مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1910|ئىنكاس: 22

يىمەكلىكلەردىكى.... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73426
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2773
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-1-18
ئاخىرقى: 2013-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 09:11:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم، مەن تۆۋەندە تىيەنجىن شەھرىدىكى مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزنىڭ تەكشۈرۈشىدە بايقالغان، مۇسۇلمانلار ئىستېمالىدىكى ھارام يېمەكلىكلەرنى سىلەرگە بىلدۈرمەكچىمەن.
بۇ ھەر بىر مۇسۇلمان قىلىشقا تېگىشلىك بولغان يېمەكلىككە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە بولغاچقا دانىش مۇنبىرىدىن ئېلىندى، ھەممىڭلارنىڭ كۆرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن يېمەكلىك مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشىڭلارنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن ھەم ئۇلۇغ ئاللاھدىن ياردەم تىلەيمەن.
ئاپتۇرى _ تىيەنجىن شەھرىدە مۇسۇلمان، تەخەللۇسى ئۈرۈمچى
لىنشىيا شەھەرلىك تەشۋىقات كومتېتى بىسىپ تارقاتتى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مېھرىبان ئاللاھقا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇن.
ھازىر مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان رايونلاردا بۇلغىنىش مەسىلىسى ناھايىتى ئېغىر، نۆۋەتتە پۈتۈن مۇسۇلمانلار ھالال بولمىغان يېمەكلىكلەرگە يۈزلەنمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبى، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى، يېمەكلىك تاللاشتا شەرخىللىشىش، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇش، شەكىل جەھەتتىن دەۋرىلىشىش ئەھۋاللىرى سەۋەبلىك كىشىلەر ئېڭىدا "خەنزۇچە" دەپ يىزىلماي "مۇسۇلمانچە" ياكى "ھالال" دېگەن خېتى بار يېمەكلىك بولسىلا بولىۋېرىدۇ دەيدىغان قاراش پەيدا بولدى. اللە تائاللا قۇرئان كەرىمدە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:« اللە سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى ھەم اللەنىڭ نامى بىلەن زىكىرى قىلىنماي بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى». قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىستىكى بايانلار مۇسۇلمانلارنى ئۆز ھالىمىز توغرىلىق ئويلىنىپ بېقىشقا دالالەت قىلىشقا كۇپايە. اللە قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:«روھىنى پاك قىلغان ئادەم مۇرادىغا يىتىدۇ. نەپسى(كۇفرى ۋە پىسقى-فۇجۇر بىلەن)كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ». (91-سۈرە 10-ئايەت) بىر مۇئىمىن ئېھتىياتسىزلىقتىن ھارام نەرسە يەپ سالسا، چىن دىلدىن تۆۋە قىلىشى كېرەك. ئەگەر ھازىرقى جەمئىيەتتە بىر قىسىم ئادەملەر ھەر كۈنى ھارام نەرسىلەرنى ئېستىمال قىلىۋەرسە ئۇنى قانداقمۇ ئىسلامغا ئەقىدە قىلغان مۇسۇلمان دېگىلى بولسۇن؟ تۈرلۈك يېمەكلىكلەر ھالال-ھاراملىقى ئايرىلماي تۇرۇپلا بازارلىرىمىزغا تولۇپ كەتتى. ئۇنى ئايرىپ ئىستېمال قىلىش سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇسۇلمانلار قاتتىق ئېتىبار قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. مەن اللەنىڭ رىزاسى ئۈچۈن نەچچە يىللىق جاپالىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن پاكىت ئاساسلىرىمنى قەلەم بىلەن بايان قىلىپ ئەھلى ئۆلىما ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم.
    مەن ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن لىنشىيادىكى داشىگۈۋەن جامەسىدە، جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، بېيجىڭ، تىيەنجىن، خېبىي، شەندۇڭ، يۈننەن، شىنجاڭ قاتارلىق رايونلاردا بازارغا سىلىنىۋاتقان ھەر خىل "مۇسۇلمانچە" ئەمەس يېمەكلىكلەرنى تەكشۈرۈش جەريانىدىكى ئەمىلى ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىش شەرىپىگە ئىرىشتىم.
    بىرىنچى چوڭ مەسىلە سۆڭەك يىلىمى (骨胶) دۇر. سۆڭەك يىلىمى بولسا تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىدىن ۋە تېرىسىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، يىپىشقاقلىقى كۈچلۈك بولغان يىلىم، بۇنى كۆپچىلىك ھەممەيلەن بىلىدۇ. بۇ ئەنئەنىۋى مەھسۇلات ئەسلى ياغاچ ماتىرىياللارنى يەملەشكە ئىشلىتىلەتتى. تېخنىك تەرەققىياتى بىلەن ھازىر سۆڭەك يىلىمىنى يېمەكلىكلەرگە ئىشلىتىدىغان سۈزۈك، چاپلىشاڭغۇ بولغان تۈرلۈك يىلىملەر پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان بولدى. بۇ ئىنچىكە پىششقلاپ ئىشلەنگەن يىلىم ھازىرقى سېغىز¬(پوپوتاڭ)، ئىغىز پۇراقلىق قىلىش كەمپۇتى، شاكىلات(چوكىلى)، سۈت كەمپىتلەرگە قوشۇلىدۇ. يىلىم بولمىسا بۇ مەھسۇلاتلارنى ياساش مۇمكىن ئەمەس. ھازىرقى تېخنىكا يېڭىلاش دەۋرىدە يىمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان يىلىم يەنە سوغاق يېمەكلىكلەرنى ياساشقا ئىشلىتىلمەكتە. مەسىلەن: قايماقلىق سۈت پاراشۇگى، سۈتلۈك چوكامۇز(بىڭگۇر)، سۈتلۈك مارۇژنا(بىڭجىلىن)، مېۋە تۈرمىسى ... قاتارلىقلار. سۆڭەك يىلىمىنىڭ قاتۇرۇش رولى بولۇپ، مەھسۇلاتنىڭ ئاسانلىقچە ئېرىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەن تىيەنجىن شەھەرلىك قىزىل يۇلتۇز سوغاق ئېچىملىكلەر زاۋۇتىغا يەنى كاڭلى سوغاق ئىچىملىك زاۋۇتىغا بىرىپ تەكشۈردۈم. تېخنىك خادىم بىزگە زاۋۇت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى.

(1)بۇ زاۋۇتنىڭ مەھسۇلاتلىرى مۇسۇلمانلار رايونىغا كۆپلەپ يۆتكىلىدۇ. زاۋۇت ئىشچىلىرى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىش-كەلمەسلىكىنى ئەلۋەتتە ئويلاشمايدۇ. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىدە سۆڭەك يىلىمى بار.
(2)بوتۇلكىغا قاچىلانغان مۇراپپا ۋە شەربەتلەر يەنى شاپتۇل، ئامۇت، ئەنجۈر،ئاپلىسىن، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى ياساش مەسىلىسى بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى ياساشتا 85-يىلدىن ئىلگىرى 500 گرام دىتسىللەنگەن سۇغا ئالتە جۈپ قەن سېلىپ، ھاۋانى سۈمۈرۋېلىپ، ئېغىزىنى ھىم ئىتىپ دېزىنفىكسىيە قىلاتتى. ھازىر قەنت سىيىش كېسىلى، زىيادە سېمىزلىك، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرى كۆپەيدى. بۇنىڭ بىلەن زاۋۇتلارغا يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەشتە قەنت مىقدارىنى ئازايتىش توغۇرلۇق بەلگىلىمە چىقىرىلىدى. كېيىن بۇ زاۋۇتلار سۆڭەك يىلىمىنى دىتسىللەنگەن سۇغا قوشۇپ قەنت مىقدارىنى ئازايتىش ئامالىنى قوللاندى. ھازىرقى كونسىرۋالارنىڭ سۈيىنى تۆكىۋەتسەك، تەركىۋىدە ئوماچقا ئوخشاش بىر قەۋەت قويۇق ماددا بارلىقىنى كۆرىمىز. مانا بۇ سۆڭەك يىلىمى ئىشلىتىلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.
(3)ھازىرقى خالتىلىق ناۋات(يەنى كرىستاللانغان ناۋات دەپمۇ ئاتىلىدۇ). يىگەندە چۈرۈك، تەمى تاتلىق، قاتتىق ئەمەس ھەمدە نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى، تېخىمۇ مۇھىمى يۇقىرى تېمپېراتۇرا پەسلىدە ئاسانلىقچە ئېرىمەيدۇ، ساقلاشقا ئەپلىك. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا سۆڭەك يىلىمى ئىشلىتىلگەن.
(4)مېۋە قېتىشمىلىرى بولسا پۈتۈنلەي سۆڭەك يىلىمىگە رەڭ كىرگۈزگۈچى ۋە تەم قوشقۇچى قاتارلىقلاردىن ياسالغان بولۇپ، بالىلار ئېچىملىكلىرى خېمىيىلىك چەكلەنگەن مەھسۇلاتتۇر. بۇنداق مەھسۇلاتنىڭ تەمى ۋە قەنت تەركىۋى ئىلگىركى ئۇسۇل بويىچە تەييارلانغانلىرىدىن 15 ھەسسە كۆپ بولىدۇ. ياسالمىلىرىغا مەبلەغ ئاز، پايدا كۆپ بولىدىغان سۆڭەك يىلىمىدىن پايدىلىنىدۇ.
(5)كېسىلگەن ئاش(挂面) ئىچىگە سۆڭەك يىلىمى سىلىش _ بىر ئاش كىسىش زاۋۇتىغا بىرىپ تەكشۈرگەندە، زاۋۇت خادىملىرى بىزگە ئوچۇقلا قىلىپ :"ئەگەر كېسىلگەن ئاشنىڭ خېمىرىغا مۇۋاپىق نىسبەتتە سۆڭەك يىلىمى ئارىلاشتۇرمىساق، سۇدا ئۇزاق قاينىتىلسا ئوماچقا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ" دېدى. بىز ئاش كېسىش ئورنىدا كېسىلگەن ئاشنى قازاندا قاينىتىپ، سۈيىنى پۇراپ باقسىڭىز سۆڭەك يىلىمىنىڭ ھىدى كىلىدۇ.
(6)پىنتوزا ياساش: پىنتوزا پۇرچاق تۈرىدىكى ئەشىيالار، كۆممە قوناق، ياڭيۇلاردىن پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان بولۇپ، يۇقارقى خام ئەشىيالارغا بەلگىلىك نىسبەتتە سۆڭەك يىلىمى قوشۇلىدۇ. بولۇپمۇ لازىجاڭ ۋە تىتىقۇ ئىچىگە سۆڭەك يىلىمى قوشۇلىدۇ. باشقا تۈرلەرنىڭ سەل ئازىراق. ئەگەر لازا كونسىرۋاسىنى بىر كۈن قايناتسىمۇ ئوماچتەك بولۇپ قالمايدۇ. بۇلار دەل سۆڭەك يىلىمىنىڭ كۈچلۈك يىپىشتۇرۇش رولىنىڭ كۈچى. سىز زاۋۇتلاردا ياسالغان مەلۇم بىر خىل سەي كونسىرۋاسىنى(菜浆)نى قايناق سۇغا قۇيۇپ ئېرىتسىڭىز، ئۇنىڭدىن سۆڭەك يىلىمىنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالايسىز. يۇقارقى مەسىلىلەرگە ھەر بىر ئۆلىمادىن تارتىپ ئاددىي كىشىلەرگىچە دىققەت قىلىشى كېرەك.

بۇ پاكىتلار شۇنى چۈشەندۈرۈدىكى: چوشقا سۆڭىكى يىلىمى يۇقارقى ئېستىمال بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلىدۇ. جوڭگۇدا 1 مىليارد 300 مىليۇن خەلىقنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار %95 ئىگەللەيدۇ. ھەر قايسى شەھەر، ناھىيەلەردىكى يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچىلىرى خەنزۇلار بولۇپ، پەقەت تازىلىق، سەھيە تەلپىگە ئۇيغۇن بولسىلا، تۈرلۈك تېتىتقۇلارنى قوشىۋېرىدۇ. يېمەكلىككە قۇشۇلىدىغان سۆڭەك يىلىمىغا ئاساسلىقى: چوشقا سۆڭىكى، كالا سۆڭىكى خام ئەشىيا قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كالا، قوي سۆڭىكى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ. چوشقا سۆڭىكى مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا پىششىقلاپ ئىشلىنىشىدىن قەتئىينەزەر ھارام، شەرىئەتكە خىلاپ! ئۆسۈملۈكلەردىن تاللاپ ئېلىنغان مايلار، مەسىلەن، دېڭىز يىلىمى، كۆكتات يىلىمى قاتارلىق ماتىرىياللارنىڭ تەننەرخى ھايۋان سۆڭىكىنىڭ تەننەرخىدىن 10 ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ. بۇلار ئاساسلىقى دۆلەت مۇداپىئەسى، تېبىي داۋالاش، تەجرىبە تېخنىكىسىدا ئىشلىتىلىدۇ. بىر ئادەتتىكى يېمەكلىك زاۋۇتىدا بۇ خىل ئۆسۈملۈك مايلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىغا بىز ھەرگىز ساددىلىق بىلەن ئىشىنىپ قالماسلىقىمىز، ئۇلارنىڭ ئېلان ۋېۋىسكىلىرىدا جار سىلىپ ماختاشلىرىغا ئالدىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

بىز يەنە جاڭيۇنىڭ تەركبىگە دىققەت قىلىپ باقايلى: جاڭيۇنىڭ تەركىبى ئاساسلىقى ئادەمنىڭ چىچى بىلەن ھايۋانلارنىڭ يۇڭىنى ئاساس قىلىپ ياسالغان. بۇ ئاساسەن خۇنەن جاڭيۇ زاۋۇتىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدا ياسىلىدۇ. جاڭيۇغا تەڭشۈگۈچ قوشۇپ كونسىرۋا قۇتىسىغا چاپلىغاندا تازلىققا قىلچىمۇ ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.
ئەڭ خەتەرلىكى، چوشقا مېيىنى ئىستېمال قىلىش مەسىلىسى بولۇپ، مەملىكەت مىقياسىدا ھەممە يېمەكلىك زاۋۇتىدا چىقىۋاتقان سۈنئىي سۈت پاراشوگى، سۈنئىي قايماق،
ئىككىنچى چوڭ مەسلە: كالا، قوي ۋە توخۇلارنى بوغۇزلاش مەسلىسى؛ خېنەن، خېبىي قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خۇيزۇلارنىڭ قۇشخانلىرىدا شەرىئەتكە مۇخالىپ كالا-قوي ئۆلتۈرۈش ئەۋج ئالدى. بىز شەندۇڭ لۇۋەنشۇەن ناھىيەسىدە بىر خۇيزۇ يېزىسىنى تەكشۈرگەندە، بۇ يېزا مەشھۇر قاسساپلار يېزىسى بولۇپ، بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن مۇنداق ئەھۋاللارنى كۆردۇق. خۇيزۇلار كالىنىڭ بۇرنىغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ پۈركۈگۈچنى تىقىپ كالىنى سۇ بىلەن تىنجىقتۇرۇپ ئۆلتۈرىدىكەن. بۇ ئارقىلىق كالىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرىدىكەن. بەزى قاسساپلار ئۇشلۇق بىگىزنى كالىنىڭ مېڭىسى ئوتتۇرىدىكى نىرىپ مەركىزىگە تىقىپ ئۆلتۈرىدىكەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇنداق قىلغاندا قان چىقمىغاچ گۆشنىڭ ئومۇمىي ئىغىرلىقى ئاشىدىكەن. مۇنداق ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى شەرىئەتكە پۈتۈنلەي خىلاپ، بۇنداق گۆش ھارام بولىدۇ. خالتىلارغا قاچىلانغان گۆشلەرگە مەيلى"ھالال" ياكى "مۇسۇلمانچە" دەپ يېزىلغان بولسۇن، بۇ گۆشلەر كالا-قوي فرمىلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن. جەمئىيىتىمىزدىكى تۈرلۈك تاۋارلارنىڭ يېزىلغان"مۇسۇلمانچە" دېگەن خەتكە ھېچكىم قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرەلمەيدۇ. ئەشۇ پۇل-مال ئۈچۈن ھەر قانداق ئىش قىلىشنى يوللۇق ھېسابلايدىغانلار ئىماننىڭ قارىشىسىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇنداق يېمەكلىكلەر ئائىلىلەرگە سىڭىپ كىرىپ، سەبىي بالىلارنىڭ پاك قەلبىنى بۇلغايدۇ. بۇ كۆپ يىللاردىن بىرى كۆرۈلىۋاتقان ئەمەلىيەت. اللە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:« زېمىندىكى ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، سىلەر مۆئمىن بولساڭلار اللەدىن قورقۇڭلار» (5-سۈرە 78-ئايەت)

اللەغا كۆپ شۈكرى، بىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمىز ياخشىلانسىمۇ، لېكىن ھالال نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش ئىماننىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم تەلىۋى. ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار، بىز بىر چوڭ كۆلەملىك بالا-قازاغا دۇچ كەلدۇق. نېمىشقا بىزنىڭ ئېتقادىمىز سۇس؟ ئىمانىمىز زەئىپ؟ ئىبادىتىمىز قەلبىمىزنى تىتىرىتەلمەيدۇ؟ نېمە سەۋەبتىن قەلبىمىز قىتىپ قالدى؟ سەۋەب بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ھارام بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كەتكەن. ھارامنى يېيىش قەلىبنى بۇلغايدۇ. بۇ مۇنازىرىسىز پاكىت. ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ:«قىيامەتكە يېقىن بىر ئادەم كېلىدۇ، ئۇنىڭ چاچلىرى توپا باسقان، كىيىم-كىچەكلىرى كىر، چىرايى تۇتۇق، ئۇ شۇنچە دۇئا قىلىدۇ، لېكىن دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ يىگىنى ھارام، كىيگىنى ھارام.

بۇ بىر مەيدان ئاپەت ئالدىدا ھەر بىر مۇسۇلماندىن شۇنى ئىلتىماس قىلماقچىمىزكى، ئى ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلغۇچى!!! قەددىڭىزنى رۇسلاپ، كۆز ئالدىڭىزدىكى ھارامغا نىسبەتەن يۈكسەك ھۇشىيار بولۇڭ. ھارامنىڭ مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشىگە رۇخسەت يوق. بىز تاماق داستىخانلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم قېقىۋېتەيلى. نەپسانىيىتىمىزنىڭ ھەۋىسىگە ئەگەشمەيلى! گۈدەك بالىلىرىمىزنىڭ پاك قەلبى بۇلغانمىسىۇن. ئۇلارغا ساپ ئىمانى مۇھىت، ئىمانى ھايات، ئىمانى داستىخان كېرەك. بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيىۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈش، سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرۇپ، بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىن بىزنىڭ ئەقىدىمىزگە قاراپ ئېتىلىۋاتقان زەھەرلىك بۇلغانمىلارنى بايقاپ، بىرلىكتە نەپسىمىزنى ۋە ۋۇجۇدىمىز پاك ھالدا، كەرەملىك اللەدىن تىلەيلى!
ئى ھەممىگە قادىر اللە! بىزگە ياردەم قىلغايلا! بىزنىڭ نەپسىمىزنى پاك قىلغايلا! روھىمىزنى پاك قىلغايلا! ۋۇجۇدىمىزنى پاك قىلغايلا! دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلغايلا! بىزنى ھارامدىن ساقلىغايلا! بىزدىن رازى بولغايلا!  ... ئامىن!

بۇ ماقالىنىڭ ئەسلى يوللىغۇچىسى ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرىدىن جەڭگىۋار ئەپەندى بۇلۇپ، بۇ ماقالىنى كۆرگەن ھەر بىر مۇسۇلمان تورداشلارنىڭ باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىپ بۇ تور بەتكە يوللاپ قويدۇم.
ھازىر يۇرتىمىزدا يېمەكلىك ۋە ئېچمەكلىكلەرنىڭ "مۇسۇلمانچە" ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلمايدىغان ئىشلار ئىنتايىن ئېغىر، بولۇپمۇ كىچىك بالىلارغا ئېلىپ بىرىلىدىغان تاتلىق تۈرمىلەرنىڭ. .


مومكىن بولسا مۇشۇ تېمى تېخىمۇ كۆپ دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ !



ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
faeza.akef + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
kurax114 + 100 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 110   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40223
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5023
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 2074 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2014-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 12:22:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى بۇ ئىشقا نىمە دىگۈلۇق . شىنجاڭدىمۇ ئىسلام دىنى جەمىيەتلىرى بۇنداق ئىشلارغا كۆڭۈل بولۈپ قويسا بولاتتى.

مېنىڭ تېرەمنى سويسىمۇ ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوسىت بۇلالمايمەن .

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 12:33:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئاڭلىغان بۇنداق ئىشلارنى،تۇرمۇشتىكى سەي-كۆكتات،مىۋە-چىۋە،ۋە ئانام ئەتكەن تاماقلاردىن باشقىنى يىمەيمەن ئادەتتە،بەك كۆڭلى قارا قىلۋىتىدىكەن،ئوقۇۋاتقان چاغدىمۇ بىر مەلىممۇ بىر چاغدا مەكتەپ ئاشخانىسى ئىشلىتىۋاتقان توخۇلارنى تولا تۇغۇپ يىرىڭداپ كەتكەن دەپتى،بۇ گەپنى بىر مەلىمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغاچ ناھايىتى سەسكىنىپ كەتكەن ئىدىم! شۇڭا بازاردىن ئادەتتە بىر نىمە يىمەيمەن،بەك زۆرۈر بولمىسا،بۇنداق دىگىنىم باشقىلارنى كەمسىتكىنىم ئەمەس بىراق جىق كىشىلەر تۇرمۇش تازلىقىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ شۇڭا!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11199
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5756
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 1323 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 01:34:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىمەكلىكىمىز بۇلغاندى دىمەك ئەقىل بۇلغاندى دىمەك.

ئانامنىڭ دۇئاسى مەن بىلەن بىللە،ھاياتىم شۇ دۇئا بىلەن بەخىتلىكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2595
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10489
تۆھپە نۇمۇرى: 493
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 11:02:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاتاق بولدى جۇمۇ بۇ يىمەكلىك مەسىلىسى. مىللىي كارخانىلار ئىچكىرلەردە قاچىلتىۋاتقان ئىچىملىكلەرمۇ شۇنداقمىدۇ، يۇرتۇم دەمدۇ، ئەقىدە دەمدۇ ، ھەممىسى ئىچكىردىن كىلىدۇ.

غۇلجا شەھەر چۇغلۇق يىزا-ئېگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

ئۇيغۇر-شاھ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71013
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3207
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2011-12-19
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 12:09:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ھارامخورلۇق قىلىپ ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىماي ئۆز مىللىتىنى بۇلغاۋاتقان ئاتالمىش مىللى كارخانىلارمۇ ئاز ئەمەس.مەسىلەن:ھەرخىل ئۇيغۇرچە ماركىدىكى تۇخۇ گۆشلىرى،غاز،ئۆردەك گۆشلىرى...ئېلانلىرىغا قارايدىغان بولسىڭىز.....ھىچقانداق شەك-شۆھبىسىز.....ئەمىلىيەتتە بۇ ئۇيغۇرچە ماركىدىكى گۆشلەرنىڭ ھەممىسى (شەندۇڭ،دۇڭبىي)ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كىرىدۇ....

يەڭلىكنىڭ ئىككى يۈزى بار،بىريۈزىدە نان ياقىدۇ.ئادەمنىڭ بىر يۈزى بار،ئىككى يۈزىدە جان باقىدۇ!
ئۇيغۇر-شاھ بىلوگىغا مەرھەمەت       ئۇيغۇرشاھنىڭ WordPressبىلوگى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76667
يازما سانى: 881
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2116
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1228 سائەت
تىزىم: 2012-2-27
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 12:39:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ماقالىنى ئىلگىرى بىر قېتىم ئوقۇغان، بۈگۈن يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. مۇشۇ ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان يەتتە يىلدىن بېرى يىمەكلىك تەركىبىگە بەكمۇ دىققەت قىلىتىم،يىمەكلىك كەسپىنى ئۆگەنگەندىن باشلاپ تېخىمۇ شۇ، ھەتتاكى چىش پاستىسىغىمۇ قاراپ چىققانىدىم، ئۇيغۇرچە ماركىلىقلىرى چىققاندىن باشلاپلا باشقىلارنىڭكىنى ئىشلىتىشنى توختاتتىم، كىيىن يەنە سەردار مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچكىرىدە( گۇاڭدۇڭ) قاچىلىنىدىغىنىنى بىلىپ ئۇنىمۇ توختاتتىم...مىللىي كارخانىلار توغرىسىدا نۇرغۇن ئەپقاشتى گەپلەر بولۇنىدىكەن، مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە نىمىنى خاتىرجەم ئىستىمال قىلغىلى بۇلىدىكىن تاڭ، كەسپىمنى پۈتتۈرسەم، ئۆزۈم سەي تېرىپ يەيدىغان چىراي......  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76667
يازما سانى: 881
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2116
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1228 سائەت
تىزىم: 2012-2-27
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 12:42:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyghur-xah يوللىغان ۋاقتى  2012-3-23 12:09 PM
بۇنداق ھارامخورلۇق قىلىپ ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىماي ...

راس ئېيتىسىز، يەنىلا تىرىك،خام ئېلىپ ئۆيدە تەييارلىغانغا يەتمەيدۇ،

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 01:47:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا  گەپ مۇشۇ  يىمەكلىك دىگەنگە  بەك  ئەھمىيەت  بەرمىسەك بولمايدۇ  بۇرادەرلەر

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74481
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3972
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2012-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 01:53:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا قالغان ئىشلارغا ئۆزۇڭ بار ...ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن ......ئاغرىققا سەۋەپ قىلىشى ئۇچۇن..ھارام نەرسە يىسە قانداق بولار......

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش