يىغلىما شەھلا...
سېنى كۆرگەن ئەشۇ دەقىقە ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئاينىمۇ خىجىل قىلىدىغان نۇرلۇق چېھرىڭ بىلەن يىنىككىنە كۈلۈمسىرىشىڭ قەلبىمدە بىر ئۇچقۇننى پەيدا قىلغانىدى. ئەمدىلىكتە قەلبىمدىكى بۇ ئۇچقۇننىڭ ۋولقانقا ئايلىنىشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسەن؟
بۈگۈن كۆزۈڭدىكى ياشنى كۆرۈپ، سەۋەبىنى سورىسام «ئۆيدىكىلەرنى سېغىندىم» دەپ تۇمشۇقۇڭنى ئۇچلاتتىڭ. توغرا، ئانا ئۇ پەرىشتە، ئاتا ئۇ تۈۋرۈك، ئۇلارنى سېغىنىشىڭ ھەقلىق. ئەمما ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆز يۈرەك پارىسنىڭ كۆزىدىكى ياش تامچىسنى كۆرسە كۆڭلى بۇزۇلماسمۇ؟ يۈرىكى ئېچىشماسمۇ؟ چىداشلىق بولغىن،شەھلا، ھارغىنلىق ھېس قىلساڭ، مۈرەمگە يۆلىنىپ ئارام ئېلىۋالغىن. گەرچە مۈرەم ئۇنچە كەڭ بولمىسمۇ، سەن ئۈچۈن ھەرۋاقىت تەييار.
مەن ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان ۋاقتىمدا، كۆزۈڭدىن يەنە ياش چىقتى. يىغلىما شەھلا، ھىچكىم سېنىڭ ياش تۆكۈشۈڭگە ئەرزىمەيدۇ، ئەلۋەتتە، ئاتا-ئاناڭ ۋە تۇغقانلىرىڭ بۇنىڭ سىرتىدا. يېشىڭنى ئۆزىنىڭ قىممىتىگە ۋە مەنىسىگە ئىگە قىلغىن. قىممەتسىز ۋە مەنىسىز ياش تۆككەن كىشلەر دەل روھىيتى ئاجىز كىشلەردۇر.
كۈلۈپ ياشا شەھلا، سەن كۈلسەڭ تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىدىكەنسەن. كۈلكە ئۇ دۈشمىنىڭنى دوستىڭغا، دوستىڭنى تۇغقىنىڭغا ئايلاندۇرالايدۇ. دۇنيادا ئۈچ نەرسە سېنى بەخىتلىك قىلالايدۇ، ئۇلار بولسا ئېتقاد، مۇھەببەت، كۈلۈمسىرەش. سەن بۇلارنىڭ ھەممىسنى ئۆزۈڭگە جەم قىلالىساڭ، دۇنيادا سەندىن گۈزەل پەرىشتە يوق، شەھلا.
ھايات كۈلۈپ قارىغانلارغا كۈلۈپ قارايدۇ، شەھلا، ھاياتىڭنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقىن. ھاياتىڭنى شۇنچىلىك ئۆتكۈزكىنكى، سەكراتتا تۇرۇپمۇ ئۆتكەن ھاياتىڭغا كۈلۈپ قارىيالايدىغان بولغىن.
يۈرىكىم سەن ئۈچۈن سوقىدۇ، ھەربىر سوقىشىدا سېنىڭ ماڭا بولغان ئەقىدەڭنى مەدھىلەيدۇ. سېنى سۆيىمەن شەھلا، ياشلىقىڭنى، چىرايىڭنىلا ئەمەس، قېرىغىنىڭدا ئوچاق بېشىدا ئولتۇرۇپ، ئوت سۇنىۋاتقان ۋاقتىڭنى، كەمچىلىكىڭنى، بارلىقىڭنى سۆيىمەن، شەھلا.
قارلىق دالىدا ئاپئاق تىلەكلەردەك ئاق قارلارنى بىر-بىرىمىزگە ئېتىشىپ ئوينىغانلىرىمىز؛ يازنى ئىسسىق دېمەي، قىشنى سوغۇق دېمەي سېنى ساقلىغانلىرىم؛ بىرلىكتە ماڭغان تاللىق يوللار؛ كۈلكىللىرىمىز بىلەن شاۋقۇن ئاۋازىنىڭ تۆۋەنلىكىنى مازاق قىلىپ كەچكەن ئېرىقلار؛ بۇلار مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك ھايات كارتىنىللىرى.
يۈرىكىم،قەلبىمدە پەقەت سەنلا بار،شەھلا.
كۈلۈپ تۇرغىن، شەھلا.
ئاللادىن بەختىمىزنى تىلەيمەن، شەھلا.
ۋېلىيار.ئىلھام
2012.3.18