نۇرۇز
تاڭ ساباسى سىيپاپ، پەپىلەپ،
ئېلىپ كەلدى باھار ھىدىنى.
ياساندۇرۇپ گۈلدەك ئۇزغىنا،
باشلاپ كەلدى نورۇز قىزىنى.
مانا بۈگۈن مەكتەپتە نورۇز،
ياڭرىماقتا نورۇز ناۋاسى.
نورۇز ئېشى ئىچىمىز تېخى،
ئۇ چاڭقىغان قەلىب داۋاسى.
مانا بۈگۈن يېزامدا نورۇز،
دېھقان دادام ئاتلاندى قوشقا.
ئېتىزلاردا «ھۇش- تاپ» ئاۋازى،
ئالدىرايدۇ ئاناممۇ ئىشقا.
قىزىپ كەتتى كەنىت دوقمۇشى،
چېلىشماقتا پالۋان ئاكاممۇ.
ئوغلاق تارتىپ كەلمەكتە ئەنە،
شاپ بۇرۇتلۇق تەمبەل تاغاممۇ.
شەھەردىمۇ قىزىيدۇ نورۇز،
شوخ ئوماقلار ئەنە باغچىدا.
ياشانغانلار ئاتلاندى توپ- توپ،
شەھەر سىرتى كۇكۇلمەيدانغا.
مانا قاراڭ قەلبىمدە نورۇز،
قوزغىماقتا يېڭى ھاياجان.
گۈلگە پۈركەش ئەھدىمدۇر مېنىڭ،
ۋەتەن ماڭا ئانا جانىجان.
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا azgun110 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-21 11:04 PM