ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قەدىرلىك تورداشلار
كەمىنە بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نۇرۇز بايرىمىنى تەبىرىكلەش يۈزسىدىن كىچىككىنە بىر قوللىنىشچان دىتالنى سىلەرگە تەغدىم قىلماقچىمەن ، مەن بىرقانچە يىللاردىن بويان ئەھمىيەتلىك بايرام ۋە خاتىرە كۈنلەرگە ئاتاپ بىر قىسىم ئۇيغۇرچە دىتاللارنى تورداشلارغا سوۋغا سۈپىتىدە مۇنبەرگە يوللاپ كېلىۋاتىمەن ، يېقىندىن بويان تىرىكچىلىكنىڭ ئالدىراشلىقىندىن بۇ يىلقى نۇرۇزغا ئاتاپ تۈزۈكرەك بىرەر دىتال لاھىلەپ بولالمىدىم ، شۇنداقتىمۇ بۇ كىچىك دىتالنى كۆپچىلىككە سۇندۇم ، نەرسە كىچىك بولسىمۇ كۆڭلىمىز چوڭقۇر .......
دىتالنىڭ ئىسمى :تور كۈتۈپخانىسى
بۇ مەن بۇرۇن يوللىغان پۈتۈكچى دىتالىنىڭ يېڭى نۇسقىسى ، تور يازمىلىرىنى يىغىش ، كۆرۈش دىتالى . لېكىن سىلەرگە سوۋغا قىلغىنىم پەقەتلا كۆرۈش ئىقتىدارى بولۇپ ، چۈشۈرۈش ئىقتىدارى مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ۋاختىنچە يوللانمايدۇ . ھازىر دىتالغا پەقەتلا مىسرانىم مۇنبىرى قوشۇلغان بولۇپ، مۇنبەرنىڭ بۇگۈنگە قەدەر 36720 دانە يازما مەزمونى ساندانغا ساقلانغان . سىز تورسىز مۇھىتتتىمۇ بۇرۇنقى يازمىلاردىن بىمالال پايدىننالايسىز ..
دىتالنى چۈشۈرگەندىن كېيىن پىرىستىن يىشىپ PutukqiWeb.exe نى قوزغۇتۇپ كۆرۈڭ ، ئەگەر دىتال قوزغۇلۇشتا خاتالىق كۆرۈلسە سىز Microsoft .NET Framework نىڭ 3.5 ياكى 4.0 نۇسقىسىنى قاچىلسىڭىز دىتال قوزغۇلىدۇ ، ئادەتتە windows7 بىۋاستە قوزغۇلىدۇ . دىتال قوزغالغاندىن كېيىن كۆزنەك ئۇستىدىكى تاللاش سىتونىدىن MisranimBBS نى تاللىسىڭىزلا بولىدۇ ، قالغىنىنى ئۆزىڭىز چۈشۈنەلەيسىز .
دىتالنى چۈشۈرۈش ئادىرسى :
چۈشۈرۈش
Microsoft .NET Framework چۈشۈرۈش ئادىرسى :
چۈشۈرۈش
ئىزاھات : مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى بۇ دىتالنى تارقىتىشنى مۇۋاپىق دەپ قارىسا تېمىنى تەستىقلاپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Xaparang تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-21 01:57 AM