|
|
|
|
ياش بولغان گۇنامۇ ؟
ئارسلان
ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى ، تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق . يىرتلىسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى ، ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر يوپۇرماق .
(ل . مۇتەللىپ )
بىر ئالىي مائارىپ باغچىسىدا ئىقتىسادشۇناسلىق بويچە ئىلىم ئېلىۋاتقان مەن ياش ھېسابلىنىمەن . مۇشۇ ياش ھەم ياشلىق توغرىسىدا ئويلۇنۇپ قالدىم . جەمىيتىمىزنىڭ كۆزى ھازرا ياشلاردا ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا چوڭلارنىڭ ، ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ، ياشانغانلارنىڭ ياشلاردىن تاما قىلىدىغىنى كۆپكەن . ئۇلارنىڭچە جەمىيەتتىكى بارلىق مەسلىلەرنى ياشلار ياش بولغاندىكىن بىز ھەل قىلىشىمىز كىرەك ئىكەن .
ئا: مۇشۇ مەلىنىڭ توپا يولى قاچانمۇ ئوڭشىلار ، قار -يامغۇر بولسىلا پېتىق ....
ب:بىز قېرىدۇق دىسلە مامۇتاخۇن ، بۇنى ياشلا ھەل قىلا ئەمدى ....
بۇ دىئالوگدا ئاددى بىر مىسال ئالدىم ، توغرا بۇنى ياشلار ھەل قىلسا بولىدۇ ، ياشلار پۇل تېپىپ ھەل قىلسا بولىدۇ ، يۇقۇرغا ئىلتىماس قىلىپ ھەل قىلسا بولىدۇ ، ياشلا قولىغا كەتمەن ئېلىپ ئۆزى يول ئېلىپ ھەل قىلسا بولىدۇ .
ئەمدى بۇ يەردە بىر سوئال پەيدا بولىدۇ : مۇشۇ گەپنى قىلىۋاتقان ، ياشلاردىن مەلۇم نەرسىنى ياكى ئىشنى تاما قىلىۋاتقان كىشىنىڭ ياش مەزگىلى بولغانمۇ - يوقمۇ ؟ بۇنى دىسەك نۇرغۇن ياشقا چوڭلا <بىز ياشىغان كوپراتسىيە دەۋرىدە تۇرمۇش جاپالقتى ، قىزىل قوناقنىڭ زاغرىسىنى يەيتۇق ......>دىيشى تۇرغانلا گەپ ، بوپتۇ يېشى 50-60تىن ئاشقانلارغۇ ياشلىقىڭىزنى كوپراتسىيەگە قۇربان قىلىپ ، مەدەنىيەت زور ئىنىقىلابىدا شوئار تولاپ قۇربان قىلىپ بەردىڭىز دەيلى ، خوش ،ئۆتۈپ كەتكىنى 40يىل بولاي دىگەن مەدەنىيەت ئىنقىلابى بىلەن كەلمەسكە كەتكەن كوپراتسىيە يەنە داۋاملىق سىزنىڭ مەسئۇلىيەتتىن قېچىشىڭىزنىڭ باھانىسىمۇ ؟ دىمەك سىز كوپراتسىيە ۋاقتىدا تۇغۇلۇپ قالغىنىڭىز ، شۇ ۋاقىتتىكى مەلۇم بىر مەزگىللىك تۈزۈلمە خاتالىقى سىزنىڭ بىر ئۆمۈر ئۆزىڭىزنىڭ مەلۇم ئىشنى قىلماسلىققا باھانىڭىز شۇنداقمۇ ؟
يېقىندىن بىرى مانا مۇشۇنداق پاراڭلارغا كۆپ داخىل بولىدىغان بولۇپ قالدىم ، مەن تۇرۇپلا بۇ جەمىيەت ياشلارغىلا قالدىمۇ نىمە دەپ ئويلاپ قالدىم ، ئەمما ئۇنداق ئەمەسكەن . ئالىي ئۇنۋېرستتلارنىڭ دەرس مۇنبەرلىرىدە مۇتلەق چوڭلار ، ياشانغانلار دوسكا ئالدىدا ئىكەن . مەملىكىتىمىزنىڭ باش شۇجىسىدىن تارتىپ كەنىت -مەھەللە سېكىرتارلىق ھوقۇقىغىچە بولغان مەمۇرىي ھوقۇق مۇتلەق كۆپ قىسىم ياشقا چوڭ ياكى ياشانغانلار تەرىپىدىن بىر قوللۇق ئىگەللەنگەن . ئەنئەنىۋى ئادىتىمىز بويچىمۇ تۆردە چوڭلار ، پەگادا بىز ياشلار چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ كىلىۋاتىمىز ، ئەلۋەتتە بۇ بىر ئىسىل ئەنئەنە .
دەرس مۇنبەرلىرىدىكى چوڭلاردىن تارتىپ توي تۆكۈندىكى تۆردە ئولتۇرغان چوڭلارغىچە قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار بولسا < سىلەر ياش بولغاندىكىن........ياش ئادەم دىگەن .........>دەپ گەپ باشلاپ بىز ياشلارغا بولغان كىچىك-چوڭ نۇرغۇن تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويىدىكەن ، بىز تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ جىمجىت ئاڭلايدىكەنمىز .
شۇنىڭ بىلەن بىز ياش بولغاندىكىن چوڭلار بىزگە ئىشىنىدىكەن ، بىزنى چوڭ بىلىدىكەن دەپ خوشلۇقتا بىر ئىشلارغا تەمشىلىپ <بىسمىللا >دەپ قەدەم ئالماقچى بولىدىكەنمىز :
دادا: سەن گۇيمۇ ياش بولغاندىكىن .........
بالا : دادا، ئاۋۇ جاڭگال تەرەپتىن ئوتتۇز مو يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلايمىكىن ، سەنچە بولارمۇ ؟
دادا : مۇشۇ ياشلارزە ، ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يىيىشكە ئامراق زادى ، سېكىرتاردىن ئاشامدۇ ئۇ بوز يەر ساڭا ؟ سۇنى ئاسماندىن باشلاپ كىلەمسە ، مەبلەغ سالىدىغانغا پۇل بامۇ ؟ قۇرۇق خىيالنى ئاز قىلىپ ئومۇچۇڭغا ئوت قالا ....
مۇئەللىم :ساۋاقداشلار ، سىلەر ياشلار مىللەتنىڭ كەلگۈسى ، خەلىقنىڭ ئۆمۈدى، كىلەچەكنىڭ ئىگىسى ........
ئوقۇغۇچى : مۇئەللىم ، مىللىتىمىزنىڭ يېقىندىن بۇيانقى 300يىللىق تارىخنى بىر رەتلەپ يېزىپ چىقاي دەپ ئويلاۋاتىمەن ، سىزنىڭچە قانداق ؟
مۇئەللىم : ئۇكام تارىخ يېزىشنى ماقالە يېزىشتەك ئاسان چاغلاپ قالدىڭىزمۇ -يا ، چاق-چاق قىلىدىغان نەرسە ئەمەس تارىخ دىگەن ، نى-نى پىشقەدەم قەلەمكەشلەر قىلالمايۋاتقان ئىش ئۇ ، بولدى ئۇ گەپنى قويۇپ مەۋسۇملۈك ئىمتىھانغا ئوبدان تەييارلىق قىلىڭە .
باشلىق: سىلە ياشلار تايانچى كۈچ ، سىلەر دەۋېرنىڭ چاقى .......
خىزمەتچى : باشلىق ، مىنىڭچە ھەرقايسى ئىشخان _ بۆ لۈملەر بويچە بىر قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك رەتلەش ئېلىپ بارساقمىكىن ، يەنە ......
باشلىق :ئۇكوم ، ئىشخانا - بۆلۈملەرنى رەتلەشنى سىز ما چاپىنىڭىزنىڭ توپىسىنى قاققاندەك ئاسان چاغلاپ قالغانما ، ئوشۇق ئىشقا چات كەيمەي مەن دىگەن ماتېريالنى كەچكىچە تەييارلاڭ بولۇڭ .
ئۇندىن باشقا يېڭىدىن ياشلارنى سۈپەتلەشكە قوشۇلىۋاتقان <پارنىكتا چوڭ بولغان ......كالا سۈتى ئەمگەن ......ئوغۇت يەپ چوڭ بولغان .....>دىگەندەك ئىبارىلەر ھېلىقى قېلىپلىشىپ شۇئارلىشىپ ئەسلى مەنىسىنى يوقىتاي دەپ قالغان <ياشلار دەۋىرنىڭ چاقى، ياشلار كىلىچەكنىڭ ئىگىسى >دىگەن گەپلەرنىڭ ئالدىدا مەيدىسىنى كىرىپ ، گىدىيىپ تۇرغاندەك بىلىنىپ كىتىدۇ .
ياشلاردا مەسئۇلىيەت بار ، بۇ ھەقىقەت ، ئەمما ھوقۇق ، مەيلى ئىقتىسادى ھوقۇق ، مەيلى مەمۇرىي ھوقۇق ، مەيلى سۆزلەش ھوقۇقىدىن تارتىپ تەنقىدلەش ھوقۇقىغىچە چوڭلارنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن . ئۇلار مەسئۇلىيەتنىڭ جىقىنى ئۆزىنىڭ يەلكىسىدىن ياشلارنىڭ بوينىغا ئارتىپ قويغان ياكى ئاتىپ قويۇشقا ئامراق . ئەمما مەسئۇلىيەت زور ياشلارغا شۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىن چىقالىغۇدەك ھوقۇق بىرىلمىگەن ، ھوقۇقسىز مەجبۇرىيەت قۇرۇق گەپتىن باشقا نەرسە ئەمەس . بىر ياش بىر ئەسەر يېزىپ تەھرىر بۆلىمىگە ئاپارسا ھېلىقى قاپىقى يامان چوڭ ياشلىق مۇھەرىرلەردىن قورقۇپ بىچارىنىڭ يۈرەك دىگەن دۈپۈلدەپ ، پۇت- قول دىگەن تىتىرەپ ئاغزى گەپكە قولاشماي ئارگىنالنى تاشلاپ بىرىپ ئاران چىقىۋالىدۇ ، ھېلىقى پىشقەدەم مۇھەرىر ئاكاش بولسا <ھازىرقى ياش نىمىلەر ، شۇ ھالىغا ئەسەر يازارمىش ......>دىگىنىچە كۆزىگە سىغمىسا ئارگىنالنى ئۈستەلنىڭ يېنىدىكى ھېلىقى سىۋەتكە تاشلاۋاتقان ، ياكى نوپۇزلۇقلارنىڭ كەينىگە ئۆچرەتكە تاشلاپ قويغان ، ئۆچرەت كەلگۈچە ياز كىتىپ قىش كەلگەن ، شۇنىڭ بىلەن يازمىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن .
شۇنىڭغا قاراپ بەزىدە مۇشۇ ياشانغانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ <قېرىدۇق ، ئەمدى ئىش ياشلارنىڭ .....>دىگەن گىپىنى يالغانكەن دەپمۇ قالىمەن . ياكى قېرىغانسىرى ئادەم ياشلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان ، ھوقۇقنى قولىدا بىر كۈن بولسىمۇ چىڭ تۇتىۋالغۇسى كىلەمدىكىن ئوقمۇدۇم ، بىزمۇ قېرىغاندا بىلەرمىز - ھە .
چوڭلۇرۇم ، بۇ گەپلەرنى قىلسام قۇلىقىڭلارغا تازا خوش ياقمايدىغىنىنى بىلىمەن ، شۇنداقتىمۇ ئىككى ئېغىز <يامان>گىپىڭلارنى قىلغۇم كەپ قالدى ، ئەيىبكە بۇيرمايسىلەر ، بىلىسىلەرغۇ <بۇ دەۋىردىكى ياشلارغۇ چوڭلارغا شىلتىڭ ئېتىشتىنمۇ يانمايدۇ >
ئىلاۋە : تورداشلارنىڭ مۇشۇ مەسلە ئۈستىدە ئازراق ئويلۇنۇش ئېلىپ بېرىشىنى ئۆمىد قىلىمەن .
بۇ تىمىدا مەن ھەممە چوڭلار شۇنداق دىمەكچى ئەمەس ، بىز ياشلارغا ئەمەلىيتى بىلەن ئۈلگە بولۇپ كىلىۋاتقان چوڭلىرىمىز ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس ، پەقەت جەمىيەتتىكى مۇشۇ خىل ئەھۋالنىڭمۇ خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرمەكچى ، تورداشلارنىڭ مۇشۇ نوقتىغىمۇ دىققەت قىلىشىنى ئۆمىد قىلىمەن .
ھۆرمەت بىلەن :ئارسلان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 52arslan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-23 10:11 PM
|
|
|
|
|
|