق قۇرئان كەرىمنى بىزگە نازىل قىلغان بولسىمۇ . بىراق ئىنسانلارنىڭ تۇلىسى ياراتقۇچىسى ئاللاھ نىڭ ئۆزلىرى بىلەن قۇشۇپ ياراتقان ئەقلىدىن ئېزىپ، نەپسى خاھىشلىرغا ئەگىشىپ ھەقتىن باش تارتقانلىقى ئۈچۈن . جانابى ئاللاھمۇ ھەقتىن باش تارتقۇچى گۇناھكارلارنىڭ دىللىرغا: دىنىمىزنى ئۇيۇن كۈلكە قىلىشنى ، ئاللاھ ئايەتلىرنى (يەنى ھەقنى )مەسخىر قىلىشنى ، ھەققە تەۋسىيە قىلغۇچىلارنىڭ ھەق تەۋسىيەلىرنى ئاڭلىماستىن ، ھەتتا ئۇلارنى مەسخىرە قىلىشنى گۇناھكارلارنىڭ دىللىرغا جانابى ئاللاھ ئۆزى شۇنداق سالغان . دىمەك بۇ يەردە يەنى شۇ ھەقىيقەتلەر ئىسىمىزدە بولسۇنكى ، ھەر قانداق گۇناھغا ئىنساننى شەيتان سالمايدۇ . چۈنكى شەيتاننىڭ قۇلىدىن كىلىدىغىنى پەقەت شۇ گۇناھلارنى ئىنسانغا چىرايلىق كۆرسىتىپ ، قىلىشقا ۋەسۋەسە قىلىشتۇركى ، ئىنسان شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن ئەقلىنى يۇقۇتۇپ نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەنلىكتىن، ئۇنىڭغا شۇ گۇناھ ئىشلار چىرايلىق كۆرنىدۇدە شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنسان شۇ يولغا قەدەم بېسىشقا نىيەت قىلىدۇ . ئىسلامدا ھەممىدىن نىيەت ئەلا دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆزلەر بۇلۇپ ، دىمەك ئىنسان نىيەتلىرگە نىمىلەرنى پۈكسۇن جانابى ئاللاھ ئىنساننى شۇ نىيەتلىرگە قاراپ ياخشىغا -ياخشىچە ، يامانغا -يامانچە (يەنى توغرا يولدا ۋە ياكى خاتا يولدا) قىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەرنى ھەققە تەۋسىيە قىلغۇچى (يەنى ھەق ئەلچىسىگە ) تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دىگەن :
يەنى[(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغىن، اﷲ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ]11-115.
يەنى[ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن]20-130.
يەنى[ئەگەر اﷲ (ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى) خالىسا، ئۇلار شېرىك كەلتۈرمەيتتى، سېنى ئۇلارغا كۈزەتچى قىلغىنىمىز يوق، سەن ئۇلارغا ھامىيمۇ ئەمەسسەن]6-107.
يەنى[(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر اﷲ نى قايرىپ قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەن ھەقىقەتەن مەنئى قىلىندىم». ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرنىڭ نەپسى خاھىشلىرىڭلارغا ئەگەشمەيمەن، بولمىسا مەن ئازغان بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولالماي قالىمەن »]6-56.
يەنى[اﷲ (سىلەرگە مۇنداق) بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر قۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا (ئىشقا سېلىشنى) تالىشىدىغان نۇرغۇن خوجايىنلار ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ (بىرسى بۇ ئىشقا، بىرسى ئۇ ئىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇ كىمنى رازى قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ)، يەنە بىر قۇل بولۇپ، ئۇ بىر ئادەمگىلا خاستۇر، بۇ ئىككى قۇل (يەنى ئۇنىڭ ئەھۋالى) باراۋەرمۇ؟ جىمى ھەمدۇسانا اﷲ غا خاستۇر! بەلكى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار)نىڭ تولىسى بىلمەيدۇ]39-29.
يەنى[ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان (مۇشرىكلار بىلەن مۇناپىقلار گۇمان قىلغاندەك) اﷲ دىن غەيرىنىڭ تەرىپىدىن بولغان بولسا، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى]4-82.
