[سۇلتان ] دىن سەنئەتكار قىرىنداشلارغا نورۇزلۇق سالام!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئالدى بىلەن ھەر قايسىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن، «نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!»
يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان مىللى ئەنئەنىۋىي نورۇز بايرىمىمىزنى تەبرىكلەش، شىنجاڭدىكى سەنئەت سۆيەر قىز-ئوغلانلىرىمىزغا بىر قېتىملىق ماھارەت كۆرسىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش يۈزسىدىن،«سۇلتان تۈركچە چاي- تائاملىرى» نامىدىن 2012- يىللىق نورۇزلۇق ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزمەكچى.
كۆرگەزمىگە قويۇلىدىغان تەلەپ:بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان كۆرگەزمە ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى بولۇپ،ئەسەرلەر تاۋارلانغان بولىشى لازىم(شارائىتىڭىز يار بەرسە)، مەزمۇن ۋە شەكىل، كۆلىمى جەھەتتىن ئۆلچەم قۇيۇلمايدۇ. ئەسەرلەر 2012 _ يىلى 3 _ ئاينىڭ 21 _كۈنىدىن 4 _ ئاينىڭ 15 _ كۈنىگىچە بەلگىلەنگەن ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقىغا سەنئەتكارنىڭ باش رەسىمى بىلەن قوشۇپ، قىسقىچە تەرجىمىھالى، ئالاقىلشىش تېلېفون نۇمۇرى، ئەسەرئىسمى، ئەسىرىدىن 3 پارچىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فوتو سۈرىتىنى قوشۇپ يوللاپ بەرسە بولىدۇ بولىدۇ.
20 _ چېسلادىن بۇرۇن ئەڭ ياخشى ئەسەرلەر يوللانغان ئېلخەت ئادرىسىغا جاۋاب قايتۇرۇلۇپ بولىدۇ . شۇنىڭغا ئاساسەن ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ئادىرسىمىزغا 20 يۈەن پۇلنى قوشۇپ تەشكىللىگۈچى كارتىسىغا يوللايسىز.بارلىق پائالىيەت 4 _ئاينىڭ 30 _ كۈنىدىن بۇرۇن تاماملىنىدۇ. بارلىق ئەڭ ياخشى ئەسەرلەردىن 5 پارچىدىن 10 پارچىغىچە تاللىنىپ، ھەر بىرى 800 يۈەن نەق پۇل ،200 يۈەن «سۇلتان تۈركچە چاي- تائاملىرى» ئىتبار كارتىسى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
مۇكاپاتلانغان ۋە مۇكاپاتلانمىغان بارلىق ئەسەرلەر بىردەك ئەسەر ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدۇ ھەمدە دۆلەت ئىتراپ قىلغان نەشرىياتلاردا «سۇلتان تۈركچە چاي-تائاملىرى»نامىدا ئېلان قىلدۇرىدۇۋە كىتاب قىلىپ ئىشلەيدۇ.
ئەمدى پائالىيەت تەشكىللىگۈچى ئورۇن ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي.
«سۇلتان تۈركچە چاي-تائاملىرى»نىڭ چۈشەندۈرىشى ؛
شىنجاڭ قاغىلىق ناھىيە«سۇلتان تۈركچە چاي- تائاملىرى» 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى قاغىلىق ناھىيە خەلق مەيدانىغا سەنئەتكار دوستلار تەرىپىدىن بىرلىشىپ سەنئىتىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ ئۇستاملار تۈركىيە ئادانادىن تەكلىپ قىلىنغان، تۈركچە ۋە مىللىيچە چاي تائاملار ئاساس قىلىنغان، بېزىلىشى مىللىيچە سەنئەت پۇرىقىغا ئىگە ئالاھىدە بولۇپ، سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىشقا مۇۋاپىق لايىھىلەنگەن.
«سۇلتان تۈركچە چاي- تائاملىرى» نىڭ شوئارى:سەنئەت مىنىڭ ھاياتىم. تۇرمۇشۇم سەنئەتىن ئىبارەت! شۇڭلاشقا ھاياتىم سەنئەتكە مەڭگۈ ئاتاقلىق.« كۆيدۈم»كۆيگەنلىرىمىمۇ سەنئەت! چۈشۈمدە ئەڭ ياخشى سەنئەت ئەسەرلىرى. ھۆرمىتىم سەنئەتكارلارغا .ئەنسىرەيدىغىنىم خەلقىمنىڭ سەنئەتنى چۈشەنمەي تۇرۇپ باھا بېرىشى. سەنئەت بىلەن شۇغۇللنىپ پىراقىدا يۈرگەنلەر مىنىڭ دوستلۇرۇم! ھاياتىمنى يۇغۇردۇم يەنىلا شۇ سەنئەت بىلەن!!!
«سۇلتان تۈركچە چاي-تائاملىرى» كۆرگەزمىسىنىڭ مەقستى؛
نورۇزنى بىر يىلى رەسىم ، بېر يىلى ھۆسنخەت ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش كۈنى، سەنئەتكارلارنىڭ يىغىلىش كۈنى قىلىپ تونۇشۇش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش. ئەڭ ياخشى ئەسەرلەرنى كىتاب قىلىپ كىيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش. كۆرگەزمە قىلىش، ئەسەر يىغىش ئورنى :
شىنجاڭ قاغىلىق ناھىيە <سۇلتان> تۈركچە چاي_ تائاملىرى .
ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى :
art0998@163.com ئالاقىلاشقۇچىلار: دىلشات ئوسمان (كۆرگەزمە باش تەشكىللىگۈچى )13309981117 نۇرمەمەتجان مۇھەممەد ئىمىن (ئەسەر قوبۇل قىلغۇچى) 13179984178
مۇھەممەتئېلى يۇنۇس ( ئەسەر قوبۇل قىلىغۇچى)
15003072857 بانكا كارتىسى : 6222023012006689600 (سودا-سانائەت بانكىسى)
سەنئەتخۇمار قىز-ئوغلانلىرىمىزنىڭ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، ئەسەرلىرىنى تەلەپ بويىچە تەييارلاپ ئەۋەتىپ بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-20 07:27 PM