مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 456|ئىنكاس: 4

ھايات ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىز كىم؟ سىز ئۆز تارىخىڭىزنى ق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42289
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2240
تۆھپە نۇمۇرى: 598
توردا: 849 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 02:01:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئۇ بىر ئۇزاق يول ، ئاخىرىنىڭ نەگە بېرىپ توختايدىغانلىقىنى بىلگلى بولمايدىغان .ئۇ چوڭ بىر قامۇس ،بىر ۋاراق -بىر ۋاراقتىن ئوقۇپ تۈگىتىدىغان. ئۇ شۇنچىلىك ئاددى پەقەت سەن قەدىرلەشنى بىلسەڭلا ، ئۇ شۇنچىلىك رەزىل ئەگەر سەن قۇلۇقۇڭنى يۇپۇرۋېلىپ ،جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرۋالساڭ، ھەممىدىم ئاغىرنىپ يۈرسەڭ. ئۇ ئۇلۇغ اللا تەرىپىدىن ھەر بىر مەۋجۇداتقا تەڭ تەقسىملەپ بېرىلگەن ئېسىل سوۋغات ،ئۇ بولسىمۇ ھاياتتۇر.
   نېمە تۇرمۇش شارابىنى خاتا ئىچىپ سالغان ئوخشىمامسەن دوستۇم، ھە ! ھېچىقىسى يوق بۇ دېگەن شۇنداق جاھان ،گاھ شىرىن كەۋسەرلەر ئارىسىدا لەيلەپ يۈرسەڭ ،گاھى ئاچچىق بوسلار قايناملىرىدا تولغۇنىسەن ،چىدىمىساق بولمايدۇ ،بولمىسا بىز چىدىماسلاردىن بۇلۇپ قالىمىز. كەل دوستۇم ھە دېسىلا تۇرمۇشۇڭدىن ،تەقدىرىڭدىن زارلىنىپ ،ئاھ ئۇرۇپ يۈرمە ،كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتىراپىڭغا باققىن ،شۇندىلا ئۆزۈڭنى تاپالايسەن ، كۆرگەنسەن ھەممە ئادەمنىڭ يۇلى تۈز بولمايدىغانلىقىنى ، ئاشۇ خىل يول ئېچىپ ئىلگىرلەپ ماڭغانلاردا بىر نەرسە سەندىن ئارتۇق ئۇبولسىمۇ ھاياتقا بولغان ئۈمۈدۋار پۇزۇتسىيەدۇر.
-نېمە ،ھايات يۇلۇم تار دېدىڭما ؟ھا ھا ... ماڭا قارا دوستۇم بۇ دۇنيادا ئەزەلدىنلا يول بولمىغان ، ئادەملەر ماڭغاندىن كېيىنلا ئاندىن يول ھاسىل بولغان . ئۇيولدا سەن ،مەن ،ئۇ ھەممىىز ماڭاتتۇق ،ئەمما ھازىرقىسى ئوخشىمايدۇ -دە، بۇ يولنى ھەممىمى ئۆز ئالدىمىزغا باسمىساق بولمايدۇ ،ئۇدېگەن سېنىڭ، مېنىڭ  ھايات يۇلىمىز ،يول تار بولسا ئېچىپ ماڭمىساق بولمايدۇ دوستۇم .
   نېمە ئامال بار دەيسەن، ياشىماي بولمايدۇ-دە،ھاياق پوكەيلىرىدە بىز تالىشىپ تۇرۇپ ئىچىشىدىغان شېرىن كەۋسەرلەرمۇ ،ئېغىزىمىزنى پۈرۈشتۈرۈپ ،سەسكىنىپ تۇرۇپ ،ئەمما ئىچمىسىك بولمايدىغان ئاچچىق دۇرىلارمۇ لىققىدە تىزىقلىق تۇرىدۇ ،قايسىنى ئىچىسەن ئۆزۈڭ تاللايسەن ،بىراق خاتالاشساڭ ئەنە شۇ ئاچچىقلارغا ھەمدەمدە بۇلىسەن . سېنى ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ ، ئۆزۈڭنى پەقەت ئۆزۈڭلا قۇتۇلدۇرىسەن .
    ئۆزۈڭنى تاپ دوستۇم ،تۆت كۈنلۈك ئالەم بۇ ،ھەش -پەش دېگۈچە  رەھىمسىز يىللار ھەممىنى ،جۈملىدىن ياشلىقىڭنى ، بەختىڭنى ، ئارزۇ ئۈمۈدلىرىڭنى قۇشۇلپا ئېلىپ كېتىدۇ ، ۋاي ئېسىتقا ھېچنىمە كەلمەيدۇ ، سەن ،مېنى قۇلۇمدىن ھېچ ئىشلار كەلمەيدۇ ، قەددىڭنى تىك تۇتۇپ ،رېئىاللىققا  يۈزلەن ،ھەممىنى بۈگۈن يېڭىدىن باشلا ، ۋايساپ ئولتۇرۇشنى قىلچىلىك پايدىسى يوق دوستۇم ، ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى قايتۇرۇپ كېلىش سېنىڭ ،مېنىڭ قۇلۇمدىن كەلمەيدۇ، بۈگۈننى بانكىغا قۇيۇپ ئەتەئېلىش تېخىمۇ كەلمەيدۇ . قۇلىمىزدىن كېلىدىغىنى پەقەت بۈگۈننى ئوبدان قەدىرلەپ ، ھەر بىر مىنىۇ ت ئالتۇنغا تېكىشكۈسىز ۋاقتىمىزنى مەھكەم تۇتۇشتۇر، ھاياتىمىزنى رەڭدار بېزەكلەر بىلەن بېزەشتۇر.
