شىركىتىمىز گىرمانىيەدىن بىر يۈرۈش ئۈسكۈنە كىرگۈزدى.ئۇنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن گىرمانىيە تەرەپ بىر ئىنژېنېرنى شىركىتىمىزگە تېخنىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىشكە ئەۋەتتى.
بۇ ئىنژېنېرنىڭ ئىسمى گېر بولۇپ،سەل قارامراق،بومبا ساقال يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ شىركىتىمىزدە قىلغان تۇنجى ئىشى ئۈسكۈنىنى تەڭشەش بولدى.بىر ئاي ھەپىلىشىپ ئۈسكۈنە مۇۋاپىقيەتلىك تەڭشىلىپ،تۇنجى لاياقەتلىك مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىلدى.غەلبىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن شىركەت رېستۇراندا بىر داستىخان تەييارلاپ ،ئۈسكۈنىنى تەڭشەشتىكى تۆھپىكارلارغا زىياپەت بەردى.زىياپەتكە ئىدارىدىن بىر مۇئاۋىن باشلىق،شىركەتتىكى بىر قانچە دېرىكتۇر قاتناشتى.رەھبەرلەر گېر بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇردى.مەن ئۈسكۈنىنى تەڭشەشكە قاتناشقان جۇڭگو تەرەپ تېخنىكى بولغاچقا ھەم گىرمانچىنى ئاز-تولا بىلگەچكە ،گېرنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالدىم.
زىياپەت باشلانغاندا ،سېخ مۇدىرى تەبرىك سۆزى قىلىپ:
--ئىدارە رەھبەرلىكىنىڭ سەمىمىي غەمخورلىقى،شىركەت رەھبەرلىكىنىڭ بىۋاستە قوماندانلىق قىلىش ،ئىنژېنېر گېرنىڭ زور ھەمكارلىقىدا.....-دىدى.
گېر خەنزۇچىنى بىلمىگەچكە،تەرجىمان ئۇنىڭغا تەرجىمە قىلىپ بەردى.ئۇ ھېچنىمىنى چۈشەنمەي،ئۇ نىمە دەيدۇ؟ دىگەننى بىلدۈرۈپ مۈرىسىنى كەينى-كەينىدىن قىسىپ قويدى.
ئەتىسى سېختا ئۇ ماڭا :
-سىلەرنىڭ سېخ مۇدىرىڭلار يالغان ئېيتتى! ئۈسكۈنىنى تەڭشەشكە سىلەرنىڭ رەھبىرىڭلار ئەمەس مەن قوماندانلىق قىلغان،شىركىتىڭلارنىڭ رەھبەرلىرى پەقەت بىر قېتىممۇ كېلىپ كۆرۈپ كەتتى،ئىدارە رەھبەرلىرى كېلىپمۇ باقمىدى!-دەپ ئاچچىقىنى ئېيتتى.
مەن ئۇنىڭغا :
-بۇ يالغان سۆزلىگەنلىك ئەمەس،بەلكى قائىدە،بىزنىڭ جۇڭگودا گەپ قىلغاندامۇشۇنداق گەپ قىلىدۇ.بۇ يەردە يۈز بەرگەن ھەرقانداق ئىش رەھبەرلىككە چېتىلىدۇ.-دەپ چۈشەندۈردۈم.
گېركۆزلىرىنى چەكچەيتىپ:
-نىمە؟سىلەر جۇڭگولۇقلارنىڭ قائىدىسى ئەشۇنداقما؟-دەپ سورىدى.
مەن:-شۇنداق بۇ جۇڭگونىڭ قائىدىسى،-دەپ جاۋاپ بەردىم.
گېر يەنە مۈرىسىنى قىسىپ قويدى.
بىراق چۈشەنمەسلىك چۈشەنمەسلىككىلا مەنسۇپ،ئۇ،جۇڭگولۇقلارنىڭ قائىدىسىنى تېزلا قوبۇل قىلدى.بىر قانچە كۈندىن كىيىن سېختا ھادىسە چىقتى:بىر ئىشچى قائىدە بويىنچە ئىشلىمىگەچكە ،ئۈسكۈنە يېرىم بارمىقىنى ئۈزىۋەتتى.سېختا ھادىسىنى تەھلىل قىلىش يىغىنى ئېچىلدى.يىغىندا سېخ مودىرى گېرنىڭ قارىشىنى ئاڭلىماقچى بولدى.ئۇ سەل ئويلىنىۋىلىپ سۆزلىدى،تەرجىمان ئۇنىڭ سۆزىنى مۇنداق تەرجىمە قىلدى:
-شىركەت رەھبەرلىكىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكى،سېخ مۇدىرىنىڭ بىۋاستە قوماندانلىقىدا......
بۇ گەپ چىقىشى بىلەن ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى غۇلغۇلا قىلىشتى.،ئۆز-ئارا كۇسۇرلاشتى،بەزىلەر كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ بىر-بىرىگە قاراشتى.سېخ مۇدىرى نىمە قىلىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ تۇرۇپلا قالدى،ئۇنىڭ گاڭگىراپ قالغاندىكى قىياپىتى خۇددى ئاغزىغا بىر تال ئاچچىق غورىنى سېلىۋىلىپ،يا يۇتىۋىتىشنى،يا ياندۇرۋىتىشنى بىلەلمەي قالغان كىشىگە ئوخشايتتى.
تەرجىمان گېرنىڭ خاتا سۆزلەپ قويغانلىقىنى بايقاپ،گىرمان تىلىدا ئۇنىڭغا سۆزىنى تۈزۈتۈپ بەردى.ئىككەيلەن بىر ئاز كالدىرىلىشىپ سۆزلەشتى،گېر يەنىلا ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەندەك قىلاتتى.تەرجىمان گېرنىڭ بۇچاغدىكى دىگەن سۆزىنى تەرجىمە قىلمىدى،بىراق مەن چۈشەندىم.گېر:
--جۇڭگولۇقلارنىڭ قائىدىسىنى ھەقىقەتەنمۇ چۈشەنگىلى بولمايدىكەن.......-دېدى.
لياۋجۈن ئىمزالىق بۇ ئەسەر ‹تەرمىلەر›ژورنىلىنىڭ 2001-يىل 14-سانىغا بېسىلغان.شەۋكەت سەمەت تەرجىمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-22 03:53 PM