يىـڭى ئــەزا
كەچۈر دادا
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ھەسرەت
ياش يىگىت توي قىلغاندىن كېيىن بىرلىكتە ياشاۋاتقان ياشانغان دادىسىنىڭ سەۋەبىدىن ئايالى بىلەن گەپ تالىشىپ قالىدىكەن، ئايالى قېيىنئاتىسى بىلەن بىللە ياشاشنى خالىمايدىكەن، قېيىنئاتىسىنى ئائىلىسىگە ئارتۇقچە يۈك دەپ بىلىدىكەن. بىر كۈنى قاتتىق جىدەلدىن كېيىن ئايالى يىگىتكە: يا ماڭا تۇر، ياداداڭغا، دەپتۇ. ياش يىگىت ئايالىغا ئاشىق ئىكەن ۋە ئوماققىنە بىر ئوغلى بارئىكەن، شۇڭا يىگىت ئايالىدىن ئايرىلىپ ياشاشقا چىدىيالمايدىكەن، يىگىت بىر نەچچەكۈن ئويلانغاندىن كېيىن بىر ئامال تېپىپتۇر. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئورماننىڭ ئوتتىرىدا ياسالغان كىچىككە كەپە بار بولۇپ، يىگىت دادىسىنى شۇ كەپىگەئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشنى، ھەپتىدە بىر زىيارەت قىلىپ لازىمەتلىك نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بېرىشنى ئويلاپتۇ. ئەتىسى نەرسە كېرەكلەرنى تەييارلاپ دادىسى ۋە ئوغلىنى ماشىنىغائولتۇرغۇزۇپ كەپىگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. قىش مەۋسىمىنىڭ ئوتتىرى بولغاچقا قىلىنقار يىغىۋاتقان بولۇپ، يوللارنى ناھايىتى تەس پەرقەتكىلى بولىدىكەن. ئوغلى دادىسىدىن: دادا نەگە ماڭدۇق، دەپ بىر نەچچە قېتىم سورىغان بولسىمۇ، دادىسى جاۋاپ بەرمەي يولىنى مىڭىۋىرىپتۇ. ئوغلىنى كەيپىياتىدىن نەگە مىڭىۋاتقانلىقىنى بىلىپيەتكەن بوۋاي ئۈنسىز ياش تۆكۈپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي كەپىگە يىتىپ كەپتۇ، يىگىت بوران ئۇچۇپ تۇرغان كونا كەپىگە نەرسە كېرەكلەرنى جايلاشتۇرۇپتۇ. قايتىشتىن بۇرۇن دادىسى بىلەن ئۇزاققىچە قۇچاقلىشىپ خوشلىشىپتۇ. قايتىش يولىدا بوۋىسىنىڭ بوران ئۇچۇپتۇرغان ئاشۇ ۋەيرانە كەپىدە قالغانلىقىنى كۆرگەن بالا، بوۋامنى نېمە ئۈچۈن ئاشۇكەپىدە تاشلاپ قويدۇق، دەپ يىغلاشقا باشلاپتۇ، بالىسىغا ئايالى بىلەن بولغان ماجىرا ھەققىدە ئېغىز ئىچىشنى خالىمىغان يىگىت، جاۋاپ بەرمەستىن يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ، ئۇزاق ئۆتمەي ئوغلى: دادا سەن قېرىغاندا مەنمۇ سىنى ئاشۇ كەپىگەئاپىرىپ قويامدىم، دەپ سوراپتۇ. ئوغلىنىڭ سۇئالىدىن ئۆزىنىڭ خاتاسىنى تونۇپ يەتكەن يىگىت كەپىگە قايتىپ دادىسىغا ئۆزىنى ئېتىپ: كەچۈر دادا، دەپ ياش تۆكۈشكەباشلاپتۇ. دادىسى ئوغلىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىگە ھەيران قالماستىن: ئوغلۇم! قايتىپ كىلىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم، چۈنكى مەن دادامنى بۇنداق ۋەيرانە كەپىگە تاشلاپ قويمىغان ئىدىم.
پاش قىلىش
ئادەتتىكى ئەزا
تىرىشچان ئەزا
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم!
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