مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1177|ئىنكاس: 16

بەرداشلىق بېرىڭلار يۇرتداشلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5143
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5349
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 255 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 11:51:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بەرداشلىق بېرىڭلار يۇرتداشلار   


ئەزىز نەسىن


تۈركچىدىن Hechkim تەرجىمىسى





بۇرۇن بۇ چوڭ دۇنيانىڭ بىر يېرىدە، تۆت ئەتراپى تاغ، ئوتتۇرىسى باغ، سۇلۇق، ھاۋالىق بىر دۆلەت بولغان ئىكەن.
  دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىكىگە ئوخشاشلا بۇ دۆلەتتىمۇ ئىنسانلاردىن باشقا جانلىقلار باركەن: يىلانلار، چايانلار، زەھەرلىك ئۆمۈچۈكلەر ... ئەمما بۇلار باشقا يەرلەردىكىدىن ئازمۇ ئەمەس، كۆپمۇ ئەمەس بولغاچقا بەك كۆزگە كۆرۈنۈپمۇ كەتمەيدىكەن.
   بۇ دۆلەتنى "بەگ" دېيىلىدىغانلار باشقۇرىدىكەن. بەگلەر سايلام بىلەن سايلىنىدىكەن. بېلەت سانى كۆپ بولغان بىرى بەگ بولىدىكەن.  
   زامانلار ئۆتۈپ، بۇ دۆلەتتە ئادەمنى چۆچۈتىدىغان بىر ئۆزگىرىش بوپتۇ: ئۆمۈچۈكلەر، چايانلار، يىلانلار، زەھەرلىك قۇرتلار... كۈنسېرى چوڭىيىشقا، يەنە تېخى ئىشەنگۈسىز سۈرئەتتە كۆپىيىشكە باشلاپتۇ. يىلانلار تېرەك بويى ئۇزۇراپتۇ، تېرەكتەك توملاپتۇ. ئۆمۈچۈكلەر ئۆيدەك بولۇپ كېتىشىپتۇ. پاتمىچۇقلارنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالىلىرى تىمساھتىنمۇ يوغانمىش. سەكسەنپۇتلار پويىزدەك، شەپەرەڭلەرنىڭ قاناتلىرى بولسا چېدىردەك...
  
  خەۋپنى ئالدىن سەزگەنلەر بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئىزدىشىپتۇ. ئەمما بۇ زىيانداشلارنىڭ نېمىشقا بۇنچە يوغىناپ، ئاينىپ كېتىۋاتقانلىقلىرىغا ھېچ ئەقلى يەتمەپتۇ.
  
       ئىش شۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەپتۇ. بۇ زىيانداشلار تېخى ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلاپتۇ. قىزىق يېرى، ئىنسانلار بۇ مەخلۇقلارنىڭ زەھەرلىرىدىن ئۆلمەيدىكەن. ئۆلمەيلا قالماستىن، بۇ زەھەرلەر ئىنسانغا ئاجايىپ ھوزۇر، كەيپ بېرىدىكەن. بىر قېتىملا چېقىۋالسا، شۇ ئادەم بۇ ھوزۇردىن چوقۇم شۇنىڭ زەھىرىگە خۇمار بولۇپ قالىدىكەن. ئۆزىنى يىلان-چايانلارغا، ئۆمۈچۈكلەرگە چاقتۇرمىسا تۇرالمايدىغان بولۇپ قالىدىكەن. يەنە كېلىپ بۇ خۇمارنىڭ چېكى يوقكەن. بىر قېتىملا يولۇقساڭ، تېخىمۇ كۆپ، يەنىمۇ كۆپ تەلەپ قىلىدىكەنسەن... شۇنداق قىلىپ، دەسلەپتە ھەپتىدە بىر قېتىم چىقىپ ئۆزلىرىنى يىلان-چايانلارغا تۇتۇپ بەرگەنلەر، كېيىن ئىككى كۈندە بىر، كېيىنچە كۈندە بىر، كېيىن بېرىپ-بېرىپ كۈندە نەچچە ۋاققا ئادەتلىنىشكە باشلاپتۇ.
  
       كاللىنىڭ پىكىر قىلىشقا يارىتىلغانلىقىنى بىلىدىغانلار، ساغلام پىكىرلىك كىشىلەر "قانداق قىلساق ئىنسانلارنى شۇ يىلان-چايانلاردىن قۇتقۇزالارمىز؟" دېيىشىپ بىر چارە ئىزدىشىپتۇ. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىكى زەھەرگە ئوبدان كۆنگەنلەر ئۇلارغا قارشى تۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ دۆلەتتىكى ئىنسانلار ئىككى گورۇھ بولۇشۇپتۇ. ئەلۋەتتە، باشقا گورۇھلارمۇ باركەن، ئەمما بۇ ئىككى گورۇھ ئېنىقلا ئايرىلىپ چىقىپتۇ: زەھەرگە كۆنگەنلەر، بۇ زەھەرنىڭ ئىنسانلارغا ناھايتى پايدىلىق ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ يۈرىدىغانلار، ۋە ئۇلارغا قارشى تۇرىدىغانلار.
  
شەپەرەڭلەر، ئۆمۈچۈكلەر، چايانلار، سەكسەنپۇتلار... نىڭ توختىماي ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن، زەھەرخۇمارلار كۈنسېرى كۆپىيىپ، قارشى تەرەپتىكىلەر ئاز قېلىشقا باشلاپتۇ.  


     ئايلار، يىللار ئۆتۈپ، بۇ زەھەرخۇمارلىرى شۇ قەدەر زەھەرلىنىشكە باشلاپتۇكى، ئاستا-ئاستا يۈز-كۆزلىرى، قول-پۇتلىرى ئۆزگىرىشكە باشلاپتۇ. ئۆزلىرىنى يىلانغا چاقتۇرغانلار، ھەركۈنى بىر پارچە، بىر پارچىدىن تېرىلىرى يېشىلغا ئۆزگىرىپ، بويى ئۇزىراپ، كاللىسى كىچىكلەپ، بارا-بارا پۈتۈنلەي يىلانغا ئۆزگىرىپ كېتىشىدىكەن: يەردە ئۆمىلەيدىكەن، ئۇچرىغاننى چاقىدىكەن؛ يەنە بەزىلەرنىڭ بارماقلىرى، تىرناقلىرى، قول-پۇتلىرى بارا-بارا ئىنچىكىلەپ، ئۇزىراپ، يېڭىدىن قول-پۇت ئۆسۈپ چىقىپ... ئاخىرىدا يوغانلار بىر ئۆمۈچۈككە ئايلىنىدىكەن-دە، ئىنسانلارغا ئېتىلىدىكەن. ئازراق زەھەرلەنگەنلەرمۇ، يەنىلا قېنىدىكى زەھەر تۈپەيلى، يىلانلىشىشقا، چايانلىشىشقا، شەپەرەڭلىشىشكە... باشلاپتۇ.  
  
ئىنسانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلار ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن ئېچىنىپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە:
- يۇرتداشلار!... ئىنسانلىقىڭلارنى قوغداڭلار، ئۆمۈچۈكلەشمەڭلار، چايانلاشماڭلار!... دەپ نەسىھەت قىلىشسىمۇ، باشقىلار قۇلاق سالمايدىكەن. ئەكسىچە، زەھەرلەنگەنلەر تولىمۇ كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئاز سانلىقلارغا خائىنلار!... دەپ ھۇجۇم قىلىشىدىكەن.
   ئىنسانلار بارا-بارا شۇنچىلىك ئاز قاپتۇكى، يەنە نەچچە يىلدىن كېيىن بۇ دۆلەتتە ئادەم قالماسلىقىدىن قورقۇشقا باشلاپتۇ. بەگ سايلىمىدىمۇ، سانى كۆپ بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇ يىلان-چايانسىمانلار كىمنى سايلىسا شۇ بەگ بولىدىكەن.  
      ئۇ دۆلەتتە بىلىملىكلەر، زىيالىيلارمۇ باركەن. ئۇلار "بېشىمىزغا ئېغىر كۈن كېلىۋاتىدۇ، ئەپەندىلەر. بۇنىڭدىن يۇرتداشلىرىمىزنى قانداق قۇتقۇزىمىز؟" دەپ باش قوشۇپتۇ. ھەممەيلەن بىلگىنىچە بىر نەرسىلەرنى دەپتۇ:
- زەھەرگە خۇمار بولۇپ ئۆمۈچۈكلەشكەنلەر، يىلانلاشقانلار ئەمدى ئادەم ھېسابلانماسلىقى كېرەك. ئۇلاردا ئىنسانلىق قالمىدى. شۇڭا بەگ سايلىمىغا ئۇلارنى قاتناشتۇرماسلىق كېرەك....
لېكىن، قانچىلىك يىلان-چايانلىشىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ئادەم بولۇپ تۇغۇلغان-دە؟ يەنە كېلىپ، بۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ ئىنسان تۇغۇلىدىكەن. قېنىغا زەھەر ئارىلاشمىغان بولسا يەنە ئىنسان ھالىتىدە قالىدىكەن.

ئۇقۇمۇشلۇقلارنىڭ بەزىلىرى:
- ئىنسان بولۇشنىڭ يولى - تاماقنى قوشۇقتا يېيىش!... دەپتۇ. "ئىشتاننى دەزماللاپ كىيىش" دېگەنلەرمۇ، "ھەر كۈن ساقال ئېلىش"... دېگەنلەرمۇ بوپتۇ. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئىنسانلىقنى قوغداپ قېلىشقا يەتمەپتۇ.
     ئارىدىن بەزىلەر شۇنداق تەكلىپ بېرىپتۇ: باشقا دۆلەتلەرگە بىر قاراپ، تەكشۈرۈپ باقساق. ئۇلاردىمۇ بۇ مەسىلە بارمىكەن؟ بولسا قانداق ھەل قىلغانىكەن؟... مۇشۇلارنى تەھلىل قىلساق بىر ئامال چىقىپ قالار، دېيىشىپتۇ. سىناپمۇ بېقىشىپتۇ. تەرەپ-تەرەپلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىشىپتۇ. ئاخىرى يۇرتلىرىغا قايتىشىپ، يەنە بۇرۇنقىدەك ھەممىسى ھەرخىل پىكىرلىرىنى ئېلان قىلىشىپتۇ:
- ئۆيلىرىمىز تېخىمۇ كەڭ بولۇشى كېرەك!...
- باشقا دۆلەتلەردىن ئېسىل ئادەملەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئۈلگە قىلايلى!...
- بىزنىڭكىلەرنى چەت ئەللەرگە ئەۋەتەيلى، ئۇ يەردىكى ئىنسانلارنى كۆرسۇن...
ئۇنى دەپتۇ، بۇنى دەپتۇ، ھەتتا "كۈندە ئۈچ قېتىم قورساق قاتلاش مەشىقى قىلىش كېرەك"، "ياتقاندا سول ياننى بېسىپ يېتىش كېرەك"... دېگەنلەرمۇ بوپتۇ. پەقەت ئارىدىن ساقراق بىرى چىقىپ شۇنداق دەپتۇ:
- ماڭا قۇلاق سېلىڭلار. مەن بۇ زىيانداشلارنىڭ نېمىشقا ئاينىپ كېتىشكەنلىرىنىڭ سەۋەبىنى تاپقاندەك قىلىمەن. دۆلىتىمىزنىڭ ھاۋاسى ئۆزگىرىپ قېلىۋاتقىنىغا دىققەت قىلدىڭلارمۇ؟ بىر يەردىن يېڭىچە بىر ھاۋا كېلىۋاتىدۇ. بۇ ھاۋا بۇ زىيانداشلارغا ياققاچقا، ئاينىپ، يوغىناپ كېتىۋاتقان گەپ. بايقىشىمچە، بۇ ھاۋا شەرق تەرەپتىن كېلىۋاتىدۇ. مەن نۇرغۇن دۆلەتلەرگە باردىم. شەرقتىن كەلگەن بۇ شامالنى توسۇۋالىدىغان تاغلارنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان دۆلەتلەردە بىزدىكى بۇ ئاپەتلەر يوقكەن. ئەقلىمىزنى ئىشقا سېلىپ، ھەممە ئىش ئاخىرلاشماستا شەرقتىن كېلىۋاتقان بۇ شامالنى توسۇشىمىز كېرەك. بولمىسا ئاز كۈندە بۇ دۆلەتتە ئادەم قالمايدۇ. ھەممىمىز يىلان، چايان بولىمىز.
      ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنگەنلەرمۇ، مازاق قىلىپ كۈلگەنلەرمۇ بوپتۇ. ئەمما ئىنسانلار ئىشنى جىددىي تۇتۇپ زىيانداشلارغا ۋە ئۇلاردەك بولۇپ كەتكەنلەرگە قارشى ئۇرۇش ئېچىپتۇ. ئاجايىپ قانلىق بىر ھايات-مامات جېڭى بوپتۇ. ئۇ زاماندىكى بەگمۇ زىيانداشلار تەرەپتىكەن. ئۇ دۆلەت دۈشمەنلەردىن قوغدانماق ئۈچۈن ھەر تەرىپى قېلىن سېپىللار بىلەن قورشالغان بولۇپ، ھەر تەرىپىدە دەرۋازىلار باركەن. ئىنسانلار شەرقتىكى دەرۋازىنى تاقىۋېلىش ئۈچۈن، زىيانداشلار تاقاتماسلىق ئۈچۈن جان ئېلىپ، جان بېرىشىپتۇ. ئىنسانلار ئىچىدىن ئىتتىرىپ، باشقىلار سىرتتىن توسۇپ دېگەندەك دەريا دەريا قانلار ئاققان بۇ جەڭدە، ئاخىرى ئىچىدىكى ئىنسانلار شەرق دەرۋازىسىنى مەھكەم تاقىۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولۇشۇپتۇ. زىيانداشلار سىرتتا قاپتۇ. بۇ ئەقىلنى كۆرسەتكەن ھېلىقى كىشىنى بەگ سايلىشىپتۇ. ئۇ يۇرتداشلىرىغا:
- ھەرگىز، - دەپتۇ، - بۇ دەرۋازىنى ئاچماڭلار، قەتئىي ئاچماڭلار، ئاقىۋىتى يامان بولىدۇ. بۇ شۇنداق بىر ئىشىككى، يىڭنە كۆزىچىلىك ئېچىلدىمۇ، بولدى، تېزلا پۈتۈنلەي ئېچىلىدۇ.
  
كېيىن بۇ ئەقىللىق ئادەم ئۆلۈپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن بەگلەر ئۆتۈۈپتۇ.
  
يەنە بۇرۇنقىدەكلا ھەر يەردىكىدەك بۇ دۆلەتتىمۇ ئۆمۈچۈكلەر، يىلان-چايانلار بار بولسىمۇ، شەرق دەرۋازىسى مەھكەم ئېتىك بولغىنى ئۈچۈن، شەرقتىن ھاۋا كىرەلمەي، بۇ زىيانداشلار قايتا كۆپىيەلمەپتۇ، چوڭىيالماپتۇ.
   كۈنلەر، ئايلار، يىللار ئۆتۈپتۇ، ئۆتۈپتۇ... بەگ سايلىمىدا نامزاتلار "مەن!" دېسە "مەن!" دېيىشىپ تارتىشىشقا باشلاپتۇ. ئەمما بۇ نامزاتلارنىڭ ھېچبىرى ئىنسانلارنىڭ قايتىدىن يىلانلىشىشىنى خالىمايدىكەن. خالىماسلىقىغۇ خالىمايدىكەن، ئەمما سايلامدا كۆپرەك ئاۋاز كېرەك-تە؟ شۇ زاماننىڭ بېگى قارىسا، قايتا سايلىنىشقا يەنە ئۈچ بېلەت كەم.  
- مەن بۇ ئىشىكنى پەقەت ئۈچ بېلەتلىك ئاچىمەن!... دەپتۇ.
   دېگىنىنى قىلىپ، بەگلىكنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويماپتۇ.
  
    ئۇنىڭ رەقىپلىرىمۇ ئىشىكنى يەنە ئازراق ئېچىپ، ئۆزلىرىگە ئاۋاز بېرىدىغانلارنى ئەكىرىۋېلىشقا باشلاپتۇ. ئۇلارمۇ ئىشىكنىڭ پۈتۈنلەي ئېچىلىپ كېتىشىنى خالىمىغاچق،ا پەقەت ئون ئاۋازلىقلا ئېچىپتۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئىشىك پۈتۈنلەي ئېچىلىپ كەتمىسۇن، دېيىشىپ ئادەملىرىنى ئىشىكنى ئىچىدىن تىرىۋېلىشقا بۇيرۇشۇپتۇ. ئىشىك ئون بېلەتلىك، يۈز بېلەتلىك، مىڭ بېلەتلىك ئېچىلا ئېچىلا ئاخىرى تامامەن، ئارقىسىغا قايرىلىپ سۇنۇپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئېچىلىپتۇ.  
  بەگلەر، ئىشىكنىڭ بۇنداق ئېچىلىپ كېتىشىنى خالىمىغانلىقلىرى ئۈچۈن:
- چىداڭلار يۇرتداشلار، ئىچىدىن ئىتتىرىڭلار، بەرداشلىق بېرىڭلار!... دەپ بۇيرۇق ئۈستىگە بۇيرۇق بېرىشىدىكەن.
  ئىچىدىن ئىتتىرىپ، تېشىدىن ئىتتىرىپ، ئىشىكمۇ ئاخىرى ئۆز ئوقىدا پىرقىراشقا باشلاپتۇ.
    شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ دۆلەتتە شەرق دەرۋازىسى ئېچىلىپ يېپىلىپ پىرقىرايدىكەن، بەگلەر بولسا:
- كۈچەڭلار يۇرتداشلار، بەرداشلىق بېرىڭلار!... دەپ ۋارقىرىشىدىكەن.  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-21 03:34 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76278
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 11:50:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نورۇزدا يوللىغان نۇرۇز ئېشىدەك خاسىيەتلىك تېمىغىزغا ھەشقاللا دوستۇم، تەپەككۇر قاناتلىرىڭىز ئەركىن پەرۋاز قىلغايمۇشنىڭغا ئوخشاش چوڭقۇر پىكىرلىك تېمىلىرىڭىز بىلەن مىسرانىمنى بېيىتقايسىز. رەخمەت

بېر كۈنلەر كىلىپ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8955
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5528
تۆھپە نۇمۇرى: 258
توردا: 472 سائەت
تىزىم: 2010-9-3
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 12:02:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالامەت ياجشى يىزىلغان ھىكايىكەن . خۇددى بىزنى ...........
مۇشۇنداق ھىكايىلەرنى كۆپرەك تەرجىمە قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.   ‹قارىغۇ›

دۇشمەنگە رەھېم قېلېش -دوسقا زۇلۇم قېلېشتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76331
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 759
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 12:09:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارامەت!!!   

★ مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ، سۈكۈتتە ئۆلىدۇ.
★ تىنچ يول بىلەن ئېرىشەلمىگەن نەرسىگە مۇشت ئىشلىتىپ ئېرىشەلەيسەن.
★ ئىنسانلار مەڭگۈ كۆرەش ئىچىدە قۇدرەت تاپىدۇ، مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئىچىدە گۇمران بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73563
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 429
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 12:35:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ.

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 627
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11792
تۆھپە نۇمۇرى: 1634
توردا: 5681 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 01:13:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭقۇر مەنىلىك ، گەپ تىگىدە گەپ بار ھىكايە ئىكەنغۇ بۇ ،   ئويلىنىپراق ئۇقۇڭلار دوستلار ، نۇرۇز بايرىمىدا سوۋغاتلىق بولغۇدەكلا  تىما ئىكەن ماۋۇ  ھەممەيلەنگە .............

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 627
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11792
تۆھپە نۇمۇرى: 1634
توردا: 5681 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 01:13:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭقۇر مەنىلىك ، گەپ تىگىدە گەپ بار ھىكايە ئىكەنغۇ بۇ ،   ئويلىنىپراق ئۇقۇڭلار دوستلار ، نۇرۇز بايرىمىدا سوۋغاتلىق بولغۇدەكلا  تىما ئىكەن ماۋۇ  ھەممەيلەنگە .............

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25429
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4883
تۆھپە نۇمۇرى: 663
توردا: 4369 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 01:35:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارامەت!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25429
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4883
تۆھپە نۇمۇرى: 663
توردا: 4369 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 01:35:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارامەت!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 110
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 316 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 03:23:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزىز نەسىيىننىڭ ھېكايىلىرى بەك جەلىپ قىلارلىق ھەم چوڭقۇر مەزمۇنلۇق .
شەرقىي دەرۋازا ...

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق.France.2006
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش