مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 987|ئىنكاس: 3

‹تارىمدىكى مەدەنىيەت ئارىلى› ناملىق كىتابقا قىسقىچە شەرھ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77580
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3015
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-3-17
ئاخىرقى: 2013-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 08:02:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

<تارىمدىكى مەدەنىيەت ئارىلى>غا قىسقىچە شەرھ
ئابدۇكېرىم راخمان

    مەن ياش ۋاقتىمدا يىپەك يولىدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەرنىڭ سېھرىگە كۆمۈلۈپ،قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنىڭ ئىزچىسىغا ئوخشاش بىپايان دەشىت-چۆللەرنى كونا شەھەر خارابىلىرىنى ۋە شۇنىڭغا يانداشقان نۇرغۇن كىچىك بوستانلىقلارنى كەزگەنىدىم. تارىم ھەقىقەتەنمۇ ئاجايىپ خىسلەتكە تولغان سىر – تىلسىمات دۇنياسى. قەدىمكى ئەجدادلارنىڭ جىلۋىدار روھى يۇلغۇن، توغراق ۋە بارخانلاردا ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. تىرىك ئىتنوگىرافىيە مۇزېيىغا ئوخشايدىغان تارىمدا تارىمدا بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەت چۆكۈندىسى خېلى مۇكەممەل ساقلانغان، تەڭرى ئۇنى < كۆز تەگمىسۇن > دېگەندەك پاك-پاكىز زەر قۇمغا ئوراپ قويغان. مەن ئەينى ۋاقىتتا تارىم ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىدىكى قەدىمىي بوستانلىق – دەريا بويىغا بېرىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن بولساممۇ، لېكىن شارائىت يار بەرمىگەن ئىدى.
    مانا ئارىدىن 30 نەچچە يىل ئۆتكەندە 1980-يىللاردىكى ئوقۇغۇچۇم مەتسەيدى مەتقاسىمنىڭ تارىمدىكى ئاشۇ يېگانە مەدەنىيەت ئارىلى توغرىسىدا يازغان ئىلمىي تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك كىتابىنىڭ تۇنجى ئارگىنالى ئۈستىلىمدە تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنى كۆرىۋېتىپ ئىختىيارسىز ھالدا تارىم ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىدە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاپ كېتىۋاتقاندەك ھېس-تۇيغۇدا بولدۇم. چوڭ قۇملۇقنىڭ مەركىزىي رايۇنىدىكى قەدىمكى شەھەر-راباتلار، مەھەللىلەر ۋە بۇ جايدا ئاپىرىدە بولغان ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلار كۆز ئالدىمدا بىر-بىرلەپ ئايان بولدى. مەن چەكسىز سۆيۈنۈش ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى بىر جەزبۇزار جۇلاسىنى كۆرگەندەك بولدۇم. بىز بەزىدە باشقىلار ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تونۇغان بولساق، ئەمدىلىكتە ئۆزىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قايتا تونۇۋاتىمىز. مېنىڭچە، تارىم مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ مەدەنىيەت ئىچىدە دەريا بويىلىقلار داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت ھادىسىلىرى چوڭقۇر تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە. مۇشۇ ۋەجىدىن <تارىمدىكى مەدەنىيەت ئارىلى> بىزنى ئەجداد ئۈگۈتلىرى بىلەن ئۈگۈتلەپ، مەنىۋىيىتىمىزدىكى بەزى كەمتۈكلەرنى ئاشكارىلاپ، ئۆزىمىزنى قايتا تونۇشىمىزدا ئەينەكلىك رول ئوينايدۇ. مەن بۇ كىتابتا تۆۋەندىكى بىرقانچە ئالاھىدىلىكنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم.
    1.كىتابتا تارىم ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىي رايۇنىدىكى دەريا بويى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى نىيە، چىرىنىڭ شىمالى، خوتەن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى قاتارلىق جايلار كۆپ خىل پەنلەرنىڭ گىرەلەشمە نۇقتىسىدا تەكشۈرۈلۈپ، بىر قەدەر سېستىمىلىق تونۇشتۇرۇلغان. ئۇ بىزنى تارىم مەدەنىيىتىگە دائىر بەزى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. تارىم ئويمانلىقىدا ئەڭ بالدۇر ئاپىرىدە بولغان يۇمۇلاققۇم شەھىرى بۈگۈنكى دەريا بويى تەۋەلىكىدە بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ئىجتىمائىي فورماتسىيە ۋە مەدەنىيەتنىڭ قىممىتى ناھايىتى زور. قەدىمكى كېرىيە دەرياسى ۋادىسىغا مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قەدىمىي ئىزلار خۇددى يۇلتۇزلاردەك تارالغان. بۇ قەدىمىي ئىزلار دۇنياسىدا، يەنى قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا دەريا بويىلىقلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كېلىشى گويا بىر مۆجىزە. خۇددى ئاپتور ئۆزى ئېيتقاندەك، دەريا بويىلۇقلار تارىم مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدىكى < تىرىك تارىخ>، <تىرىك مەدەنىيەت> شاھىدى.
