مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1186|ئىنكاس: 30

ئوقۇغۇچىلار شىركەتلەردە ئىشلەشنى راستلا خالىمامدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2143
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 02:30:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى بىر مۇنبەردە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ  شىركەتلەردە ئىشلەشنى خالىمايدىغانلىقىنى،ئۇلارنىڭ شىركەتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇقىم ،تېخىمۇ ياخشى خىزمەت تېپىش ئۈچۈن كۆپىنچىسىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنى تاللايدىغانلىقىنى يېزىپتۇ .ئەتراپىمىزغا قارىساقمۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياكى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسەن دۆلەت ئورگانلىرىغا خىزمەتكە چىقىدىغان ھەرخىل ئىمتىھانلارغا (دۆلەت مەمۇرلۇق ،ئالاھىدە ئىش ئورنى ،بانكا ،كەنت ئەمەلدارى دېگەندەك) تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.بەزىلەر بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچىسىگە تەييارلىق قىلىپ ئۇنىڭدىن ئۆتەلمەي قالسام بۇنىڭدىن ئۆتۈپ قالارمەن دەيدۇ ،لېكىن شىركەت كارخانىلارنى پەقەتلا ئويلاشمايدۇ،ئويلاشقان تەقدىردىمۇ تەلىيى كەلمەي يۇقارقى ئىمتىھانلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتەلمەي كېلەر يىللىق ئىمتىھاننى ساقلاش توغرا كەلگەندە ،بىر يىل بىكار يۈرۈشنىڭ ئورنى بولمىغاچ ئامالسىز شىركەتلەرگە كىرىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ .بۇنداقلار ئەسلىدىلا شىركەتتە ئىشلەش ئويى بولمىغاچ خىزمەتنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىمەيدۇ ،پەقەت كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ كويىدىلا بولىدۇ،ھەتتا ئۆزى خالىغان ۋاقىتتا خىزمەتنى تاشلاپلا چىقىپ كېتىدۇ ،ۋە شىركەت كارخانىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ .مەنچە بۇنداقلار دۆلەت ئورگىنىغا بارسىمۇ ياخشى ئىشلەپ كېتىشى ناتايىن .
  مېنىڭ يەنە بىر كاللامدىن ئۆتمەيدىغان يېرى ھازىر ئالاھىدە ئىش ئورنى دەپ ھەرخىل ھەرياڭزا كەسىپلەردە ئوقۇغانلار كېلىپ ئىمتىھان بېرىپ ئۆتسىلا ئوقۇتقۇچى بولىدىكەن .بەلكىم ئوقۇتقۇچىغا بولغان ئېھتىياج يۇقىرىدۇ ياكى مەن بۇلارنى بەك چۈشىنىپ كەتمىگەن بولسام كېرەك ،ئويلايمەن ،ئوقۇتقۇچىلىق دېگەن ئۇنداق ئاسانلا ھۆددىسىدىن چىقىپ كېتەلەيدىغان خىزمەت بولمىسا ،ئاشۇ مەخسۇس تەربىيىلەنمىگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى قانچىلىكتۇ ؟خىزمەتكە چىقىشنىڭ ئالدىدىكى بىر ئايلىق تەربىيىلەش ئارقىلىق ئۇلار ئوقۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ساپانى ھازىرلىيالامدىغاندۇ؟
بۇلار ئەلۋەتتە مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم .خاتا ئويلاپ قالغان بولسام تورداشلار چۈشەنچە بېرەرسىلەر .
  ئەمدى نۇقتىلىق گەپكە كەلسەم ،ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار شىركەت كارخانىلاردا ئىشلەشنى چىن دىلىدىن خالايدۇ .ئۇلار ئارقا ئارقىدىن قۇرۇلۇۋاتقان مىللىي كارخانىلىرىمىزدا خىزمەت قىلىپ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە  ئىشلىتىپ مىللىي كارخانىلىرىمىزنى قوللاشنى ۋە روناق تاپقۇزۇشنى، بۇ ئارقىلىق بىزدىمۇ كۈچلۈك شىركەت  -كارخانىلار نىڭ بارلىققا كېلىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ مىللىتىمىزنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .
  تۆۋەندە بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوي پىكىرىمىزنى ئاڭلاپ باققايسىلەر. بۇ مەن بىر قانچە ساۋاقدىشىم بىلەن  پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق يېزىپ چىقىلغان قىسقىچە خۇلاسە .
  1.بىز كارخانا شىركەتلەردە ئىشلىسەك ھوقۇق مەنپەئەتىمىزنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .بىز خىزمەت جەريانىدا ئەمگەكچىلەر قانۇنى ، ئىقتىسادىي قانۇن ،شىركەت قانۇنى قاتارلىق قانۇن -نىزاملاردا بەلگىلەنگەن خىزمەتچىلەر ھوقۇقىنىڭ ھەقىقي كەپالەتلەندۈرۈلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . بۇ ئارقىلىق شىركەتلەر ئۆزىنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلاش بىلەن بىرگە خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدۇ.ئالدىنقى تەتىلدە خېلى نامى بار بىر شىركەتتە پىراكتىكا قىلدىم ،ئۇلارنىڭ پىراكتىكانتلارغا بولغان مۇئامىلىسى بەكلا ناچاركەن ،بىزگە كۈنلۈك ياللانغان ئىشچىلارغا مۇئامىلە  قىلغاندەك مۇئامىلە قىلدى،تېخى يۈگۈر يېتىم ئىشلارغا بۇيرىغۇسى باردەك....ئەگەر ئىچكىرىدىكى چوڭراق شىركەتلەردە پراكتىكا قىلسا ،رەسمىي خىزمەتچىلەردىنمۇ ياخشىراق مۇئامىلە قىلىدۇ ،تېخى ئىش ھەققىمۇ يۇقىرى ،لېكىن ئۇلارنىڭ  پىراكتىكانتلارنى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىمۇ خېلى يۇقىرى ،بىرقانچە قېتىم يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىپ تاللايدۇ.بۇمۇ مىللىي كارخانىلىرىمىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا.
2.ئۆز قابىلىيىتىمىزنى جارى قىلدۇرىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز ،يەنى بىز خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ كارخانىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز ،ھەم كارخانا شىركەتلەرنىڭ بىزگە قابىلىيىتمىزنى جارى قىلدۇرىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ،ئەلۋەتتە پۇرسەتنى ئۆزۈڭلار يارىتىشىڭلار كېرەك، دەيسىلەر ،لېكىن بىزمۇ  قوللاشقا موھتاج. مەن ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك كەسىپتە  ئوقۇۋاتىمەن ،ئادەتتە ئوقۇتقۇچىلار موۋەپپەقىيەت قازانغان شىركەت كارخانىلارنى مىسال ئېلىپ ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىنى جىق سۆزلەيدۇ ،مەن شۇلارنى ئاڭلاۋاتقىنىمدا دائىم ئۇلارنىڭ ئىلغا ئۇسۇللىرىنى بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىمىزغا تەدبىقلاپ كۆرىمەن ،ئەلۋەتتە بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىمىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك تەرەپلەر ناھايىتى كۆپ .شۇڭا بىز ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشقا ماھىر بولىشىمىز كېرەك .
3.ئەگەر بىز شىركەت كارخانىلاردا ئىشلەپ قالساق رىغبەتلەندۈرۈلۈشكە ۋە ئىلھاملاندۇرۇلۇشقا موھتاج .ئىلھاملاندۇرۇش ئەڭ ئۈنۈملۈك كارخانا باشقۇرۇش يوللىرىنىڭ بىرى .بىز خىزمەت نەتىجىلىرىمىزنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشىنى ،ئەگەر خىزمەتنى ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەپ قالساق ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمىز .شۇنداق بولغاندىلا بىزنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ ،ئۆزىمىزنى بېغىشلاش روھىمىز كۈچىيىدۇ .تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمىز.
4.شىركەت كارخانىلار يۇقىرى ساپالىق خىزمەتچىلەرگە ئېھتىياجلىق بولغاندەك بىزمۇ كارخانىچىلارنىڭ ھەرتەرەپلىمە بىلىم ۋە ساپانى ھازىرلىغان ،توختىماي ئىزدىنىدىغان ،ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىدىغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز .بۇ ناھايىتى مۇھىم .چۈنكى  بىز ئىشىنىمىزكى ،مۇشۇنداق ساپانى ھازىرلىغان كارخانىچى مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەنلەرنى چوقۇم قىلالايدۇ .
  بۇلار قانداقتۇر بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ كارخانىچىلارغا قويغان تەلىپى ياكى شەرتى ئەمەس ،بۇ پەقەت بىر تەكلىپ خالاس .ھەممىسى شىركەت -كارخانىنىڭ يۈكسىلىشىگە پايدىلىق پىكىر تەكلىپلەر .بىز ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بولغاچقا مىللىي كارخانىلىرىمىزنى تېخى بەك چۈشىنىپ كېتەلمىدۇق ،باشقا ئوقۇغۇچىلار ياكى مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنىڭ كەم قالغان جايلىرى بولسا تولۇقلىشىنى ،تورداشلارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

ھەقىقەت__جاپا چەكمەكتۇر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14920
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13409
تۆھپە نۇمۇرى: 329
توردا: 383 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 02:39:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، بولسا دۆلەت مەمۇرلۇق خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بۇلىدۇ، بىراق مېنىڭ كۆز قارىشىمدا شىركەتتە ئىشلەشمۇ ياخشى بىر ئىش، چۈنكى شىركەتتە تەجىرىبە توپلىيالايدۇ. كىيىن ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياخشى شارائىت يارتىپ بىرىدۇ دەپ ئويلايمەن.

قىلغاچقا پاك ياشاشقا بىر ئۈمۈر نىيەت
قوللايدۇ ھەر دائىم مۇئىمىن ئۈممەت
تەدبىرىم قانداقتۇر، تەقدىرىم شۇنداق
چۈنكى مەن بولغاچقا پاكنۇر ھەقىقەت

مىللىتىڭ چوغ ئىچرە كۈيۈپ تۇرسا،سەن باشقىلار ئۈچۈن خۇشامەت قىلىسەن، مىللىتىڭنى ئويلاپ قوي، كەلگۈسىڭ باشقىلار بىلەن ئەمەس بەلكى ئ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2485
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1166 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 02:48:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزلەرگىمۇ بېر يول ئېچىپ بەردىڭىزدە،رەھمەت.

مىنىڭ بېلىشىمچە،سىزدېگەندەك « شىركەتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇقىم ،تېخىمۇ ياخشى »خىزمەت تېپىشنى ئويلايدىغان ، ئىمتىھاندېن ئۆتەلمەي يەنە بېر يىل ساقلاش جەريانىدا شىركەتلەردە ئشلەيدىغان ھەم ئشلەۋاتقان باللىلارنىڭ بېر قىسىم ئش ھەركەتلىرى  كۆپلەگەن ئوقۇغۇچىلارغا بېر بولۇپ قالدى . شىركەتنىڭ مەسئۇلللىرمۇ بەزىدە ھەممىسىنى شۇنداق دەپ ئويلايدۇ....دېمىسىمۇ شۇ تۆمۈر قاچىغا ئېرىشسىلا ،نەچچەن ۋاقىتتىن ئاش بەرگەنلەرگە خوشمۇ دېمەي ،پىشىنى قىقىپلا كېتىپ قالىدۇ....

ھاجىتىڭنى ھاجەت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22923
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1108
تۆھپە نۇمۇرى: 266
توردا: 5612 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 02:55:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن دەل ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن  كىيىن ئۆيدىكىلەر قوللاپلا قالسا مىللىي كارخانىلاردا ئىشلەشنى ئويلىشۋاتقانلارنىڭ بىرىسى،ماڭا نىسبەتەن شىركەتلەردە ئىشلەشمۇ نۇرغۇن ئىشلاردا بىزگە پايدىلىق.

تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 1929
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 123336
تۆھپە نۇمۇرى: 2087
توردا: 12196 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 02:56:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      بۇ يازمىنى ئوقۇپ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بىز ھەۋەس قىلىۋاتقان: بېل گايتىس ... رادىل ئابلا... قاتارلىق نۇرغۇن باي، ئۇتۇق قازانغۇچىلارنىڭ بىرەر ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ مەمۇرىي خىزمەتچىسى ئەمەسلىكىنى ئويلاپ قالدىم... ...


Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 17318
تۆھپە نۇمۇرى: 1799
توردا: 6794 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 02:57:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم،تولىمۇ يۈرەكلىك ھالدا ھەرخىل مەسىللەر ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپسىز،تېمىڭىزدىكى كۆز-قاراشلىرىڭىز كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش،ئەتراپلىق ئىزدىنىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىپتۇ.
ئەلۋەتتە،ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئوخشاش بولمىغاندەك،ھەممە كىشىنىڭ بەزى زىل نۇقتىلارغا تۇتقان كۆز-قاراشلىرىدا روشەن پەرق بار.
يېقىندا،بىزنىڭ شەھىرىمىزدە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغىچىلىرىنى ئىچكىرگە مەخسۇس تەربىيلەپ كېلىش،قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،خۇسۇسىي مۈلۈكتىكى شىركەتلەردە توختام تۈزۈپ ئىشلەش توغۇرلۇق بىر ياخشى خەۋەر كەلدى،گەرچە خۇسۇسىي مۈلۈكتىكى شىركەتلەر بولسىمۇ،لېكىن،ئۇ شىركەتتە ئىشلىگەندىن كېيىن،دۆلەتنىڭ شىتاتلىق خىزمەتچىلىرىگە ئوخشاش تەمىناتلاردىن بەھرىمان قىلىش،داۋالىنىش سوغۇرتىسى قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ بېرىش توغۇرلۇق ياخشى خەۋەر ئىكەنتۇق.لېكىن،كۆپلىگەن جەمىيەتتىن ئىش كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان،ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سىتۇدىنتلىرىمىز  بۇ ئىشتىن يالتايدى،تېمىڭىزدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغاندەك،ئۆيدە بېكىنىپ ئولتۇرۋىلىش،ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىغان ئېنتىھانلىرىنى ساقلاپ تۇرۇش،بازار رىقابىتىگە كىرمەي،بېكىنمە ھالەتتە تۇرىۋىلىش ھازىرقى زاماندىكى ياشلىرىمىزدا ئېغىر ساقلىنۋاتقان،بازار ئىگىلىكىدىكى سودا رىقابىتىگە دەڭسىيەلمەسلىك،ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئەمەلىي تۇرمۇشقا ئىشلىتالماسلىق مەسىللىرى ھەقىقەتەن ئېغىر.
بۇ مۈگدەش،بۇ غەپلەت ئۇيقۇسى بىزنى ھەقىقەتەن چۆچىتىپ قويىدۇ،ياشلىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپىدىكى چۈشكۈنلۈك،مۈگدەك باسقان،جەمىيەتتە دادىل قەدەم تاشلايدىغان تەرەقىيات يوللىرىنى بايقىيالماسلىق،ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئىشلىرى توغۇرسىدىكى تەخىرسىز خىياللارنى ئەتراپلىق ئويلىماسلىق ئىشلىرى ھەقىقەتەن كۆپ.
ئۇيغۇر كارخانىلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا،كىچىكلىكتىن چوڭلۇققا قاراپ تەرەقىي قىلىۋاتىدۇ،لېكىن،رايۇنىمىزدىكى كۆپ شىركەتلەردە دورامچىلىق ئېڭى بەك ئېغىر،تەشكلىللەش،يېڭىلىق يارىتىش،بازاردىكى ئېھتىياجلىق نەرسىلەر ئۈستىدە باش قاتۇرماسلىق،دىيارىمىزدا چىقىدىغان مەسلۇھاتلارنى چەتئەللەرگە يۈزلەندۈرۈش ئىشلىرى تېخى ھەقىقىي راۋاجلىنىپ بولالمىدى،پەقەت ئاز بىر قىسىم شىركەتلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا،بۇ كەمچىللىك،پاسسىپ ھالەتتىكى سودا رىقابىتى،سىتۇدىنتلاردىكى روھىي چۈشكۈنلىكى توغۇرلۇق بۇ مەسىللەر نۇرغۇن ئىشلارغا چېتىلغان،ئىجتىماھىي مۇھىتنىڭ بەزى سەلبىي تەسىرلىرى،نۇپۇسنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىپ كېتىش قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلارغا چېتىلغان.
تېمىڭىزدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ياللانما ئىشچىلارغا ئوخشاش كۆرۈپ ئىشلىتىش  بۇرۇندىن تارتىپ شەكىللەنگەن بازار رىقابىتىنىڭ ئەندىزىسى دەپ ئويلايمەن.بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب،خۇسۇسىي مۈلۈكتىكى شىركەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ئىش تەقسىماتىغا يەتكۈزىشتىكى ئاقىلانە تاللىشى دەپ چۈشىنىش مۇمكىن.بۇ بۇرۇندىن تارتىپ شەكىللەنگەن ئادەم ئىشلىتىش ئۇسۇلى،بۇنداق ئىش ئۇزاق مەزگىل شۇنداق بۇلۇشى مۇمكىن.(لېكىن،ھەممە شىركەتلەر ئۇنداق ئەمەس)


Hey, poor Uyghur, wake up, you have slept long enough,
You have nothing, what is now at stake is your very life.
If you don’t rescue yourself from this death,
Ah, your end will be looming, your end will be looming.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2143
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 03:10:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
takderdax يوللىغان ۋاقتى  2012-3-24 02:55 PM
مەن دەل ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن  كىيىن ئۆيدىكىلەر قوللاپلا  ...

توغرا دەيسىز ،مەنمۇ ھەرخىل ئىشلارنى كۆزدە تۇتۇپ يازغانتىم بۇ ماقالىنى.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15918
تۆھپە نۇمۇرى: 2156
توردا: 6609 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 03:15:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇشتىكى مەقسەت ، ھۆكىمەت ئىدارىسىدا ئىشلەش . كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغانلارنىڭ قولىدا پۇل يوق ئىش قىلالمايۋاتسا .. ھەي

تۇرار ئىدى بىر قۇيرۇق تاشتا ،
بۆرە دىدى بىر سەۋبى بولمىسا قۇيرۇق ياتامدۇ تاشتا .

ئىغىلدا ياشىساڭ ، ئىشەكنىڭ خۇي

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 694
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4622
تۆھپە نۇمۇرى: 747
توردا: 3590 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 03:20:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  شىركەتتە  ئىشلەۋاتىمەن  بىر  ئوبدان  كىتىۋاتىمەنغۇ  مانا ، كەلمىگەن  تەلەيدە  كىمنىڭ  ھەققى باتتى،

ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2143
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 03:31:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارشال يوللىغان ۋاقتى  2012-3-24 02:57 PM
تېمىڭىزنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم،تولىمۇ يۈرەكلىك ھالد ...

تېما ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزگىنىڭىزگە رەھمەت.مىللىي كارخانىلىرىمىز ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى ، ئۇلار قوللاشقا موھتاج . شىركەت خىزمەتچىلىرى ،ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئىختىساسلىق ياشلار ،ئىستىمالچىلار جۈمىلدىن جەمئىيىتىمىز ئۇلارنى قوللىشى كېرەك .مىللىي كارخانىلىرىمىز گەرچە ھازىر ئاجىز بولغىنى بىلەن ھەممەيلەن تىرىشىپ ئۇلارنى قوللىساق ،كارخانىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى چوقۇم پارلاق بولغۇسى .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش