ئۇيغۇر تىلىدىكى ھايۋانات، ئۇچار قۇش ناملىرىنىڭ
سىمۋوللۇق مەنىلىرى توغرىسىدا
ئاتىكەم مامۇت
ئۇيغۇر تىلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي تىللارنىڭ بىرى بولۇش بىلەن بىرگە ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرىگە ئىنتايىن باي بولغان گۈزەل تىل . خەلقىمىز مەيلى ئەدەبىي تىلدا بولسۇن ، كوپ خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنى ، يەنى ئوخشىتىش ، جانلاندۇرۇش ، سۈپەتلەش ، تەكرارلاش ، سېلىشتۇرۇش ، سىمۋول قاتارلىق بەدىئىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ، تىلىمىزنى تېخىمۇ رەڭدار ۋە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلغان.
ھەممىمىزگە مەلۇم ، سىمۋول- گىرېك تىلىدىن رۇس تىلى ئارقىلىق تىلىمىزغا كىرگەن سوز بولۇپ ، ئۇ بېشارەت بەرمەك دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . ئەدەبىياتتا بولسا ئىپادىلىمەكچى بولغان شەيئىنىڭ نامىنى توغرىدىن - توغرا مەزكۇر شەيئىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ( سۆزلىنىۋاتقان شەيئىنىڭ ئوخشاشلىقى بولمىسىمۇ ) باشقا بىر شەيئى ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ .
ئۇيغۇر تىلىدا سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە بولغان ھايۋانات ۋە ئۇچار قۇش ناملىرى خېلى كوپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ئىجابىي مەنىگە ئىگە بولسا ، بەزىلىرى سەلبىي مەنىگە ئىگە بولىدۇ . تۆۋەندە ئۇچار قۇش ۋە ھايۋانات ناملىرىنىڭ تىلىمىزدىكى سىمۋوللۇق مەنىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى .
1. بۆرە - تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق ، بۆرە نۇرغۇن مىللەتلەر توتېم قىلغان ئىلاھىي ئوبراز بولۇپ ، تۆت ئاياغلىق ئىت تۈرىدىكى توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل ياۋايى ھايۋان. بۆرە سۆزىنىڭ تىلىمىزدىكى سىمۋوللۇق مەنىسىمۇ باتۇر ، قورقماس ، يۈرەكلىك ئەزىمەت ، ئەركەك دېگەنلەردىن ئىبارەت . مەسىلەن :
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى ئوغۇزنامىدە ئوغۇزخاننىڭ تاشقى قىياپەت تەسۋىرىدە ئۇنىڭ بىلەن بۆرە بېلىدەك . . . . يەنە ئوغۇزخان قوشۇن تارتىپ ئۇرۇشقا ماڭغاندا ئاسماندىن كۆك نۇر چۈشۈپ ، ئۇنىڭ ئىچىدە كۆك تۈكلۈك ، كۆك يايىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرە پەيدا بولىدۇ ھەم ئۇرۇشلاردا قوشۇننىڭ ئەڭ ئالدىدا يول كۆرسىتىپ ماڭىدۇ . . . .
خەلق ئىچىدە يەنە ئوغلىنى بۆرە بىلەن ، قىزىنى تۈلكە بىلەن سۈپەتلەش ئادىتىمۇ بار . يەنى ، ئۇ ئايالىڭ ئوغۇل تۇغدىمۇ ئۇ قىزمۇ ئۇ دېيىشنىڭ ئورنىغا كۆپىنچە بورىمۇ تۈلكە - دېگەن سۆز ئىشلىتىلىدۇ . ..
2. قۇرغۇي - قۇرغۇي تېز ئۇچىدىغان ، كىچىك قۇشلارنى ئوزۇق قىلىدىغان بىر خىل قۇش بولۇپ ، گۈزەل يار ، ۋاپادار ھەمراھقا سىمۋول قىلىنىدۇ . مەسىلەن :
قۇرغۇيۇم ئۇچۇپ كەتتى ،
قەشقەر يولىغا قاراپ .
كۆز ياشىم قۇرۇپ كەتتى ،
يارنىڭ يولىغا قاراپ .
3. قارلىغاچ - قارلىغاچ پېيى ئاز ، بەدىنى قارا ، قۇيرۇقى ئاچىماق كەلگەن ، چويلا - ئۆيلەرگە ئۇۋا ياسايدىغان ، چىرايلىق ، ئىسسىقلىقنى خالايدىغان بىر خىل قۇش بولۇپ ، تىلىمىزدا كۆپىنچە باھارغا ، دوستلۇققا ، ياخشىلىققا سىمۋول قىلىنىدۇ .
4. پەرۋانە - پەرۋانە بىر خىل كىچىك ھاشارات ، ئوتقا ، يورۇقلۇققا ئامراق ، كېچىسى چىراغ ياكى شام ياندۇرۇپ قويسا ، ئوتنى ياكى چىراغنى ئايلىنىپ ئۇچىدۇ . ئۇ تىلىمىزدا باتۇرلۇقنىڭ ، ئاشىقلىقنىڭ سىمۋولى قىلىنىدۇ . مەسىلەن :
ساي بۇلاقنىڭ قېشىدا ،
ئۈندۈرگىنىڭ بىر باش پىياز .
سەن خېنىمنىڭ دەردىدە ،
پەرۋانە بولدۇم قىشمۇياز .
5. قارچىغا - قارچىغا بىر خىل قۇشنىڭ نامى بولۇپ ، تىلىمىزدا كۆپىنچە گۈزەل يارغا ، ئوماق قىزلارغا سىمۋول قىلىنىدۇ . مەسىلەن :
ئالتە ئاي يوللار مېڭىپ ،
پۇتۇمدا دەرمان قالمىدى .
قارچىغام قۇلۇمغا چۈشتى ،
ئىچىمدە ئارمان قالمىدى .
6. ئارسلان - ئارسلان مۈشۈكسىمانلار ئائىلىسىگە كىرىدىغان بەھەيۋەت سۈت ئەمگۈچى يىرتقۇچ ھايۋان بولۇپ ، تىلىمىزدا باتۇر ، زەبەردەس ، قورقماس ، قاپ يۈرەك دېگەندەك سىمۋوللۇق مەنىلەردە ئىشلىتىلىدۇ . مەسىلەن :
تۇغۇلدۇم ئارسلان بول دەپ ، ئانام سۆيگەن پېشانەمگە ،
سېلىپ زەن ھەم يۈزۈم ، قەلبىم ، مىجەزىم ، خۇلقۇم ، ئىپادەمگە .
خەلق ماقال - تەمسىللىرىدە بولسا ئۇ ئارسلان بالىسى ئارسلان بولۇر ئۇ دېيىش ئارقىلىق باتۇر كىشىلەرنىڭ ھامان يۈرەكلىك ئەزىمەت بولىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ .
7. قاغا - قاغا پۈتۈن تېنى قارا رەڭلىك بىر خىل قۇش بولۇپ ، كۆپىنچە ئورمانلىق ۋە دالالاردا ياشايدۇ . ئۇنىڭ تىلىمىزدىكى سىمۋوللۇق مەنىسى بولسا خەۋەر تارقاتقۇچى ، گەپ توشۇغۇچى ؛ شۇملۇق ، پالاكەت ئەلچىسى دېگەندەك بولىدۇ . مەسىلەن :
قاغىلار قاتار - قاتار ،
بىر بالا بولدىمىكىن .
يۈزى ئاق ، قېشى قارا ،
مەندىن جۇدا بولدىمىكىن .
8. بۇلبۇل - بۇلبۇل چىرايلىق سايرايدىغان قۇش بولۇپ ، تىلىمىزدا كۆپىنچە يار ۋەسلىگە ئىنتىلگەن ئاشىققا سىمۋول قىلىنىدۇ . مەسىلەن :
گۈل شېخىدا ئېچىلغان ئىككى گۈلنىڭ بىرى سەن ، مەن بۇلبۇلنى كۆيدۈرگەن رەنا گۈلنىڭ ئۆزى سەن .
9. ھۇۋقۇش - ھۇۋقۇش كېچىدە سايرايدىغان بىر خىل قۇش بولۇپ ، تىلىمىزدا كۆپىنچە شۇملۇققا سىمۋول قىلىنىدۇ .
10. كاككۇك - كاككۇك بىر خىل قۇش بولۇپ ، رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە ، بىز كۆرۈۋاتقان كاككۇكنىڭ ئىسمى ئۇ كاككۇك ئۇ بولماستىن ئۇ زەينەپ ئۇ بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاشىق قۇشىنىڭ ئىسمى ئۇ كاككۇك ئۇ ئىكەن ھەم ئۇ تاغلاردا ياشايدىكەن . ئۇ دائىم ھەمراھىنى سېغىنىپ كېچە - كۈندۈز ئۇ كاككۇك ، كاككۇك ئۇ دەپ سايرايدىكەن . شۇڭا تىلىمىزدا كاككۇك يار ۋەسلىگە ئىنتىلگەن ئاشىققا ، تەشنالىققا سىمۋول قىلىنىدۇ . مەسىلەن :
بېغىڭدىكى ئېرىقتا ،
مۇز توڭلاپتۇ ئەينەكتەك .
قاچانغىچە يۈرەرمىز ،
كاككۇك بىلەن زەينەپتەك .
11. يىلان - يىلان سۆرەلگۈچى ھايۋان بولۇپ ، بەزىلىرى زەھەرلىك ، بەزىلىرى زەھەرسىز كېلىدۇ . تىلىمىزدا كۆپىنچە دۈشمەنلىك ، زەھەرخەندىلىككە سىمۋول قىلىنىدۇ .
12. ھۆپۈپ - ھۆپۈپ پەيلىرىنىڭ رەڭگى قوڭۇر ، تاجى بار بىر خىل قۇش بولۇپ ، تىلىمىزدا كۆپىنچە مەنمەنچىلىككە ، ھەسەتخورلۇققا سىمۋول قىلىنىدۇ .
13. كەپتەر - كەپتەر ئۇچۇشقا ماھىر قۇش بولۇپ ، تىلىمىزدا ئۇ تىنچلىققا ، ئاسايىشلىققا سىمۋول قىلىنىدۇ .
14. شاتۇتى - شاتۇتى ئۆگەتسە ، ئادەملەرنىڭ ئاۋازىنى دورىيالايدىغان بىر خىل قۇش بولۇپ ، كۆپىنچە دورامچىلىققا سىمۋول قىلىنىدۇ .
15. شىر - شىر سۈت ئەمگۈچى گۆشخور ھايۋان بولۇپ ، ئادەتتە ھايۋانلار پادىشاھى دەپ قارىلىدۇ . تىلىمىزدا " كۈچكە تولغان ، بەقۇۋۋەت ، قورقماس ، پالۋان ، باتۇر " دېگەندەك سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە . مەسىلەن :
ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ ، ئۆزگىنى شىر چاغلا .
16. ئات - ئات توم تۇياقلىقلارغا مەنسۇپ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ ، باتۇر ، چەبدەس ، چاققان كىشىلەرگە سىمۋول قىلىنىدۇ .
بۇلاردىن سىرت ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەپسانىۋى قۇش ۋە ھايۋانلار ئوبرازلىرى بار . بۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق سىمۋوللۇق مەنىلىرى بار بولۇپ ، گەرچە كىشىلەر ئۇلارنىڭ كۆرمىگەن بولسىمۇ ، لېكىن تۇرمۇشىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەرگە باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ .
1. دىۋە - دىۋە چۆچەك - رىۋايەتلەردە تەسۋىرلىنىدىغان ناھايىتى كۈچ - قۇدرەتكە ئىگە غەيرىي تەبىئەتلىك خىيالى مەخلۇق بولۇپ ، ئۇنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى " ناھايىتى قۇدرەتلىك ، باشقۇرغىلى بولمايدىغان ، ئادەم ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان نەرسە " دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ .
2. يالماۋۇز - يالماۋۇز ئۇيغۇر خەلق چۆچەك - رىۋايەتلەردىكى بىر خىل سەت بەتبەشىرە مەخلۇق بولۇپ ، كۆپىنچە ئايال ئوبرازىدا كۆرۈنىدۇ . بېشىدا مۈڭگۈزى بار . يەنە بەزىدە يەتتە باشلىق يالماۋۇز بولۇپ تىلغا ئېلىنىدۇ . ئۇنىڭ تىلىمىزدىكى سىمۋوللۇق مەنىسى : " قانخور ، ياۋۇز ، ئەڭ رەزىل نەرسە " دېگەنلەردىن ئىبارەت . مەسىلەن :
ئۇ چىن تۆمۈر باتۇر چۆچىكىدىكى يەتتە باشلىق يالماۋۇز .
ئومۇمەن ، سىمۋوللۇق سۆزلەر مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى ئېڭى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ ، تىلىمىزدىكى سىمۋوللۇق سۆزلەر ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ تارىخىي قاراشلىرى ھەمدە تىل ئادىتىنى چۈشىنىش بىلەن بىرگە ، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىلەلەيمىز . جەمئىيەت ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا ، بىزنىڭ ئاڭ ۋە كۆزقاراشلىرىمىزمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلىپ تۇرىدۇ . شۇڭا تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ سىمۋوللۇق مەنىلىرىنى تەھلىل قىلىش مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-20 08:41 PM