چەتئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرۇشى ھەققىدە تەكشۈرۈش دوكلاتى
ئەخمەد ئۆزىنىڭ خەنسۇچە ئىسمى «شۈ چاۋياڭ(许朝阳)» غا ئانچە كۆنەلمىدى، ئەمما ئۇنىڭغا ئىسىم قويغان دوختۇر مەنىسىنىڭ «سەھەردە كۆتۈرۈلگەن قۇياش» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەندە، ئۇنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا نۇرلىنىپ، خۇددى ئۈمىد نۇرىنى كۆرگەندەك بولۇپ، شوخ بالىلاردەك كارۋاتتىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى، ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ جۇڭگودا قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
48 ياشلىق ئەخمەد لىۋىيەدىن كەلگەن، يېمەكلىك سودىگىرى. ئەخمەد يەنە يوگا مەستانىسى بولۇپ، بىر پۇتى بىلەن 40 نەچچە مىنۇت ئۆرە تۇرالايدۇ. 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئەخمەد كېسەلخانىدا روھلۇق ھالدا ماھارەت كۆرسەتتى، ئۇ نامايەن قىلغان ساغلاملىققا قاراپ، ھېچكىم ئۇنىڭ ئېغىر بۆرەك زەئىپلىشىش بىمارى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ.
ئەخمەد بىر داۋالاش كارتىسىنى سۇندى، كارتىدىكى ئۇچۇردا ئۇنىڭ ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم قان تازىلىشى كېرەكلىكى خاتىرلەنگەن، ئەمما قان سۈزۈلدۈرۈش جىددىي ئەھۋالدىكى ئامال، ئۇ ئەگەر تېخىمۇ ئۇزۇن ياشىماقچى بولسا، پەقەت بۆرەك ئالماشتۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلىشى كېرەك. لىۋىيەنىڭ بۆرەك مەنبەسى ۋە داۋالاش شارائىتى ھەقىقەتەن كەمچىل، ئەخمەد ئەڭ ئاخىرى نەزىرىنى چەتئەلگە ئاغدۇردى.
2008-يىلى 10-ئاينىڭ بېشىدا، ئەخمەد مۆمىن جۇڭگونىڭ تىيەنجىن شەھىرىگە كالدى، بۇ يەردە ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىش مەركىزى- شەرق ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش مەركىزى بار ئىدى.
ئەخمەد قاتتىق خوشال بولدى، گۇاڭدوڭدا كىيىم-كېچەك سودىسى قىلىدىغان لىۋىيەلىك دوستى ئۇنىڭغا «جۇڭگودا ئىچكى ئەزا ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسى قىلالايدىغان دوختۇرخانىلار نۇرغۇن، ئەمما بۇ دوختۇرخانا ئەڭ ياخشىسى» دېگەن.
دوستى ئۇنىڭغا يەنە بىر تور بەتنى تونۇشتۇردى. ئەخمەد ئوڭۇشلۇق ھالدا بۇ ۋاستىچىلىك شېركىتى بىلەن ئالاقىلاشتى ھەمدە «جۇڭگوغا كەلسەڭ، بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسىنى ساقلاش ۋاقتىڭ بىر ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، يېتەرلىك بۆرەك مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلىمىز» دېگەن ۋەدىسىگە ئېرىشتى، ئۇ تىيەنجىنگە بېرىشنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن توغرا تاللاش ئىكەنلىكىگە ئىشەندى.
جەمئىي 60 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ئوپىراتسىيە ھەققى ئەخمەدكە نىسبەتەن قىممەت ئەمەس، جۇڭگونى تاللىشىدىكى ھەل قىلغۇچ سەۋەب «ئىچكى ئەزانى كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسىنى ساقلاش ۋاقتى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا قىسقا» ئىدى، ئەمما 20 نەچچە كۈن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى، ئەخمەدنىڭ ئوپىراتسىيە ۋاقتى قايتا-قايتا كېچىكىپ كەتتى، ئۇ سەل تىت-تىت بولۇشقا باشلىدى، ھەر كۈنى كەچتە، دوختۇرخانىنىڭ يېنىدىكى باغچىدا ئىچ پۇشۇقىنى چىقاردى.
دەل 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئەخمەد يەنىلا تىت-تىت بولۇپ بۆرەك تەمىنلىگۈچىنى ساقلاۋاتقاندا، جۇڭگو سەھىيە مىنىستېرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇاڭ جىيېفۇ (黄洁夫) تۆتىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئىلمى يىغىنىدا جۇڭگونىڭ ساغلام، دۇنيا ئېتىكىسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش چوڭ دۆلىتى قىلىپ چىقىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، «ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش ساياھىتى» قاتارلىق ئادەم ئىچكى ئەزاسى سودىسى قىلمىشىنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇاڭ جىيېفۇنىڭ دېيىشىچە، 2008-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تىيەنجىن، بېيجىڭدىكى ئۈچ دوختۇرخانىنىڭ ئۆز ئالدىغا چەتئەللىكلەرنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ئۈچ دوختۇرخانىنىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلىشى بىر يىل چەكلەنگەن. ئەگەر يەنە خىلاپلىق قىلسا، ئالاقىدار دوختۇرخانىنىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى ئىقتىدارى ۋە مەسئول دوختۇرنىڭ دوختۇرلۇق قىلىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىماقچى بولغان.
