1-ھىكايە:-ئاچكۆز تالىپ
ئۇيغۇر ھىكايەتلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق دىيىلگەن:‹‹بىر مۇنچە تالىپلار مەدىرستە ئوقۇيدىكەن،بىر يىلى رامىزان ئىيى يازنىڭ تازا ئىسسىق ھەم ئۇزۇن كۈنلىرىگە توغرا كىلىپ قاپتۇ،نەپسى يامانراق بىر تالىپ ھەر كۈنى چىڭقى چۈشتە ‹غىپ›قىلىپلا يوقاپ كىتىدىغان بولۇپ قاپتۇ.بۇنىڭدىن گۇمانلانغان مۇددەرىس بىر كۈنى ئۇنىڭ ئارقىسىغا چۈشۈپتۇ،قارىسا،ھىلىقى تالىپ قازناققا كىرىپ كىتىۋاتقۇدەك،مۇددەرىس ئۇنىڭ كەينىدىن بىرىپ قازناق ئىشكىنىڭ يوچۇقىدىن قارىغۇدەك بولسا،ھىلىقى تالىپ شام ياندۇرۇپ بىر تۇخۇمنى شۇنىڭ ئوتىدا يىلىتىپ ئىچىۋاتقۇدەك.‹ھەي بەد بەخ،بۇ نىمە قىلىق؟خۇدادىن قورقمامسەن؟›دەپ ۋارقىراپتۇ مۇددەرىس.تالىپ دەرھال يەرگە تىزلىنىپ،‹مىنى كەچۈرسىلە ئۇستاز،شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ تاشلاپتىمەن›دەپ يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ،شۇ ئارىدا شەيتان پەيدا بولۇپ،‹بۇنىڭ گىپىگە ئىشەنمىسىلە تەقسىر،مەن شەيتان بولغىنىم بىلەن شامنىڭ ئوتىدا تۇخۇم يىلىتىپ ئىچىشنى بىلمەيدىكەنمەن.بۈگۈندىن باشلاپ،مەن بۇ ئادىمى شەيتاننى ئۇستاز تۇتسام بولغىدەك›دەپتىمىش!
2-ھىكايە:-جوھۇت(يەھۇدى)بىلەن مۇسۇلمان ھىكايىسى
رامىزان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بىر مۇسۇلمان خالىي بىر يەرگە بىرىپ قورساق تويغۇزماقچى بولۇپتۇ،ئۇ بىر كىمىگە ئولتۇرۇپ دەريادىن ئۆتۈپتۇ.دەريانىڭ قىرغىقىدا بىر تۈپ چىنار بار ئىكەن،مۇسۇلمان بۇ چىنارنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ نان يىيىشكە باشلاپتۇ.ئەتراپ ئىتىزلىق ئىكەن.ھىلىقى چىنارنىڭ ئۈستىدە زىرائەتلىرىگە قاراپ بىر جوھۇت(يەھۇدى)ئولتۇرغانىكەن.ئۇ بىر مۇسۇلماننىڭ روزى-رامىزاندا نان يەپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ دەرەخنى لىڭشىتىپتۇ،ھىلىقى مۇسۇلمان دەرەخنىڭ ئۈستىگە قارىغۇدەك بولسا،بوينىغا زۇننار ئىسىۋالغان بىرى دەرەخ ئۈستىدە ئولتۇرغان ئىكەن.مۇسۇلمان بۇ جوھۇتنى بىللە غىزالىنىشقا تەكلىپ قىلىپتۇ،جوھۇتمۇ دەرەخ ئۈستىدىن چۈشۈپ مۇسۇلمان بىلەن بىللە غىزالىنىپتۇ.
-ئەي جوھۇت،-دەپتۇ مۇسۇلمان ـ،بوينۇڭغا زۇننار ئىسىپ جوھۇت سىياقىغا كىرىۋالغان بولساڭ كىرەك،ئەگەر سەن ھەقىيقى جوھۇت بولساڭ،مۇسۇلماننىڭ تامىقىنى يىمىگەن بولاتتىڭ!
-ئەي ئىنسان،ـ دەپتۇ ھىلىقى جوھۇت جاۋابەن،ـ بىر قۇر مۇسۇلمانچە كىيىملەرنى كىيىۋىلىپ،ئۆزۈڭنى مۇسۇلمانغا ئوخشىتىۋالغان بولساڭ كىرەك،ئەگەر سەنمۇ ھەقىيقى مۇسۇلمان بولغان بولساڭ،روزى ـ رامىزاندا كۈندۈزى تاماق يىمىگەن بولاتتىڭ!
بۇ ھىكايىلەرنى كىچىك چاغلىرىمدا بوۋام ئىيتىپ بەرگەن ئىدى،(ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) قايسى كۈنى تۇيۇقسىز ئىسىمگە كىلىپ قالدى،ۋە بۇ ھىكايىلەر توغۇرلۇق ئويلىنىپ قالدىم،ۋە بۇلارنى يەنى بۇ ھىكايىلەر توغۇرلۇق ئويلىغانلىرىمنى خۇلاسىلەپ چىقتىم!
1ـ ھىكايەت توغۇرلۇق ئويلىغىنىم:-بۇ بىر ئىنسان بىلەن ئىبلس(شەيتان)سىلىشتۇرما قىلىنغان ھىكايەت بولۇپ،بەزى ئادىمى شەيتانلارنىڭ ئىنساننىڭ ئەلمىساقتىن بىرىقى دۈشمىنى ۋە لەنەت ئىگسى ئىبلىستىنمۇ بەك ناچارلىقى يەنى بەزى جەھەتلەردە شەيتاننىمۇ بىسىپ چۈشىدىغىننى سەزدىم،بۇنىڭ مەنىسى شەيتان بىزگە پەقەت شىۋىرلايدۇ قولىمىزدىن تۇتقۇزۇپ قىلغۇزۇشقا ئۇنىڭ قۇدىرتى يەتمەيدۇ ھەممىدىن يامىنى يەنىلا پىچەتلەنگەن قەلىب ئىگىللىرى بىلەن بىر يولدا مىڭىش يەنى ئۇلارنىڭ قىلغىننى توغرا دەپ بىلىش،ۋە ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ نەپسى ىاھىشلىرىغا ئەگىشىش ئىكەنلىكىنى بۇ ھىكايە ۋە تۇرمۇش ئارقىلىش ھىس قىلدىم!
2-ھىكايەت توغۇرلۇق ئويلىغىنىم:- بۇنىڭدا شۇنداقمۇ مۇسۇلمانلار باركى ئۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلى ئاشۇ جوھۇتلارنىڭمۇ مەسخىرە قىلىشىغا ئۇچرايدۇ،يەنى ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ ھارام قىلىنغان ئىشلارنى قىلىشى(زىنا،ھاراق-شاراب،قىمار) ئىشىلەرنى يىرگەندۈرىدۇ،(بۇنداق ئىشلارنى مەنمۇ ئاڭلىغان يەنى بىر مىنكاۋخەن ئاغىنەمگە بىر ساۋاقدىشى سىلەر ئۇيغۇرلار بىز يەيدىغان سىمىز ھايۋاننىڭ گۈشىنى يىمەيسىلەر لىكىن ئاراڭلاردا ھاراق-شارابقا بىرلگەنلەر خىلى كۆپكەن بۇنىڭ سەۋەبىنى دەپ بەرگىن دەپتۇ،ئۇ بولسا مەندىن سورىدى،مەن ئۇنىڭ گىپىگە پەرۋا قىلمىغىن ئۇنداق ئىشلارنى قىلىدىغانلار ھەممە قەۋىمدە بار،مۇسۇلمان دىگەن ئۇنداق ئىشلارنى قىلمايدۇ ئەگەر ئۇلار ھەقىيقى مۇسۇلمان بولغان بولسا بۇنداق قىلمىغان بولاتتى،ئۇلار ھەرگىز مۇسۇلمانلارغا ياكى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ دەپ مۇشۇ ھىكايىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم.)شۇنداق كىشىلەر ھەرگىزمۇ پۈتۈن بىر قەۋىم ياكى مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ!
ئەسكەرتىش:-يۇقىردا ئىيتقانلىرىم ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشىم،باشقىلارنىڭمۇ ئىلمى مۇنازىرە قىلغان ئاساستا پىكىرلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!
مەنبە:-ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tumurkala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-18 08:56 PM