يېڭىچە سۆيگۈ ----بۇلغانغان روھ
ھېكايە
شۇنچە تەبىئى
<<تاق ،تاق ،تاق>> ...ئىشىك يىنىك چىكىلىپ ، ئانا ئاستا قەدەملەر بىلەن قىزنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەلدى .قىز بۇ ۋاقىتتا خەنزۇ تىلىدا ھەرخىل قىلىقلارنى چىقىرىپ ،ئانا ئانچە چۈشۈنۈپ كەتمەيدىغان سۆزلەر بىلەن تېلېفوندا پاراڭلىشىۋاتقان ئىدى .ئانا بۇ چالا چۈشىنىۋاتقان سۆزلەردىن بىر نىمىنى چۈشەنگەندەك بولدىيۇ لېكىن يەنىلا سەۋىرچانلىق بىلەن قىزىنىڭ سۆزىنى تۈگىتىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردى . ئالاھەزەل يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن قىز ئاندىن سەل بىئەپ ھېس قىلدىمۇ قانداق ، ئاستا تېلېفوننى قويۇپ ، ئانىغا <<ھە ...نىمىگە كىردىڭ>> دىگەندەك مەنىدە قاراپ تۇردى .
-بىرەر يېقىن دوستىڭىز بىلەن پاراڭلاشقان ئوخشىمامسىز قىزىم ،-دېدى ئانا مۇلايىملىق بىلەن .
-ياق ، ئۇ مۇھەببىتىم
ئەمدىلا 18ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان قىزنىڭ قىلچە خىجىلمۇ بولماستىن ئۇدۇللا قىلغان سۆزى ئانىنى سەل تەئەججۈپلەندۈرگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇ يەنىلا بۇ ئەتىۋارلىق قىزىنىڭ كۆڭلىنى ئاياش ئۈچۈن يەنىلا قىلچە چاندۇرماستىن سۆزىنى داۋام قىلدى .
-ھە ، خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن ھە ...
- ھا ھا ھا ....ۋاي ، .ئانا سەن قايسى زامانلاردا قالدىڭ ،،، ئۇ خەنزۇ شۇ ،،،،
-ھە ...-ئانا نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېتىپ قالدى .
-ۋاي ۋاي ۋاي ...شۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم ئاپا ، نېمە بوپتۇ، ھازىرچۇ قارا ،ئاپا ، بۇنداق ئىشلار ئومۇملىشىپ كەتتى .
-قىزىم ،-دېدى ئانا قىزنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ ،-سىزمۇ خېلى چوڭ بولۇپ قالدىڭىز ، ئاق-قارىنى ئۆزىڭىز پەرق ئېتەلەيسىز ،ئەسلى بۇ گەپلەرنى قىلىپ يۈرمىسەم بولاتتى ، لېكىن بۇ خەزۇ بىلەن يۈرىۋەرسىڭىز ، باشقىلار كۆرسە نېمە دەيدۇ ، ،،،،،
-ئاپا ، باياتتىن دىدىمغۇ ، بۇنداق ئىشلار مودا ھازىر ، ھېچكىم ھېچنىمە دېمەيدۇ ، بۇ دەۋىرچۇ سىلەر ياشاۋاتقان دەۋىرگە ئوخشىمايدۇ .
-لېكىن قىزىم ، بۇ يات دىن ، يات مىللەتلىك كىشى تۇرسا ....
- قايسى زامانلاردا قالغان گەپ ئانا ئۇ ، ھازىر مۇشۇنداق ئەركىن يۈرىدىغان گەپ ، دىن ، مىللەت چەكلىمىسى يوق .ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيادىكى ھەممە ئادەملەر ئەسلى قېرىنداش دەپ سەنمۇ ئېيتاتتىڭغۇ .
-بۇ...
ئانا يەنە نىمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولغان ئىدى قىز ئۇنىڭ سۆزىنى ئۈزۈپ تاشلىدى،-بۇلدى قىلە ئاپا ، مەن يە ئۇنىڭغا تىگىمەن دىمىسەم ، نىمىدىن ئەنسىرەيسەن . باشقا ئىشىڭ بولمىسا كېيىن پاراڭلىشايلى ھە . ئۇ مىنى ساقلاپ تۇرىۋاتىدۇ .....،- قىز شۇلارنى دېدى- دە، ئانىنى ئىتتىرىپ دېگۈدەك ھۇجرىسىدىن چىقىرىۋىتىپ ، ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكىنى چىڭ ئىتىۋەتتى .
ئانا ئېغىر قەدەملەرنى ئېلىپ كىرىسلوغا كىلىپ ئولتۇردى ، كۆزىدىن بولسا تامچە- تامچە ياشلار تۆكۈلۈۋاتاتتى ، يولدىشى تۈگەپ كەتكەندىن بۇيان ئۆزى يىمەي يىگۈزۈپ ، كىيمەي كىيگۈزۈپ ، ئۆز كۆزقارچۇغىدەك ئاسراپ چوڭ قىلغان قىزىنىڭ ئەمدىلىكتىكى قېلىقلىرى ئانىنىڭ يۈرىكىنى تۇرماي مۇجۇپ ئازابلاۋاتاتتى . ....
بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قىز ئۇ خەنزۇ مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كەتتى ، سەۋەبى ئۇ تېخىمۇ ياخشى بىرسىنى تاپقان ئىدى ، قىزنىڭ يىڭى لايىقى بىر كاتتا باينىڭ ئەركە ئوغلى بولۇپ ، ئۇ قىز ئۈچۈن پۇلنى ئايىمايتتى ، قىزنى كاتتا سورۇنلارغا ئېلىپ باراتتى ، قىممەت بۇيۇملۇق سوۋغاتلارنى ئېلىپ بىرەتتى ، يەنە تېخى ئۇنىڭغا ھاراق ئىچىشنى ، تاماكا چىكىشنىمۇ ئۆگىتىپ قويغان ئىدى ................
دەل قىز مۇشۇنداق خۇشال يايراۋاتقان ۋاقىتلاردا ، قىزنىڭ تۇنجى مۇھەببىتى ، ئۇنى دەسلەپتە مۇھەببەت قاينىمىغا سۆرەپ ئېلىپ كىرگەن نىجىس ھازىر بولسا ، قايسىدۇر بىر بۇلۇڭدا ئۆزىگە زەھەر ئۇرىۋاتقان ۋاقىتتا قېتىپ قالغان ئىدى ......
تۈگىدى .
مەنبە : شۇنچە تەبىئى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-18 07:52 PM