يەنى[ئېيتقىنكى، « ھەقىقەتەن مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان روشەن دەلىلگە (يەنى قۇرئانغا ۋە ۋەھىگە) ئاساسلىنىمەن، ھابۇكى، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلدىڭلار، سىلەر بالدۇر يۈز بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ ئىگىدارچىلىقىمدا ئەمەس، بارچە ھۆكۈم اﷲ غا خاس، اﷲ ھەق ھۆكۈم قىلىدۇ، اﷲ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ياخشىسىدۇر »]6-57.
يەنى[شۇنىڭ ئۈچۈن كاپىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى (پاكىتلارنى ئوتتىرىغا قويۇپ) بارلىق كۈچۈڭ بىلەن كۆرەش قىلغىن]25-52. دىمەك بىز شۇ ھەقىيقەتلەرنى بىلىپ قالىلىكى ، جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئەلچىسى مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىزگە : ھەققە تەۋسىيە قىلىشتا سېلىغ سۇپايە بۇلۇشقا تەۋسىيە قىلغاندىن باشقا يەنى ھەقنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىرلارغا ئىتائەت قىلماسلىققا ، ئۇلار بىلەن قۇرئان ئارقىلىق پاكىتلارنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ (يەنى ھەق دەلىل ئارقىلىق )كۈرەش قىلىشقا تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە : ئاللاھ تەرىپىدىن ئۆزىگە نازىل بولغان ھەق قۇرئاننىڭ ئايەتلىرنى قالدۇرماي يەتكۈزۈپ مەسۇلىيتىنى ئادا قىلىشقا ، مۆمۈنلەرنىڭمۇ ئەگەردە ئۇ مەيلى تۇققانلىرى بولغان تەغدىردىمۇ ، ئۇلار ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ كۇفۇردا چىڭ تۇرسا ؛ مۆمىنلەرنى ئۇلارنى دوس تۇتماسلىققا تائەت- ئىبادەتنىڭ مۇشاقەتلىرگە چىداملىق بۇلۇشقا ؛ قۇرقۇشتا پەقەت يالغۇز ئاللاھ دىنلا قورقۇشقا ؛ ئاللاھ نىڭ قانۇن پىرىنسىپلىرگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماسلىققا چاقىرىپ مۇنداق دىگەن :
يەنى[ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر يەتكۇزمىسەڭ، اﷲ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. اﷲ سىېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. اﷲ ھەقىقەتەن كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ]5-57.
يەنى[ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئاتىلىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار ئىمانىدىن كۇفرىنى ئارتۇق كۆرسە (كۇفرىدا مەھكەم تۇرسا)، ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار. ئىچىڭلاردىكى كىملەركى، ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر(يەنى ئۇلارغا ئوخشاش مۇشرىكتۇر، چۇنكى مۇشرىكلىككە رازى بولغان ئادەممۇ مۇشرىك ھېسابلىنىدۇ]9-23.
يەنى[ئى مۆمىنلەر! تائەت- ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەۋر قىلىڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن اﷲ دىن قورقۇڭلار (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماڭلار]3-200.
يەنى[ئى مۇھەممەد!) كۇفرىغا ئۆزلىرىنى ئاتىغانلار (يەنى سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن كۇفرىغا شاپاشلايدىغان مۇناپىقلار) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن (كۇفرى بىلەن) اﷲ غا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. اﷲ ئاخىرەتتە ئۇلارغا (ساۋابتىن) ھېچبىر نېسىۋە بەرمەسلىكنى خالايدۇ؛ ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ]3-176.
دىمەك قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ نىڭ يۇقارقىغا ئوخشاش نۇرغۇن ھەق سۆزلىرى بار تۇرسا ؛ ئىنسانلار شۇ ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلىپ بەرگەن ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ نىمىشقىمۇ قۇرئاننى پىكىر قىلىپ كۆرمەيدىغاندۇ ؟ ھەي بۇنداق ئەقلىنى يۇقاتقان شۇنىڭ بىلەن ھەق ئۈستىدە پىكىر تەپەككۇرى بولمىغان ئىنسانلارنىڭ ياشاشتا ھايۋانلاردىن نىمە پەرقى بولسۇن ؟ ھەتتا ئۇلار شۇ پىكىر تەپەككۇر قىلالايدىغان ئەقلى بىلەن ھايۋانلاردىن بەتتەر ھالەتتەتۇر .
مەنبە: قۇرئان كەرىمدىن پايدىلىنىپ ئۆز تەپەككۇرۇمغا تاينىپ يېزىلدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arzuumut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-25 06:38 PM
|
 |
 |
 |
 |
|