|
|
|
|
| «زىچلىق»نىيوتۇن ماكانىنى تەقەززا قىلىدۇ
(1)
قاسىم سىدىق
فزىكىدىكى «زىچلىق»ئۇقۇمى چەكسىز،تۇز ،مۆتلەق،جىم، ئۈزلۆكسىزۋەھەركەت بىلەن مۇناسىۋىتى بولمغان نىيوتۇنچە ماكاننى تەقەززا قىلىدۇ.
بۇ تەشەببۇسنىڭ ئاساسلىرى تۆۋەندىكىچە:
1
فىزىكىدىكى«زىچلىق»ئۇقۇمىنىڭ ئېنىقلىمىسى:ئادەتتە مەلۈم بىر مىقدارنىڭ«بوشلۇق»،يۈزياكى سىزىقتىكى تەقسىملىنىشىنىڭ زىچلىغىنى ئىپادىلەيدۇ.بەلگىسىp...زىچلىق دىگەن سۆز ـ ئادەتتە جىسىملارنىڭ ماسسا زىچلىغىنى،يەنى جىسىملارنىڭ بىرلىك ھەجىمدىكى ماسسىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
.....
(تولۇق چۇشەندۇرۇشنى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1993-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرقىلىنغان«قىسقىچە فىزىكا لوغىتى»نىڭ 460-بىتىدىن كۆرۆۋىلىڭ)
مىنىڭ تەشەببۇسۇم:
يۇقۇرقى چۇشەندۇرۇشلەرنى «زىچلىق»ئۇقۇمىنىڭ ئىخچام ،نۇقسانسىزۋە مۇكەممەل ئېنىقلىمىسى دىيىشكە بولمايدۇ.چۈنكى«ئادەتتە مەلۈم بىر مىقدارنىڭ«بوشلۇق»،يۈزياكى سىزىقتىكى تەقسىملىنىشىنىڭ زىچلىغىنى ئىپادىلەيدۇ.»،«زىچلىق دىگەن سۆز ـ ئادەتتە جىسىملارنىڭ ماسسا زىچلىغىنى،...ئىپادىلەيدۇ»دىگەن بۇ جۆملىلەردە لوگىكىلىق خاتالىققا يول قويۇلغان.يەنى «زىچلىق» ئېنىقلانغۇچى ۋە ئېنىقلىغۇچى تۈپ ئاتالغۇ بولۇپ قالغان.
«زىچلىق.. جىسىملارنىڭ بىرلىك ھەجىمدىكى ماسسىسىنى ئىپادىلەيدۇ.»دىگەن بۇ جۆملە بىرقەدەر مۇكەممەل چىققان،لىكىن يىتەرلىك ئەمەس دىيىشكە بولىدۇ.
مىنىڭچە«زىچلىق ـــــــــــ بىرلىك ھەجىمدىكى ماسسىنىڭ ئاز-كۆپلىگى»ياكى«زىچلىق ـــــــــــــــ بىرلىك ھەجىم ئىچىدىكى ماسسىنىڭ ئاز-كۆپلىگىنى ئىپادىلەيدىغان فىزىكىلىق مىقدار»دىسەك بىر قەدەر مۇكەممەل بولىشى مۈمكىن.
تەھلىل:
قانداق چۈشەندۆرۆش ياكى ئېنىقلىما بىرىش بولسۇن بۇ چۈشەندۈرۈش ياكى ئېنىقلىمىلار «ماسسا»ۋە«بىرلىك ھەجىم»دىن ئىبارەت ئىككى ئۇقۇمدىن ئايرلىماي كەلدى ۋە ھەرگىز ئايرىلالمايدۇ،ئۈزۇل-كىسىل ئىتىشقا بولىدۇكى؛يۇقۇرقى ئىككى ئۇقۇم بولمىسا فىزىكىدا «زىچلىق»ئۇقۇمىنى تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ.مەن بۇتېما ئاستىدا «ماسسا»ئۇستىدە ئارتۆقچە توختالمايمەن.مىنىڭ نۇقتىلىق توختۇلىدىغىغىنىم«بىرلىك ھەجىم»ئۇقۇمى.
«زىچلىق»ئۇقۇمىدىكى «بىرلىك ھەجىم» ـــــــــــــــــ نىيوتۇن ماكانىنىڭ ھەجىمىدىن ئىبارەت.
بۇ مەسىلىنى ساۋاتسىز ئادەممۇ چۈشىنەلەيدىغان ئۇسۇلدا تۆۋەندىكىچە ئوخشۇتۇپ بايان قىلىشقا بولىدۇ:
بىر ئېغىز ئۆي بار دەپ پەرەز قىلايلى،مۇشۇ ئۇينىڭ ھەجىمىنى «بىرلىك ھەجىم»دەپ چۈشەنسەك ،.ئۇي ئىچىدە ھىچنەرسە بولمىسا ئۇنى ھەقىقى بوشلوق ـــــــ نىيوتۇنچە ماكان دەپ قارىساق بولىدۇ.بۇ ئۈيگە بەلگىلىك ماسسىغا(ئېغىرلىققا)ئىگە بىر ئادەم كىرسە ،بۇھالدا بۇ ئۆي »ھەقىقى بوشلۇق »بولماي قالىدۇ. لىكىن «زىچلىغى»ئىنتايىن تۆۋەن بولغان بولىدۇ.ئادەم سانى قانچە كۆپەيسە زىچلىق شۇنچە ئارتىپ بارغان بولىدۇ.قانچە كىمەيسە زىچلىق شۇنچە كىمەيگەن بولىدۇ.
ئەمدى بىز بۇ ئۆيگە لىققىدە ئادەم كىرگۇزەيلى .بۇھالدا بۇ ئۆينىڭ زىچلىغى چەككە يەتكەن،يەنە بىرەر ئادەمنى كىرگۇزۇشكە مۆمكىن بولمايدىغان ھالەتتە بولىدۇ.بۇيەردە ئادەم سانىدا ئۇزگىرىش بولسىمۇ، ئۆينىڭ ھەجىمى مۇتلەق تۇراقلىق بولىدۇ.كۆرۆنۈپ تۇرۇپتىكى مۇبادا مۇشۇنداق بىر «ئۆي»بولمىسا«زىچلىق»ئۇقۇمىنى تورغۇزۇش مۆمكىن ئەمەس.شۇنىڭ بىلەن بىرگە«زىچلىق»ئۇقۇمى بولمىغان فىزىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ مۆمكىن ئەمەس!.
2
«زىچلىق »ئۇقۇمىنىڭ تارىخنى ناھايتى قەدىمقى زامانلاردىن سۆرۆشتۈرۈشكە بولىدۇ.بۇ بىر مەخسۆس تېما.لىكىن ،شۇنى ئەسكەرتىش كىرەككى ؛ھازىرقى زامان فىزىكىسىدا قوللىنىلىۋاتقان «زىچلىق»ئۇقۇمى نيوتۇن زامانسىدىن قالغان ئۇقۇم بولۇپ ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسى ياكى چۈشەندۇرۇشلىرىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.ئۇنىڭدىكى «بىرلىك ھەجىم» يەنىلا نىيوتۇن ماكانىنىڭ ھەجىمىدىن ئىبارەت .پەقەت بۇ ئۇقۇمنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى كىڭەيدى،خالاس!.
ئېينىشتىيېن نىسبىلىك نەزەريسىدە «زىچلىق»ئۇقۇمىنى كەڭ ئىشلىتىدۇ.ئېينىشتىيېن ھىچقاچان «زىچلىق»ئۇقۇمىغا ئۆزگەرتىش كىرگۇزگىنى يوق. ھالبۇكى ئېينىشتىيېن بۇ ئۇقۇم بىلەن ئۆز نەزەريىسىنىڭ تىگى-تەكتىدىن سىغىشالمايدىغانلىغىنى ھىس قىلمىغان بولسا كىرەك.بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ بەكمۇ ئاددى.ئۇ بولسىمۇ ئېينىشتىيېن نىيوتۇن ماكانىنىڭ مەۋجۇتلىگىنى ئىتراپ قىلمايدۇ.لىكىن ئۆز نەزەريىسىدە«زىچلىق» ئۇقۇمىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق نىيوتۇن ماكانىنى ئىلىپ كىرىدۇ.مانا بۇ ئېينىشتىيېن نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقلىرىنىڭ بىرى!.
مىنىڭ يۇقۇرقى كۇز قارىشىمنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن ئىككى نۇقتا ئايدىڭ بولىشى كىرەك:
1.ھازىرقى«زىچلىق»ئۇقۇمىدا ئىشلىتىلگەن« بىرلىك ھەجىم» نىيوتۇن ماكانى ئەمەس دەپ ئىسپاتلاش.
2.ئېينىشتىيېن «زىچلىق»ئۇقۇمىنى ئىشلەتمىگەن ياكى نىيوتۇن زامانىسىدىن قالغان «زىچلىق»ئۇقۇمىنى ئىشلەتمىگەن دەپ ئىسپات كۆرسۈتۈش.
مىنىڭچە يۇقۇرقىدەك ئىككى پاكىت مەۋجۆت ئەمەس.
قەدىرلىك تورداش،بۇ مەسىلىلەرگە سىز قانداق قارايسىز؟!.
2012.3.18
| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-18 05:25 PM
|
|
|
|
|
|