altiwip يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 10:55 PM 
ئەرەپلەر بىلەن پارسلار ئوتتۇرىسىدىكى نەچچە مىڭ يىللىق ...
توغرا دەيسىز، نورۇز ئەرەپنىڭ بولمىغانلىقتىن بەزى ئەسلىيەتچى ئاشقۇنلار دىگەندەك ھارام ياكى مەكرۇھ بولىدىغان بولسا ئەرەپ تىلىدىن باشقا تىلدا سۆزلەشمۇ ھارام بولمامدۇ؟... دىمەك دىنى ئەسەبىلەر مانا مۇشۇنداق ئۆزىنى ئۆزى ئىنكار قىلىدىغان لوگىكا قەلەندەرلىرى خالاس!
باھارىمنىڭ تۇنجى كۈنى، ئەتىيازىم نەۋرۇزۇم
ئەھلى ئەجەم ئايىمىسەن، ئەتىۋارىم نەۋرۇزۇم
ئاتا-بوۋام ئايەم قىلغان كۆكات كۆكلەپ كۈلگەندە
جىلمىيىپ سەندە زەرەپشان،كۈلدى تارىم نەۋرۇزۇم
ئات مىنىپ،تونلار كىيىپ،چاپقان كۈنى بەيگە تامان
ئوغلاقنى ژۇل!كۆڭلۈمنى ئال!دەيدۇ يارىم نەۋرۇزۇم
كۆك دىدىم، نەۋرۇز دىدىم،مەشرەپ دىدىم گاھى يەنە
كۆيدۈرۈپ ياغلىقاپاق،خەتمەزارىم نەۋرۇزۇم
ئايىمى يوقلار سىنى بىدئەت دىدى،مەكرۇ دىدى
تەڭرى بەرگەن ئايىمىمسەن،لالىزارىم نەۋرۇزۇم
مەشرەبا سالما قۇلاق،خام-خاتلىلارنىڭ "ھۈ"سىگە
ئاڭامەكرۇھ بولسىمۇ،ماڭا ھالالىم نەۋرۇزۇم
2012-يىلى نەۋرۇز ھارپىسى