   2. كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ توقۇنۇشى ۋە قورشاۋى ئىچىدە ئەنئەنىدىن ياتلىشىش ھادىسىلىرى كۆز ئالدىمىزدىكى بىر ئىجتىمائىي رېئاللىق بولۇپ قالدى. مۇشۇ رەۋىشتە مەنىۋىيىتىمىزدىكى بەزى ئەڭگۈشتەرلەرنى يىتتۈرۈپ قويدۇق. ئەمما، دەريا بويىدىكى چارۋىچىلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن يۈز يىل، ھەتتا نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى ئېسىل ئەخلاق – پەزىلىتى ۋە ئەنئەنىسىنى خېلى ئەينەن ساقلاپ كەلدى. ئۇ يەردىكى بەزى چارۋىچىلارنىڭ ھازىرمۇ ئىشىكىگە قۇلۇپ سالماسلىقى، بىر-بىرىنى قېرىنداش ھېسابلىشى، شۇنچە يىراقتىكى كىشىلەرنى قوشنام دەپ بىلىپ تاماق سۇنۇشى، مېھرى-مۇھەببەتكە تولغان ئالىيجاناب گۈزەل ئەخلاقى كىشىنى بەكمۇ سۆيۈندۈرىدۇ. بىز ئۇلارغا قاراپ ئۆزىمىزدىن قانچىلىك يىراقلاپ كەتكەنلىكىمىزنى پەرەز قىلالايمىز، ئەلۋەتتە.
    3.تارىمدىكى قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى، ئاھالىلەرنىڭ كۆچىشى،ئۆز-ئارا قوشۇلىشى، بوستانلىق مەدەنىيىتىنىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدىكى بەزى سىرلار تېخى مۇكەممەل ھالەتتە يېشىلگىنى توق. كىتابتا بۇ ھەقتىكى بەزى ئىلمىي قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يەنى ئۆزىنى قەدىمكى تارىملىقلارنىڭ ئەۋلادى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەكى ھەم باراق جامائەسى ھېسابلايدىغان دەريا بويىلىقلارنىڭ ئىلگىرى ئۆزى ياشاۋاتقان زېمىننى < تەكىلەماكانى> دەپ ئاتىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، < تەكىلەماكان> دېگەن سۆزنىڭ <تەكلىماكان> ئاتالغۇسىنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەڭ يېڭى پاكىت ۋە يىپ ئۇچى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كىتابقا يەنە قۇملۇق رايۇنىدىكى بەزى كونا يەر-جاي ناملىرى كىرگۈزۈلگەن.
    4.ئۇيغۇرلار دۇنيادا خېلى بۇرۇنلا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ياراتقان مىللەتلەرنىڭ بىرى. ھەرقانداق بىر تارىخ، ھەرقانداق بىر  مەدەنىيەت، ئېنىقكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىن ئايرىلالمايدۇ. تارىم ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشىغان قەدىمكى قەۋملەر ئۆز جايىنىڭ تەبئىي شارائىتى ھەمدە ئۆز پىسخىكىسىغا ماس كېلىدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىپ كىيىنكىلەرگە ئۇدۇم قىلغان.كېرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىندىكى سۇنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كىرزىسى ئىچىدە دەريا بويىلىقلارنىڭ ئەجدادلار ئۇدۇمىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى روھىنى جارى قىلدۇرغانلىقى كىشىنى ئىپتىخارلاندۇرىدۇ. كىتابنى ئوقۇغان ھەرقانداق بىركىشى دەريا بويىدىكى ئىلەك ۋە شالدىراڭدىن كۆچكەن ئاھالىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ئىختىيارسىز ھالدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگە نىسبەتەن جىددىيلىك ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىدا بولىدۇ.
   5. ئاپتور 1990 – يىلى دەريا بويىغا تۇنجى قېتىم بارغاندا < تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت> ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتنى يازغان. كېيىن، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئىچكىرىسىگە ئون نەچچە قېتىم كىرىپ، ئاخىرىدا بۇ كىتابنى يېزىپ چىققان. جۈملىدىن ئۇ بۇ ئىلمىي ئەمگەككە 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان. بۇ خىل ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە ئەستايىدىللىقنىڭ نەتىجىسىدە بۇ كىتاب بىر قەدەر يۇقۇرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولغان.
   ئىشىنىمەنكى، < تارىمدىكى مەدەنىيەت ئارىلى > ناملىق بۇ كىتاب ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئەرزىيدۇ ھەم ئۇلاردا ياخشى تەسىرات قالدۇرالايدۇ.


2009 – يىلى 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ، ئۈرۈمچى


بۇ كىتابقا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈڭ :


http://item.taobao.com/item.htm?id=14804299100



دانىش تور كىتابخانىمىزنىڭ ئادرېسى :http://danish.taobao.com ( كونا ۋە يېڭى كىتابلار سېتىلىدۇ )

كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6390
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1288 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 11:47:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە.....كىتابنى كۆرۈپ قويۇش زۆرۈر،مەنچە.

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرگە ئوخشاش!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1333
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 609 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 01:55:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77580
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3015
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-3-17
ئاخىرقى: 2013-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 01:00:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bazarbay يوللىغان ۋاقتى  2012-3-23 01:55 AM
رەخمەت

ئەرزىمەيدۇ

دانىش تور كىتابخانىمىزنىڭ ئادرېسى :http://danish.taobao.com ( كونا ۋە يېڭى كىتابلار سېتىلىدۇ )
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش