مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 878|ئىنكاس: 11

ئالتۇن كۈمۈش تور سودىسى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3898
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 433 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 09:13:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
              ئالتۇن كۈمۈش تور سودىسى ھەققىدە


   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
يىقىندىن بۇيان مەزكۇر مۇنبەرگە يوللىغان بىرقاتار ئالتۇن كۈمۈش  توغۇرلۇق يازمىلىرىمنى كۆرگەن قىرىنداشلىرىمىز ،" بۇ سودىنى قانداق نەدە قىلىمىز ؟"  دىگەن سۇئاللارنى ئالدىمغا تاشلىدى .ئاز بولمىغان  كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا ئالتۇن كۈمۈشنى پەقەتلا زەرگەرخانىدىلا ساتىدۇ ۋە ئالىدۇ دەپ چۇشەنگەچكە بەزىلەر تور ئارقىلىقمۇ ئىلىپ ساتقىلى بولىدىغانلىقىنى تازا ئىنىق بىلمەيدۇ ، شۇ ۋەجىدىن  مۇناسىۋەتلىك تور بىكەتلەردىكى يازمىلاردىن پايدىلىنىپ ، تورداشلارنىڭ بۇ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىشنى لايىق تاپتىم .


    ئالتۇن كۈمۈش نەخ مال كاپالەت سودىسى ھەققىدە چۇشەنچە
ئالتۇن كۈمۈش سودىسى دىگەن سۆزنى ئاڭلىغان ھەر بىر كىشى ئالتۇن، كۈمۈش سودىسىنى مەبلەغ كۆپ كىتىدىغان چوڭ سودا دەپ قارايدۇ، ئالتۇن كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرى دۇكانلىرى كۆز ئالدىغا كىلىدۇ. دىمىسىمۇ ئالتۇننىڭ ھەر گىرامىنىڭ باھاسى 350 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە تۇرىۋاتقان ھازىرقىدەك ھالەتتە ئاز دىگەندە بىر كىلوگىرام ئالتۇن ئېلىپ ساتمىساق، ئالغان پايدا تۇتامغا چىقمايدۇ. بىراق بىر كىلوگىرام ئالتۇن ئۈچۈن 350مىڭ يۈەندىن 400مىڭ يۈەنگىچە مەبلەغ كىتىدۇ. شۇڭا ئالتۇنچىلىق دىگەن ساھە مىليۇنىرلارغا خاس سۆز بۇلۇپ، ئادەتتىكى نۇرمال كىرىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ئاڭلاپلا ئۈتۈپ كىتىدىغان سۆز بۇلۇپ قالغان.

توردا ئېلىپ بېرىلىدىغان نەخ ئالتۇننى كاپالەت پۇلى بىلەن ئېلىش سېتىش سودىسى چەتئەلنىڭ تاشقى پېرىۋوت سودا شەكلىنى قوللانغان بۇلۇپ، بىر گىرام ئالتۇن 350يۈەن بولسا بىر كىلو ئالتۇن سېتىۋېلىشتا ئالتۇن تەمىنلىگۈچى شىركەت بىزدىن بىر كىلو ئالتۇن باھاسى 350مىڭ يۈەننىڭ 100دىن 1ىنى كاپالەت پۇلى سۈپىتىدە تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، بىز 3500 يۈەن كاپالەت پۇلى تاپشۇرغاندىن كىيىن شىركەت بىزنىڭ 100دىن بىر مەبلىغىمىزگە ئۆز مەبلىغىدىن پۇل ئاجرىتىپ تۇرۇپ 1كىلو ئالتۇننى ھىساۋاتىمىزغا ئاغدۇرۇپ بىرىدۇ. ئالتۇن باھاسى ئۈسۈپ 351يۈەنگە چىققاندا سېتىۋەتكەن بولساق ئۇنداقتا شىركەت كاپالەت مەبلىغىنى ھىساۋاتىمىزغا قايتۇرۇپ بىرىدۇ، بىزنىڭ ئالغان پايدىمىز 3500يۈەنلىك ئالتۇننىڭ پايدىسى بولماستىن 350مىڭ يۈەنلىك ئالتۇننىڭ پايدىسى بولغاچقا بىز بۇ بىر قېتىملىق سودىدا 1000 يۈەن پايدا ئالىمىز. مانا بۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلىۋاتقان نەخ ئالتۇننى كاپالەت مەبلىغى بىلەن ئېلىش سېتىش سودىسى.
كاپالەت مەبلىغى بىلەن ئالتۇن ئېلىپ سېتىش سودىسىدا زور مەبلەغ تەلەپ قىلىدىغان سودىسىنى شىركەت ۋە شەخىسنىڭ مەبلىغىنىڭ بىرلىشىشىدىن پايدىلىنىپ شەخىسنىڭ ئاز مەبلىغى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولغاچقا پايدا زىيان نىسپىتى يۇقىرى، خەتەر كۆپ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە مەبلەغ سالغۇچى 3500 يۈەن ئەمەس 350 مىڭ يۈەن مەبلەغنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى چىقىرىپ نەخ ئالتۇن سودىسى ئېلىپ بارسىمۇ خەتەر نىسپىتى ئوخشاش بۇلىدۇ. بۇ يەردە مەبلەغ سالغۇچى پىسخىكا جەھەتتە ئۆزىنىڭ چىقارغان مەبلىغى 3500 يۈەن دەپ قاراپ بازارنىڭ تەۋرىنىشىنى قۇبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما سېلىنغان مەبلەغ 3500 يۈەن بولغان بولسىمۇ مەبلەغ شىركەت مەبلىغى بىلەن قۇشۇلۇپ 350مىڭ يۈەنگە تەڭداش بۇلىدۇ. شۇڭا باھا ئۆزگىرىشىگە نىسپەتەن توغرا مۇئامىلىدە بۇلۇشى تۇلىمۇ زۈرۈر.
      
كونىلار «پايدا ھەر ۋاقىت زىيان بىلەن قوش گىزەك» دەپ ئېيتقان. ئالتۇن بازىرىدا ئۈسۈش ۋە چۈشۈشتىن ئىبارەت ئىككىلا يۈلىنىش بولسىمۇ، ئىنسان پىسخىكىسىدىكى تۇسالغۇلار ۋە ئاجىزىقلار تۈپەيلىدىن مەيلى پاي بازىرى مەيلى، پېرىۋوت بازىرى ۋە مەيلى ئالتۇن كۈمۈش بازىرى بولسۇن، كىشىلەر سودا قىلغاندا قارار چىقىرىشتا ھەمىشە گاڭگىراش، ئالاقزادە بۇلۇش، ئىككىلىنىش، ئۈمۈد كۈتۈش قاتارلىق توسالغۇلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇلۇپمۇ يىڭىدىن پاي بازىرى ، ئالتۇن كۈمۈش بازىرىغا كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇنداق ئىشلار دائىم ئۇچرايدۇ. شۇڭا يىڭى بازارغا كىرگەن كىشىلەردە ئۈسۈش يۈلىنىشىنىڭ ئاخىرىدا ئۈسۈشكە، چۈشۈش يۈلىنىشى ئاخىرلىشىش مەزگىلىگە كىرگەندە چۈشۈشكە سودا قىلىدىغان ئىشلار دائىم بۇلۇپ تۇرىدۇ. ئالتۇن سودىسىدا ئۈسۈش ۋە چۈشۈشتىن ئىبارەت ئىككىلا تاللاش بار شۇڭا پايدا زىيان نىسپىتى %50 بۇلىدۇ. كاپالەت مەبلىغى تاپشۇرۇپ سودا قىلغۇچى ئۆز مەبلىغىدىن 100 ھەسسە كۆپ مال ئالالىغانلىق ئۈچۈن مۇبادا زىيان بولسا قانداق بۇلىدۇ دىگەن مەسىلىنى چۈشۈنۈشمۇ مۇھىم،
كاپالەت مەبلىغى بىلەن ئالتۇن ئېلىپ سېتىش سودىسىنىڭ پىرىنسىپى مۇنداق بۇلىدۇ، بىر مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى زىيان تارتىش چېكى ھىساۋات ئىچدىكى مەبلەغ سوممىسىدىن ئېشىپ كىتىش ئالدىدا تۇرغاندا مەزكۇر سودا مەجبۇرى ئاپتۇماتىك ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ. بۇنداق بۇلىشىدىكى سەۋەپ، ناۋادا بۇ سودا ئاخىرلاشتۇرۋېتىلمىسە مەبلەغ سالغۇچى ئۆزىنىڭ پۇلىنى زىيان تارتىپلا قالماي، مەبلەغ ھەسسىلەپ بەرگەن شىركەت تەرەپكىمۇ زىيان كۆرۈلىشى مۇمكىن. شۇڭا بىر مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى زىيان چېكى ھىساۋاتىدا قالغان پۇل بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا ھەر ئىككى تەرەپكە نىسپەتەن پايدىلىق بۇلۇپ، بىر تەرەپتىن مەبلەغ سالغۇچى ئېغىر قەرىزگە بۇغۇلۇپ قالىدىغان ئىش كۆرۈلمەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن شىركەت مەبلىغىمۇ بىخەتەرلىككە ئىگە بۇلىدۇ.
مەسىلەن: بىر مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ھىساۋاتىدا 5000 يۈەن بولسا ئۇنداقتا بۇ مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئەڭ زور زىيان تارتىش چېكى 5000 يۈەندىن كۆپ بولمايدۇ، ئەمما پايدا ئېلىش چېكى چەكسىز بۇلىدۇ. ناۋادا پايدا ئېلىۋاتقان سودا بولسا ئۇنداقتا قانچىلىك پايدا ئالسۇن، شىركەتنىڭ بۇنداق پايدا ئېلىۋاتقان سودىنى ئاپتۇماتىك ئاخىرلاشتۇرۋېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. سېتىش ساتماسلىقنى مەبلەغ سالغۇچى ئۆزى قارار قىلىدۇ.