ئەمما سەھىيە مىنىستېرلىكى ھازىرغا قەدەر جازاغا ئۇچرىغان ئۈچ دوختۇرخانىنىڭ كونكرېت تىزىملىكىنى ئېلان قىلمىدى. شەرق ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزى ھازىرغا قەدەر يەنىلا چەتئەللىك بىمارلارنى قوبۇل قىلماقتا، ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىنى تاپشۇرۇۋالمىدى.
2008-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئەخمەدنىڭ تەرجىمانى ئۇنىڭغا خوش خەۋەر يەتكۈزدى، ئۇنىڭ ئوپىراتسىيە ۋاقتى كۈنتەرتىپكە تۇرغۇزۇلغان ئىدى، «ئېھتىمال ئۈچ كۈن ئىچىدە بولىشى مۇمكىن» دېگەن. ئەخمەد ھاياجانلىنىپ كەتتى، گۇاڭدوڭدا سودا قىلىدىغان ئىككى لىۋىيەلىك دوستى يوقلاپ كەلگەندە، كېسەلخانىدىكى خوشاللىق كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.
ئەگەر ئوپىراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولسا، ئەخمەدنىڭ دوختۇرخانىدىكى داۋالىنىش ۋاقتى 20 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيتتى، دۆلىتىگە قايتسا بولاتتى. ئەخمەد نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بېرىپ باققان، «جۇڭگو ماڭا ئەڭ گۈزەل تەسىرات قالدۇردى» دېگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى قىسقىغىنا جۇڭگو «ساياھىتى» دا تاغ-دەريالارنى ئوينىغۇدەك ۋاقتى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئىككىنچى قېتىم ھاياتلىق پۇرسىتى ئاتا قىلغان ئىدى.
ئادەم ئىچكى ئەزاسى ئالماشتۇرۇش ساياھىتى دولقۇنى
2008-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، يەمەنلىك ئابدۇللاھ ئاتا-بالا ئۇزۇن يول ئازابى چېكىپ، تىيەنجىن شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىگە يېتىپ كەلدى، ئەمما كارۋات قىس بولغاچقا، ۋاقتىنچە دوختۇرخانىغا يېقىن مېھمانخانىدا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.
66 ياشلىق ئابدۇللاھ جىگەر قېتىش كېسىلى بولغان، ئوغلى ئاتىسىغا قىسمەن جىگىرىنى تەغدىم قىلماقچى بولغان، ئەمما ئۇلار ئامېرىكىغا بارغاندا، جىگەر كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلىش ئۈچۈن يەنە 8 ئاي ساقلاپ تۇرىشىنى ئۇقتۇرغان، ئۇلار دەرھال جۇڭگوغا كەلگەن، ئابدۇللاھنىڭ دېيىشىچە، تىيەنجىن دوختۇرخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئالدى-كەينى بولۇپ پەقەت 3 كۈن ۋاقىت كەتكەن.
ئەخمەد مىننەتدار بولغان ھالدا:«جۇڭگو ئىشىكنى ئېچىۋەتتى، بىزگە ناھايىتى دوستانە» دېدى، ئۇ جۇڭگوغا كېلىپ داۋالىنىشتا ھېچقانداق توسقۇنلۇققا ئۇچرىمىغان. ئۇ ناھايىتى ئاسانلا بىر ئايلىق ساياھەت ۋىزىسى بېجىرەلىگەن، ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپ قايتمىغان بولسىمۇ، پەقەت تىيەنجىن چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا تىزىمغا ئالدۇرسىلا داۋاملىق بېجىرگىلى بولىدۇ.
گەرچە لىۋىيەدىن تىيەنجىنگە ئايروپىلان بىلەن كېلىشكە 15 سائەت ۋاقىت كەتسىمۇ، ئەمما ئەخمەدنىڭ دېيىشىچە، ئوتتۇرا شەرقتىكى بايلىققا تىقىلىپ كەتكەن نېفىت دۆلەتلىرىدە، بايلار يەنىلا پات-پات ئايروپىلان بىلەن جۇڭگوغا كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن. شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزى ھەر كۈنى بېيجىڭ ئايرودرومىغا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن كەلگەن بىمارلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئادەم ئەۋەتكەن.
بەزى پۇلدار بىمارلار جۇڭگو، برازىلىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، ھىندىستان ھەمدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ساياھەت قىلىش نامىدا بېرىپ، يەرلىكتىكى ئىچكى ئەزاسىنى ئىئانە قىلغۇچى نامراتلار بىلەن ئىچكى ئەزاسىنى ئالماشتۇرۇۋالغان. خەلقئارا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش جەمئىيىتى بۇ خىل «يۆتكىلىشچان ئادەم ئىچكى ئەزاسى ئىزدەش» نى «ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش ساياھىتى» دەپ ئاتىغان، بۇ «ساياھەت» ئىچكى ئەزانى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى ساقلاش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇن بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى ساقلاش ۋاقتى نىسبەتەن قىسقا، ئوپېراتسىيە ھەققى تۆۋەن دۆلەتلەرگە بېرىپ، ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرىشىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەنگىلىيە «تايمىس گېزىتى» ئاشكارىلىشىغا ئاساسلانغاندا، غەربىي ياۋروپالىقلارنىڭ نۆۋەتتە ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشكە بولغان تەلىپى ئۈزلۈكسىز ئاشقان، غەربىي ياۋروپا تەخمىنەن 120 مىڭ ئادەم قان سۈزۈلدۈرۈش قىلدۇرىدىكەن. قان سۈزۈلدۈرىدىغان بۇ كىشىلەر ئىچىدە، 40 مىڭغا يېقىن بىمار ئازاپ ئىچىدە بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆچرەت ساقلايدۇ. ئەمما بۆرەك كەمچىل بولغانلىقتىن، بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشنى ساقلاۋاتقان كىشىلەرنىڭ تەخمىنەن %15-30 تى ئۆچرەت ساقلاش داۋامىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ غايەت زور سېتىۋېلىش ئەترىتى «ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتى» نى بارغانسېرى قىزىتىپ تاشلىغان، بولۇپمۇ ياۋروپالىق بايلار ئارىسىدا مودا بولغان.
يېقىنقى يىللاردا، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى كۆلىمى تېزلىكتە كېڭەيدى ھەمدە ئىچكى ئەزا تەمىنلەش مىقدارى زور، ئوپېراتسىيە ھەققى نىسبەتەن تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئوتتۇرا شەرق، ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە، ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىمارلارنى جۇڭگوغا كېلىپ «ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتى» قىلىشقا جەلپ قىلدى.
جۇڭگو سەھىيە مىنىستېرلىكىنىڭ تولۇق بولمىغان سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2006-يىلى جۇڭگودا جەمئىي 11 مىڭ قېتىم ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلىنغان، 2008-يىلغىچە 85 مىڭ قېتىمغا يېتىپ، ئامېرىكدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلانغان. ھازىر دۇنيادىكى بارلىق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى جۇڭگودا قىلغىلى بولىدۇ.
تىيەنجىندا، يېڭىدىن پۈتكەن شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ بىناسىغا 500 كارۋات تەسىس قىلىنغان، ھەر يىلى جىگەر كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسىدىن 500 قېتىم، بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدىن 300 قېتىمنى تاماملايدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. بىرلا ۋاقىتتا يۈرەك، ئۆپكە، ئۈچەي، ئاشقازان ئاستى بېزى، مۈڭگۈز پەردە قاتارلىق توقۇلما ۋە ئىچكى ئەزالارنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلماقچى بولغان. پەقەت 2006-يىلىلا، شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزى بىر يىلدا 600 نەچچە قېتىم جىگەر كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلىشتەك رېكورتنى ياراتقان.
ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن 5 يىلدا، ئاز دېگەندە 200 نەپەر ئىسرائىلىيەلىك جۇڭگودا بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان. ھەر يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ 30 قېتىملىق يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدە، 10 قېتىملىقى جۇڭگودا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2008-يىلى 9-ئايدا ئېنتىرنېتتا بىر سۆز تارقالغان بولۇپ، بىر ئاۋسترالىيەلىك دوختۇر خەلقئارا ئىنسانىي ھوقۇق زاتلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، تىيەنجىن شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىدە ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان بىمارنىڭ %85 تى چەتئەللىك ئىكەن.
ئەخمەد تىيەنجىنگە كەلگەندىن كېيىن كۆپ قىسىم ۋاقتى كېسەلخانىدا ئۆتتى، ئۇنىڭغا بۇ قېتىمقى «ساياھەت» نىڭ كونكرېت پىلانى ئېنىق ئەمەس، «ھەممىسىنى ۋاستىچىلىك شېركىتى ئورۇنلاشتۇرىدۇ».
ئەخمەد لىۋىيەدىن جۇڭگوغىچە مۈشكۈللەرگە قاتتىق باش قاتۇردى، ئۇ ئالدى-كەينى بولۇپ ئىككى جۇڭگولۇق، بىر يەمەنلىك ۋە بىر پاكىستانلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەر بىرىگە 3000 ئامېرىكا دوللىرى ۋاستىچىلىك ھەققى تاپشۇردى. لىۋىيە ۋە جۇڭگودا، نۇرغۇن ۋاستىچى شېركەتلەر ئۇلارغا ۋاكالىتەن ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيسى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.
11-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋاستىچىلىك شېركىتى ئادەم ئەۋەتىپ ئەخمەدكە ۋىزىسىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش رەسىمىيىتىنى بېجىرىپ بەردى، ئۇلار ھەتتا ئىچكى ئەزانى قوبۇل قىلغۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋەتكە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىپ بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. ئەخمەد:«پەقەت مەن پۇل چىقىرىشنى خالىساملا، ئۇلار ھەممە ئىشىمنى پۈتتۈرۈپ بېرىدۇ» دېدى.
ئۇنىڭ تەسىراتىدا، «ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتى» ۋاستىچى، تېخنىكىسى يۇقىرى ئوپېراتسىيە دوختۇرى ۋە ئالاھىدە تەربىيلەنگەن سېسترادىن تۈزۈلگەن تور ئىدى. چېگرىدىن كىرىپ چىقىشى، «ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتى» غا قولايلىق بولىشى ئۈچۈن، «ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتى» تەمىنلىگۈچى ۋاستىچىلار بىلەن ساقچىلار ھەمدە تاموژنا خادىملىرى قاتتىق يېقىن مۇناسىۋەتتە بولىشى كېرەك.
Medikt دەل بىمارلارنىڭ چەتئەللەردە ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش دوختۇرخانىسى تېپىشىغا مەخسۇس ياردەم بېرىدىغان ئىسرائىلىيە شېركىتى. بەزى ئاخباراتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يېرىم يىلدا، Medikt شېركىتى جۇڭگوغا جەمئىي 150 نەپەر ئەتراپىدىكى يۈرەك، بۆرەك ۋە جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرىدىغان بىمارنى تونۇشتۇرغان.
تىيەنجىندا، شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىدىمۇ ھەر خىل ۋاستىچىلىك شىركىتى بار، ئۇلار ھەر خىل تىللارغا قەدەر ئىنچىكىلەشكەن. ئۇلاردا ئوتتۇرا شەرق كېسەللىرىگىلا مۇلازىمەت قىلىدىغان 4 ئەرەب تىلى تەرجىمە شېركىتى بار. يەنە ئېنگىلىز تىلى، كورىئان تىلى، ياپون تىلى قاتارلىق ئوخشىمىغان تىلدىكى ۋاستىچىلىك شېركەتلىرى بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ نامىغا تەۋە. بەزى ۋاستىچىلىك شېركەتلىرى بىۋاستە دوختۇرخانىغا قارايدۇ. يەمەندىن كەلگەن يىد دوختۇر ھەر كۈنى ھۆججەت سومكىسىنى كۆتۈرىۋېلىپ، سالاپەتلىك ھالدا شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ بىناسىدىكىA رايوندا ھەر قايسى قەۋەتتىكى بىمارلار بىلەن كۆرىشىدۇ، بارلىق ئوتتۇرا شەرقلىق بىمارلار ئۇنى تونۇيدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن سالاملىشىدۇ.
يىد دوختۇر شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىدىكى تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇردى، جۇڭگودا خىزمەت قىلغىلى 20 يىل بولاي دېدى، ئۇ ھازىر دوختۇرخانىدا ئاساسلىقى چەتئەللىك بىمارلارغا مەسئول بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە دوختۇرخانا قارمىقىدىكى ۋاستىچىلىك شېركىتىنىڭ مەسئولى. يىدنىڭ بىمارلىرى 22 دۆلەتتىن كەلگەن، گەرچە ئۇ بىمارلارنى ناھايىتى ئاز ئوپېراتسىيە قىلسىمۇ، ئەمما ھەمىشە بىمارلار بىلەن دوختۇرخانا ئارىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ، «ھەممىنى ھۆددىگە ئالغان دوختۇر بولىدۇ».
يىد يەنە ئۆزىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى دوختۇرخانىغا ئەۋەتكەن ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىرىغا مەسئول ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.ئۇ 7-8 تەرجىمان ياللىغان، ئەمما بەزىدە يېتىشەلمەي قالىدۇ. بەزىدە 3-5 تەرجىمان 20 نەچچە بىمارغا خىزمەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
يىد دوختۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر بىر چەتئەللىك بىمار بىلەن ئالاقىلاشقاندا، ئالدى بىلەن كېسەل تارىخى، دىئاگنوز قەغىزىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. كېسەلنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى چۈشىنىش ھەمدە دەڭسەپ كۆرۈش ئارقىلىق، كېسەلنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىشقا ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ.
يىد دوختۇر:«ئەگەر مۇۋاپىق كەلسەڭ، كېلەركى قەدەمدە نېمە قىلىشنى ئېيتىپ بېرىمەن» دەيدۇ، ئۇ بىمارلارنىڭ قارىغۇلارچە جۇڭگوغا كېلىشىگە يول قويمايتتى، چوقۇم ئەڭ ياخشى پەيتتە كېلىپ داۋالىنىشىنى ئېيتاتتى. ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىنمۇ ئالاقىسىنى ساقلاپ تۇرىدۇ.
ما فامىلىلىك بىر ۋاستىكى پۈتكۈل «ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتى» گە بىمار «پەقەت پۇل تۆلىسىلا بولىدۇ» غانلىقىنى ئېيتتى.
نۆۋەتتە، چەتئەللىك بىمارلارنىڭ شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى خىراجىتى تەخمىنەن 60 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى 100-110 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئارىسىدا، ۋاستىچى 4000 ئامېرىكا دوللىرى ھەق ئالىدۇ. ما فامىلىلىك ۋاستىچى:«پۇلنى كىم جىق چىقارسا، شۇنى ئالدى بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىدۇ، بەزى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بايلار ھەمىشە جىق پۇل چىقىرىپ، ئۆچرەتكە قىستۇرۇلۇپ كىرىش پۇرسىتى ئىزدەيدۇ» دېدى.
