مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2095|ئىنكاس: 38

شەيتان بىلەن چ چ نىڭ سۆھبىتى (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2517
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 11:59:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                  شەيتان بىلەن چ چ نىڭ سۆھبىتى  
                                                                  (ھېكايە)
  بۇ كۈنلەردە شەيتاننىڭ ئىش ئۈنۈمى بەك تۆۋەن بولغاچ باشلىقىدىن داۋاملىق تىل ئاڭلايدىغان بولۇپ قاپتۇ.  قانداق قىلسام باشلىقىمدىن تىل ئاڭلىماس بولارمەن، دەپ بېشى قاتقان شەيتان جەمىيەت تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەنگە چۈشۈپتۇ، قارىسا،  ئادەملەرنى ئازدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ روھى ۋە ئەقلىنى بۇلغاشتا ئۆزىنى بېسىپ چۈشكىدەك قاۋاقخانا، ئۇۋلاشخانا، تانساخانا، تورخانا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئالىقانداق  <خانا> لار  پۈتۈن يەرنى قاپلاپ كەتكەن ئىكەن، بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەن شەيتان چۈچۈپ كېتىپتۇ، ۋە < تۆۋە، مەن ئۆزەمنى شۇنداق قالتىس چاغلايتىم. ئىشلىرىم نېمانچە  ئىلگىرى باسمايدىكىن دېسەم، مېنىڭ رىقابەتچىلىرىم كۆپۈيۈپ كەتكەن ئەمەسمۇ، ئەمدى بىر ئامال تاپمىسام ئەتە-ئۆگۈن ئىشسىز قالغۇدەكمەن> دەپ ئويلاپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن ئۇ  رىقابەتچىلىرى ئارىسىدىن ئەڭ يامىنىنى تاللاپ سۆھبەتلىشىپ، تەجرىبە ئۈگەنمەكچى  بوپتۇ. شەيتان نۇرغۇن  ئىزدىنىش، تاللاش، باھالاش ئارقىلىقدا مۇشۇ  چ چ  نىڭ  جەمىيەتتىكى تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر، تارقىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، كىشىلەرنى ئازدۇرۇش خەۋىپى ئەڭ زور  قۇرالغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ چىقىپتۇ،  چ چ  ئۆزىنى ئىزدەپ كەلگەن شەيتاننى قىزغىن قارشى ئېلىپتۇ. ئەسلى شەيتان ئادەم سىياقىغا كىرىۋالغان ئىكەن.
- كېلىڭ ئەپەندى، سىزگە قانداق مۇلازىمەت كېرەك. ھەقسىز، ھەقلىق ھەممىسى بار.
- مەن بىر   چ نۇمۇرى ئىلتىماس قىلاي دېگەن ئىدىم. ئاڭلىسام سىزنى قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشى يوق دېيىشىدىكەن، بولۇپمۇ ئادەم ئازدۇرۇش ماھارىتىڭىزنى بەك ئۈستۈن دەيدۇ.
- ئەمەلىيەتتە، مەن ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەخىت يارىتىش، ئالاقە ئىشلىرىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش، كىشىلەرنى  ئەڭ ئاز مەبلەغ سېلىپ،  ئەڭ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈش مەقسىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئىدىم. ھېلىمۇ نۇرغۇن-نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش يولىدا ئىزدىنىۋاتىدۇ، ئەمما بىر قىسىم كىشىلەر بولۇپمۇ ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغان مىللەتنىڭ كۆپ قىسىم ئەزالىرى مېنى زىرىكىشتىن قۇتۇلۇش، ئىش- پۇشۇقىنى چىقىرىش، ئويۇنچۇق ئويناش، مەن ئارقىلىق بىر-بىرىنى ئازدۇرۇپ، قىلتاققا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ، ئەڭ ئاددىسى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئۆسمۈرلىرىمۇ ئوقۇشىنى ئوقۇماي، مېنى ئىشلىتىپ ئۆز-ئۆزىنى ۋەيران قىلماقتا، تېخى ئۇ كىچىك شۇملار  چ چ توپى قۇرۇپ مەزمۇنى ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ جەمىيەتتە يېڭى بىر ئەخلاق كىرزىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى تىزلەتمەكتە.
- ئەھۋال شۇنداق ئېغىرمۇ، ئاڭلىسام ئۇلار قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ مېنى شەيتان ئازدۇردى دەيدىكەنمىشقۇ؟
- بۇ ئىنسانلاردىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلاردىكى ئورتاق ئاجىزلىق، تىلۋۇزۇر شۇنداق ياخشى نەرسە ئىدى، باشقىلار ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ دۇنيادا ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك ئۆزگۈرۈشلەرنى كەلتۈردى. ئۇيغۇرلارچۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسى بوش، تەربىيىسى يېتەرسىز بولسا تىلۋۇزۇرنىڭ يېتەرسىز تەرەپلىرىنى كۆرۈپلا، ئۇنىڭدا ناچار مەزمۇنلارنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرىۋالدى. ئاندىن ھەممە گۇناھنى تىلۋۇزۇرغا ئارتىپ قويۇپ، ئۇنى دىل بۇزۇر دەپ ئاتىۋالدى. ياخشى مەزمۇنلارنى تاللاپ كۆرسە، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشلەتسە، ناچار تەرەپلىرىنى قەتئى كۆرمىسە بولىدىغۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىنتىرنىت تورى مەيدانغا كېلىپ، ئالەمشۇل ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ پۈتۈن يەرشارىنى ئالقاندەك قىلىپ كىچىكلىتىپ قويدى. ئىنسانلار تورنىڭ شاپائىتى بىلەن تارىختىكى ئەڭ ئىسىل دەۋرىنى ئۆتكۈزمەكتە. ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە تورنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يەنە تۆۋەن بولماقتا. نۇرغۇن قىز- ئوغۇللار تورنى كۆڭۈل ئېچىش، باشقىلارنى ئازدۇرۇپ ئەخمەق قىلىش، مۇنبەرلەردە لاغايلاپ يۈرۈپ، باشقىلارنىڭ زىتىغا تېگىدىغان ساپاسىز ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ، مۇنبەرنى پاخاللاشتۇرۇپ ،ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى زايە قىلماقتا، سىزگە ئېيتسام ئىملا خاتالىقىلىرى مۇشۇ مىللەتتىن باشقا مىللەتلەردە كەم كۆرۈلىدۇ. گەپنى  چ چ غا يۆتكىسەم بەزى نۇمۇسسىز ئەرلەر چ چ دا ئايالچە ئىسىم قوللىنىپ، بەزى تەبىئىيىتى پەس جىنىسداشلىرىنى قىلتاققا چۈشۈرۈپ، ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان، بەزى ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ئۆزلىرىنى 18-20 ياشلىق قىزلاردەك كۆرسىتىپ كۆزى ئېچىلمىغان ئوغۇللارنى ئالدايدىغان پەسكەش ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
- چ چ ئەپەندىم، سىز ئارقىلىق قىزلارنى كەلتۈرۈش، ئازدۇرۇش بەك ئاسان دەيدىكەنغۇ؟
- ئەپەندىم ، سىز ئۇقمايسىز، بەزى ئىمانى سۇيۇق، غورۇرىنى ئىت يەپ كەتكەن ئەرلەر، ئوغوللار، بىر قىز بىلەن تونۇشقىچە، دىن ۋە ئەخلاقنى سۈيئىستىمال قىلىپ، ئۆزىنى بىلىملىك، ئەخلاقلىق، ئىمانى كامىل كۆرسىتىپ، ئۆزىنى قوغداش كۈچى ئاجىز، ئىمانى سۇسراق قىزلارنى ئالداپ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالىدۇ، ھېسياتچان قىزلار ۋاقىت ئۆتكەنسىرى قارشى تەرەپنىڭ ھېيلە-نەيرەڭلىرىگە ئالدىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن ياخشى دوستلاردىن ھەتتا ئاشىق- مەشۇقلاردىن بولۇپ كېتىدۇ. ئاقىۋەتتە كېيىن تۈگمەس پۇشايماندىن باشقا ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
- چ چ دا ئالدىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟
- سىز بىلمەيسىز چ چ دېگەننىڭ ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىقتىدارى بەك كۈچلۈك. نۇرغۇن ئادەملەر تورغا چىقىپلا ھەقسىز چ چ نۇمۇرىغا ئېرىشدۇ، شۇنىڭ بىلەن بوشلۇقلارغا قالايمىقان رەسىم، ھۆججەت، ماتېرياللارنى يوللاپ قويۇپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللانمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئالدىنىپ قېلىپ بار گۇناھنى  چ چ بىلەن شەيتانغا ئارتىپ قويۇپ، ئۆزىنى ئازغانلار قاتارىدا ھېسابلايدۇ، مەندىن ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىنىمەن دەيدىكەن چوقۇم ئىشلىتىشنى بىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئاتا-ئانا بولغۇچىلار  قۇرامىغا يەتمىگەن باللىرىنىڭ چ چ دىن پايدىلىنىشنى ئامال بار توسۇشى، ھېچ بولمىغاندا قاتتىق نازارەت قىلىشى كېرەك.
- چ چ ئەپەندى، مەن راسىت گەپ قىلاي، مەن ئادەم ئەمەس، شەيتان بولىمەن. ئادەملەرنى ئازدۇرۇش مېنىڭ بىردىن-بىر ۋەزىپەم. مەن سىزنىڭ گىپىڭىزنى ئاڭلاپ بىر چ چ توپى قۇرۇپ، بارلىق شەيتانلارنى ئەزا قىلىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئازدۇرۇش مەقسىتىمگە يېتەي دەيمەن، قانچە پۇل كەتسە مەيلى، ماڭا شۇنداق چ چ توپىدىن بىرنى قۇرۇپ بەرسىڭىز.
- كەچۈرۈڭ شەيتان، بىز پەقەت ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە بارلىققا كەلگەن، بىز سىز بىلەن ھەمكارلىشالمايمىز، سىزگە يەنە شۇنى دەپ قۇياي، كىشىلەرمۇ پات ئارىدا چ چ دىن توغرا، ئىلمىي ئۇسۇلدا، دۇرۇس نىيەتلەر بىلەن پايدىلىنىشنى ئۈگىنىدۇ، سىز  چ چ توپى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئازدۇرۇش نىيىتىڭىزدىن يېنىڭ.
   مەنبەسى: ئۈزەم.

-



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-30 09:29 AM):
بايانات:ئەسەرلىرىمنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.(روزىمۇھەممەت ئىرپان )

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 2042
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 23853
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4308 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 10:50:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چ چ نىڭ مۇنۇ گېپى راس بولغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە - !

ئەپسۇس ، چ چ بىر ئويۇنغا ، كۆڭۈل ئېچىش قورالىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ .

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك !

ئەقىلسىز دوستۇڭ

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 1412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21138
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2822 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 10:55:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭز  خىلى مەزمۇنلۇق چىقىپتۇ  بىراق بۇ QQ دىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماي ، بىر - بىرنى ئالدۋاتقان ، ئازدۇراتقانلار ..........يالغۇز ئۇيغۇرلارمۇ ياكى بۇ مەزمۇننى مەن خاتا چۈشىنىۋالدىممۇ ؟ بۇ دىگەن ھەممە يەردە بار ئىشقۇ دەيمەن ، بۇنى«  ئۇيغۇرلاردا » دەپ قىستۇرۇپ ، ئۆزىمىزگە يۈكلىۋالمىساق بولمامدۇ ؟

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

كېچە تۈن ھەر قان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21160
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3865
تۆھپە نۇمۇرى: 413
توردا: 2264 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2012-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 10:57:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ كوت-كوتنىزە ھەي

كېچە تۈن ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ، قۇياش ھامان چىقىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15932
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13697
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 496 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 10:59:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەيتان چ چ نىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي چۇقۇم شەيتانلاردىن تەشكىل تاپقان توپ قۇرۋالدى. ئۇلار شۇ تاپتا جىددى ھەركەتتە بۇلۇشى مۇمكىن.

بەلكىم شەيتانلار ئۈزى بىلەن چ چ ئوتتۇرىسىدىكى پاراڭنى كۈرۈپ كۈلۈپ كەتكەندۇ ھە

جەننەت ۋە دوزاخ _

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25248
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 19349
تۆھپە نۇمۇرى: 1372
توردا: 4953 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2012-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 11:01:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمە دېسەم بولار ئەمدى...بۇ چچ نى ھازىر كىم ئىشلەتمەيدۇ...

فىلىم ئشلەش ھەۋە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 968
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5455
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4379 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 11:49:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلەتسىغۇ مەيلى لىكىن ما ببىزنىڭ ياتاقتىكى باللار ئاچ قالسىمۇ ئايدا 30 كوي تۆلەيدۇ ھېلقى بىر كەسىپلىرگە ...ھاماقەت دۆتلەر

فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net

بالىلار كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى !

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 563
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 671 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2012-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 12:08:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمىسىمۇ ھازىر بارغانسىرى ئىمان سۇسلىشىپ كەتتى. زامان ئاخىرىنىڭ كۆپ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ بولدى..اللە بەندىلىرىڭنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلا...

ئېرىشىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت ، ئايرىلىش ئازاپ .......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1269
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 239 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2012-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 12:47:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazila998 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-18 10:55 AM
تىمىڭز  خىلى مەزمۇنلۇق چىقىپتۇ  بىراق بۇ QQ دىن ئۈنۈملۈ ...

قېرىندىشىم ھەممە ئىشنى ئۈزىمىز دىن باشلاش  ئەڭ ئاقىلانە چارە، شۇڭا  بۇ ئاپتورنىمۇ ئەيىپلەشكە بولمايدۇ. ياخشى چىقىپتۇ رەخمەتسىزگە، داۋاملىق ياخشى تېمىلارنى كۆپلەپ يوللاپتۇرارسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 943
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3504
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 457 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 12:59:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولۇپمۇ ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغان مىللەتنىڭ كۆپ قىسىم ئەزالىرى مېنى زىرىكىشتىن قۇتۇلۇش، ئىش- پۇشۇقىنى چىقىرىش، ئويۇنچۇق ئويناش، مەن ئارقىلىق بىر-بىرىنى ئازدۇرۇپ، قىلتاققا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ، ئەڭ ئاددىسى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئۆسمۈرلىرىمۇ ئوقۇشىنى ئوقۇماي، مېنى ئىشلىتىپ ئۆز-ئۆزىنى ۋەيران قىلماقتا، تېخى ئۇ كىچىك شۇملار  چ چ توپى قۇرۇپ مەزمۇنى ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ جەمىيەتتە يېڭى بىر ئەخلاق كىرزىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى تىزلەتمەكتە.
-------------------------------------------------------------
يەنە دىسەم يەنە شۇ بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ ئىشىنى مىللىتىمىزگە ئارتىپ قويمايلى . بىز تېخى تورنى يامان ئىشقا ئىشلىتىشتا يولداشلارنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيمىز ، يولداشلاردىن تور ئويناپ ئۆلۈپتۇ دەپ نەچچىنى ئاڭلاپ بولدۇم ، لىكىن بىزنىڭ ئارىمىزدىن بىرەرسى ئۆلگىنى يوق . ئاشۇنداق ئەسكى ئىش قىلغانلارنى سۆكسەك ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ سۆكىلى بۇ ئىشنى مىللەتكە ئارتىپ قويمايلى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش