پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ خاتىرىسى
(فېليەتون)
ۋاڭ چىياڭ
پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى × ئاينىڭ × كۈنىدىن × ئاينىڭ × كۈنىگىچە تۆت پەسلى باھار تاغلىق كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىيىم-كېچەك، ھۆسىن تۈزەش ساھەسىدىكى 32 نەپەر مۇتەخەسسىس، ئالىم مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.
يىغىن قاتناشچىلىرى بىردەك مۇنداق دەپ قاراشتى: مۇتەخەسسىس، ئالىملار جەمئىيەتنىڭ مەنىۋىي سەركىلىرى. پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى ھەققىدىكى بۇ مەسىلىدە راست گەپ قىلىش، يالغان ئېيتماسلىق كېرەك. پادىشاھ كىيىم كەيگەن، بولسا شاھ ئالىيلىرى كىيىم كەيدى دىيىش، كىيىم كەيمىگەن بولسا كىيىم كەيمىدى دىيىش كېرەك. پادىشاھ كىيىم كەيمىگەن بولسا، كىيىم كەيدى دىيىشكە بولمايدۇ، ئوخشاشلا، كىيىم كەيگەن بولسا، كىيىم كەيمىدى دىيىشكە بولمايدۇ. پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى يارىشىملىق بولسا، يارىشىملىق دىيىش، كۆرۈمسىز بولسا، كۆرۈمسىز دىيىش كېرەك. يارىشىملىق تۇرسا كۆرۈمسىز دىيىشكە بولمايدۇ، ئوخشاشلا، كۆرۈمسىز بولسا، ئەتەي يارىشىملىق دىيىشكە بولمايدۇ. ۋەزىر ئەزەملەرنىڭ ئېيتقانلىرىدىكى راست گەپلەر ۋەزىر ئەزەملەرنىڭ راست گېپى بولۇشى، گۆدەك بالىنىڭ ئېيتقانلىرىدىكى راست گەپلەر گۆدەك بالىنىڭ راست گېپى بولۇشى لازىم، ھەرگىزمۇ ۋەزىر ئەزەملەرنىڭ راست گەپلىرىنى گۆدەك بالىنىڭ راست گېپى دەپ قاراشقا بولمايدۇ، ئوخشاشلا، گۆدەك بالىنىڭ راست گېپنى ھەرگىزمۇ ۋەزىر ئەزەملەرنىڭ راست گېپى دەپ قاراشقا بولمايدۇ.
يىغىن قاتناشچىلىرى بۇ مەسىلىدە يالغان گەپ قىلىشنىڭ خەۋپى توغرىسىدا چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ باردى: 1. ئەگەر بۇ ھەقتە يالغان ئېيتىلسا، ئالدامچى-كاززاپلار ئۇستا توقۇمىچى ھۆنەرۋەن دەپ قارىلىپ قېلىشى ياكى ھۆنەردە كامالەتكە يەتكەن ماھىر ئۇستىلار ئالدامچى-كاززاپ دەپ قارىلىپ قېلىشى مۇمكىن؛ 2. ئەگەر بۇ ھەقتە يالغان ئېيتىلسا، دانىشمەن ۋە ئاق كۆڭۈل ۋەزىر ئەزەم شۇ ۋەجدىن ئەخمەق-ھاماقەت دەپ قارىلىپ قېلىشى ياكى ئەخمەق، سەمىيەتسىز ۋەزىر دانىشمەن كىشى دەپ قارىلىپ قېلىشى مۇمكىن؛ 3. ئەگەر بۇ ھەقتە يالغان ئېيتىلسا، راستچىل گۆدەك بالا بىلىمسىز-نادان دەپ قارىلىپ قېلىشى ياكى بىلىمسىز-نادان بالا راستچىل، سەمىمىي دەپ قارىلىپ قېلىشى مۇمكىن؛ 4. ئەگەر بۇ ھەقتە يالغان ئېيتىلسا، پادىشاھ قېپيالىڭاچ پېتى كوچىغا چىققان بولۇپ قېلىشى ياكى ئەڭ ئېسىل كىيىملەر بىرچەتتە تاشلىنىپ قېلىشى مۇمكىن؛ 5. پادىشاھنىڭ ئوبرازى دۆلەتنىڭ ئوبرازى، پادىشاھنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرگەنلىك دۆلەتنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرگەنلىك بولىدۇ؛ 6. پادىشاھنىڭ ئىش-ھەركىتى ئاۋام خەلققە نەمۇنە بولىدۇ، پادىشاھ يالىڭاچ پېتى كوچىغا چىقسا، بۇ ئاۋام خەلقنىڭمۇ چوڭ كوچىلاردا يالىڭاچ پېتى يۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ پادىشاھ يارىشىملىق كىيىملەرنى كەيمىسە، ئاۋام خەلقمۇ ئېسىل كىيىملەرنى كىيىشكە مەڭگۈ نائىل بولالمايدۇ.
يىغىن قاتناشچىلىرى بىردەك ماۋۇلارنى بىلدۈرۈشتى: دۆلەت ۋە ئاۋام خەلققە مەسئۇل بولۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ نوپۇزىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ مەنىۋىي سەركىلىرى دېگەن نامىغا داغ تەگكۈزمەسلىك ئۈچۈن مۇتەخەسسىس، ئالىملار ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا راست گەپ قىلىشى، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يەتسىمۇ راست سۆزلىشى لازىم. بۇنىڭدا، تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش كېرەك: ئەمەل-ئىمتىيازغا خوشامەت قىلىپ يالغان ئېيتماسلىق؛ ئەمەل-ئىمتىيازغا خوشامەت قىلدى دىيىشتىن قورقۇپ يالغان ئېيتماسلىق؛ مەنپەئەتدارلارنىڭ تەسىرى تۈپەيلى يالغان ئېيتماسلىق؛ مەنپەئەتدارلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دىيىشتىن قورقۇپ يالغان ئېيتماسلىق؛ گۆدەك بالىنىڭ ۋاقىرىغىنىنى قۇلاققا يەتمىدى دەپ ئاڭلىماسلىققا سالماسلىق؛ ئۆزىنى ئاجىزلارنىڭ ھامىيسى كۆرسىتىپ يالغان ئېيتماسلىق.
يىغىن قاتناشچىلىرى يالغان گەپ قىلىش، راست گەپ قىلماسلىقتەك ئىجتىمائىي كەيپىياتنى جىددى ئۆزگەرتىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى، بولۇپمۇ، بارلىق مۇتەخسسىس-ئالىملارنىڭ بۇ جەھەتتە باشلامچى بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
يىغىن قاتناشچىلىرى يىغىندىن كېيىن، يىغىن قارالمىلىرىنى توپلاپ، رەتلەپ «راست گەپ قىلىش خىتاپنامىسى» دېگەن بىر مەخسۇس مەجمۇئەنى ئىشلەشنى قارار قىلدى.
ئەسكەرتمە: بۇ يىغىن خاتىرىسىدە «پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى زادى ھەقىقىي كىيىممۇ، ساختا كىيىممۇ؟ ئۇ زادى يارىشىملىق-ئېسىل كىيىممۇ، كۆرۈمسىز-سەت كىيىممۇ؟» دېگەنلەر تىلغا ئېلىنمىدى. ئەلۋەتتە، بۇ خاتىرىلىگۈچىنىڭ بىپەرۋالىقى ئەمەس. مۇتەخەسسىس، ئالىملار يەتتە كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا ھەقىقەتەنمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارمىدى. يىغىن خاتىرىسىنى يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەنمۇ بۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم. مەن ئۇلاردىن كۆپ قېتىم: «ئۇنداقتا، پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى ھەقىقىي كىيىممۇ؟» دەپ سورىغان بولدۇم. بىراق، مەن ئادەتتىكى بىر ئادەم بولغاچقىمىكىن، ئۇلار سۇئالىمغا پىسەنتمۇ قىلىپ قويمىدى. ئۇلار پەقەت راست گەپ قىلىش ھەققىدە دەبدەبىلىك ھالدا سۆزلەشتى، ئەپسۇس، پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى ھەققىدە بىرەر ئېغىزمۇ راست گەپ قىلىشالمىدى.
«جۇڭخۇا فېليەتون تورى» دىن: ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت تەرجىمىسى.
http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=15&TopicID=11195
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-20 01:52 PM