پايتەختتە 2012-يىللىق نەۋرۇز تەنتەنىسى
(دەسلەپكى خەۋەر)
پايتەخىتتە نەۋرۇز 26 يىلدىن بۇيان مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇغۇچى ـ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاساس قىلىپ پايتەخىتتە خىزمەت قىلىۋاتقان دوستلار بىلەن بىرلىكتە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى بولغان نەۋرۇزنى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ كۆلەملىك پائالىيىتىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىدا ئۆتكۈزىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك قاتارلىق تۈركىي تىللىق دوستلارمۇ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىدۇ.
بۇ يىلقى 26-قېتىملىق نەۋرۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى مەكتەپلەردە دەرس ئوقۇلىدىغان مەزگىلگە توغرا كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تۆت كۈن كەينىگە سۈرىلىپ، 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى (يەكشەنبە) مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىدا داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىدا ئۆتكۈزىلىدىغان «نەۋرۇز بايرىمى»نى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى نۇمۇر تاللاش قاتارلىق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ رەپىتىسىيە باسقۇچىغا كىردى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئىككى بۆلەك بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىرىنچى بۆلەكتىكى پائالىيەت شۇ كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 13:00 دە مۇراسىم زالى سىرتىدا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئۇيغۇر تىل ـ ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ۋە تەييارلىق مائارىپ ئىنىستىتوتىدىن تەشكىللەنگەن يىگىتلەرنىڭ مەردانە ساماسى بىلەن باشلىنىدۇ، سامادىن كېيىن نەۋرۇزغا ئاتاپ مول ـ مەزمۇنلۇق نەۋرۇز مەدھىيەلىرى ئوقۇلىدۇ، مەشرەپ ۋە تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىككىنچى بۆلەكتىكى چوڭ كۆلەملىك سەنئەت پائالىيىتى 15:00 دە مۇراسىم زالى ئىچىدە باشلىنىپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەر قايسى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن دوستلارنىڭ سەرخىل نۇمۇرلىرى نەۋرۇز ئەھلىگە سۇنىلىدۇ.
پايتەختتە 2012-يىللىق نەۋروز تەنتەنىسى ئۈچۈن چوڭ كۆلەملىك رىپىتىسيە ئېلىپ بېرىلدى
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 26-قېتىملىق نەۋروز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق رەپىتىسىيە ئىلىپ بېرىلدى.
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى(جۈمە) مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئۇيغۇر تىل ـ ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ۋە تەييارلىق مائارىپ ئىنىستۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن ساما ئەتىرىتىدىكى يىگىتلەر ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشىغا قارىماي چۈشلىك ئارام ۋاقتىنى قۇربان قېلىپ، ئۇيغۇر تىل ـ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىكى ئەركىن شۇجى، ئىمام مۇئەللىملەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە 13:00 دە مۇراسىم زالىنىڭ ئالدىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ساما مەشىقى ئېلىپ باردى. بۇ مەشىق بىر سائەت ئەتراپىدا داۋاملىشىپ، مەشىق جەريانىدا نۇقسان كۆرۈلگەن جايلارغا قارىتا تەكلىپ ـ پىكىرلەر بېرىلىپ تۈزىتىلدى.
ساما مەشىقىدىن كېيىن زال ئىچىدىكى پائالىيەت مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇئاۋېن مەكتەپ مۇدىرى ھەبىبۇللا مۇئەللىم، فاكۇلتېتىمىزدىن ئەركىن مۇئەللىم (سېكىرتار)، ئىمام مۇئەللىم، مەمەت ئىلى مۇئەللىم، تەييارلىق مائارىپ ئىنىستىتۇتىدىن ئارزىگۈل مۇئەللىم، چەتئەل تىلى ئىنىستىتۇتىدىن ئادالەت مۇئەللىم (سېكىرتار) قاتارلىقلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە نۇمۇرلار يەنە بىر قېتم كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ نۇمۇر تىزىملىكى مۇقۇملاشتۇرۇلدى. بۇ قېتىمقى زال ئىچىدىكى پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، داڭلىق كۈلدۈرگە چولپىنىمىز ئابدۇكېرىم ئابلىز، داڭلىق ناخشا چولپىنىمىز ئەركىن ئابدۇللا، مىللەتلەر ناخشا ـ ئۇسۇل ئۆمىكىدىن داپچى ئىليار، مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتوتى ئوقۇغۇچىلىرىدىن پەخىردىن قاتارلىقلارنىڭ سەرخىل نۇمۇرلىرى ۋە قازاق، قىرغىز قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ رەڭدار نۇمۇرلىرىمۇ بار ئىدى. بۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق مەشىق سائەت 14:00 دىن 18:00 گىچە داۋاملاشتى.
بۈگۈنكى ئەڭ ئاخىرقى مەشىق گەرچە ئالتە سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىرايىدىن ھارغىنلىق كۆرۈنمەيتتى. ئۇلار ئەڭ زور تېرىشچانلىقى ۋە قىزغىنلىقى بىلەن 25-چېسلادىكى نەۋروز پائالىيىتىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىدۇ.
شەۋقىي مۇنبىرى مۇخبىرى:
راھىلەم تۇرسۇن (ئەلىف)
كەرىمە قۇربان (دوست) خەۋرى
مەنبە: شەۋقىي تورى
www.shewqiy.com
نەۋرۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىدىغان كۈنى (2010.3.25) دىكى پائالىيەت توغرىسىدا داۋاملىق تەپسىلىي خەۋەر بېرىلىدۇ.