جۇڭگولۇقلار بىلەن ئادەم ئىچكى ئەزاسى تالىشىش
ئەخمەدكە ئوخشاش، يەمەندىن كەلگەن ئابدۇللاھ دوختۇرخانىدا ياتقاندا «جاۋجۇن» دېگەن خەنسۇچە ئىسمى بار بولدى، دوختۇرخانا نۇرغۇن چەتئەللىك بىمارلارغا خەنسۇچە ئىسىم قوياتتى.
دوختۇرخانىنىڭ مۇنداق قىلىشىدا باشقىچە مۇددىئاسى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق، ئەمما ئوبيېكت جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ ھېچ بولمىغاندا سىرتقى جامائەتچىلىكنىڭ كېسەرللەرنىڭ تىزىملىتىش ئەھۋالىدىن جۇڭگوغا كېلىپ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرىدىغان چەتئەللىك بىمارنىڭ سانىنى سىتاتىستىكا قىلىشىنى قيىنلاشتۇرىۋېتىدۇ.
شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ كېسەلخانىسى A رايون ۋە B رايونغا ئايرىلغان، چەتئەللىك بىمارلار ئاساسلىقى A رايوننىڭ 3-12 قەۋىتىگىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ يەردە ھەمىشە ئوتتۇرا شەرقلىقلەرنىڭ سايىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، گەرچە كېسەلنىڭ ماتىرىيالىدا ئۇلار «جۇڭگولۇق» دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ رايوندىكى كېسەلخانىلاردا جۇڭگولۇقلار ناھايىتى ئاز.
B رايوندىكى نۇرغۇن جۇڭگولۇق بىمارلار ئاغرىنىپ تۇرۇپ:«چەتئەللىكلەر دوختۇرخانىنىڭ تىللا تۆكىلىدىغان دەرىخىگە ئايلىنىپ قالدى» دەپ ئاغرىندى. نۇرغۇن چەتئەللىكلەر پەقەت جىق پۇل بەرسىلا ئەزا كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرالايدۇ. دوختۇرخانا ھەتتا چەتئەللىكلەرنى جۇڭگولۇق بىمارلارنىڭ ئالدىغا تىزىدۇ، چەتئەللىكلەر ئىچكى ئەزادىن ئالدى بىلەن بەھرىمان بولىدۇ. جۇڭگولۇقلار بۇنىڭدىن ناھەقچىلىق ھېس قىلغان، بۇ ئۇسسۇل چەتئەللىكلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرگەن بىلەن، جۇڭگولۇق بىمارلارغا كۆچۈرىلىدىغان ئادەم ئىچكى ئەزا سانى ماس ھالدا ئازلاپ كەتتى.
سەھىيە مىنىستېرلىكىنىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگودا ھەر يىلى 1 مىليون 500 مىڭ بىمار ئىچكى ئەزا ئالماشتۇرۇشقا موھتاج بولىدىكەن، ئەمما ھەر يىلى ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئىچكى ئەزا سانى 10 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئېھتىياجلىق ئىچكى ئەزا سانى بىلەن تەمىنلىنىدىغان ئىچكى ئەزا سانىنىڭ نىسبىتى 150:1 بولغان. زور ساندىكى بىمارلار ئىچكى ئەزا ئوپېراتسىيىسىنى ساقلاۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
يېقىنقى يىللاردا، «ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش ساياھىتى» نى چۆرىدىگەن مۇزاكىرىلەر جۇڭگو، ئىسرائىلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تىببىي ساھەسىدە كۈنسېرى كەسكىنلەشتى. كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ خىل پۇل تۆلەش ئىقتىدارى ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ بىمارلىرى بىلەن ئادەم ئىچكى ئەزاسى مەنبەسىنى تالىشىش قىلمىشى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەشەببۇس قىلغان ئېتىكا پىرىنسىپلىرى ۋە خەلقئارالىق قائىدىلەرگە خىلاپ دەپ قارىدى. بۇ خىل ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان «ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش ساياھىتى» ئادەم ئىچكى ئەزاسى ئەتكەسچىلىكىنىڭ يامراپ كېتىشىگە تۈرتكە بولدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2007-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى تەدبىر قوللىنىپ، ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى، بولۇپمۇ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان «ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتى» ھادىسىسىنى چەكلەشكە دەۋەت قىلدى.
2008-يىلنىڭ بېشىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، خەلقئارا ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلار تۈركىيەنىڭ ئىستانبول شەھىرىدە يىغىن ئاچتى ھەمدە «ئىستانبول خىتابنامىسى» نى ماقۇللاپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ «ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتى» نى چەكلەپ، نامراتلارنىڭ باراۋەر ھالدا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرۇش پۇرسىتىدىن بەھرىمان قىلىشقا يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلدى.
ۋۇخەن توڭجى دوختۇرخانىسىنىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش تەتقىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى چېن جوڭخۇا (陈忠华):«چەتئەللىكلەر جۇڭگوغا كېلىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرماسلىقى كېرەك ئىدى» دېدى، چۈنكى چەتئەللىكلەر كۆپ پۇل چىقارغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلارغا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى «جۇڭگولۇقلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىق» ئىدى. يەنە كېلىپ، چەتئەللىكلەرنىڭ ئېلىپ كەلگەن بۇ پۇل ئەسلىدىلا چىرىكلىك بېسىۋالغان داۋالاش سىستېمىسى مەسىلىسىنى تېخىمۇ چىگىش قىلىپ تاشلىدى.
چېن جوڭخۇا خىزمەت قىلىدىغان بۆلۈم ئالاھىدە ئەھۋالدىلا چەتئەللىك بىمارلارنى قوبۇل قىلدى، ئۇ يەنە بىمارلارغا نەسىھەت قىلىپ، ئامال بار ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئىئانە قىلغان ئىچكى ئەزانى ئىشلىتىپ، ئەخلاق ۋە قانۇن مەسىلىسى مەۋجۇت بولغان ئادەم ئىچكى ئەزاسى سودىسىنى ئازايتىشقا ئۈندىگەن.
ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ساياھىتىنى تۈپتىن يوقۇتۇش تەس بولىشى مۇمكىن
2007-يىلى 5-ئايدا، جۇڭگو سەھىيە مىنىستېرلىكى «سەھىيە مىنىستېرلىكى ئىشخانىسى چەتئەل بىمارلىرىنىڭ ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىگە ئىلتىماس قىلىشىغا ئالاقىدار ئۇقتۇرىشى» نى ئېلان قىلىپ، ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيسىدە ئالدى بىلەن جۇڭگولۇق پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرۈشىنى، داۋالاش ئورگانلىرىدىكى تىببىي خادىملارنىڭ ساياھەت نامىدا كەلگەن چەتئەللىك پۇقرالارنى ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى تەلەپ قىلدى.
ئەمما «ئۇقتۇرۇش» تارقىتىلىپ بىر يىلدىن كېيىن، جۇڭگو دوختۇرخانىسىدا ئىچكى ئەز كۆچۈرۈشنى ساقلاۋاتقان چەتئەل پۇقرالىرى دوختۇرخانىدىن چىقىپ دۆلىتىگە كېتىش ئويىدا بولمىدى. بۇ چەكلەش بۇيرۇقى ئۇلارنى دۆلەت ئىشىكىنىڭ سىرتىدا توساپ قالالمىدى.
سەھىيە مىنىستېرلىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسلانغاندا، ئومۇمەن ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىدىغان داۋالاش ئورگانلىرى چەتئەل پۇقرالىرىنى ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلماقچى بولسا، چوقۇم سەھىيە مىنىستېرلىكىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلسا بولىدۇ دەپ بېكىتىلگەن داۋالاش ئورگانلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، ئۇلار قىلغان ھەر بىي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى نازارەت قىلىشنى قارار قىلدى.
تىيەنجىندە دوختۇرلۇق قىلىدىغان بىر دوختۇر ئاشكارىلاپ:«يۇقىرىدىكى باشقۇرغۇچى تارماقلارغا ناھايىتى ئېنىق، ئەمما بىز ئۇلارنىڭ قانداق ئويلاشقانلىقىنى ئۇقمايمىز» دېدى، بەلگىلىمىگە ئاساسەن، چەتئەللىك بىمارلار جۇڭگوغا كېلىپ ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرماقچى بولسا، داۋالاش ئورگانلىرى ئۆلكىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرىغا دوكلات قىلىشى، ئۆلىكە دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى تەستىقلىشى ھەمدە سەھىيە مىنىستېرلىكىگە دوكلات قىلغاندىن كېيىن، قايتۇرغان پىكىرىگە ئاساسەن ئىش كۆرۈشى كېرەك. ئەمما ئۇ نۆۋەتتە بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش سالمىقىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇقمايدىكەن.
ئىگىلىنىشچە، شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزى تىيەنجىن شەھەرلىك بىرىنچى مەركىزىي دوختۇرخانا قارمىقىدا بولۇپ، تىيەنجىن شەھەرلىك بىرىنچى مەركىزىي دوختۇرخانا بولسا تىيەنجىن شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگان ئىكەن.
كۆرگەن ئەھۋال بىلەن ئوخششىمايدىغىنى، شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ جىگەر كۆچۈرۈش گۇرۇپسىنىڭ مەسئولى دېڭ يوڭلىن (邓永林) سۇمرۇغ ھەپتىلىكىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا:«نۆۋەتتە دوختۇرخانىمىز چەتئەللىك بىمارلارنى قوبۇل قىلمايدۇ، بۇ يەرگە كېلىپ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇق» دېگەن، ئۇ يەنە 2007-يىلى شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ بۆرەك ۋە جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنىڭ ھەر قايسىسى 200 قېتىم ئەتراپىدا بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەمما ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ بىناسىدا تۇرۇۋاتقان چەتئەللىك بىمارلارنى تىلغا ئالغاندا، دېڭ يوڭلىن:«بۇ مەسىلىدە مېنى ئىزدىسەڭ ئەھمىيىتى يوق، مەن قىلغان ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى بىمارلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇق» دېدى.
بۇنىڭغا قارىتا، تىيەنجىن شەھەرلىك بىرىنچى مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ باشلىق ئىشخانىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان بىر خىزمەتچى خادىم مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ يەنىلا چەتئەللىك بىمارلارغا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلدى. دوختۇرخانىدا يەنىلا چەتئەللىك بىمارلارنىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىنى سورىغاندا، مەزكۇر خىزمەتچى ئۇقمايدىغانلىقىنى، مەزكۇر ئىشخانىنىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئىشىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ھەمدە ئالاقىدار ئەھۋالنى ئىگەللىمىگەنلىكىنى ھەم خالىغانچە جاۋاب بەرسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. دوختۇرخانا باشلىقى ئىشخانىسى باشقا ئالاقىدار مەسئول كىشىنى چۈشەنچە بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سەھىيە مىنىستېرلىكىدىكى بىر ئەمەلدارى:«مەن بۇ خىل ئەھۋالغا يازمىچە ياكى ئېغىزچە پاش قىلىشنى تاپشۇرۇپ ئالمىدىم» دېدى، ئۇمۇ دەسلەپتە شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ يەنىلا چەتئەللىك بىمارلارنى قوبۇل قىلىۋاتقان ئەھۋال بارلىقىنى ئاڭلىغان. مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، يېقىنقى يىللاردا، سەھىيە مىنىستېرلىكى نۇرغۇن ھۆججەت ئېلان قىلىپ، ئادەم ئىچكى ئەزاسى سودىسى ۋە ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتىنى قاتتىق چەكلىگەن، سەھىيە مىنىستېرلىكىنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ئېنىق ئىكەن. شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىگە قارىتا، ئۇ سەھىيە مىنىستېرلىكىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى پاش قىلغان ئاھۋالغا ئاساسەن قول سېلىپ تەكشۈرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما نۇرغۇن دوختۇر ۋە دوختۇرخانا ئىچىدىكى زاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتى» نى تۈپتىن يوقىتىش ناھايىتى تەس ئىكەن، چۈنكى بۇ جۇڭگودا زور كۆلەمدىكى ئىگىلىك بولۇپ قالغان. بەزى ئاخباراتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى بىر تۈرىنىلا ئېلىپ ئېيتساق، بىر يىلدا تىيەنجىن شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىگە ئاز دېگەندە 100 مىليون يۈەن خەلق پۇلى كىرىم قىلىپ بېرىدىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، نۇرغۇن ۋاسچىتىلىك شېركەتلىرى ئاڭلىغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو چەتئەللىكلەرنىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇش سىياسىتىنى سەل تەڭشىگەن. ئەمما ئىزچىل ھالدا، ھېچنېمە يۈز بەرمىگەندەك بولۇپ كەلگەن. ئۇلار شوغۇللىنىۋاتقان سودا پەقەت ئىلگىرىكىدەك ئوچۇق-ئاشكارا بولمىغان خالاس.
شەرق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ ۋاستىچىلىققا مەسئول دوختۇر يىد ئەپەندى:«بىز شۇنچە يىل قىلدۇق، ئەجىبا بىز سەھىيە مىنىستېرلىكىنىڭ بۇ سىياسەتلىرىنى بىلمەمدۇق؟ بىز ئوغرىلىقچە قىلغىنىمىز يوق، بۇ خىزمەتنى قىلىش شەرەپلىك، نۇرغۇن كىشىلەر توسماقچى بولدى، ئەمما ئەڭ ئاخىرى مەغلۇپ بولدى» دېدى.
يېڭى ئىچكى ئەزا بىلەن بىرگە ياشاش
ئەخمەد يېڭى بۆرەكنىڭ قەيەدىن كەلگەنلىكىنى ئوپېراتسىيە دوختۇرىدىن سوراش نىيىتىدە بولۇپ باقمىدى. ئۇ:«ئەمەلىيەتتە، مەن بۆرەك مەنبەسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيمەن» دېدى.
كۆپ قىسىم دۆلەتلەردە، پۇل بىلەن ئادەم ئىچكى ئەزاسىنى سېتىۋېلىش ئەخلاقسىز قىلمىش دەپ قارىلىدۇ ھەمدە ئەگەر تەمىنلىگۈچى ئېنىق ماقۇل بولمىسا، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى سېتىۋېلىش قىلمىشى تېخىمۇ ئەخلاقسىزلىقتۇر.
جۇڭگو سەھىيە مىنىستېرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇاڭ جىيېفۇ 2005-يىلى 7-ئايدا دۇنيا جىگەر كۆچۈرۈش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ:«نۆۋەتتە جۇڭگودا %90 تىن يۇقىرى كۆچۈرىلىدىغان ئىچكى ئەزا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەردىن كەلگەن» دېدى.
تەمىنلىگۈچىنىڭ جۇڭگودىكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىدىن كەلگەنلىكى بولۇش ئېھتىماللىقىغا قارىتا، ئەخمەد سۈكۈت قىلىپ ھېچنىمە دېمىدى. ئۇ بۇ تېمىدىن ئۆزىنى ئامال بار قاچۇردى، ئوپېراتسىيە تەرتىپى مەسىلىسىدە دوختۇردىن مەسلىھەت سورىدى.
پۈتكۈل ئوپېراتسىيەگە تەخمىنەن 4-5 سائەت كېتىدۇ، ئەمما ئەخمەد ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يېڭى ئىچكى ئەزاسىغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئىچكى ئەزانىڭ داۋاملىق رولىنى جارى قىلدۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان كۆپ قىسىملار چوقۇم كېيىنكى ئۆمرىدە داۋاملىق داۋالىنىش كېرەك. چۈنكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى يېڭى ئىچكى ئەزانى يەكلەيدۇ، كۆچۈرۈلگەن ئىچكى ئەزا پۈتۈنلەي سىرتتىن كەلگەن ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن، ئەگەر داۋاملىق داۋالانمىسا، ئەسلى بەدەندىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى يېڭى ئىچكى ئەزاغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىدۇ.
مۇۋاپىق تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن، دوختۇر ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئەخمەدكە بىر قىسىم ئالاھىدە دورا بەلگىلەپ بېرىدۇ، مەقسىتى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى تىزگىنلەپ يەكلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىرلا ۋاقىتتا ئەكىس تەسىرى ۋە يۇقىملىنىش خەتىرىنى ئەڭ زور چەكتە ئازلىتىش ئۈچۈن. ئەخمەدنىڭ بەدىنى يېڭى ئىچكى ئەزاسىغا پەندىنپەي ماسلىشىپ قالغاندا، ئۇ ئېھتىمال بارلىق دورىلارنى يېيىشنى توختىتىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ خىل ئېھتىماللىق يوق دېيەرلىك.
دۇنيادىكى بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدە، ئۇرۇغ-تۇققانلىرى ئىئانە قىلغان بۆرەكنى قوبۇل قىلغان بىمارنىڭ ھايات قېلىشى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 39 يىل بولىدۇ، جەسەتنىڭ بۆرىكىنى قوبۇل قىلغان بىمارنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ھايات قېلىش ۋاقتى 30 يىل بولىدۇ. جۇڭگو جىگەر كۆچۈرۈشنى تىزىمغا ئالدۇرۇش سىستېمىسى 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ نۆۋەتتە جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان بىمارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى %80.6 بولۇپ، بۇ نىسبەت ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى %40 ئەتراپىدا بولۇشتىن بىر قاتلانغان، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيىسىگە يېقىنلاشقان.
ئەمما، ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش يەنىلا خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى ئوپېراتسىيە، ئادەتتە دوختۇرخانا قايسى كېسەللەر ئوپېراتسىيە قىلىشقا ماس كېلىدىغانلىقىنى قارار قىلىشتا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولىدۇ، ئادەتتە ھايات قېلىش نىسبىتى يۇقىرى كېسەل ئالدى بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما جۇڭگودىكى بىر قىسىم دوختۇرخانىلاردا بۇ پىرىنسىپلار بىر ياققا چۆرىۋېتىلگەن، ئوپېراتسىيە قىلىنىش پۇرسىتى ھەمىشە پۇلدار بىمارغا بېرىلىدۇ، بۇ ئوپېراتسىيەنىڭ مەغلۇپ بولۇش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا يوشۇرۇن تۈرتكە بولىدۇ.
ئىسرائىلىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى دېيىشىچە، ئۇلار ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان نەچچە ئون بىمارنى ئۆلگەندىن كېيىن دۆلەتكە قايتۇرۇپ كەتكەن.
ياپونىيە ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان ياپونىيە بىمارلىرىنىڭ سانى كۆرىنەرلىك ئاشقان. توكيودىكى جۇڭگودا بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇپ كەلگەن 9 نەپەر بىمارنى داۋالاشقا مەسئول دوختۇر ئەيىبلەب:«جۇڭگو دوختۇرخانىلىرى ئىچكى ئەزا تەمىنلىگۈچىنىڭ ئېنىق ماتىرىيالىنى تۇرغۇزماپتۇ، بىمارغىمۇ ئىممۇنىتېت چەكلەش ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەمىنلىمەپتۇ» دېگەن. ئۇلاردىكى 4 نەپەر بىمار 2 يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن.
جەنۇبىي كورىيە ئىچكى ئەز كۆچۈرۈش تاشقى بۆلىمى ساھەسىدىكىلەر 2004-يىلى جۇڭگوغا بېرىپ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان 236 نەپەر بىمارنى تەكشۈرگەن. نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن يەكلەش ھادىسىسى ياكى كېسەل قوزغىلىش نىسبىتى جەنۇبىي كورىيەدە قىلىنغان ئوپېراتسىيەلەردىن كۆپ يۇقىرى بولغان.
ئەخمەد بۇ ئىشنىمۇ ئاڭلىغان، ئەمما ئۇ ناھايىتى ئۈمىدۋار. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، ئەخمەد لىۋىيەگە قايتىپ يېڭى ئىچكى ئەزاسى بىلەن بىرگە ھايات كەچۈرىدۇ.
مەنبە: "سۇمرۇغ ھەپتىلىكى" دىن نەپرەت2009 تەرجىمە قىلدى.