بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن خوتەنلىك، قەشقەرلىك، ئاتۇشلۇق ئۈچ چىۋىن بىر يەرگە جەم بولۇپ قاپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە خوتەنلىك چىۋىن ئەڭ سىمىز، قەشقەرلىك چىۋىن سەل ئورۇقراق، ئاتۇشلۇق چىۋىن ئەڭ ئورۇق ئىكەن. قەشقەرلىك چىۋىن بىلەن ئاتۇشلۇق چىۋىن خوتەنلىك سىمىز چىۋىنگە ھەۋەس قىلىپ سوراپتۇ:
- ئاداش، سەن نىمانچە سىمىز؟
- مەن،- دەپتۇ خوتەنلىك چىۋىن بۇرۇتىنى بىر تولغىۋېتىپ،- مەن خوتەندە ئادەملەرنىڭ تامىقىغا چۈشۈپ قالسام، ئۇلار مېنى قاچىدىكى تاماق بىلەن تۆكۈۋېتىدۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان قەشقەرلىك چىۋىن بىلەن ئاتۇشلۇق چىۋىن شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ، «توۋا» دېيىشىپ قاپتۇ. ھەمدە قەشقەرلىك چىۋىن ئۆزلۈكىدىنلا گەپ باشلاپتۇ:
سىلەرگە دېسەم، بىزنىڭ قەشقەردە مەن ئادەملەرنىڭ تاماق قاچىسىغا چۈشۈپ قالسام، ئۇلار مېنى قوشۇقتا ئېلىپلا تاشلىۋېتىدۇ، كۈنلىرىم تازا باياشات ئەمەس...
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئاتۇشلۇق چىۋىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايلا تۆكۈلۈپتۇ:
- سىلەر مېنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئورۇق ئىكەنلىكىمنى بىلمەيسىلەر، مەن ئەگەر ئاتۇشتا ئادەملەرنىڭ تاماق قاچىسىغا چۈشۈپ قالسام، ئۇلار مېنى شۈمۈپ تاشلىۋېتىدۇ...
مەنبە: كوچا پاراڭلىرى