مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2743|ئىنكاس: 52

تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن _ تورخانىدىكى جىدەل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەربىر كۈنىنى خۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2516
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 381 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 09:23:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                   تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن...
                                                                                          _ تورخانىدىكى جىدەل

       بىر كۈنى ئاغىنىلەر بىلەن كوچا دوقمۇشىدا  پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق. بىر چاغدا تۇرغۇن ئالدىمىزدىن ئۆتۈپ قالدى. سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن ئارىمىزدىكى بىرەيلەن تۇرغۇندىن سورىدى:
- ئاداش قەيەرگە ماڭدىڭ؟
- تورخانىغا ماڭدىم.
    تۇرغۇن شۇنداق دەپلا ئالدىرىغىنىچە ئۆز يولىغا ماڭدى. ئۇنىڭ كېتىشى بىلەن پارىڭىمىزنىڭ تېمىسى تۇرغۇنغا يۆتكەلدى:
- ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تۇرغۇن بىكار بولسىلا تورخانىدا يۈرىمىشقۇ؟
- ئەبەي بىلەن شىرىك ئىكەن، تورخانىدىن كىرگەن كىرىمنى تەڭ ئىككىگە بۆلىدىكەن.
- تۇرغۇننى كومپىيۇتېرغا بەك ئۇستا دەيدىغۇ، ئۇ كومپىيۇتېر تاختىسىغا قارىمايمۇ خەت باسالايدىكەن.
- مەنمۇ نەچچە قېتىم تۇرغۇننىڭ باشقىلارنىڭ خاتا يازغان خەتلىرىنى تۈزۈتۈپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
-ئۇ تېخى، توردا قالايمىقان نەرسىلەرنى كۆرمە، دەپ بالىلارنى باشقۇرۇپ يۈرگىدەك.
ئاغىنىمىز قەيسەر تۇرغۇنغا چۈشۈۋاتقان ماختاش سۆزلىرىگە زادى چىدىيالمىدى:
- تۇرغۇن ئوقۇغان مەكتەپتە مەنمۇ ئوقۇغان،مەنمۇ باسالايمەن ئۇ خەت دېگەننى،  تېخى چ چ دا پاراڭلىشالايمەن.چ چ سىمغا قاچىلىۋالغان قىزلارنىڭ سانىلا يۈزدىن ئاشىدۇ. تېخى مۇنبەرگە چىقىپ ماقالىلەرگە ئىنكاس يازالايمەن. تور ۋە كومپىيۇتېرغا ئائىت مەن قىلالمايدىغان ئىش يوق جۇمۇ، بالىلار.
- تولا پوچىلىق قىلما، سەن كومپىيۇتېرنىڭ چاشقانغا ئوخشايدىغان تىزگىنىكىنى باشقۇرالىساڭ چوڭ گەپ.
- سەن نېمىنى بىلەتتىڭ، شەھەرگە كىرسەملا تورخانىدىن بىرنى تاپىمەن-دە، تاماشانى باشلايمەن. توردا تونۇشقان نەچچە مۇھەببىتىم بار ھازىر مېنىڭ! يۈرە، بولمىسا تورخانىغا، مېنىڭ بىڭسىمنى كۆرۈپ قوي، تۇرغۇن دېگەن كۆكەمە يامانمۇ، مەنمۇ ؟
   ئاغىنىلەر شۇنداق دىيىشكىنىچە قىيا-چىيا قىلىشىپ تورخانىغا قاراپ مېڭىشتى. مەھەللىمىزدە ئاران بىر تورخانا بولۇپ، تىجارەت باشلىغىلى ئاران يېرىم يىل بولغان بولسىمۇ مەھەللىدىكى بىكارچى بالىلارنىڭ جەننىتىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
- ھەي قەيسەر، بۇ كۈنلەردە بەك زىرىكىپ قالدىم قۇچقاچلىرىڭدىن بىرەرنى ماڭا بەرمەمسەن
- چاتاق يوق، ئەمما سەن چ چ دا پاراڭلىشىشنى، قۇچقاچلارنى قانداق كەلتۈرۈرۈشنى ئۈگەن.
- ھەممىنى سەنلا بىلمەيسەن، بىز بىلىدىغان ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس جۇمۇ.
- ھەي ئاغىنىلەر، تور دېگەنمۇ بولىدىغان نېمە ئىكەن، قايسىبىر كۈنى سەھەردە تورخانىغا كىرسەم ئادەم بەك ئاز ئىكەن، مەن ئۆتكەندە بازارلىق ئاغىنىلىرىمدىن يېزىۋالغان بىر تور ئادرىسى بىلەن تورغا چىققان ئىكەن، كېيىمىنىڭ تايىنى يوق نۇرغۇن گۈزەللەر كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى، گىپىنى قىلما، كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىكەن ئەمەسمۇ.
- ھەي ئاداش، ھېلىقى كۆرۈنۈشلەرمۇ بارمىكەن، ھېلىقى، قۇچاقلىشىدىغان...
- ئاكاڭ قارىغاينىڭ كەينىدىن كىرسەڭ، خېلى نەرسىلەرنى كۆرۈۋالىسەن تېخى.
قەيسەرنىڭ بۇ سۆزلىرى بىزنىڭ قىزىقىشىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى، قەيسەر يەنە سۆز باشلىدى:
- بىر كۈنى بىر مۇنبەرنى ئاچسام مۇنبەردىكىلەر ئاشىق-مەشۇق بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزمەسلىكنى  تالىشىپ ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق بولۇپ كېتىپتۇ، مەن ئىنكاسلارنى ئوقۇپ،ئۆتكۈزمەسلىككە مايىل تەرەپنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم-دە، شۇنىڭ بىلەن ئايەت-ھەدىسلەردىن شىپى كەلتۈرۈپ، قارشى تەرەپتىكىلەرنىڭ ماڭقىسىنى چىقىرىۋەتتىم.
- ھەي ساراڭ، سەن قارى يا مۇللام بولمىساڭ، ئايەت- ھەدىسلەرنى نەدىن بىلىسەن، ئايەت-ھەدىسلەرنى يالغاندىن دېسە قاتتىق گۇناھ بولىدۇ، جۇمۇ.
- تورغا چىقساڭ دىنغا ئائىت مەزمۇنلار ساماندەك، شۇ يەردىن كۈچۈرۈپ ئېلىپ كەلدىم، شۇ.
- ھېلى سەن ئاشىق-مەشۇق بايرىمىنى ئۆتكۈزمەسلىك تەرەپدارى بولدۇم دېدىڭ، ئۇنداقتا، 2-ئاينىڭ14-كۈنى سەن مۇھەببىتىڭنى باشلاپ شەھەردە ئويناپ كەلدىڭغۇ؟
- ھەي، مېڭىسىنى قاغا چوقۇۋالغان دەلتۈش توردىكى ئۇ گەپلەرنى جىدەل-ماجرانى ئاۋۇتۇپ تاماشا كۆرۈش ئۈچۈن قىلىدىغان گەپ. شۇنىمۇ بىلمەي، تورخانىدا پوق بارمۇ ساڭا...
بىز مۇشۇنداق گەپلەر بىلەن تورخانا ئالدىغا كېلىپ قالدۇق. ئۇ يەردە بىر-مۇنچە 15-16 ياشلاردىكى بالىلار تۇرغۇننى تىللىشىپ تۇراتتى.
- تۇرغۇنكاممۇ ساراڭ ئىكەن، سائىتى ئىككى كويلۇق تورغا، ئۈچ يۈەندىن بەرسەكمۇ ئۇنىماي، 18ياشتىن ئاشقاندا كەل، دەپ چىقىرىۋەتتى.
- مەن تور ئوينىمايمەن، ئويۇنچۇق ئوينىغانلارنىڭ بېشىدا قاراپ تۇراي دېسەممۇ قوشۇلمىدى، دەيمەن، بەك ئاچچىقىم كەلدى، كۈچۈم يەتسە تازا ئۇراتتىم جۇمۇ ئۇنى.
- خەپ، مەنمۇ چوڭ بولارمەن، تورخانىدىن بىرنى ئېچىپ، قېرى بوۋايلارمۇ كىرسە ماقۇل دەپ تازا پۇل تاپمىسام.
تورخانىغا كىردۇق، تورخانىدا خېلى ئادەم كۆپ ئىدى، قەيسەر پۇل تۆلەپ، چەتتىرەك بىر كومپىيۇتېرنى ئاچقۇزدى. پۇلنى ئەبەي تاپشۇرۇپ ئېلىۋاتاتتى. تۇرغۇن بولسا ئىشىك يېنىدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ كومپىيۇتېرغا قاراپ ئولتۇراتتى.
  بىز تورنى ئېچىپ، ھېلىقى مەزمۇنلارنى ئىزدەپ تاپتۇق.
- مانا چىقتى، قارا ئاۋۇ قىزنىڭ فىگورسى چىرايلىقمىكەن.
- توختا، توختا، ئاۋۇ قىزنىڭ پاچىقى ئەجەپ ئۇزۇن ئىكەن.
- ھەي، ئاغىنىلەر، رەسىملىرىنى كۆرۈپ ئاۋارە بولغاندىن كۆرە ،ھېلىقى كىنونىلا تاپمامدۇق.
بىز پەس ئاۋازدا سۆزلەشسەكمۇ ئەتراپتىكىلەر بىز بار تەرەپكە بويۇنداپ قاراشقا باشلىدى، بىز ئۇلارغا پەرۋا قىلماي، ئىشىمىزنى قىلىۋەردۇق. بىر چاغدا تۇرغۇن يېنىمىزغا كەلدى.
- ئاغىنىلەر، بۇنداق رەسىملەرنى كۆرسەڭلار ھەم ئەخلاقىمىز ھەم دىنىمىزنىڭ قائىدە- يۇسۇنلىرىغا توغرا كەلمەيدۇ، ئەڭ ياخشىسى باشقا ئىش قىلىڭلار، تۈركىيىنىڭ، شىياڭگاڭنىڭ ياخشى كىنولىرى بار شۇنى تېپىپ بېرەي، بولمىسا، مۇنبەردە بىزدەك كۆپ ئوقۇيالمىغان بالىلارنىڭ كاللىسىنى ئاچىدىغان ئىسىل ماقالىلەر ئاۋۇپ قالدى...
  تۇرغۇننىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن ھەممىمىزنىڭ كەيپىياتى ئۇچۇپ كەتتى، تۇرغۇن بار يەردە بىزگە زادى ئاراملىق بولمامدىغاندۇ؟
- ھەي ئاداش، بىز تورخانىغا پۇل تۆلەپ كىردۇق، نېمە كۆرسەك سېنىڭ نېمە ئىشىڭ بار؟
-پۇل تۆلەپ كىرگىنىڭ راسىت، بىراق تورخانىنىڭمۇ ئۆزىگە لايىق تۈزىمى بار، ئۇنداق شەھۋانى رەسملەرنى كۆرسەڭ بولمايدۇ.
-شەھەردىكى تورخانىلاردا كارى يوققۇ،  ئاغىنەم دەپ سىلىق گەپ قىلغاننى بىل، سەندىن باشقا ئادەم پېقىرنى توسقان بولسا، بۇ چاغقىچە قۇلىقىنى يەردىن ئىزدەپ يۈرگەن بولاتتى.
- ئاغىنىلەر، بىز ھەممىمىز ئۇيغۇر تۇرۇپ، مۇسۇلمان تۇرۇپ، بۇنداق ئادەمنى چۈشكۈنلىككە باشلايدىغان نەرسىلەرنى كۆرسەك بولمايدۇ، زېيىنى كۆپ ئىش بۇ...
-ھەي، ھازىر بۇنداق رەسىملەردىن قېلىشمايدىغان بىر نېمىلەر تىلۋۇزۇرلاردىكى كىنو، ئىلانلاردىمۇ چىقىدۇ، نوچى بولساڭ ،ئاۋۋال شۇنى يوقىتىپ ئاندىن ئالدىمغا كەل، بولمىسا كۆزۈمدىن يوقال، ماۋۇ يەردە بىر مىنۇت ۋاقىتمۇ پۇلغا ماڭىدۇ، نەدە بولسا ئادەمگە چىۋىندەك چاپلىشىۋالىدىكىنە بۇ،  زادى تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن بۇ.
  گۈزەل نازىنلارنىڭ قىلىقلىرىنى كۆرەلمەي ئاران تۇرغاندا. تۇرغۇن ئۇنى دېسەك بۇنى دەپ، تىللاشلىرىمىزغا پەرۋا قىلماي ئاچچىقىمىزنى تازا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن قېنى قىزىپ ئاران تۇرغان ئاغىنىمىزنىڭ بىرى ، تۇرغۇننىڭ مەيدىسىگە بىرنى ئۇرۇپ جىدەل چىقاردى. تۇرغۇننىڭ دىۋىدەك كۈچى بولغىنى بىلەن قورقۇنچاق بولغاچقا بىزگە قول ياندۇرماي، ئۆزىنى قوغدىدى.
-  سەندەك ناچار خۇمسىنىڭ كۆرىدىغان كۈنۈڭ بار تېخى.
- پۇل تېپىشنى بىلمەيدىغان دېۋەڭ ئىكەنسەن، نامەرد گۇي!
-مەھەللىمىزنىڭ چۈپرەندىسى ئىكەنسەن، بۈگۈن تازا ئۇرمىساق سەن گۇينى.
  تۇرغۇن بىزنىڭ تەھدىتلىرىمىزدىن قورقماي ئاچچىق كۈلۈپ قويدى.ئۇنىڭ پەرۋاسىز ھالىتى بىزنىڭ  تېخىمۇ  ئاچچىقىمىزنى كەلتۈردى.
  ئاغىنىلەر ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا تورخانىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كېلىپ تۇرغۇنغا بولۇشتى. ئەمدى بىز ئاز سانلىققا ئايلىنىپ قالدۇق.ئاخىرى ئامالسىز، خەپ تۇرغۇن، سېنى ئايرىم يەردە ئۇچرىتىپمۇ قالارمىز، دەپ تورخانىدىن ئايرىلدۇق ( 6-بۆلۈم)

   مەنبەسى: ئۆزەم.





تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-30 09:29 AM):
بايانات:ئەسەرلىرىمنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.(روزىمۇھەممەت ئىرپان )

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر

غەلبە ھامان بىزگە مەنسۇپ!.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 1386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8906
تۆھپە نۇمۇرى: 2157
توردا: 1924 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 11:02:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرغۇننىڭ قىلغىنى توغرا بولغاچقا ئۇنىڭغا يان باسىدىغانلار جىق چىقىپتۇ!داۋاملىق تۇرغۇننىڭ ئاغىنلىرى جىقراق زىيان تارتىدۇ دىسە!داۋامى بولسا يانا يوللارسىز!

ھەممىسى سەن ئۈچۈن!ھەممىسى......

كەڭ قۇرساق بولاي

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 2606
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17444
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 5808 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 11:02:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز شۇنداق قىلدىڭىزمۇياكى ...............مۇنبەردىكى بەزى بىر ئىللەتلەرنى تەنە قىلىپ سۆكۈپ يازدىڭىزمۇ؟...............نۇرغۇنلار نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشمەيدۇ ،بۇنى كۆرسە نىمىنىڭ توغرا، نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالغۇدەك........ئەھمىيەتلىك تېما بولۇپتۇ.........قەلىمىڭىز خېلى كۈچلۈك ئىكەن.........

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  ئاتا  قىل  ،  لىكىن  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

UZ

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70069
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2011-12-13
ئاخىرقى: 2012-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 11:07:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
Vafosizda hayo yo‘q, hayosizda vafo yo‘q.ۋاپاسىزدا ھايا يوق،ھاياسىزدا ۋاپا يوق

ئاتۇش ۋاسكىتبول

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 1754
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1827
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1326 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 11:07:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىپ كۆرىدىغان مەزمۇندىكى شۇ ناچارلارنى كۆرۈپ چىقىپسىلەر دە

ئۇنداقلار ئاتايەن پۇل تۆلەپ ، نەدە بىر رەپ - رەپ كومنى تاللاپ ، ئىۋۇ بىر چەتكە بىرىپ ئولتۇرۋالىدىكەن دىسە . مەنغۇ ئادەتتە ئۆيدىن ياكى ئىشخاندىن تورغا چىقىمەن . بىرەر يەرگە بىر دوستۇم بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ چىقىپ ، لېكىن ئۇنى ساقلاشقا توغرا كەلسە ، شۇ ئەتراپتىكى ئەڭ يېقىن تورخانىدا ئولتۇرۇپ ساقلىغان ۋاقىتىنى ئۆتكۈزىمەن .
مۇنداقلار بىر نەچچە قېتىم كۆزۈمگە يولۇقۇپ قالدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ تورخانىغا كىرىۋىلىپ ، يۇقىرى ئاۋازدا ھۇ ئانڭنى ...............ئۇنداق - مۇنداق دېگەندەك سەت گەپلەر بىلەن بىر - بىرنى تېللىشىپ تور ئويۇنلىرىنى ئويغاندىغانلارنىڭ زۇۋانىغا توشەينى سېلىپ بىر قاپلاپ قويسام دەيمەن .
بۇ تېمنى ئوقۇۋىتىپ ئاۋۇ گۇيغا ئەجەب ئاچچىقىم كەلدى ، ئۇنىڭ بىشىغا ماۋۇ پۇتۇمدىكى توشەينى سېلىپ تازا قويسام ھە

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم . يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

غەلبە ھامان بىزگە مەنسۇپ!.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 1386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8906
تۆھپە نۇمۇرى: 2157
توردا: 1924 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 11:10:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
篮球美女 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-22 11:07 PM
شۇنداق قىلىپ كۆرىدىغان مەزمۇندىكى شۇ ناچارلارنى كۆرۈپ ...

ساپما كەشىڭىز مەينەت بوپ كىتىدۇ!مەنچە تىلىنى كىسىۋىتىش ياخشى چارىمىكى دەيمەن

ھەممىسى سەن ئۈچۈن!ھەممىسى......

فىلىم ئشلەش ھەۋە

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 942
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5409
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4363 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 11:15:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net

مەن سۆيگەن ياشلى

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 911
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 32259
تۆھپە نۇمۇرى: 963
توردا: 3087 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 11:58:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  تۇرغۇننىڭ مەھەللىسىدىكى گۇيلار جىڭ تاياق قېپى گۇيلاركەن.

جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى. شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40223
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1969
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 1981 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2012-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 11:58:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇ تۇرغۇن دېگەن ئاغىنىڭىزنى ماڭا بىر تۇنۇشتۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن. قىيامەتلىك دوس بولغۇم كېلىۋاتىدۇ. ياكى ئۆزىڭىزمۇ يە تۇرغۇن دېگەن؟

مېنىڭ تېرەمنى سويسىمۇ ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوسىت بۇلالمايمەن .

فېدىراتسىيە ئالاھىدە قىسمىدىن

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77326
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1643
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2012-3-12
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 12:38:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ye ye ye ... ~  样子 ~ Sez Den ~ 动作 ~ Bez Den ~ Bo LaM 。 Mi SaNG 。 滚撒
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش