پايتەختتە 2012-يىللىق نەۋرۇز تەنتەنىسى (دەسلەپكى خەۋەر)
پايتەخىتتە نەۋرۇز 26 يىلدىن بۇيان مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇغۇچى ـ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاساس قىلىپ پايتەخىتتە خىزمەت قىلىۋاتقان دوستلار بىلەن بىرلىكتە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى بولغان نەۋرۇزنى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ كۆلەملىك پائالىيىتىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىدا ئۆتكۈزىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك قاتارلىق تۈركىي تىللىق دوستلارمۇ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىدۇ.
بۇ يىلقى 26-قېتىملىق نەۋرۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى مەكتەپلەردە دەرس ئوقۇلىدىغان مەزگىلگە توغرا كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تۆت كۈن كەينىگە سۈرىلىپ، 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى (يەكشەنبە) مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىدا داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىدا ئۆتكۈزىلىدىغان «نەۋرۇز بايرىمى»نى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى نۇمۇر تاللاش قاتارلىق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ رەپىتىسىيە باسقۇچىغا كىردى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئىككى بۆلەك بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىرىنچى بۆلەكتىكى پائالىيەت شۇ كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 13:00 دە مۇراسىم زالى سىرتىدا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئۇيغۇر تىل ـ ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ۋە تەييارلىق مائارىپ ئىنىستىتوتىدىن تەشكىللەنگەن يىگىتلەرنىڭ مەردانە ساماسى بىلەن باشلىنىدۇ، سامادىن كېيىن نەۋرۇزغا ئاتاپ مول ـ مەزمۇنلۇق نەۋرۇز مەدھىيەلىرى ئوقۇلىدۇ، مەشرەپ ۋە تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىككىنچى بۆلەكتىكى چوڭ كۆلەملىك سەنئەت پائالىيىتى 15:00 دە مۇراسىم زالى ئىچىدە باشلىنىپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەر قايسى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن دوستلارنىڭ سەرخىل نۇمۇرلىرى نەۋرۇز ئەھلىگە سۇنىلىدۇ.
خاسىيەتلىك توي بۈگۈن بېيجىڭدا نەۋرۇز شاتلىقى،
نۇر چېچىپ ئەۋلادتقا ئىز قالغاي مىراسى ئەجدادلىقى،
كەلدى نەۋرۇز، كۈلدى دېھقان بارچە دىللار يايرىدى،
باغ ئارا بوستان ئارا بۇلبۇل خەندان سايرىدى.
ئېھتىرام بىلەن
شەۋقىي تورى مۇخبىرلىرى:
كەرىمە قۇربان (دوست)
راھىلەم تۇرسۇن (ئەلىف) خەۋرى
مەنبە:
http://www.shewqiy.com/thread-1104-1-1.html