ئوبۇنتۇ سېستىمىسى ھەققىدە چۈشەنچە
مەن ئوبۇنتۇ مەشغۇلات سېتىمىسنى بىلەن تۇنۇشقىلى 2 يىلدىن ئاشتى. بۇ جەرياندا ئۇنى قاندق ئىشلىتىش جەھەتتىن كۆپ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچىردىم ھەم توردىن ماتىرىيال كۈرۈش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان مەسسلىلەرنى ئۈۈم ھەل قىلدىم .بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئوبۇنتۇ بىلوگى ،بىلىك تورى ، ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلمى جەميىتى تور بەتلىردىن نۇرغۇنلىغان ياخشى يازمىلارنى كۈرۈپ بەزى مەسسلىلەرنى ھەل قىلدىم .
تور دۇنياسىغا قارايدىغان بولساق بىز ئۇيغۇرلاردا تور بەتلەر شۇنداق كۆپ .كونىلارنىڭ گىپى بۇيچە بولغاندا تور بەتلەر ساماندەك لىكىن كىشلەرگە پايدىلىق بولغان مەلۇم ساھە ۋە تۈرلەرنى ئۈزگە نىشان قىلغان تور بەتلەر بولسا بارماق بىلەن سانغۇچىلىكلار چىقىدۇ.
بۇ بەلكىم بىزلەرنىڭ ئۇيۇن تاماشىغا ئامراق ئىكەنلىكىمز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. مېىنڭچە شۇنداق بولغىنىمۇ بىر ھىساپتا ياخشى بۇلۇشى مومكىن .چۈنكى شۇنداق بولغاندا ئاندىن كىشلەر ئاستا -ئاستا دۇنياغا بولغان قارشى ئۆزكىرىپ ئۆزنىڭ مىڭۋاتقان يولغا ۋە ماڭماقچى بولغان يولىغا قاراپ چىقىشقا مۇۋەپەق بۇلىدۇ.
مەن بەزى توپ ۋە تور بەتلەردە ئوبۇنتۇ توغۇرلۇق تەشۋىقات قىلسام بەزىلەر سەن ئوبۇنتۇغا شۇنچە ئامراقمۇ ئۇنىڭ زدى نېمىسى ياخشى دەپ نۇرغۇن سۇئاللارنى قويدى .بەزلەر ھەتتا مىنى مازاق قىلغانمۇ بولدى. لىكىن مەن ئۇلاردىن قىلچىلىك خاپا بولمىدىم .چۈنكى ئۇلار ئوبۇنتۇنىڭ ھەقىقى نىملىكىنى بىلگەن بولسا ئىدى بۇنداق دىمەسلىك مومكىن ئىدى.
ئوبۇنتۇنىڭ ماڭا ئەڭ يېقىپ قالغان يىرى ئۇنىڭ ھەقسىز ،ئۇچۇق كودلۇق سېستىما بولغانلىقىدا (يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ ھالال كشىنڭ ھەققى ئارلاشمىغان نەرسە.بۇنداق دىسەم بەزىلەر ۋىندوس ۋە ئىكىس پىنىمۇ شۇنداق ھەقسىز ئىشلىتىمىزغۇ دەيدۇ .لىكىن ئۇنىڭ ھەقلىق تارقىلدىغان كىشنىڭ ھەققى سىڭگەن نەرسە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ .ئەملىيەتتە مەيلى ئالما ياكى ۋىندوس سېستىملارنىڭ ھەممىسى ھەقىلىق .)ئۇنىڭدىن باشقا ئوبۇنتۇ سېستمىسى ئۇيغۇر تىل يېزىقىمىزنى شۇنداق ياخشى قوللايدۇكى بۇنى كۈرۈپ ھەيران قالسىز.ماڭا ئەڭ بەك يارغان يېرى دەل مۇشۇ ئانا يىل يىزىقىمىزغا بولغان چەكلىمىسزلىكى.ئۇنداقتا ئوبۇنتۇ دېگەن زادى نېمە ؟بۇ توغۇرلۇق ئازراق چۈشەنچە بىرۋىتەي.
ئوبۇنتۇ دېگەن نېمە؟
ﺋﯘﺑﯘﻧﺘﯘ ﻟﯩﻨﯘﻛﺲ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ GNU/Linux ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ ﺯﯗﻟﯘ ﺗﯩﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﯞﺳﺎ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ‹ubuntu› ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ‹ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻚ›، ‹ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺩﻩﻝ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯘﻡ›. ﺋﯘ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ”ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ“ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. Ubuntuﺑﻮﻟﺴﺎ Debian ﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﯞﻩ GNOME ﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻐﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، Debian ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘ ﮬﻪﺭ 6 ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻥ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ 18 ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻗﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. LST ئۈچ يىللىق تېخنىكا قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: Ubuntu 8.04 LTS ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯧﺘﯩﺮ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. Ubuntu ﻧﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺑﻮﻧﺘﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰ، ﮬﻪﻡ ﺋﻪﯓ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ. Ubuntu ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻼ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. KUbuntu ﯞﻩ XUbuntu ﺑﻮﻟﺴﺎ Ubuntu ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﮬﺎﻟﺪﺍ KDE ﯞﻩ Xfce ﻧﻰ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﭘﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ KDE ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻰKUbuntu ﻧﻰ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ Xfce ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻰ XUbuntuﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ GNOME ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. EdUbuntuﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﻗﯘ-ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﯘﺳﺨﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻳﺎﺵ-ﺋﯚﺳﻤﯜﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ.ﺋﯘﺑﯘﻧﺘﯘ ﻟﯩﻨﯘﻛﺲ ﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﻼﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯗ. ﺋﯘﺑﯘﻧﺘﯘ ﻟﯩﻨﯘﻛﺲ ﻏﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ Unicode ﺧﻪﺕ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻤﺎﻻﻝ ﻗﺎﭼﯩﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.(يۇقارقى مەزمۇنلار
ئۇيغۇر ئوبۇنتۇ بىلوگدىن ئىلىندى).
ئەمدى ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىنى قانداق قوللايدىغانلىقىنى كۈرۈپ باقايلى.
بۇ سېستىما چوڭ ھالەتتىكى كۈرنۈشى
بۇ سېستىما تەڭشىكى رايۇنى
بۇ سېستىمىنىڭ يىڭلانغان ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈپ قاچىلاۋاتقاندىكى كۈرۈنۈشى
بۇ سېستىمنىڭ ھەرقايسى دىسكا رايۇنىنىڭ كۈرۈنۈشى
بۇ سېستىمىغا قاچىلانغان دېتاللار تىزىملىك رايۇنى
بۇ ئوفىس يومشاق دېتالى
بۇ ئوبۇنتۇ ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن ئوبۇنتۇدىكى 5 جىلىق ھەقسىز بوشلۇق كىرىش ئېغىزى
ئاخىرىدا ئوبۇنتۇ سېستىمىسنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن توختىماي تەر تۈكۈۋاتقان مىللەت سۈيەر ئوت يۈرەك ئەزىمەتلەرگە ئالى ئىھتىرام بىلدۇرىمەن ۋە رەھمەت ئېيتىمەن.جاپا چەكتىڭلار.خەلقىمىز سىلەرنىڭ قىلغان بۇ خالسانە ئەمگىكىڭلارنى مەڭگۈ قەدىرلەيدۇ.
ئوبۇنتۇ ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلغانلار ئۈچۈن چ چ توپ : 187649616 توپتا ئوبۇنتۇغا مۇناسىۋەتسىز پاراڭ قىلشقا بولمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلار توپتىن ھەيدىلىدۇ.توپقا قىتىلماقچى بولسىڭز مەن ئۇيغۇر دېگەنى ئەسكەرتىپ قويغايسىز.
ئوبۇنتۇ سېستىمىغا قارىتا يەنىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولسىڭز قېنى بۇ تور بەتلەرگىمۇ مەرھەممەت :
بىلىك تورى
ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلمى جەميىتى تورى
قۇتبەگ بىلوگى
ئۇيغۇر ئوبۇنتۇ بىلوگى
كەنجىسوفىت بىلوگى
ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ باقماقچى بولسىڭز قېنى
بۇ يەرگە مەرھەممەت
يازمىغا قارىتا ھەرقانداق تەكلىپ پىكىرىڭ بولسا
قۇتبەگ بىلوگىدا بىۋاستە ئىنكاس قىلىڭ.
يازما ئەسلى مەنبەسى :
قۇتبەگ بىلوگى
http://www.qutbeg.com