   ئۇنىڭدىن باشقا نەخمۇ نەخ تاپشۇرۇپ ئالىدىغان سودا تۇزۇمىمۇ بار ، سىز قارشى تەرەپكە 100گىرام ئالتۇننىڭ پۇلىنى نەخ تۆلەيسىز ، قولىڭىزغا 100گىرام ئالتۇن نەخ تىگىدۇ ، ئۇ ئالتۇن سىزگە مەڭگۇ تەۋە بولغان بولىدۇ ، پايدا زىيان مەيلى قانچىلىك چەككە يىتىپ كەتسۇن ، بانكا تەرەپ سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزسىز سىتىۋىتىش ھوقۇقى يوق .
   
  قوش يۆلىنىشلىك تاق يۆلىنىشلىك سودا ئۇسۇلى
قوش يۆلىنىشلىك -دىگىنىمىز چۇشۇشكە ھەم ئۆرلەشكە تەڭ ئىلىم سىتىم قىلغىلى بولىدۇ ، ئەگەر ئالتۇن يۆلىنىشى چۇشۇشكە قاراپ مىڭىۋاتقان بولسا ، دەرھاللا چۇشۇشكە ئالغىلى بولىدۇ ، ۋە پايدىسىغا چىقارغىلى بولىدۇ .ناۋادا سىز تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئالغان بولسىڭىز ، تۇيۇقسىزلا ئالتۇن يۆلىنىشى بۇرۇلۇپ، پەسكە قاڭقىپ كەتكەن بولسا ، سىز شۇ چۇشۇۋاتقان مەزگىلدىمۇ سودا قىلالايسىز ، قوش يۆلىنىشلىك سودا ئۇسۇلى دىگەن مانا مۇشۇ .
  تاق يۆلىشنىلىك - پەقەتلا تۆۋەندىن يۇقىرىغا مال ئىلىپ ساتقىلى بولىدىغان سودا ئۇسۇلى .

  ئالتۇن تور سودىسىنى سودا-سانائەت بانكىسى (تاق يۆلىنىشلىك )، قۇرۇلۇش بانكىسى (قوش يۆلىنىشلىك )، سودا بانكىسى (تاق يۆلىنىشلىك )، قاتارلىق بانكىلارنىڭ تور ھىسابات بانكا كەسپىنى ئاچتۇرغاندىن كىيىن ، خىزمەتچى مۇلازىملارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە سودا مەشغۇلاتى ئىلىپ بارساڭلار بولىدۇ .
        
       پايدىلانمىلار : كۆكلەن تور بىكىتى .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-24 10:33 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 236
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 51727
تۆھپە نۇمۇرى: 288
توردا: 3454 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 01:36:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاپالەت مەبلىغى بىلەن ئالتۇن ئېلىپ سېتىش سودىسىنى  توردا  قانداق  ئېلىپ  بېرىش  توغرىسىدا  تەپسىلىي چۈشەنچە  بەرسىڭىز   ...پەقەت 100دەن بىر مەبلەغ بولسىلا  بولامدۇ  ھېساۋاتتا  مەلۇم  دەرىجىدە  ئارتۇق  مەبلەغ  بۇلۇشى كېرەكمۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3898
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 433 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 11:06:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kapitan يوللىغان ۋاقتى  2012-3-25 01:36 AM
كاپالەت مەبلىغى بىلەن ئالتۇن ئېلىپ سېتىش سودىسىنى  تور ...

   ھىساباتىڭىزدا مەلۇم مىقداردا مەبلەغ تۇرىشى كىرەك . چۇنكى زىيان خەتىرى ھەرۋاقىت مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ . ئەگەر ھىساباتىڭىزدا   مەبلەغ بولمىسا ، خەتەر چوڭىيىپ كىتىدۇ . بانكا سىسىتىمىسى تەرەپ ، ئالغان مىلىڭىزنىڭ 20% تىگىچە زىيان كۆرۇلگەندە ، ئاپتۇماتىك سىتىپ چىقىرۋىتىدۇ .
  مەسىلەن :2000يۇەن مەبلەغ بىلەن ،6كىلو كۈمۈش سودىسى قىلىش ئىنتايىن مۇۋاپىق .بازار باھاسى بويىچە، ھەر كىلوسى 6500يۇەن بولسا ، بۇنىڭ 1% كاپالەت مەبلىغى قىلىنسا ، 65يۇەن بىر كىلو كاپالەت سوممىسى ھىساپلىنىدۇ .6*65( 6 كىلو 65 يۇەندىن كاپالەت سوممىسى قىلىنسا ،390يۇەن ئەپراپىدا ، كاپالەت پۇلى تاپشۇرلىلىدۇ ،.). دىمەك سىز  390 يۇەن بىلەن 6كىلو كۈمۈش ئالالايسىز دىگەن گەپ .
  مانا شۇ ئالغان كۈمۈشىڭىزنى ئۆرلىشىگە ياكى چۇشىشىگە ، قوش يۆلىنىشلىك تەڭشىيەلەيسىز .ئەگەر گىرامىدا،3فۇڭ پايدا قىلسا ، 6 كىلودا 180يۇەن پايدا قالىدۇ  دە ، ھىساباتىڭىزغا ئاپتۇماتىك ئۇرۇلىدۇ ، بانكا تەرەپ سىزگە قاپالەت پۇلىنى قايتۇرۇپ بىرىدۇ . پەقەتلا  سىزدىن رەسمىيەت ھەققىلا تۇتۇپ قالىدۇ .،   

   تەپسىلى ئەھۋاللارنى بىلمەكچى بولسىڭىز ، www.koklan.biz دىن كۆرسىڭىز بولىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2181
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4885
تۆھپە نۇمۇرى: 659
توردا: 8169 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 04:57:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مەزكۇر تېمىنى ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋېلىپ كىيىن ئوقۇي!

ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا ساپ ئىمان - ئېتىقاد ، كۈچ-قۇۋۋەت ، ئەقىل-پاراسەت تېلەيمەن . . .  !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31074
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4700
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 3827 سائەت
تىزىم: 2011-2-20
ئاخىرقى: 2012-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 06:37:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسۇلمان قېرىداشلارغا ئەسلەتمە:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
ئالتۇننى كۆرمەي تۇرۇوپ، تور ئارقىلىق، زاكالەت پۇلى تۈلەپ، توردىكى باھاسىنىڭ چۈشىشىگە ياكى ئۈسىشىگە ئەگىشىپ پايداتاپقانلىقى ياكى زىيان تارتقانلىقى ئايرىلسا ،بۇنداق سودىنى قىلسا دۇرۇسمۇ؟ ھۆرمەت بىلەن: ئالىم ئاخۇن
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى ئالتۇن سودىسىدا بىر قولدا بېرىپ يەنە بىر قولدا ئالمىسىڭىز جازانە شەكىللىنىدۇ، بۇنى بىلىشىڭىز لازىم.
ئاللاھنىڭ دىنىدا، ئالتۇن-كۈمۈشنى ۋە باشقا پۇل ھېسابلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئۆز جىنسىغا ساتقاندا ھەر ئىككى بەدەلنىڭ «نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ» بولۇش شەرتىگە، پەرقلىق نەرسىلەرگە ساتقاندا «نەقمۇنەق» بولۇش شەرتىگە رىئايە قىلىش كېرەك. ئەكسى تەقدىردە جازانە مەيدانغا كېلىدۇ. تۆۋەندىكى ھەدىسلەر بۇنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
1 – «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۆمۈشنى كۆمۈشكە، ئارپىنى ئارپىغا، بۇغداينى بۇغدايغا، تۇزنى تۇزغا، خورمىنى خورمىغا تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق سېتىشقا بولىدۇ. كىمكى ئارتۇق بەرسە ياكى ئارتۇق ئالسا ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالغۇچى بىلەن بەرگۈچى ئوخشاشتۇر»– مۇسلىم، مۇساقات 82؛ ئەبۇ داۋۇد بۇيۇئ 12.
2 – «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ بولمىسا ساتماڭلار»– بۇخارى، بۇيۇئ 78؛ مۇسلىم، مۇساقات 88؛ نەسەئىي، بۇيۇئ 47.
3 ـ «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، بۇغداينى بۇغدايغا، ئارپىنى ئاپىغا، خورمىنى خورمىغا، تۇزنى تۇزغا ساتقاندا، ھەر ئىككى بەدەلنىڭ تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق بولۇشى لازىم. لېكىن تۈرلىرى پەرقلىق بولسا، نەقمۇنەق بولۇش شەرتى بىلەن خالىغىنىڭلارچە ساتساڭلار بولىدۇ»– مۇسلىم، مۇساقات 81.
4– «ئالتۇننى كۈمۈشكە ساتقاندا، كۈمۈشنىڭ ئالتۇندىن كۆپراق بولۇشى گۇناھ ئەمەس؛ لېكىن ھەر ئىككى بەدەلنىڭ نەقمۇنەق بولۇشى شەرتتۇر، نېسى قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. بۇغداينى ئارپىغا ساتقاندا، ئارپىنىڭ بۇغدايدىن كۆپراق بولۇشى گۇناھ ئەمەس؛ لېكىن نەقمۇنەق بولۇش شەرتتۇر، نېسى قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ»– ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 12.
5 – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سا سۈپەتلىك خورمىنى ئىككى سا سۈپەتسىز خورمىغا سېتىۋالغانلارغا: «بۇ قىلغىنىڭلار ئۆسۈم مۇئامىلىسىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئۇنداق قىلماڭلار! ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. ئەگەر سۈپەتلىك خورما سېتىۋالماقچى بولساڭلار، سۈپەتسىز خورماڭلارنى سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا سۈپەتلىك خورمىنى سېتىۋالساڭلار بولىدۇ» دېگەن. –بۇخارى، ۋەكالەت 95؛ مۇسلىم، مۇساقات 96، 97.
6- فەدالە ئىبنى ئۇبەيدۇللا ئەل ـ ئەنسارىي مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خەيبەردە مارجان ۋە ئالتۇندىن ئىشلەنگەن بىر بىر بويۇنئاسقۇ كەلتۈرۈلدى. بۇ بويۇنئاسقۇ سېتىلىدىغان غەنىمەتلەردىن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بويۇنئاسقۇدىكى ئالتۇن ئايرىلدى. كېيىن ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئالتۇن ئالتۇنغا، تەڭمۇتەڭ سېتىلىدۇ» دېدى.- مۇسلىم، مۇساقات 89.
7- فەدالە ئىبنى ئۇبەيد مۇنداق دەيدۇ: «خەيبەر كۈنى مارجان ۋە ئالتۇن ئارلاش بىر بويۇنئاسقۇنى 12 دىينارغا سېتىۋالدىم. ئالتۇن بىلەن مارجاننى ئايرىپ، ئۇنىڭدا 12 دىيناردىن ئارتۇق ئالتۇن بارلىقىنى بايقىدىم. بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەلۇم قىلغان ئىدىم. ئۇ: «ئايرىماستىن سېتىشقا بولمايدۇ» دېدى.- مۇسلىم، مۇساقات 90.
8- ھەنەش مۇنداق دەيدۇ: بىز فەدالە ئىبنى ئۇبەيد بىلەن بىر ئۇرۇشتا بىللە ئىدۇق. مەن ۋە مېنڭ دوستلىرىم ئالتۇن ـ كۈمۈش ۋە گۆھەردىن ياسالغان بىر بويۇنئاسقۇغا ئېرىشتۇق. مەن ئۇنى سېتىۋلماقچى بولۇپ فەدالە ئىبنى ئۇبەيددىن سورىدىم، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالتۇننى ئايرىپ تارازىنىڭ بىر پەللىسىگە قوي، سېنىڭ ئالتۇنىڭنى يەنە بىر پەللىسىگە قوي. ئىككىسى ئوخشاش بولغاندىلا ئاندىن سېتىۋالغىن. شۈبھىسىزكى مەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم:
«كىم ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە، ئالتۇن سودىسىدا ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولمىسا سېتىۋالمىسۇن»- مۇسلىم، مۇساقات 92.
بۇ ھەدىسلەردە «نەقمۇنەق» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆزنىڭ ئەرەبچىسى يەدەن بىيەدىن «يَدًا بيَدٍ» دۇر. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى بىر قولدا بېرىپ بىر قولدا ئېلىش، دېگەن بولىدۇ. بۇ ئۇزۇن مەنانى «نەقمۇنەق» سۆزى ئەينەن ئىپادىلىگەنلىكى ۋە بۇ سۆز ئىخچام بولغانلىقى ئۈچۈن، يەدەن بىيەدىن «يَدًا بيَدٍ» مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىنىدۇ.
ئەمدى مەنمۇ سىزدىن سوراپ باقاي:
توردا ئالتۇن سودىسى قىلسىڭىز، بۇ شەرتكە رىئايە قىلالامسىز؟ يەنى سىز قارشى تەرەپكە ئالتۇننى بىر قولىڭىزدا بېرىپ، بۇ ئالتۇننىڭ پۇلىنى يەنە بىر قولىڭىزدا ئالالامسىز؟ ياكى قارشى تەرەپنىڭ ئالتۇنىنى بىر قولىڭىزدا ئېلىپ، بۇ ئالتۇننىڭ پۇلىنى يەنە بىر قولىڭىزدا بېرەلەمسىز؟
ئەلجاۋاب: ياق!!!


http://www.musulmanlar.com/?p=1643
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozuyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-25 06:45 PM  


اللە  يىگىرمە تۆت سائەت بەرگەن يىگىرمە ئۈچى بىزگە ھەدىيەدۇر قېلىپ قالغان بىر سائەت بەش ۋاقىتلىق نامازدۇر

ئىبراھىمجان ئىر

باش رەسىمى نىقابلانغان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 2379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26418
تۆھپە نۇمۇرى: 3036
توردا: 6426 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 09:13:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/

palaknig qaki tugnanmu untarta

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1440
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5727
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 09:19:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورسوودىسى  بولمايدۇ

موزدۇزنىڭ ئاغزىدىن بىلىقچىنىڭ قوڭى پاكىز

ئىبراھىمجان ئىر

باش رەسىمى نىقابلانغان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 2379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26418
تۆھپە نۇمۇرى: 3036
توردا: 6426 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 09:31:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7503
تۆھپە نۇمۇرى: 532
توردا: 3247 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 10:27:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت، ھىچ بولمىسا توردىكى ئالتۇن سودىسىنى خېلى ئوبدانلا بىلىۋالدىم...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

ئىبراھىمجان ئىر

باش رەسىمى نىقابلانغان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 2379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26418
تۆھپە نۇمۇرى: 3036
توردا: 6426 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 10:18:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش