|
|
|
|
نورۇز ئېشى ئېتىشنى بىلەمسىز؟
ھۆرمەتلىك تورداشلار، ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21- كۈنى كىلىدىغان «نەۋرۇز» بايرىمى يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز مۇشۇ كۈننى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن،بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەرگەتەشكىللەش بىلەن بىرگە، يېزىمىزدىكى دېھقان-چارۋىچى يولداشلارغا نورۇز ئېشى (چوڭ قازاندا) ئىتىپ بەرمەكچى بۇلۇپ بۈگۈن تەييارلىقنى باشلىۋەتتۇق. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ئىلگىرى خىزمەت قىلغان يېزىدا بىر قېتىم ئىتىپ باققان «نەۋرۇز» ئېشى ئىتىش ئۇسۇلنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرغا سۇندۇم.ئەگەر باشقا تورداشلارنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئۇسۇلى بولسا بىرگە ئورتاقلاشساقدەيمەن. كەم جايى بولسا تۇلۇقلىشىمغا ياردەم بېرىشىڭلارنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمۈدقىلىمەن. ماتىرياللار: 1) دانلىق زىرائەتلەردىن:--- بۇغداي، قۇناق، سېرىق پۇرچاق(خۇاڭدۇ) ئاق پۇرچاق، نۇقۇت، كۆك پۇرچاق، گۈرۇچ.... قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىردىن 5 كىلوگىرام2) گۆش 15-20 كىلوگىرام، چامغۇر، سەۋزە 5 كىلوگىرامدىن، پالەك 3 كىلوگىرام، سامساق 1 كىلوگىرام ، تۇز 2 كىلوگىرام ئېتىش تەرتىپى: (1) ئالدى بىلەن گۈرۈچتىن باشقا دانلىق زىرائەتلەر ئىككى كۈن بۇرۇن سوغۇق سۇغا چىلىنپ 2-3 قېتىم سۈيى ئالماشتۇرۇلدۇ. (2) بۇغداي ۋە قۇناق ئايرىم- ئايرىم ھالدا پۇشۇرۇپ تەييارلىندۇ. (3) گۆش چاقماق قەنت چوڭلىقىدا، چامغۇر ۋە سەۋزە ماش پۇرچاق چوڭلىقىدا تۆت چاسا ،پالەك ئىككى سانتىمىتىر ئوزۇنلۇقتا توغرىلدۇ. سامساق نىپىز يالپاقلىندۇ. (4) چوڭ قازانغا لىق سۇ قۇيۇپ ئالدى بىلەن گۆش سېلىنىپ قاينىغاندىن كىيىن كۆپىكى ئېلىنىپ، نۇقۇت، ۋە ئۈچ خىل پۇرچاق سېلىنىپ پۇشۇرۇلدۇ. (5) بۇغداي ۋە گۈرۈچ بىرلا ۋاقىتتا سېلىنىپ بەش مىنۇت قاينىتىلغاندىن كىيىن قۇناق سېلىندۇ. (6) بارلىق دانلىق زىرائەتلەر پىشپ بولغاندىن كىيىن سامساق سېلىنىپلا تۇز تەمى تەڭشىلىدۇ ھەم پالەك سېلىنىپ قاچىلارغا ئۇسۇلسا بولدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-19 01:06 PM
|
|
|
|
|
|