    كىشىلىك ھاياتتا پەقەت بىرلا نېسىپ بۇلىدىغا بۇ ئېسىل سوۋغاتنى خازان قىلۋەتمەيلى ،ئۇنى ئوبدان ئاسىرايلى دوستۇم ،پەقەت تاماق يېيىش ،كېيىم كېيىش ، يېتىپ قۇپۇش ، تۇڭۇپ قالماسلىق  ئۈچۈنلا ياشاشنى مەقسەت قىلغان بولساڭ ئۇ چاغدا سەن بەك نادان ئىكەنسەن، بىلىپ قويغىنكى ،ئۇنداق ياشاشنى ھايۋانلار بىزدىن بەكەرەك بىلىدۇ . سەن بىزلەر غۇرۇر، ۋىجدان ئىگىسى ئىكەنمىز ،چۇقۇم ئۇلۇغۋار غايە ،نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك .باسقان ھەر بىر قەدەملىرىڭدىن خۇشپۇراق گۈل -چېچەكلەر ئۈنۈپ چىقسۇنكى ھەرگىزمۇ ياۋا گىياھ ،چاتقانلار بېسىپ كەتمىسۇن.بىلسەڭ ئەيىش-ئىشرەت ،كەيىپ- ساپاغا بېرىلىش ھەرگىزمۇ ھاياتتىن ھۇزۇرلانغانلىق بولمايدۇ. بەلكى ئۇ ھاياتنى قىسقارتىش ،ئۆز ھاياتىغا ئۆزى پالتا ئۇرۇش بۇلۇپ دېگەنلىكتۇر.
   سېنىڭ تاپقان تەرگىنىڭ ئۆز ھاياتىڭغا دالدى بۇلالىسىدى كاشكى ،ھەممە ئادەم بايلىك توپلاش جېڭىگە ئاتلىنار ئىدى ، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلگە سالغان ئىسكەندەر زۇلقەر نەيىنمۇ ئۆلۈش ئالدىدا مال -دۇنيانى ھېچنېنىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىپ ، باشقىلار مەندىن ئىبرەت ئالسۇن دەپ قول ئاستىدىكىلەرگە ئىككى قۇلىنى جىنازىدىن چىقىرىپ قۇيۇشنى تاپىلىغان ئىكەن. مانا بۇ ھاياتقا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى مىسال بۇلالايدۇ.
    ئويلاپ قالىمەن بىز ئىنسانلار ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلمايۋېتىپتۇق ئەكىسچە ،بىر -بىرىمىزگە ئورا كولاش ،پەي قىرقىش بىلەن ئاۋارە ئىكەنمىز.بىزدە بىر ئەمەس ئىككى قۇلاق بار ئەمما ئىككىلىسى تەڭلا ئاڭلىماس بۇلىۋالغان ، ئۇ پەقەت پىتنە -ئېغۋالارنىلا ئاڭلايدۇ، بىزدە بىر ئەمەس بىر جۈپ ئۆكۈر كۆز بار ئەمما ئۇمۇ كۆرمەس بۇلۇپتۇ ،ئۇنىڭ ئالدىنى رەزىللىك تۇمانلىرى تۇسۇۋاپتۇ .
   بىر دوستۇم بۇلىدىغان يازغۇچى بىر كۈنى ئۇ دوختۇرخانىغا كېسەل يوقلىغىلى كېرىپ قايتاشىدا بىر ئەما بىمارنى كۆرۈپتۇ ،كىچىكىدىنلا ئەما بۇلۇپ قالغان بۇ بىمار ئون نەچچە يىل قاراڭغۇ زۇلىمەتتە ياشاپ كەپتۇ ، بىراق ئۇ دوختۇرلار تەرىپىدىن يۇرۇقلۇققا ئېرىشىپ تۇنجى قىلغان سۆزى شۇ بوپتۇكى :<<ۋاھ، بۇدۇنيا نېمە دېگەن گۈزەل ،مېنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ بەك گۈزەل ئىكەن ،كېيىنكى ئۆمۈرۈمدە چۇقۇم ياخشى ياشايمەن ....>> دوستۇم كۆز يېشى قىلۋەتكىلى قىل قاپتۇ ،ئۆزىنى ئاران تۇتىۋېلىپ  خاتىرسىگە مۇنۇ قۇرلارنى پۈتىۋاپتۇ :<< مەن بۈگۈن گويا يېڭى تۇغۇلغاندەك بولدۇم .ئوتتۇز نەچچە يىل ئىللىق قۇياش ئاستىدا ياشاپ كەپتىمەن -يۇ ، ئەمما ھاياتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەپتىمەن ،ھاياتتىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلمەپتىمەن،  تېخى ھە دېسىلا تەلىيىمنىڭ كاجلىقىدىن ئاغىرنىپ يۈرۈپتىمەن ،مەنلا ئەمەس نۇرغۇن كىشىلەر شۇنداق دەپ كەپتۇق ،بىز ھەقەقەتەن كۆزى ئۇچۇق قارغۇلاردىن ئىكەنمىز ، شۇنچىلىك ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن بىر -بىرىمىزنى پۇتلاپ ،يېقىتىپ ، ئۇرۇق-تۇغقانلار ئاداۋەت ساقلىشىپ يۈرۈپتۇق ،ئەگەر شۇنداق بىر زامان كېلىپ ،بارچە ئەمالار كۆرەلەيدىغان بولغىنىدا بىزلەرنىڭ بىر -بىرىمىزنى باش كۆزۈمىزنى يېرىشۋاتقان، پىچاق تىقىپ ئادەم ئۆلتۈرۋاتقان ھالىتىمىزنى كۆرسە ،توۋا ،ماۋۇ خەقلەر قورسىقى تۇيۇپ قىلغىلى ئىش تاپالماي قالدىمۇ نېمە ؟  دەپ ياققىسىنى تۇتار.
   مەن دوستۇمنىڭ خاتىرسىنى كۆرۈپ بەكمۇ ئويلاندىم . تۇرۇپلا ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمۈرۈمگە ،ئەڭ مۇھىمى بىز پەرزەنتلەرنى  دەپ تىنىم تاپماي ئىشلىگەن ،بارلىقىنى پەرزەنتىگە برغىشلىۋەتكەن ئاتا - ئانىلار توغرىسىدا سۆزلىگىم كېلۋاتىدۇ ،دوستۇم ،سەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلەك بولغان ،ئەڭ سۈيۈملۈك كىشىلىرىڭ ئاتا-ئاناڭنى  قەدىرلە  ئۇلار ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى بەكەرەك قىلۋالغىن ،ھە دېسىلا تۈگمەيدىغان <<بەر ..بەر>>نى تاشلاپ بىرەر قېتىم بولسىمۇ ، :<<ئانا ھارچىدىڭمۇ ؟ كېلە بىردەم ئارام ئېلۋال مەن قىلمېتەي ، كېلە پۇت-قۇلۇڭنى تۇتۇپ قۇياي، دادا نېمانداق سەھەر تۇرۋالدىڭ ،ئۇخلىۋالساڭ بولماسمىدى، ئۇسساپ قالغانسە مە بۇ چاينى ئىچىپ ئارام ئېلۋال كەتمىنىڭنى مەن چاپاي دەپ ئۇلارغىمۇ بىز پەرزەنتلەتنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزەيلى ئۇلار بىزدىن سۆيۈنسۇن ،چېھرىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلەنسۇن . چۈنكى بىزگە بۇ ئۆمۈرىمىزدە :<<مە بالام ،ئىسىقىدا يەۋالغىن. ئاز بولسىمۇ بۇ پۇل .....>> دەيدىغان سۆزدىنمۇ ئارتۇق شىرىن سۆز يوق ھەم ئۇ سۆزنى دەيدىغان ئىككىنچى بىر زاتمۇ تېپىلمايدۇ ، شۇڭا ئۇلارنى قەدىرلە ئۇلارنى .ئاسىرا چۈنكى بۇ ھايات ساڭا قانچىلىك قەدىرلىك بولسا ئاتا-ئانا ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە قەدىرلىكتۇر. ھەي ئاتا -ئانا بولمىغان تۇرمۇشنىڭ لەزىتى بۇلامدۇ دەمسەن ،خۇددى قانتى سۇنغان قۇشتەك ،ئۈششۈك تەگكەن مايىسىدەك سارغىيىپ قالىدىغان گەپ ،بىراق شۇنداق بولسىمۇ ئامالىمىز يوق ،ئاتا-ئانىمىز بىزگە مېھمان ،بىز ھەممىمىز دۇنياغا مېھمان ياشىمىساق بولمايدۇ-دە. بىزمۇ بىر كۈنلەردە ئاتا-ئانا بولغاندا پەرزەنتلىرىمىزگە ئاتا -ئانىمىز بىزگە ئېيتىپ بۇلالمىغان ھاياتلىق دەستۇرلىرىدىن كەلىمە سۆزلەپ بەرمىسەك بولمايدۇ-دە .بۇ دېگەن ئەلمىساقتىن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ھاياتلىق ئۇدۇمىدۇر . قىسقىسى ھايات بىزگە پەقەت بىر قېتىملا نېسىپ بۇلىدۇ شۇڭا ئۇنى ئوبدان قەدىر لەيلى ، ئاسىرايلى . ياشلىقىمىزنى بىلىم ئېلىشقا سەرىپ قىلايلى .

گۈل دېسەم كۆزۈمگە كۆرۈندى تىكەن،
تىكەنسىز ئەمەسكەن ئەسلى گۈل دېگەن.
خۇدايىم ئىنسانغا چىراي بەرگەندە ،
تۈگمىدەك ئەقىلنى قۇشۇپ بەرسىكەن.


مەن 365 كۈن ياشايمەن،ھەرگىزمۇ بىر كۈن ياشاپ 365كۈن تەكرارلىمايمەن.

بىز كىم؟ سىز ئۆز تارىخىڭىزنى ق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42289
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2240
تۆھپە نۇمۇرى: 598
توردا: 849 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 02:11:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايات شىرىن تاتلىقكەن،
بىلمەپتۇق بىز قەدىرىنى .
تېخى زارلاپ ئاھ ئۇرۇپ،
تۈرۈپتۇق بىز قاپاقنى ،


قاچانغىچە تۈگمەيدۇ ،
چىشلەپ تاتلاش بىلمىدىم.
ياكى پىتلار قەلىپكە،
چاپلاشتىمۇ بىلمىدىم.


.ئۆزىمىزغۇ ئاچالماي،
يول ئاچقاننى تۇساپتۇق .
چاپاق بېسىپ كۆزلەرنى ،
ئۆزگىلەردىن بەك ئۇغاپتۇق.


ھايات شۇنداق ئۇز ئىكەن ،
كۆرەلمەپتۇق كۆز تۇرۇپ .
ھەق سۆزلەشنى ئۇنتۇپتۇق،
دىلدا ئاڭا سۆز تۇرۇپ.


بىرسى چىقسا تەخىتكە ،
ئالدىراپتۇق قەستلەشكە .
ئىلىم ئالغاندا گاچا تىل،
سۆزمەن ئىكەن سەتلەشكە.

چاقچاق قىلما ھاياتقا ،
تاشلا ناچار ئىللەتنى .
مىزان قىلغىن ئۆزۈڭگە،
غۇرۇر بىلەن ياشاشنى.

گۈل دېسەم كۆزۈمگە كۆرۈندى تىكەن،
تىكەنسىز ئەمەسكەن ئەسلى گۈل دېگەن.
خۇدايىم ئىنسانغا چىراي بەرگەندە ،
تۈگمىدەك ئەقىلنى قۇشۇپ بەرسىكەن.


مەن 365 كۈن ياشايمەن،ھەرگىزمۇ بىر كۈن ياشاپ 365كۈن تەكرارلىمايمەن.

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 2062
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 23373
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4313 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 07:29:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يوللاپسىز ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت !

ساقلىۋالغىدەك مەزمۇنلار ئىكەن .

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13311
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1613
تۆھپە نۇمۇرى: 318
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 03:40:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىدۇ سىنىڭ خۇشاللىقىڭغا بارچە مەۋجۇدات تەنتەنە قىلىدۇ، يەنە شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىدۇكى سىنىڭ قايغۇڭغا زەررىچە مەۋجۇدات قۇلاق سالمايدۇ، مانا بۇ ھاياتلىقنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە خاسىيىتىدۇر...! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ياۋۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-23 03:44 AM  


مۇنبەر ئاجايىپلا بىر دۇنيا، ئىتنىڭ سايىسى بۆرە كۆرۈنىدىغان........

مۇھەببەت شەخسنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43372
يازما سانى: 499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4352
تۆھپە نۇمۇرى: 1291
توردا: 1114 سائەت
تىزىم: 2011-6-6
ئاخىرقى: 2012-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 10:20:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ھاياتلىققتا خاپلىق بىلەن خۇشالىق ئادەمگە خۇشنا ئىكەن

مۇھەببەت شەخسنى ئۆزگەرتەلەيدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش