بۇ،«يازغۇچىلار»تورىغا بىرىلگەن ياخشى تەكلىپ ئىكەن.«مىسىرانىم»غىمۇ ئۇيغۇن كىلىدۇ دەپ ئۇيلاپ چاپلاپ قويدۇم.تورداشلارنىڭ يەنە قانداق پايدىلىق تەكلىپلىرى بار ،ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا.باشقۇرغۇچىلار توغرا دەپ قارىغانلىرىنى قوبۇ قىلىسا «مىسرانىم»نىڭ سۈپىتىنى تىخمۇ يۇقىرى كغتىرىشكە ياردىمى بولاتتى دەپ ئۇيلۇدۇم.
ئىنكاسنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ
http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=11&TopicID=11228
ئەزىز ھېيىت كۈن
قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئەسەر ۋە ئىنكاس ئارقىلىق مەزكۇر مۇنبەرنىڭ جانلىنىشى ياخشى بولىۋاتىدۇ. مەن مەزكۇر مۇنبەرنىڭ ئىنكاس بوشلۇقىدىكى يېزىلمىلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە تەدرىجى مۇكەمەللەشتۈرۈشكە تۈرتكىسى بولار دىگەن ئارزۇدا تۆۋەندىكى تەكلىپنى بەرمەكچى:
1.ياخشى ياكى ناچار،بەلەن بوپتۇ.تىرىشىڭ،ئالغا...دىگەن باھالارنىڭ ھەممىسى ئوقۇرمەنلەر مەيدانىدا تۇرۇپ بېرىلگەن باھا ھېساپلىنىدۇ.رەسمى ئىنكاس دەرىجىسىگە توشمايدۇ.شۇڭا «ياقتۇردۇم» « ياقتۇرمىدىم» دىگەن ئىككى خىل بەلگە ئۇرۇلدىغان باھا بوشلۇقىدىن بىرسى تەسىس قىلىنسا ئەسەرلەرنى ئوقۇرمەنلەر نوقتىسىدا تۇرۇپ باھالايدىغانلار،شۇنچىلىك باھالاشقا كۈچى يېتىدىغانلار ئەشۇ ئىككى كاتەكتىن بىرىگىلا بەلگە ئۇرسا.
2.«مۇئايەنلەشتۈرۈشتىكى ئاساسىڭىز » « ئىنكار قىلىش ئاساسىڭىز » دەيدىغان ئىككى بوشلۇق تەسىس قىلىنسا،ئىنكاس يازغانلار ئۆزلىرى ياخشى دىگەن ئەسەرنىڭ ياخشى يېرىنى ئەمەلىي (قىسقىچە) كۆرسىتىپ بەرسە.ناچار دىمەكچى بولسىمۇ ناچار يېرىنى كۆرسىتىپ بەرسە،بۇ « كەسپى ئىنكاس بوشلۇقى » دەپ ئاتالسا مۇۋاپىق بولىدۇ.شۇنداق بولغاندا كاللا قاتۇرۇپ ئەسەر يېزىپ يوللىغۇچى ئاپتورلار كاللا قاتۇتۇرۇپ يېزىلغان مۇئايەنلەشتۈرۈش تەرپىدىكى ياكى ئىنكار قىلىش تەرپىدىكى ئىنكاسلارغا ئېرىشەلەيدۇ.
3.ئەزالارغا نومۇر برىشتە «ياقتۇرۇش»«ياقتۇرماسلىق» كاتىكىنى تاللاپ بەلگە ئۇرۇشقا 1 نومۇر.ھەققىقى باھا -ئىنكاس پىكرىنى يېزىشقا ئۆزگەرتمەي 5 نومۇر،يوللانغان ئەسەرگە 5 نومۇر ،رەسمى تەستىقلىنىپ مەزكۇر مۇنبەردە ئىلان قىلىنسا 5 نومۇر قىلىپ بىكىتىلسە ،باھا-ئىنكاسنىڭ سۈپىتىنى ۋە يوللىنىدىغان ئەسەرنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتىرىشكە پايدىلىق بولامدىكىن دەيمەن.يەنە ئۆز ئىجادىيىتى بىلەن باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى يوللاشقا بېرىلدىغان نومۇر پەرقلىنىشى زۈرۈرمۇ قانداق؟ دەپ ئويلايمەن.مەن نومۇر بېرىش ئۆلچىمىنى شۇنداق ئىنچىكىلەشتۈرۈشنى تەشەبۇس قىلىش ئارقىلىق چۈپەيلىك،تخۇپوقىلىق قىلايلى دىمەكچى ئەمەس.ئىجادىيەت ئىنتايىن ئەستايدىللىقنى،مەسۇلليەتچانلىقنى،ئىزچىللىقنى،ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.كونكىرت ئەزالارنىڭ نەتىجسى كونكىرت جەھەتتە پەرققە ئىگە بولسا پىرىنسىپچانلىق بويىچە مەزكۇر مۇنبەردىكى ئىجادىيەتنى يۈكسەلدۈرگىلى بولامدىكىن دەيمەن.
يېقىندىن بۇيان ئويلىغانلىرىمنى يىغىنچاقلاپ بايان قىلدىم.بۇ پەقەت مېنىڭ تەكلىپ پىكرىم.
قۇبۇل قىلىنماي قالسا مەيلى.تورداشلارنىڭ تېخىمۇ ئىلغار تەكلىپى ئوتتۇرغا قويۇلىشى مۇمكىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-21 12:16 PM