مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 584|ئىنكاس: 4

ئالتۇن كۈمۈشنىڭ يىللىق مۆلچەرى تۆۋەنلىتىلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3898
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 433 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 11:02:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                   ئالتۇن كۈمۈشنىڭ يىللىق مۆلچەرى تۆۋەنلىتىلدى





    2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۇنى  بىيجىڭ ۋاقتى 21:25مىنىۇت ئۆتكەندە باشلانغان، خەلىقارا قىممەت مىتال ساھەسىدىكى چوڭ بىر قىتىملىق تۆۋەنگە شۇڭغۇش ھادىسى تىخى ئاياغلاشقىنى يوق. بۇ قىتىملىق تۆۋەنگە شۇڭغۇش ھادىسى كۆپلىگەن مىتال ماگناتلىرىغا ئىغىر زەربە بولغاچقا ، دۇنياۋى كاتتا مىتال ماگناتلىرى ، خەلىقارا بازاردىن چىكىنىپ چىكىشقا باشلىغان .
   شاڭخەي ، ئەنگىلىيە خەلىقئارا مىس بازىرىمۇ ئالاھىدە پاسسىپ كەيپىياتقا ئۆتكەچكە ،جۇڭگۇمۇ مىس ئىكىسپورتىنى تۆۋەنلەتكەن .ئەمما بىرازىلىيە كانادا، قاتارلىق دۆلەتلەر ،مىس ئىكىسپورتىنى ئاۋۋالقىدىن ئۆزگەرتمىگەن .شۇنداقتىمۇ ، 2012يىللىق مىتال بازىرى  ، ئىككىنچى پەسىلگە كىرەي دىگەن بولسىمۇ ، ئەمما تىخىچە ئىللىق كەيپىيات شەكىلەندۇرۇپ بولالمىغاچقا ، مۇتەخەسىسلەر ئالتۇن كۈمۈش يىللىق مۆلچەرىنى تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇر بولغان .
   (Deutsche Bank) بانكىسى 3-ئاينىڭ 16-كۇنى بايانات ئىلان قىلىپ، ئەسلىدىكى يىللىق مۆلچەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ۋە ئەسلىدىكى يىللىق مۆلچەرنىڭ ئەمەلگە ئىشىش نىسبىتىنىڭ بارغانسىرى تۆۋەنلەپ كىتىۋاتقانلىقىنى ئىلان قىلغان .
    بۇ يىلقى ئالتۇن بازىرىنىڭ 2-پەسىلىدىلا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 2.7%  كەينىگە چىكىندى .پۇتۇن يىللىق ئوتتۇرچە قىممەت 3.9% تۆۋەنلىتىلدى .  2012-يىللىق ئالتۇن ئوتتۇرچە سانلىق قىممىتى 1825دوللار (ھەر ئۇنسىيە)  بولدىغانلىقى مۆلچەرلەندى .
   كۈمۈش ساھەسىدىن ئىلىپ ئىيتساق ،خەلىقئارا كۈمۈش بازىرى 2-پەسىلدىلا 12.8% كەينىگە چىكىندى .پۇتۇن يىللىق ئوتتۇرچە قىممەت 9.8% تۆۋەنلىتىلدى .2012-يىللىق كۈمۈش ئوتتۇرچە سانلىق قىممىتى 37دوللار (ھەر ئۇنسيە ) قىلىپ مۆلچەرلەندى .
    ئالتۇن كۈمۈش بازىرىنىڭ يۇقارقىدەك پاسسىپ ھالەتكە چۇشۇپ قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەر ئامىرىكا ئىقدىسادى سانلىق قىممىتىنىڭ كۇنسايىن مۆلچەردىكىدىن ياخشى چىقىشى ۋە دوللارنىڭ ئايرىۋاشلاش قىممىتىنىڭ يۇقىرىلاپ كىتىشى سەۋەپچى بولماقتا .ئۇنىڭ ئۇستىگە كان كارخانىچىلىرىنىڭ توقۇنۇشماسلىق سەۋەبىدىن ئالتۇن كۈمۈشنىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتىگە توسقۇنلۇق ئىلىپ بارغان .



2012-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۇنىدىن 23-كۇنىگىچە ئالتۇن كۈمۈش بازىرىغا تەھلىل (ھەپتىلىك )
   بازارنىڭ ئومۇمىيىتىگە نەزەر سالساق ، نىفىتنىڭ سەللىمازا ئۆرلىگىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، ئالتۇن بازىرىغا تىرەك بولىدىغان ئۆستۇرگۇچى ئامىللار يوق دىيەرلىك . شۇڭلاشقا ئالدىمىزدىكى ، ئالتۇن كۈمۈش بازىرىنى تىخىمۇ خەتەرلىك دەپ پەرەز قىلساق بولىدۇ .كەلگۇسى بىرقانچە كۇن ئىچىدە ، داۋاملىق چۇشۇش ۋەزىيىتىنى كونتىرۇل قىلىشى مۇمكىن .
                                                139470331.jpg

                                            دوللار ئايرىۋاشلاش قىممىتى ۋە ئالتۇن بازىرىنىڭ گىرافىكى

  شىۋىتسارىيە بىرلەشمە بانكىسىمۇ بۇ يىللىق ئالتۇن كۈمۈش بازىرىنىڭ 3-پەسىلگىچە ئىللىق كەيپىياتقا ئۆتۇپ بولالمىسا ، داۋاملىق مۇشۇنداق پاسسىپ ھالەتتە ماڭىدىغانلىق تۇغۇرلۇق ئىپادە بىلدۇرگەن .
   ئالتۇن يىقىن مەزگىل ئىچىدە 1625دوللاردىن 1670دوللار ئەتراپىدا چۆرگىلەپ يۇرىشى مۇمكىن .
   كۈمۈش يىقىن مەزگىل ئىچىدە ، 29دوللاردىن 34دوللار ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۇرىشى مۇمكىن .
   ئەگەر ئامرىكا ئىقدىسادى سانلىق قىممىتىنىڭ ناچارلىىشىشى ۋە نىفىتنىڭ ئۆسۇشى قۇشۇلۇپ، ئالتۇن بازىرىغا ،ئىتتىرگۇچ پەيدا قىلىپ قالسا ، يۇقىرىغا قاڭقىش ئىھتىماللىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ . ئەمما بۇنىڭ مۇمكىنچىلىقى ئىنتايىن تۆۋەن .


      ئەسكەرتىش : بۇ پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇن يوللاندى ، ئەمەلىي ھۆكۇم يەنىلا ئۆزىڭىزگە باغلىق .


كۆڭلۈڭ كۆتۈرگەننى ئەمەس ۋىجدان

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 823
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5378
تۆھپە نۇمۇرى: 270
توردا: 4663 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 03:02:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ئازراق چۈشسە بولاتتى .
مىنىڭچە ئالتۇن چۈشسە قايغۇردىغاندىن خۇشال بولدىغانلار كۆپ

ئادەم نىمىگە ئېرىششىنى ئويلىسا ، شۇ نەرسىگە قۇل بولۇپ ياشايدۇ.كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى،كىملەرگە خار بولمىغان؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71880
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 741
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 03:31:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇداننىڭ ئالتۇن بازىرىغا ھەر ئايدا ئۈچ توننىدىن كۆپرەك شەخسلەر خىمىيەلىك ئۇسۇلدا تاۋلاپ ياسىغان ئالتۇن ئىقىپ كىرمەكتە

كۆڭۈل ئىشەككە چۈشسە ئىغىلدا ياتماي ئىلاج يوق

ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت

ئالىي ئەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25213
تۆھپە نۇمۇرى: 5509
توردا: 10739 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 07:32:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەپتە ئازىراق مىدىرلىسا قولدىكى مالنى چىقارساق بولاتتى ....

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

تاڭ ساباسى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3506
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8409
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 2715 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 11:38:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مومكىن بولسا ئالتۇننىڭ ھازرقى بازاردا سىتىلىش ھەر گىرامى ياكى سەرى قانچە پۇل شۇنى بىر تەپسىلى دەپ قويساڭلار  ئالتۇن ، كۈمۈش  ئالدىغانلار ئۈچۈن تېخمۇ  ياخشى بولاتتى .

ھايات شامى ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يىنىق ،
كەلدىڭمۇ دۇنياغا كەتمىگىڭ ئىنىق .
شۇ كىلىپ كىتىشنىڭ ئۆزى بىر سۇئال ،
تەييار بول سۇئالغا پۇتكىچە تىنىق .

*گۇناھنىڭ كىچىكلىكىگە قارىمىغىن ،لكىن ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلىۋاتقان زاتنىڭ كاتتىلىقىغا قارىغىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش