مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2075|ئىنكاس: 34

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۈيچى *خان جەمەد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66
يازما سانى: 1563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25502
تۆھپە نۇمۇرى: 951
توردا: 1574 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 12:35:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوگ ماندىنو (ئامېرىكا)

بۈگۈنكى دۇنيادا يول كۆرسىتىش مەزمۇن قىلىنغان ئەسەرلىرى بىلەن ئەڭ شۆھرەت قازانغان يازغۇچى .ئۇ 14 پارچە كىتاب يازغان ،سېتىلىش مىقدارى 25 مىليۇندىن ئېشىپ كەتكەن ،18 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان ، ھەر قايسى ساھالەردىكى سانسىزلىغان كىشىلەر ئوگ ماندىنو بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرىتتى بىز ئۇنىڭ كىتابلىرىدىن سىرلىق كۈچكە ئېرىشتۇق دەپ تەرىپلەشكەن ، ئۇنىڭ كىتابلىرىدىن ئەقىل ،ئىلھام ھەم مۇھەببەتكە تولغان <<دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى >> ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدىكى نادىر ئەسەر .

مەن ھازىر بۇ كىتابدىن بىرىنجى بابىنى يوللاپ قۇياي قالغانلىرىنى كىتابخانىدىن سېتىۋېلىپ كۆۈرۈڭلار !

مۇختەر مىس ئەينەك ئالدىدا نېرى -بېرى مېڭىپ ، ئۆزىگە ئىنچىكىلىك بىلەن سەپسالاتتى .
ياشلىقنىڭ ئىزنالىرى پەقەت كۆزلىرىمدىلا قاپتۇ .- دېدى ئۇ ئۆز-ئۈزۈگە ، ئاندىن كەينىگە بۇرۇلۇپ ، مەرمەر تاش ياتقۇزۇلغان يەر ئۈستىدە ئاستا ماڭدى ، قېرىلىق ھالسىراتقان ، پۇتلىرىنى سۆرەپ قارا رەڭلىك ھرقىق تۈرىكلەر ئارىسىدىن ، پىل چىشى بىلەن زىننەتلەنگەن ئۈستەللەر يېنىدىن ئۆتتى . كارىۋات ۋە يۇمشاق ئۇرۇندۇقلار تاشپاقا قېپىدەك پارقىراپ تۇراتتى . ياقۇتلار بىلەن بىزەلگەن تامدىكى نەپىس سۈرەتلەر كۆزنىڭ يېغىنى يەيتتى . يوغان مىس تەشتەكتىكى پالما دەرىخىنىڭ شاخلىرى ئۈن تۈنسىز ئۈسۈپ تۇرۇدۇ ، گەجدىن ياسالغان فونتاننى مەرۋايىتتەك سۇلارنى ئۇنىڭغا چېچىپ تۇرۇدۇ . گۈلزارلىقتىكى گۈللەر بىر -بىرى بىلەن ھۆسىن تالىشىپ تۇرۇدۇ . ئىشقىلىپ مۇختەرنىڭ بۇ ھەشەمەتلىك سارىيىغا كەلگەن ئادەم ئۇنى كاتتا زەردار دىيىشىدۇ .
بۇۋاي قورشاۋ تېمى بار گۈلزارلىقتىن ئۈتۈپ ساراينىڭ يەنە بىر تەرىپىگە جايلاشقان ، ئارلىقى 500 مىتىرچە كىلىدىغان ئىسكىلاتقا قاراپ ماڭدى ، ئۇنىڭ غۇجىدارى يۈسەن ئىسكىلاتنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇراتتى ،
ياخشىمۇ سىز بىگىم ؟
مۇختەر باش لىڭشىتىپ قۇيۇپ ، ئۈن- تۈنسىز مېڭىۋەردى . يۈسەن گاڭگىراش ئىچىدە ئۇنىڭغا ئەگەشتى ، ئۇ خۇجايىننىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشكە نېمە ئۈچۈن بۇ يەرنى تاللىغانلىقىدىن ھەيران ئىدى . ئىككىسى مال چۈشۈرۈش سۇپىسىغا كەلگەندە ، مۇختەر قەدىمىنى توختاتتى . تاي -تاي ماللار ھارۋىىدىن چۈشۈرلۈپ تۈرى -تۈرى بۇيىچە ئىسكىلاتقا ئېلىپ كىرىلىۋاتاتتى . بۇ ماللارنىڭ ئىچىدە ئاسىيانىڭ قوي يۇڭى ، كەندىر ،تېرە قەغەز ، ھەسەل ، گىلەم ۋە مايلار ، يەرلىك مەھسۇلاتلاردىن ئەينەك ،ئەنجۈر ،ياڭاق ، مۇئەتتەر ، پالمېرا ئارىلىنىڭ رەخت ۋە دورا ماتىرياللىرى ، ئەرەبىستاننىڭ زەنجىۋېلى ، قەۋزاق دارچىن ۋە قارا رەڭلىڭ فار-فۇر بۇيۇملىرى ،بابىلوننىڭ گىلىمى ،رىمنىڭ ماي بۇياق رەسىمى ، ھەمدە گىرىتسىيەنىڭ ھەيكەللىرى بار . ئەتىراپىدىن مۇئەتتەرنىڭ ھىدلىرى كېلىپ تۇراتتى ، مۇختەرنىڭ سەزگۈر بۇرنىغا نەشپۈت ،ئالما پىشلاق  ۋە زەنجىۋېلنىڭ يېقىملىق پۇرىقى ئۇرۇلدى .
مۇختەر يۈسەنگە بۇرۇلدى :
                                      ئاغىنە ، بىزنىڭ ھازىر خەزىنىدە قانچىلىك نەق پۇل بار ؟
----ھىممىسىمۇ ؟
----- ھەممىسى .
---- يېقىندا ھىساب قىلىپ باقمىدىم ، ئەمما يەتتە مىليۇن تىللادىن كەم چىقمايدۇ .
---- ئىسكىلاتتىكى ماللارنى پۇلغا سىۇندۇرغاندا قانچىلىك چىقىدۇ ؟
--- بىگىم ، بۇ پەسىلنىڭ ماللىرى تۇلۇق كېلىپ بۇلالمىدى ، لېكىن چامامغىچە ، ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ مىليۇنغا يارايدىغان مال بار .
مۇختەر باش لىڭشىتتى .
ئەمدى مال كىرگۈزمەڭلار ، بارلىق ماللارنى قولدىن چىقىرۋېتىپ ، ئالتۇنغا ئالماشتۇرۋېتىڭلار .
پىشقەدەم غۇجىدار كۆزلىرىنى پاقىرتىپ تۇرۇپلا قالدى ، بىر ئېغىز گەپمۇ قىلالمىدى ، خۇددى قاتتىق زەربە يىگەندەك ئارقىغا بىر قانچە قەدم داجىدى .
بىگىم ،-- دېدى بىر چاغدا ناھايتى تەستە ،--- مېنى گاڭگىرتىپ قويدىڭىز . بۇ يىل ئامىتىمىز تازا كېلىۋاتاتتى ، ھەر قايسى سودا سارايلارنىڭ ئېيتىشىچە ، سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى پەسىلدىكىدىن يەنە ئېشىپتۇ ، ھەتتا رىم ھەربىي تەرەپمۇ بىزدىن مال ئېلىۋاتىدۇ ، سىز تېخى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئېرۇسالىم  ۋالىسىغا ئەرەب بايتىلىدىن 200 نى سېتىپ بەرمەكچى بولغانغۇ ؟ مېنى كەچۈرۈڭ ، بىگىم ، ئەدەتتە مەن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئېغىز غېرىچلىمايتتىم ، لېكىن بۇ قېتىم ھەقىقەتەن گاڭگىراپ قالدىم ، سىز نىمە ئۈچۈن ...
مۇختەر كۈلۈمسىرەپ قۇيۇپ ، تۇيۇقسىزلا يۈسەننىڭ قۇلىنى تۇتتى .
يۈسەن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى سەن يىڭى كەلگەندە ، ساڭا بىرىنجى بۇلۇپ تاپىلىغان ئىش يادىڭدىمۇ ؟
يۈسەن قۇشۇملىرىنى تۈردى ، لېكىن كۆزلىرى بىردىنلا نۇرلاندى .
سىز ماڭا ھەر يىلى تاپقان پايدىنىڭ يېرىمىنى نامراتلارغا بۈلۈپ بىرىشنى تاپىلىغان .
-- شۇ چاغدا سەن مىنى ئەخمەق تىجارەتچى ئىكەن ،دەپ ئويلىغان ئەمەسمىدىڭ ؟
مەن ئۇ چاغدا ....
مۇختەر بېشىنى لىڭشىتىپ ، مال چۈشۈرۈش سۇپۇسىنى كۆرسەتتى .
ھازىر شۇ چاغدىكى ئويلىرىڭنىڭ ئۇرۇنسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىڭمۇ ؟
شۇنداق بىگىم .
ئۇنداق بولسا ، ھازىر تاپشۇرغان ئىشقىمۇ  ئىشەنىچ بىلەن قارىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ساڭا كېيىن چۈشەندۈرۈپ قۇيىمەن . مەن قېرىپ قالدىم ، ماڭا كۆپ نەرسىنىڭ ھاجىتى يوق ، ئايالىم ئۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن مەن ئۈزۈمگە تۇشلۇق نەرسە ئېلىپ قېلىپ ، قالغان پۈتۈن مال-دۇنيارىمنى شەھەردىكى نامراتلارغا بۆلۈپ بېرىۋېتىشنى نىيەت قىلغان ئىدىم ، ھازىر ماللارنى بىر تەرەپ قىلغاندىن باشقا بەزى ھۆججەتلەرنى تەييارلاپ قويغىن . تارماق بانكىلارنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىغا دائىر ھۆججەتلەرنى بارلىق تارماق بانكىلارنىڭ ھىساېات .ۆيىگە يۆتكىۋەت . ئۇنىڭدىن باشقا ، بەش مىڭ تىللا ئاجىرتىپ ، ھەر قايسى ھىسابات ئۆيلىرىگە بۈلۈپ بەر. ئۇ يەردىكىلەر شۇنچە يىللاردىن بېرى سەمىيمى سادىقلىق بىلەن جاپالىق ئىشلەپ كەلدى . بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار نېمىنى سېتىشنى خالىسا شۇنى ساتسۇن .
يۈسەن گەپ قىلماقچى بۇلۇپ ئاغزىنى ئۆمەللەشتۈرشىگە ، مۇختەر قول پۇلاڭلىتىپ تۇسۇپ قويدى .
سەن مىنڭ مۇنداق قىلىشىمنى تازا ياقتۇرمايسەن شۇنداقمۇ ؟
يۈسەن بېشىنى چايقاپ ، زورىغا كۈلۈمسىرىدى .
ئۇنداق ئەمەس بىگىم مەن پەقەت سىزنىڭ بىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق  قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى چۈشۈنەلمەيۋاتىمەن ، سىز خۇدى بۇ ئىشلارنى تاپشۇرۋەتكەندىن كېيىن ...
سەن دائىم شۇنداق ، يۈسەن ، ھەر قاچان مىنىلا ئويلايسەن ، ئۆزۈڭ توغۇرلۇق باش قاتۇرۇپ باقمايسەن ،  بىز ئەمدى تىجارەتنى توختىتىمىز ، .ۆزىڭ توغۇرلۇق پىلانىڭ يوقمۇ ؟
---0 شۇنچە يىللاردىن بېرى كەينىڭىزدە يۈردۈم ، قانداقسىگە ئۆزۈمنىلا ئويلىيالايمەن ؟
مۇختەر قېرى خىزمەتكارلارنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى :
ئۇنداق دىمە ، سەن ھازىرلا 50 مىڭ تىللانى ئۆزىڭنىڭ ھىسابىغا يۆتكىۋال . مەن سىنىڭ مۇشۇ يەردە داۋاملىق تۇرۇپ قېلىشىڭنى ئۆتۈنمەكچىمەن . مەن ئۇزۇن يىللاردىن بىېرى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلگەن بىر ئىشنى پۈتتۈرۋاكغاندىن كېيىن كەتسەڭ بولىدۇ . ئۇ چاغدا ، مەن بۇ ساراي بىلەن ئىسكىلاتنى ساڭا قالدۇرۇپ ئايالىمنىڭ يېنىغا كېتىمەن .
يۈسەن كۆزلىرىنى پىيالىدەك ئېچىپ خوجايىنغا قارىدى ، قۇلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمىدى .
50 مىڭ تىللا ، ساراي ، ئىسكىلات ... مەن بۇنىڭغا قانداقمۇ لايىق كېلەي ...
مۇختەر بېشىنى لىڭشىتتى .
---- مەن سىنىڭ سادىقلىقىڭنى باشتىن ئاخىر ئەڭ زور بايلىق دەپ قاراپ كەلدىم . ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ، مېنىڭ ساڭا سوۋغات قىلغان بۇ ئازغىنا نەرسەم ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ . سەن ياشاش سەنئىتىنى بىلىسەن مانا بۇ سىنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان تەرىپىڭ . مەن پىلانىمنى تىزلىكتە ئۇرۇنلىۋېلىش ئۈچۈن ، ساڭا بۇ ئىشلارنى تاپشۇرۋاتىمەن . مېنىڭ كۈنلىرىم ساناقلىقلا قالدى . ھازىر مەن ئۈچۈن ۋاقىتتىن قىممەتلىك نەرسە يوق .
يۈسەن كۆزلىرىدە لىغىلداپ تۇرغان ياشلىرىنى خوجايىنغا كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن تەتۈر قارىۋالدى .
سىز ئەمەلگە ئاشمىغان ئارزۇيۇم بار دەيسىز . قانداق ئارزۇ ئىدى ئۇ ؟ سىز ماڭا ئۆز قېرىندىشىڭىزدەك مۇئامىلە قىلىپ كەلدىڭىز . قانداقتۇر بىرەر ئارزۇيىڭىز بارلىقىنى ئەجەپ ھازىرغىچە ئاڭلىماپتىمىنا ؟
مۇختەر  چىرايىدا تەبەسسۇم قوللىرىنى مەيدىسىدە قوشتۇردى :
مەن بۈگۈن ئەتتىگە تاپشۇرغان ئىشنى ئۇرۇنلاپ بولغاندىن كېيىن ساڭا بىر مەخپىيەتلىكنى دەپ بېرىمەن . بۇ مەخپىيەتلىكنى پەقەت ئايالىملا بىلەتتى  30 يىل بولدى ....





مىنىڭ كەسپىم تىجارەت بولغاچقا تىجارەتكە دائىر كىتابلارنى كۆپ كۈرۈمەن ، مىنىڭچە ئوگ ماندىنونىڭ <<دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى >> ناملىق ئەسىرىنى ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئەسەر دىيىشكە بولىدۇ ،ئەسەردىكى پىرىنسىپلار بۇيىچە ئىش كۆرگەن ئادەم ھەرگىز مەغلۇبىيەتكە ئۇچىرمايدۇ ، بۇ پىرىنسىپلەرغا سەل قارىغان كىشىنىڭ چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلىشى ناتايىن ، ئاپتورنىڭ تۆھپىسى پەقەت مۇشۇلا ئەمەس ، ئۇ يەنە ئاجايىپ ۋەقەلىكلەر بىلەن  ئادەمنىڭ يۈرەك تارىللىرىنى چىكىدۇ . جانلىق قىززىقارلىق بۇ ۋەقەلىكلەر  ئاجايىپ پەلسەپىۋى پىكىرلەر سىڭدۈرۋېتىلگەن .
ئامېرىكا مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار جەمىيتىنىڭ رەئىسى پاۋېل .ج . مېيېر

شۇنداق قىلىپ بىرىنجى باب تۈگۈدى ئىككىنجى بابنىمۇ ئەتە -ئۆگۈن يوللاپ قۇياي بۇ كىتاب بەك كۆپ باب بولغاچقا يوللاپ بولالمىغۇدەكمەن ، ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈڭلار تۇرۇشلۇق كىتابخانىلاردىن سېتىۋېلىپ كۆرۈڭلار جەمئى ئىككى كىتاب 30 كوي كىتىدۇ ئاران .
بۇ كىتاب داملىسام داملىغۇچىلىكى بار كىتابكەن ، بۇرۇن ئانچە كىتاب ئۇقۇشنى خالاپ كەتمەيتتىم لېكىن بۇ كىتابنى ھەقىقەتەن ئۇقۇشقا ئەرزىيدىغان كىتابكەن . راس گەپ خۇدا ھەققى .
مەنبەسى : دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى ، دىگەن كىتاب



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   owchi. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-25 02:19 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71947
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3501
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 264 سائەت
تىزىم: 2011-12-26
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 10:15:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسملارنى ئۆزگەرتىپ ئۇسلۇپ يارتىۋاپسىزدە ، يارشىپتۇ .
  راسلا ياخشى كىتاپ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42830
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3940
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2947 سائەت
تىزىم: 2011-6-1
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 10:20:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا بەك ياخشى كىتاپ 2قىسىمغۇ ،مەن ھەر ئىككى قىسمىنى ئوقۇپ بولغان ،ئۇقۇپ قۇيۇشقا ئەرزۇگىدەك كىتاپ .

ھاجىتىڭنى ھاجەت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22923
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3987
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 5652 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2013-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 10:27:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىر قىسمنىلا ئوقۇغان،راستىنلا ئىسل كىتاب،روھنى چېنىقتۇرۇشنى ئويلايدىغانلار مۇشۇ كىتاپتىكى  پەلسەپىلەرنى يادلاپ شۇ بۇيىچە ئىش كۆرەلىسە   ئۆزى كۈتمىگەن مۇۋەپپىقىيەتلارگە ئىرىشەرلەرمىكىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31333
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7484
تۆھپە نۇمۇرى: 978
توردا: 3876 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2013-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 10:33:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن بىر قىسىم كىتاپ ئىدىغۇ؟ مەن ئوقۇغان. ئەمدى ئىككى قىسىم بولۇپ قالدىمىكىنە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6216
يازما سانى: 712
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11964
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 2425 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 10:36:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى كىتاپ بىر قېتىم ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ ```مەن 2-قىسمىنى ئوقۇپتىكەنمەن ،

ئۇلۇغ ئاللا ھەر بىر بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن !!!!

ئادەم ئەخلاق بىلەن گۇزەلدۇر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58762
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3898
تۆھپە نۇمۇرى: 299
توردا: 942 سائەت
تىزىم: 2011-10-1
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 10:59:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتاپنى مەنمۇ ياختۇرۇپ كۆرىمەن. مەنمۇ پۇتۇن ئوقۇپ باققان .

ئادەم ئەخلاق بىلەن گۇزەلدۇر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58762
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3898
تۆھپە نۇمۇرى: 299
توردا: 942 سائەت
تىزىم: 2011-10-1
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 11:10:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭىدىن تىجارەتكە قۇشۇلماقچى ياكى ئوز ئالدىغا قىلماقچى بولغانلارغا ئۇقۇشنى تەۋسىيە قىلمەن.   پايدىسى بۇلۇپ قالا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57840
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5366
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 695 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 11:39:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنچى قىسمىنى بىر خىرىستئان، ئىككىنجى قىسم قىسمىنى بىر مۇسۇلمان يازغاندەك..........................1.قىسمىدا باش پىرسوناژ ئىنجىل ئوقۇيدىكەن، 2.قىسمىدا قۇرئان ئوقۇيدىكەن.........................ياكى تەرجىمىدىكى ئۆزگەرتىشمىدۇ؟

كىبىر قىلمىغىن ، جاھىللاردىن بولمىغىن.
دۇنيادا كىبىر،جاھىللىق ۋە ئەخمەقلىقتىن زور كېسەل يوق.
قېرىلىقتىن باشقا داۋاسىز كېسەل ھەم  يوق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6222
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9556
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2013-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 12:30:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بو كىتاپ ھەقىقتەن ياخشى كىتاپ مەن ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئوقوغان ماڭا بولغان تەسرىمو چوڭ بولغان.ئاللانىڭ تەقدىرى بىلەن ئەمىلىى نەتىجسىمو ياخشى بولدى.

ئاللا نىڭ ھەر بىر بەرگەن سۇۇغىتى سەۋەپسز ئەمەستور.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش