Diablo يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 07:54 PM 
مىنىڭ ماشىنام بەكلا ئاسان قىززىپ كىتىدۇ~~بەزىدە ماتۇرن ...
ياخشىمۇسىز،نورمال ئەھۋالدا ئاپتوموبىل تېمپراتورىسى 90گىرادۇس ئەتراپىدا(يەنى سائەت ئىستىرىلكىسى ئوتتۇردىكى سىزىقچىدىن سەل-پەل تۆۋەن ھالەتتە تۇرىدۇ)بولىدۇ.قىش پەسلىدە ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ ماڭغاننى قوشقاندا 20مىنۇت ئەتراپىدا ئاشۇ نورمال قىممەتكە بارىدۇ،يازدا 10-15مىنۇت ئەتراپىدا نورمال قىممەتكە يېتىدۇ.سىزنىڭ ماشىنىڭىزنىڭ تېمپېراتۇرا سائەت ئىستىرىلكىسى مەن دىگەن ئورۇندا بولسا نورمال بولغان بولىدۇ،كاپوتنى ئاچقاندا ماتورنىڭ قىززىپ كېتىشى نورمال ئەھۋال.شۇنداقتىمۇ توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلىغى防冻液نى تەكشۈرۈپ بېقىڭ،بەلكىم ئازلاپ كەتكەن ياكى كونىراپ كەتكەن بولسا ماشنىا تېز قىززىيدۇ،ئەگەر داۋاملىشىۋەرسە ماتورنى كېرەكتىن چىقىىردۇ.تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ماتور سوغۇق ۋاقىتتا كاپوتنى ئېچىپ سۇ باكىنىڭ قاپقىغىنى ئېچىپ كۆرىسىز،توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلىغى قىزىل ۋە كۆك ئىككى خىل رەڭدە بولىدۇ،ئەگەر سۇ ئورنى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسا ياكى رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا دەرھال رېمونتخانىغا ئاپىرىپ ئەسلىدىكىنى پۈتۈنلەي ئاقتۇرۋېتىپ،يېڭىدىن قۇيغۇزۇڭ،ئەڭ ياخشىسى پېئوگوتنىڭ ئۆزىنىڭكىنى قۇيۇڭ،ئەگەر تېپىلمىسا ماركىلىقنى ئېلىپ قۇيۇڭ.
ئەسكەرتىش: بۇ ئىنكاسنى مۇنبەردىشىمىز Suchi تەمىنلىدى . ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.