«ئىلمىي ماقالە» ۋە «ئىلمىي ژۇرنال»لار ھەققىدە ئەبجەش پاراڭلار
قاسىم سىدىق
بەزىلەر «شەكىل نەزەرىيىسىنى»نى «چەتئەللەردىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنمىغان»، «ئىلمىي ماقالىسى يوق»، «ئىلمىي ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلمىغان»دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق ئىلمىي قىممىتى يوق دەپ قاراشماقتا. مېنىڭچە بۇ بەكمۇ بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشلار.
ئاساسلىرىم:
1.«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ تەتقىقات رامكىسى ۋە تەتقىقات يۆنىلىشى»سەرلەۋھەلىك يەكۇن خاراكتېرلىك بۇ ماقالىنى «ئىلمىي ماقالە»دېيىش كېرەكمۇ؟ ياكى بەدىئىي ئەسەر دېيىش كېرەكمۇ؟ ئۇنداقتا ئۇ زادى نېمە؟
2.«قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيىسى»(中国科学院主板,科学出版社编辑出版的新疆的国家级民文自然科学类核心刊物,)، «قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتى ئىلمىي ژۇرنىلى»(自然科学版) قاتارلىق ژۇرناللار، شەكىل نەزەرىيىسى تونۇشتۇرۇلغان جوڭگۇ پەن تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ «科技传播» ناملىق ژۇرناللىرى ئىلمىي ژۇرناللارمۇ ياكى ئەدەبىيات-سەنئەت ژۇرناللىرىمۇ؟
3.ئۇيغۇر ياكى خەنزۇتىلىدا چىقىدىغان «ئىلمىي ژۇرنال» دەپ ئاتىلىۋاتقان ژۇرناللار ماھىيەتتە «ئىلمىي ژۇرنال»ئەمەسمۇ؟
«قاسىم سىدىقنىڭ ئىلمىي ماقالىسى يوق»دەپ جار سىلىۋاتقان بەزى ئەپەندىلەر ئالدى بىلەن يۇقۇرقى نوقتىلارنى ئويلۇشۇپ بېقىشى كېرەك. خەلقئارادا يۇقۇرى ئىناۋەتكە ئىگە ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىسى يوق دەپ جار سىلىشنىڭمۇ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق. چۈنكى بىزمۇ خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىمىزبار دەپ داۋراڭ كۆتۇرگىنىمىز يوق. بىز شۇنداق ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىمىز، تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز، ئىشلەۋاتىمىز، بىز بۇ نوقتىنى نۇرغۇن قىتىم تەكىتلىدۇق.
بۇ نەزەرىيىنى مەملىكەت ئىچىدە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن خەنزۈچە، خەلقئارادا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئېنگىلىزچە تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىش، جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن چەتئەللەردىكى داڭلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىش تولىمۇ ئەقەللى ساۋات. بۇ مەسىلىنى شەكىل نەزەرىيىسىنى ئىنكار قىلىشنىڭ دەستىكى قىلىۋىلىشنىڭ ئۆزىمۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس. ھەممىگە ئايان بۇ پاكىتنى ئۆزىلا بايقاپ قالغاندەك تەكىتلەۋىرىشمۇ چوڭ ئىش قىلغانلىق ئەمەس.
بۇ يەردە بىر غەلىتە مەنتىقە ئەكىس ئەتكەندەك قىلىدۇ؛ ئۆزىنى كەسىپ ئەھلى، بىلەرمەن ھېسابلايدىغان بەزىلەر شەكىل نەزەرىيىسى ماقالىلىرى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنسا ئاندىن ئىتىراپ قىلارمىش. بۇ نوقتا پەقەت سىزنىڭ شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ توغرا-خاتالىقىغا ۋە قىممىتىگە مۇستەقىل ھۆكۈم قىلالمايدىغانلىقىڭىزنى، ئۆزىڭىزدە ئۇنچىلىك دەسمايە يوقلىقىنى، يادلىغان بىلىم ۋە ئالغان ئونۋانلىرىڭىزنىڭ كارغا كەلمىگەنلىكىنى ئىقرار قىلغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. نوپۇزلۇق مۇتەخەسىسلەر باھا بەرمىگىچە، نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنمىغىچە، ئۆزىڭىز مۇستەقىل ھۆكۈم قىلالمايدىغان بىر نەزەرىيىگە ئاق-كۆك دېيىشىڭىزنىڭ ئۆزىلا بىمەنىلىكتۇر. بۈگۈنكى دۇنيادا ئۇچۇردىن تولا نەرسە يوق،ئۆزىڭىزگە مۇناسىۋەتسىز، ئۆزىڭىز قىممىتىنى بىلمەيدىغان ئۇچۇرلارغا پەرۋاسىزقاراڭ، ئۆز ئىشىڭىزنى قىلىڭ، ئىشنىڭ يولى شۇ. شەكىل نەزەرىيىسى سىزنىڭ ئىتىراپ قىلىش -قىلماسلىقىڭىزغا مۇھتاج ئەمەس.
سىز ئۆز ئانا تىلىڭىزدا يىزىلغان ئەسەرنىڭ قىممىتىنى چۇشەنمەيسىز-يۇ، باشقا تىللاردا يىزىلغان ئەسەرنىڭ ياكى تەرجىمىسىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈنەمسىز؟ سىز ئۆز تىلىڭىز ياكى دۆلىتىڭىزدىكى تىللاردا نەشىر قىلىنغان «ئىلمىي ژۇرنال»لاردىمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق «ئىلمىي»لىك بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلالمايسىزۇ، باشقا تىل ياكى باشقا مەملىكەتلەردىكى ژۇرناللاردا «ئىلمىي»لىك بولىدىغانلىقىنى چۈشىنەلەمسىز؟ ئەسلا چۈشىنەلمەيسىز، سىزنىڭ چۈشىنىدىغىنىڭىز پەقەت نوپۇز، دەرىجە، ئىگىز-پەسلىك پەرقى، چۈنكى سىز پەقەت بىئولوگىيىلىك مەنىدىكى ئادەم. سىزدە مۇستەقىل ھۆكۈم قېلىش ئىقتىدارى يوق، سىز بىر تەقلىدى بويۇم، سىز ئابدۇكىرەم ئابلىزنىڭ ئىتۇتىدىكى «ئاپام بۇنداق دېمىگەن تۇرسا...، مۇنداق دېگەن تۇرسا...»لا دەيدىغان بالىغا ئوخشايسىز.
«قاسىم سىدىق ياكى شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ ئېنگىلىز تىلىدا، چەتئەللەردە ئېلان قىلىنغان ماقالىسى يوق»لىغى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يىزىلغان، ئۇيغۇر تىلىداچىقىدىغان ژۇرناللاردا زادىلا ئىلمىي ماقالىسى يوقلىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلاردا زادىلا ئىلمىي قىممەت يوق دېيىشكىمۇ ھەرگىز بولمايدۇ، ئېنگىلىزچە نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغانلىكى ماقالىلارنىڭ ھەممىسىلا نوقسانسىز دەپ قارىۋىلىشقىمۇ بولمايدۇ،بۇنداق ژۇرناللارنىڭ ھەر يىلى قانچىلىك ماقالىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئىمكانىيىتى بارلار سىتاتىستىكىلاپ باقسۇن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قانچە پىرسەنتى ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن؟
بىر ئىلمىي ماقالىنىڭ ھاياتى قۇدرىتى بۇ ماقالىنىڭ قايسى تىلدا يىزىلغان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنىڭ مەزمۇنىدا بولىدۇ، مەزمۇندا يېڭىلىق بولمىسا بۇماقالىنى قانچىلىك ئىستىلىستىكىلىق، تېخنىكىلىق، كەسىپى بىزەكلەر بىلەن بىزىگىنىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئو ياكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، تونۇشتۇرۇش خاراكتېرلىك ئەسەر بولۇپ قالىدۇ ياكى باشقىلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىنغان، ئوغۇرلانغان،ئەپلەپ-سەپلەپ قوراشتۇرۇلغان ئەسەر بولۇپ قالىدۇ.
