ئۇيغۇر يىگىت تۆت يىلدا پۈتتۈرگەن ئېسىل توننى چېڭ لۇڭغا سوۋغا قىلدى
ئىلاۋە: مەن بۇ يىگىت بىلەن ئۈچ-تۆت يىلنىڭ ئالدىدا ھازىر ئىشلەۋاتقان مەكتەپتە تونۇشقان. ئۇ بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىنى كۆتۈرە ئېلىپ بىر نەچچە يىل ئاچقان ئىدى. ئۇ مىجەزى ئۇچۇق، چىقىشقاق، ئەلتەك يىگىت بولغاچقا، شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ بىلەن خېلىلا چىقىشىپ، ئەسرالىشىپ ئۆتكەن ئىدىم. ئۇ بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئاشخانىسنى ئاچقان ۋاقىتلاردا مەكتەپتىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا دائىم ياردەم بېرىدىغانلىقىنى باشقىلاردىن ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارايدىغان بولغان ئىدىم. كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇ بىزنىڭ مەكتەپتىن كېتىپ قالدى. مانا كۆرۈشمىگىلى ئىككى يىلدىن ئېشىپتىكەن. بۈگۈن مەكتەپتە دېجۇرنىلىق نۆۋىتى كەپتىكەن، تاماق يەپ چىقاي دەپ مەكتەپ ئاشخانىسىغا كىرگەن ئىدىم. ئۇنىڭ بىلەن يەنە كۆرۈشۈپ قالدىم. ئىككىمىز قىزغىن سالاملىشىپ ھال-ئەھۋال سورىشىپ كەتتۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىر تىجارەت قىلغاچ، ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقانلىقىنى، ئالىم خالىققا ئوخشاش جۇڭگۇنى تەسىرلەندۈرگەن شەخىس بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئۆزى لاھىيەلەپ تىكتۈرگەن ئۇيغۇرچە توننى خەلقئارالىق كىنو چولپىنى، خەيىر-ساخاۋەتچى چېڭ لۇڭغا تەقدىم قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ھەمدە سومكىسىدىن مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنى ۋە ئۇ ھەققىدە خەۋەر بېسىلغان گېزىتلەرنى ئېلىپ كۆرسەتتى. مەن ئۇ كۆرسەتكەن نەرسىلەرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا ۋە ئۇلۇغ ئىشلارنى باشلىغانلىقىغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم. بىز يېرىم سائەت ئەتىراپىدا پاراڭلاشقاندىن كېيىن خوشلاشتۇق. دېجورنىخانىغا ناھايىتى تېزلىكتە قايتىپ كىردىمدە، كومپىيوتىرنى ئېچىپ بەيدۇ تورىدىن ئۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئېزدەشكە باشلىدىم. ھەمدە بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم. تۆۋەندە ئۇرۈمچىدە چىقىدىغان سەھەر گېزىتىنىڭ ئۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان "ئۇيغۇر يىگىت تۆت يىلدا پۈتتۈرگەن ئېسىل توننى چېڭ لۇڭغا سوۋغا قىلدى"دېگەن ماقالىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن:
" چېڭلۇڭ ئاكا مېنىڭ ئۈلگەم، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش خەيىر-ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىمەن....." بۇ بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن ئابدۇۋېلى ئۇبۇلنىڭ ئېيتقان يۈرەك سۆزى. ئۇ 11يىلدىن بېرى نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئۈن-تىنسىز ياردەم قىلىپ كەلگەن. بۇ ئارىلىقتا ئۇ چېڭلۇڭنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئاڭلىغان ھەمدە بۇ ئىش ئۇنىڭ داۋاملىق خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. چېڭلۇڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، تۆت يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، چېڭلۇڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئۈچ دانە تون تەييارلىغان. ھەمدە ئۆزى چېڭلۇڭنىڭ شاڭگاڭدىكى كىنو-فىلىم ئىشلەش مەركىزىگە ئاپرىپ بەرگەن.
چېڭلۇڭغا سوۋغا قىلىنغان تون
تونغا ئىشلىتىلگەن ئالتۇن ۋە قاشتېشىدىن ئىشلەنگەن تۈگمىلەر
"تون" ئۇيغۇرلاردا ئۇيغۇرلاردا ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرگە كىيدۈرۈلددىغان ئالاھىدە كىيىم، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرگە بېرىدىغان ئەڭ ئالىي سوۋغىتى" دېدى ئابدۇۋېلى. ئابدۇۋېلى بايىغۇلىن ئوبلاستى قاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ دەنزىل يېزىسىدىن. ئۇ بۇ يىل 2-ئاينىڭ 26-كۈنى چېڭلۇڭنىڭ كىنو-فىلىم ئىشلەش شېركىتى ئەۋەتكەن رەھمەت خېتىنى ئېلىپ گېزىتمىزگە كەلدى. رەھمەت خېتىگە" سىز ئەكەلگەن كىيىمنى تاپشۇرۋالدىم، سىزگە كۆپ رەھمەت، بىز كىيىمنى چوقۇم چڭلۇڭ ئاكىغا يەتكۈزىمىز" دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئىدى.
چېڭلۇڭنىڭ شېركىتى ئابدۇۋېلىغا ئەۋەتكەن رەھمەت خېتى
چېڭلۇڭنىڭ شىياڭگاڭدىكى كىنو فىلىم ئىشلەش شېركىتى
نېمە ئۈچۈن چڭلۇڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە كىيىم سوۋغا قىلىدىغانلىقى سورالغاندا، ئابدۇۋېلى ئۆزىنىڭ كىچىگىدىنلا چڭلۇڭ كىنولىرىنىڭ مەستانىسى ئىكەنلىكىنى، 2004-يىلى ئۇ تېلېۋىزۇردىن چېڭلۇڭنىڭ شىنجاڭ ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارغا كېلىپ بىر قاتار خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلغانلىقىنى كۆرگەن ھەم ئۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا ۋاكالىتەن چڭلۇڭغا ئەھمىيەتلىك بىر سوۋغا ھەدىيە قىلىش ئويى پەيدا بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوتەنگە بېرىپ قاشتېشى، ئالتايغا بېرىپ ئالتۇن سېتىۋالغان. ھەمدە ئالىي دەرىجىك ئەتلەس ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قولدا ئىلشلىگەن ئالىي دەرىجىلىك كەشتە ماتىرىياللىرىنى سېتىۋېلىپ، تۆت يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە كىيىمنى پۈتتۈرۈپ چىققان. بۇلتۇر 10-ئاينىڭ بېشىدا چېڭلۇڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە سوۋغا قىلىندىغان قىممىتى 240 مىڭ يۇەنلىك ئۈچ دانە تون بىلەن بىر دانە دوپپىنى ئۆز قولى بىلەن پۈتتۈرگەن. بۇلتۇر 10-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئابدۇۋېلى شاڭگاڭغا بارغان، ھەمدە نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە 11-ئاينىڭ 2-كۈنى چىڭشۈيۋەن يولى بوتاۋجىن 70- نۇمۇرلۇق قورودىن چېڭلۇڭنىڭ كىنو-فىلىم ئىشلەش شېركىتىنى تاپقان. ئەمما، چېڭلۇڭ بۇ ۋاقىتتا سىرتقا كىنو ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەچكە، ئۇ توننى ئۇنىڭ ۋاستىچىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئۇ قىلغان خەيرلىك ئىشلارنى تىلغا ئالساق، ئەمەلىيەتتە ئۇ 2001-يىلىدىن باشلاپلا بۇ ئىشلىرىنى باشلىغان. "بۇ بىر نەچچە يىلدا قانچىلىك ئادەمگە ياردەم قىلغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ ئېنىق بىلمەيمەن، ئېسىمگە ئالالايدىغىنىم يۈز نەچچە ئادەم، ياردەم سوممىسى 70-80 مىڭ يۇەنگە بارىدۇ" دېدى ئۇ. بۇنىڭىدىن كېيىنكى پىلانلىرىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ " تىرىشىپ كۆپرەك پۇل تېپىپ، داۋاملىق خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىمەن" دېدى.
ئابدۇۋېلى تەڭرىتاغ تورىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماقتا
قوشۇمچە: ئابدۇۋېلىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى:1977-يىلى بايىنغۇلىن ئوبلاستى قاراشەھەر ناھىيىسى دەنزىل بازىرىدا تۇغۇلغان.تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاشخانا ۋە رېستۇرانلاردا ئىشلىگەن. كېيىن ئازراق پۇل يىغىپ ئۆزى ئاشخانا ئاچقان. ئۇ ئۆز يۇرتىدا "ساخاۋەتچى ئۇستام" دەپ نام ئالغان. ئۇ يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىپىنىڭ ئەزاسى. ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەنزۇچە تور مەنبەلىرى: http://news.stnn.cc/c6/2012/0227/3790376915.html http://www.tianshannet.com.cn/news/content/2012-02/28/content_6611158.htm
http://www.hljtv.com/2012/0228/124556.shtml
يازمىنىڭ توردىكى مەنبەسى:http://www.lopnuri.com/?p=2077
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-23 11:49 PM
|