يامغۇر لىرىكىسى
قاشتېشىدەك كۆز چاقنىتىپ يالتىراپ،
ئوتلۇق زېمىن قۇچىقىغا تۆكۈلدۈڭ.
باغرى قاندى مەۋجۇدادنىڭ مېھرىڭدە،
شۇندا گۇيا زەمزەمدەكلا بىلىندىڭ.
كۈلدى زېمىن تېنى يايراپ سەن بىلەن،
قېنىپ راسا تەشنالىقى مېھرىڭدە.
ئۇپۇق ئارا جىلۋە قىلسا زەر قۇياش ،
توختىۋالدىڭ، كۆيدى زېمىن ھىجرىڭدە.
زېمىن ئايىم زىنىقىغا قونۇشقا،
ئالدىڭمىكىن كۆك شاھىدىن ئىجازەت.
ۋەسلىڭ ئۈچۈن پۈتۈپ ئوتلۇق لىرىكا،
يالقۇنلىدى ۋۇجۇدۇمدا مۇھەببەت.
ۋىسالىڭدىن كەڭ كائىنات سۆيۈنەر،
چېكىلگەندەك كۈيدە يۈرەك تارىسى.
چاڭقاق دىللار ھوزۇرۇڭدىن ياشنىسۇن،
توختىماستىن تۆكۈلگىن كۆك پەرىسى.
1989-يىل ماي ،قەشقەر
( مەنبەسى: ئەركزات نەزمىلىرىدىن )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-21 02:56 PM