باھارشادلىقى
بۈگۈن نۇرۇز ،پۈتۈن زىمىن شادلىققا تولغان،قېشىچە ئۈچەكتە ياتقان جانلىقلار ئويغان ،دېھقان ئاتام كەتمىنى كۆتۈرۈپ ئېتىز بېشىغا ئاتلانغان ،ھەربىرگىياھ ،بىخلىنىپ ئۈنۈشكە باشلىغان ،باغدىكى خىلمۇ-خىل مىۋىلەر ئاق چىچەككە پۈرگەنگەن،تۈن بىلەن كۈن تەڭلەشكەن خاسىيەتلىك نۇرۇز كۈن.قېشىچە ئېغىر سۈكۈناتتا ياتقان يەر زىمىن ئويغىنىپ،ئوتقاشتەك قۇياش نۇرى ئاستىدا ئىللىپ دىللارغا ئالەمچە خۇشاللىق بەرگەن كۈن.بۈگۈن نۇرۇز كېچە بىلەن كۈن تەڭلىشىپ،كېچە ئاسمىنى شۇنچىلىك سېھرىلىك تۈسكە كىرىپ، ئاي نۇرى باھارنىڭ شادلىقىغا جۆر بۇلۇپ،گۇيا باھارنىڭ تىنىمسىز شوخ شامىلدەك باغلار ئارا تاغلار ئارا يۈرۈپ كەتتى....مۇشۇ دەقىقىدە ھەممەيلەن قىزغىن كەيپىياتتا باھار شادلىقىغا تولۇپ، باھارنىڭ ئەلچىسى نۇرۇزنى قىزغىن كۈتۋالدۇق.ئەنە قاراڭ باھار بىزگە قاراپ كۈلۋاتىدۇ.قۇياش نۇر-زىيا چېچىپ نۇرۇزنى پۈتۈن تەپتى بىلەن تەبرىكلەۋاتىدۇ.
زىمىننى ئىللىتىپ باھار شامىلى،
تەپتىدە ئويغاتتى پۈتۈن جانلىقنى.
قار-مۇزلار ئىرىدى شاقىراپ تىزلام،
كۆكتىكى نۇرقۇياش بەرگەچ مېھرىنى.
باھارنىڭ تەپتىدە ھەممەيلەن كۈلۈپ،
باغلارمۇ تولدى ئاق چېچەك ھىدىغا.
كۆزىدىن پارلاپ بارھارنىڭ ئىستىكى،
بۇلاقتەك تاشقىن ئىلھام كەلدى شائىرغا.
باھاردا ھەممىدە باھارچە تۇيغۇ،
كۆي-كۆيلەپ يازىدۇ شائىرە داستان.
يۇلتۇزمۇ كۆرۈنۈپ شۇنداق جۇلالىق،
كۆكتىكى تۇلۇنئاي پەرىزاتسىمان.
گۈلدەستە تىزماقتا زىمىنغا باھار،
تەپتىدىن نۇر بىرىپ پۈتۈن جانلىققا.
پارلايدۇ ھەممىنىڭ چېھرىدە گۈلگىن،
بۇزىمىن تولغاچ باھار شادلىقىغا.
مەنبەقەلىمىم