ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھەممە يەر ئىللىقلىققا چۆمگەن مۇشۇنداق خاسىيەتلىك كۈنلەردە قويۇق سەھرا تۇرمۇشىنى چۈشۈنۈپ قېلىڭلار ، تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇر ئاشپەز تور بىكىتىدىن يۆتكەپ كلىنگەن دىيارىمىزنىڭ سەھراسىدىكى مەلۇم بىر ئۆيدە تارتىلغان سۈرەت بولۇپ بۇ سۈرەتتىكىسى سىز شەھەردە تۇرۇپ يەپ باقمىغان برى ۋاخ لەغمەن بولىشى مومكىن .
يۆتكەلگەن مەزمۇن تۆۋەندىكىدەك :
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلىرىم بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى بەزى توربەتلەردە
لەغمەن بىزنىڭ تامىقىمىزمۇ ؟دىگەن تىمىلاردى توختالغانلىقىنى كورگەن ئىدىم .
مەن ئاخىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى يۇرتى بولغان يەكەندە بىر ئەنئەنىۋىي يەرلىك
ئۇسۇلدا تەييارلانغان بىر ۋاق لەخمەنگە داخىل بولدۇم ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە لەغمەننى
ئاتا-بوۋېلىرىمىز،مومىلىرىمىز ئەزەلدىنلا ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىنىپ كىلىنگەنكەن
ئەقىل-پاراسەتكە مول ئۇيغۇر خەلقىمىز ئەزەلدىنلا ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان
لەغمەن،پولو،كاۋاپ .................قاتارلىق ئىسىل تاماقلارنى بىزگە مىراس قالدۇرغان
ھەم تا بۇگۇنكى كۇنگىچە،داۋاملاشتۇرۇپ كىلۋاتىمىز .
ئەمدىكى مەسلە بۇ ئىسىل تائاملىرىمىزنى قانداق تەراققى قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئەۋلاتلارغا
يەتكۇزۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بۇلالمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز .
ئۇيغۇر تائاملىرىمىزنى قەدىرلەيلى ،ۋە توغرا ئاتالغۇلىرىنى ئىشلىتەيلى!
ئەمدى سىلەرگە تەييارلاش ئۇسۇلىنى چۇشەندۇرۇپ ئۇتمەن.
ماتىريالى؛بوغداي ئۇنى.چامغۇر باش پىياز .سۇ، تۇز،سۇماي،گوش ياكى تۇخۇم
تەييارلاش؛ئاق ئۇنغا تۇز سېلىپ سۇ قۇيۇپ چىڭراق خېمىر يۇغۇرۇپ پىلتە قىلىپ تەييارلاپ
تىندۇرۇپ قۇيىمىز.
چامغۇرنى،پىيازنى قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز
قۇرۇش ئۇسۇلى؛قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ پىياز سېلىپ قورۇپ چامغۇرنى سالىمىز
ئۇبدان قورۇپ تۇز،سۇ قۇيۇپ پىشقاندا بىر قاچىغا ئېلىپ قۇيىمىز.
پىلتىنى پىشۇرۇش؛قازانغا سۇقۇيۇپ قاينىغاندا تىندۇرۇلغان پىلتىنى يىنىك سۇزۇپ
ئىنچىكىلىتىپ تارتىمىز ئىنچىكە بولغاندا قازانغا سېلىپ پىشۇرۇپ سۇزۇپ سوغوق سۇدا
چايقاپ ئوز مىىجەزىڭىزگەقارتا ئىسسق ياكى سوغوق قىلىپ قاچىغا ئېلىپ ئۇستىگە
سەي سېلىپ ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ.
شىپالىق رۇلى چامغۇرنىڭ ئوپكىنى ياخشىلاش رولى ئىنتايىن يۇقىرى بۇلۇپ
ئوپكە تىبىركىلىيۇز كېسىلىگە قارتا شىپالىق رۇلى ئىنتايىن كۇرىنەرلىك .
رەسىمدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ ، بۇ لەغمەن ئىتىلگەن شارائىت ۋە لەغمەنگە ئىشتىلىگەن ماتىريال بەكلا ئاددىي ،ئەمما سىز بۇ بىر قاچا لەغمەننى سىز رىستۇران ياكى باشقا بىر ھەشەمەتلىك ئالىي تاماقخانىلاردىن تاپالمايسىز !
بۇ بىر قاچا لەغمەنگە تاماق ئەتكۈچى ۋە ئاۋۇلارغا ئوخشاش زوق بىلەن يىگۈچىلەرنىڭ چوڭقۇر ئىشتىياقى ۋە ھۆرمىتى مۇجەسسەملەنگەن ، ھەرگىزمۇ ئەخلەتخانا ، يەر ئاستى سۇ يوللىرىغا تۆكۈلمەيدۇ .
ئاش ، ناننى قەدىرلەشنى ئۈگۈنۋىلىڭ !
مەنبە : ئۇيغۇر ئاشپەز تور بىكىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-23 08:09 PM