«يېڭى مەزمۇن» بولسىلا كۇپايە ئەمەس. بۇ «يېڭى مەزمۇن» جەزمەن ئوبېكىتپ قانۇنىيەتلەرگە، لوگىكىلىق پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. بۇ يەردە تىلغا ئىلىنغان «قانۇنىيەت»نوقۇل ۋە مۇتلەق ھالدا كىشىلەرنىڭ مېڭىسىدىكى لوگىكىغا ئۇيغۇن، ئەقلىي يەكۈنلا ئەمەس. بەلكى، ئوبېكتىپ دۇنيادا ئەكىس ئىتىۋاتقان، ئىپادىلىنىۋاتقان شەيئىلەر ئەمەل قىلىدىغان ئومۇمىي قائىدە، باغلىنىشلار بولۇشى،بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق تەجىرىبىدىن، كۈزۈتۈشتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولۇشى كېرەك. يەنى نەزەرىيە لوگىكىغا ئۇيغۇن بولۇشى، تەشەببۇس، ئىدىيە تەجىرىبە ۋە كۈزۈتۈش نەتىجىلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئىرشىشى كېرەك.
مېنىڭچە، نۆۋەتتە شەكىل نەزەرىيىسى يۇقۇرقى نوقتىلاردا ئىزدەندى ۋە دەسلەپكى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ زۆرۈرى ماتېماتىكىلىق مودېللىرىنى تۇرغۇزۇش، تەجىرىبىنى سالاھىيەتلىك ئورۇنلارنىڭ قايتا ئىشلەپ دەلىللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئىزدىنىۋاتىدۇ، ھازىر قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ئۈستىدە ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا پىكىر ئىلىۋاتىمىز، پىششىقلاۋاتىمىز، بۇتەرتىپ، قەدەم باسقۇچ، ۋاقىت مەسىلىسىلا خالاس!.
ئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەرىيىسى مەيدانغا كەلگىنى بىر ئەسىردىن ئاشتى،ئۇنىڭ بىرقانچە پەرەزلىرى تېخىچە ئىسپاتلانمىدى، ئېينىشتېيىن ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا بۇ نەزەرىيىنىڭ ئاخىرقى غەلبىسىنى كۆرەلمەي ئالەمدىن ئۆتۈپ كىتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ ھەسرەتمۇ چەككەن. نەچچە مىلياردلاپ ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپمۇ ئېينىشتېيىننىڭ بەزى پەرەزلىرىنى تېخىچە ئىسپاتلىغىلى بولمايۋاتىدۇ. ئەكىسچە، ئېينىشتېيىنگە پايدىسىز تەجىرىبە ۋە كۈزۈتۈش نەتىجىلىرى، تەتقىقات نەتىجىلىرى كۈنسىرى كۆپەيمەكتە.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ يەردە بىر نەزەرىيىنىڭ ھاياتى كۈچى ئۇنىڭ تەشەببۇس قىلغان كونكىرىت ئىدىيىلىرىنىڭ ھاياتى كۈچى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بۇ ئىدىيەلەرنىڭ تەنقىدكە (نەزەرىيىۋى تەتقىقات ۋە تەجرىبە –كۈزۈتۈش نەتىجىلىرىنىڭ قوللاش-قوللىماسلىقى) بەرداشلىق بىرەلىگەنلىرى بەرداشلىق بىرەلىگەن ۋاقىتقىچىلا داۋاملىشىدۇ، بەرداشلىق بىرەلمىگەنلىرى شاللىنىپ كىتىدۇ. ھەممىدىن شۇ پەيىتنىڭ ئۆزىدىلا مۇكەممەللىك تەلەپ قىلىش، بەندىدىن «خۇدا»بولۇشنى تەلەپ قىلىشتەك بىمەنىلىكتۇر. چۈنكى «بىر ئىلمىي نەزەرىيىنى شۇ نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى ئۆزى تەجىرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلىشى كېرەك»، «فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىقتا پەلسەپە-لوگىكىلىق ئىدىيەلەرنى كىم ئوتتۇرىغا قويسا شۇ كىشى فىزىماتلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش، ئىپادىلەشلەرنىمۇ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك» دېگەن بەلگىلىمە يوق،ئېينىشتېيىن بىرەرمۇ پەرىزىنى ئۆزى ئىسپاتلىمىغان، بۇنداق مىساللار كۆپ، مەن بۇھەقتە ئۆزۈمنىڭ «نەزەرىيە ھەققىدىكى سەپسەتەلەر»دېگەن يازمامدا توختولۇپ ئۆتكەن.
قۇياش مەركەز تەلىماتىنى ئەسلى مىلادىدىن ئىلگىرى يونانلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغان. لېكىن، بۇ تەلىمات (نوقتىنەزەر) كوپىرنىك دەۋرىدىلا ئىتىراپ قىلىنغان.
مۇلاھىزە سۇئاللىرى:
1.ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان كەسىپى ژۇرناللارنى «ئىلمىي ژۇرنال»ئەمەس، بۇ ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلارنى «ئىلمىي ماقالە»ئەمەس دېگىلى بولامدۇ؟
2.ئىلمىي ماقالىنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ مەزمۇنىدا بولامدۇ ياكى قايسى تىلدا ئېلان قىلىنغانلىقىغا قاراپ بەلگىلىنەمدۇ؟
3. ئېنگىلىزچە نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىلا ئېلان قىلىشنى ئىلمىي ماقالىلارنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى بەلگۈلەشنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋىلىش توغرىمۇ؟ سىز ئىلمىي قىممەت بىلەن ئىجتىمائىي قىممەتنىڭ پەرقى ۋە ئورتاقلىقلىرى ھەققىدە قانداق مۇستەقىل كۆز قاراشلارغا ئىگە؟
4. ئىلمىي ئىدىيە بىلەن موكاپاتنىڭ، ئونۋاننىڭ، سالاھىيەتنىڭ، شۇ ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نەشىر ۋاستىلىرىدىكى دەرىجە پەرقىنىڭ قانداق زۆرۈرى باغلىنىشى بار؟
5. بۈگۈنكى دەۋىرئىلىم-پەن رىئاللىغىنى كۆزدە تۇتقاندا يېڭى ئۇقۇم، يېڭى ئىدىيە، يېڭى نەزەرىيە ئوتتۇرىغا قويۇش زۆرۈرمۇ ياكى زۆرۈر ئەمەسمۇ؟ بۇنداق ئىدىيە، ئۇقۇم، نەزەرىيەلەرنى ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولامدۇ، بولمامدۇ، نېمە ئۈچۈن؟
6. ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا يېڭى ئىدىيە، يېڭى نەزەرىيە، يېڭى كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى رىغىبەتلەندۈرۈش كېرەكمۇ ياكى چەكلەش كېرەكمۇ، نېمە ئۈچۈن؟
7. بۈگۈنكى دەۋىردە پەن تەتقىقاتى جەريانىدا ئىلمىي ھەمكارلىقنى تەشەببۇس قىلىش توغرىمۇ ياكى بىر شەخىستىن مۇكەممەل بىر نەتىجىنى تەلەپ قىلىش توغرىمۇ، نېمە ئۈچۈن؟
8. سىزچە ھېچقانداق نەشىر ۋاستىسىدە ئېلان قىلىنمىغان قول يازمىلاردا قىلچىلىك ئىلمىي قىممەت بولمامدۇ، نېمە ئۈچۈن؟
9. سىز ئىلمىي قىممەت بىلەن ئاخبارات قىممىتىنىڭ ھەر ئىككىسىنى بىر مەسىلە دەپ قارامسىز، نېمەئۈچۈن؟
10. سىز ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان ژۇرناللارنىڭ ئىچىدە «ئىلمىي ژۇرنال يوق» ياكى «ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ ساپاسى تۆۋەن»دەپ قارىغان بولسىڭىز، بىر مۇتەخەسىس، فىرافىسۇر، دوكتۇر ياكى ئاسپىرانت سۈپىتىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى«ئىلمىي ژۇرنال»لارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ياكى ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇش جەھەتتە قانداق پايدىلىق پىكىر-تەكلىپلەرنى بەردىڭىز، قانداق ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىدىڭىز؟ سىز ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان ئىلمىي ژۇرناللارنى ئىستىقبالى يوق دەپ قاراپ ئۇلارنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشىدىن ۋاز كىچەمسىز ياكى بۇژۇرناللارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىلىم –پەندە يۈكسىلىشىنى خالامسىز، نېمە ئۈچۈن؟
بۇ يازما يەنە تەھرىرلىنىپ تولۇقلىنىدۇ.
2011.10.21
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-19 05:41 PM