|
|
|
|
باي ناھىيەسىدىكى قەلەمكەشلەر نورۇزنى تەبرىكلىدى
2012-يىل 3-ئاي (نورۇز ئېيى) نىڭ 21- كۈنى باي ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم ياش قەلەمكەشلەر شائىر كامىل تۇنىياز تەشنايىنىڭ ساھىپخانلىقىدا، باي ناھىيە بازىرىدىكى «مەشرەپ رېستۇرانى» غا خوشال- خورام جەم بولۇپ، ئەنئەنىۋى بايرام-نورۇزنى قىزغىن تەبرىكلىدى. رېستۇران خوجايىنى ئەلى ھوشۇر ئەپەندى مېھمانلارغا نورۇز ئېشى بەردى.
پائالىيەتتە ئالدى بىلەن باي ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، يازغۇچى قۇربان ئەلى نورۇزنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ رېئال ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇردى، ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.
باي ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى قەھرىمان روزى ئەرچىن، ۋە باي ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچى قۇربان مولنىياز تەبرىك پائالىيىتىگە قاتناشقان ئاپتورلارنىڭ ئومۇمىي ئىجادىيەت ئەھۋالىنى، ۋە يېقىنقى مەزگىلدىكى ئىجادىيەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
قەلەمكەشلەر ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتتە كەڭ-كۇشادە پىكىرلەشتى. شۇنداقلا، نورۇزنامىلەرنى ئوقۇشۇپ، بۇ قۇتلۇق بايرامنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
سۈرەت چۈشەندۈرۈشىنى كەچتە يېزىپ قويۇمەن.
|
|
|
|
|
|