|
|
|
|
يۈردۈم ئىزلەپ كونا جايدىن كېلەلمەي،
قالدى ئارمان، قالدى كۈتۈش، كۈتەلمەي.
بېرىپ مېھىر قاپتۇ كۈلكەم سەندىلا،
قالدى ئارمان سەنسىز قېنىپ كۈلەلمەي.
بارمۇ يادىڭدا مەن، سېغىندىم سېنى،
قالدى ئارمان يانىڭ غەمسىز يۈرەلمەي.
ئىزلەپ يۈردۈم بويۇن قىسىپ يىتىمدەك،
قالدى ئارمان سېنى بىر رەت كۆرەلمەي.
سېغىنىشتا يىغلايدۇ يۈرەك ئۆرتىنىپ،
قالدى ئارمان جانىم سېنى سۆيەلمەي.
چۈشلىرىمدىن ئىزلەپ سېنى ھەر تۈنى،
قالدى ئارمان ۋىسال-بەخىت يېتەلمەي.
قەلبىڭ بولدى كىمگە تەۋە، يوشۇردۇڭ،
قالدى ئارمان، دەردىم، سىرىڭ بىلەلمەي.
يول قويمىدى قىزلىق غورۇر، بەك تەسكەن،
قالدى ئارمان يۈرەك سۆزۈم دىيەلمەي.
يايرىم كەتتىڭ، يازىم بولدى زىمىستان،
قالدى ئارمان جانسىز روھىم ئۆلەلمەي.
ئۇنتالمىدىم، ئۇنتۇش ئىكەن ئەسلەشلا،
قالدى ئارمان كونا جايدىن كېلەلمەي.
كەتتىم ئۆزۈم ، قالدى كۆزۈم كەينىمدە،
قالدى ئارمان مىڭ تارتىشىپ كېتەلمەي.
مەنبە: نازىگۈل
2012-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-19 06:51 PM
|
|
|
|
|
|