ئەقسا مەسجىدى يىقىلاي دەپ قالدىمۇ؟ بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دوكتۇر راغىب ئەل سەرجانى
ھەرەم شەرىف تۆپىلىكى
ئالدىنقى بىر نەچچە ھەپتىلەردىن بۇيان ،مەسجىدۇل ئەقسانىڭ ئىشى مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق دىققىتىنى تارتتى ۋە مۇسۇلمان جامائىتى ئىچىدە نۇرغۇنلىغان كەسكىن سۇئاللار پەيدابولدى.بۇ سۇئاللارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئەقسا مەسجىدىنىڭ راستىنلا يىقىلاي دەپ قالغان - قالمىغانلىقى ئىدى.يەھۇدىيلار نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مەسجىدۇل ئەقسانى ئۆرۈپ تاشلاش ھەققىدىكى بۇرەزىل مەقسىدى ئۈستىدە بۇنچە چوڭ تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ،ئەجىبا ئۇلار راستىنلامۇشۇنداق قىلارمۇ؟؟ئەقسا مەسجىدىنى ئۆرىۋىتىش ئۈچۈن قايسى ئۇسۇل ئەڭ ئۈنۈملۈك بولار:مەسچىت ئاستىغا تونىل كولاشمۇ ،ياكى ئۇنى پارتلىتىۋىتشمۇ ۋە ياكى تانكا بىلەن باستۇرۇپ ئۆتۈپ كىتىشمۇ؟!ئەگەر مەسجىدۇل ئەقسا ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىققائۈچرىسا ،ئاقىۋەتتە نېمە ئىشلار يۈز بېرەر؟!
مەسجىدۇل ئەقسانىڭ تىگىگە كولانغان تونىللار
شۈبھىسىزكى،بۇنداق كەسكىن بولغان ئاچقۇچلۇق مەسلىگە جاۋاپ تېپىش بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى تارىخمىزنىڭ ماھيىتىنى ئىگەللەش ،يەھۇدىيلار ۋە مەسجىدۇل ئەقسانى ئازاد قىلىدىغان يېڭى بىر ئەۋلادنىڭ خاراكتىرىنى بىلىشتە بىزلەر ئۈچۈن باشقىچە تەپەككۇر يولى ئاتا قىلسا ئەجەپ ئەمەس.
كۈمۈش گۈمبەزلىك ئەقسا مەسجىدى ئەمەلىيەتتە،ئەقسا مەسجىدىنى ئۆرىۋىتىش ناھايىتى زور ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان،يەھۇدىيلارغا بولىدىغان سەلبى تەسىرى ئىجابى تەسىرىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ بولىدىغان بىر ئىش.شۇنىڭ ئۈچۈن يەھۇدىيلار شۇنداق بىر ئىپلاس پىلان قوللىنىپ ئەڭ ئاز بولغان زىيان بىلەن ئۇنى ئۆرىۋەتمەكچى بولىۋاتىدۇ.ئۇلار دائىم مۇشۇنداق زور تەشۋىقاتلار بىلەن ،ھەرقايسى ئاخبارات-تېلىۋىزىيە ۋاستىلىرىدا ئوچۇقتىن ئوچۇقلا ئۇلار مەسچىت يېنىدا كولىغان تونىللارنى ۋەبۇنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان رەسىم ۋە باشقا يىپ ئۇچلىرىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.ئۇلاربۇنداق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان مۇددىئالارنى كۆڭلىگە پۈككەن بۇلۇپ ،بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى تۆۋەندىكى ئىككى تۈر بولسا كېرەك.
تونىل سەۋەپلىك مەسچىت تاملىرىدا يېرىق پەيدا بولدى يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلارنى ناركوزلىماقتا
بىرىنچى مەقسەت:مۇسۇلمانلارنى مەسجىدۇل ئەقسانىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاشقا كۆندۈرۈش. ئۇلارنىڭ خىيالىدا نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار ئەقسا مەسجىدىنىڭ ئۆرۈلۈشى توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئاڭلايدۇ،بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ مۇسۇلماننىڭ بۇنداق خەۋەرلەرنى تولا ئاڭلاۋىرىپ قۇلاقلىرى ،تولا كۆرىۋىرىپ كۆزلىرى كۆنۈپ كىتىدۇ.مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن، ئەقسامەسجىدىنى ئۆرىۋەتكەن تەغدىردىمۇ مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ ئويلىغىندەك زور كۈچ بىلەن ئىنكاس قايتۇرمايدۇ.ئۇلارنىڭ بۇئۇسۇلى ئەملەش (ۋاكسىنا ئۇرۇش) جەريانىغا ئوخشايدۇ.ۋاكسىنا بولسا ئاجىزلاشقان ياكى ئۆلگەن كېسەللىك باكتىريىسىدىن تەييار قىلىنىدۇ،بۇ خىل ئۇسۇلدا تەييارلانغان ۋىرۇس ياكى باكتىرىيە ياكى ئۇلارنىڭ تۈزۈلۈش قىسمىنىڭ بىر پارچىسى بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ،بەدەندىكى ئوگانىزىملارنى غىدىقلاش ئارقىلىق ۋىرۇسقا قارشى ئانتىتېلا ئاجرىتىپ چىقىرىپ ئادەمنىڭ ئىممۇنىت ئىقدىدارىنى ئاشۇرىدۇ ،ئەمما بۇخىل ئاجىزلاشتۇرۇلغان باكتىرىيەلەر ئېغىر يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.ئوخشاشلا يەھۇدىيلارمۇسۇلمانلارنى ئەقسا مەسجىدىنى ئۆرۈپ تاشلاش ھەققىدىكى پىلان تەدبىرلىرى بىلەن ئەملەۋاتىدۇ،ئىككى ئۈچ يىل ۋەياكى نەچچە ئون يىللاردىن كىيىن ئۇلارنىڭ بۇ پىلانى ئىشقا ئاشسىمۇ،مۇسۇلمانلاردا بۇلۇشقا تېگىشلىك غەزەپ نەپرەت تەدرىجى يوقاپ ،ھەممەئىش ئۆز جايىدا كىتىۋىرىدۇ.
يەھۇدى ئەسكەرلىرى مەسچىت غەربى تېمىدا قەسەم بىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكتە يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆزەتمەكتە
ئىككىنچى مەقسەت:مۇشۇنداق ئىشلار چىققان ۋاقتىدامۇسۇلمانلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆزىتىش.ئەمەلىيەتتە يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنىڭ ئۇلارنىڭ قۇددۇستىكى(ئىرۇسالىم ) ۋە ھەتتاكى پۈتۈن پەلەستىدىكى مەۋجۇتلىقىنى يوقىتىۋىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.شۇڭا ئۇلار تەدرىجى ھالداھەرخىل تاراتقۇلاردا (مىدىيا ۋاستىلىرىدا) خەۋەرلەرنى تارقىتىپ ،پەلەستىنلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ،ئەرەبلەر ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ،ھەتتا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىنكاسىنى كۆزىتىدۇ.ئۇلار بۇ خىل كۆزىتىشلىرىگە ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئىلمىي ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ،مەسجىدۇل ئەقسا ئۆرۈلگەن چاغدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنكاسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئىنچكىلىك بىلەن پەرەزقىلىدۇ.ئەگەر مۆلچەردىكى ئىنكاس كونتىرول قىلالمىغۇدەك كۈچلۈك بولسا ئۇلار ئۆرۈش پىلانىنى كىچىكتۈرىدۇ،ئۇنداق بولمىسا ئۇلاربىخەتەرلىككە ئىشەنچ باغلىغان ئاساستا ئۆرۈش پىلانىنى ئىشقا سالىدۇ.
مۇسۇلمانلار غەزەپ –نەپرەتكە تولغان ئىنكاسلارنى كۆرسەتمەكتە
شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار كۈچلۈك غەزەپكە تولغان ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىقراق بولغان ئىنكاس كۆرسىتىشى كېرەك،بەلكىم مۇشۇنداق قىلىش ئۇلارنى رەزىل پىلاننى ئىشقا سېلىشتىن توسۇپ قالىدىغان ۋە قورقۇتىدىغان،ھەتتا ئۇلارنىڭ پىلانىنى كىچىكتۈرىدىغان ۋە ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ئامىل بولسا ئەجەپ ئەمەس.بۇنداق ئىنكاس بولمىغاندا،يەھۇدىيلارنىڭ قەلبىنى چىرماپ تۇرغان ئۆرۈش پىلانى ئەمەلىيەتتە ئىشقائاشمىغۇچە پەسەيمەيدۇ. بۇ يەردەبۇنداق بىر سۇئال چىقىشى مۇمكىن:نېمە ئۈچۈن يەھۇدىيلار ئالاھىدە ئەقسا مەسجىدىنى ئۆرىۋىتىش ئۈستىدە باش قاتۇرىدۇ،نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان ئۈممەتنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ؟؟؟ئۇلارغا پۈتۈن پەلەستىننى بېسىۋېلىشمۇ يەتمەمدىكەن،يەنە ئەقسامەسچىتىنى ئۆرۈۋىتىشنى ئويلاپ قاپتۇغۇ؟!! ئەمەلىيەتتەئۇلار ئاللاھ قاچان سەخرە گۈمبىزى خارابىلىكى ئۈستىدە ئاتالمىش ئۈچۈنچى ئىبادەتخانا (ھەيكەل سۇلايمان ) سېلىش مۇراجىئەتنامىسىنى جاكارلىدى.ئەمما ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ دىققىتىنى ھەيكەل سۇلايماننىڭ ئورنىنى بىكىتىش تەرەپكە بۇرىماقتا.باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ،ئۇھەقىقەتەنمۇ ئەقسا مەسچىتى ئاستىدىمۇ ،ياكى سەخرە گۈمبىزىنىڭ ئاستىدىمۇ ۋە ياكى ئەلھەيكەل تېغىنىڭ ئۈستىدىمۇ ۋە باشقا ئىزدەنگۈچىلەر ۋە ئانالىزچىلار كۆرسەتكەن يەردىمۇ دىگەندەك...
ئالتۇن بىلەن قاپلىتىلغان سەخرە گۈمبىزى ھەيكەل سۇلايمان ئەپسانىسى
ئېنىققىلىپ ئېيتقاندا، مىنىڭ مۇتلەق ئىشەنچىمدە ئەزەلدىن ئەل ھەيكەل دەپ ئاتىلىدىغان نەرسە بولۇپ باقمىغان.تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ھىچقانداق ئىلمى تەكشۈرۈش يەھۇدىيلانىڭ ئەپسانىسىدىكىدەك ھەيكەل سۇلايماننىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر ئالامەت تاپالىغىنى يوق.مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ،ئۆزگەرتىۋىتىلگەن تەۋرات ئىسپات ھالىتىدە تۇرالمايدۇ.بۇنى ھەقىقەتەنمۇ ئۇلار ئۆز قۇلى بىلەن ئۆزلىرى يېزىپ چىققان،خۇددى بەزى نەرسىلەرنى ئۇلار خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن يېزىلغان دەپ يېزىۋالغاندەك،ۋە مۇشۇ ئارقىلىق تىلغائالغۇچىلىكىمۇ بولمىغان نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن "بۇ خۇدادىن كەلدى'دىگەندەك.ئوخشاشلا ،ئەقسا مەسچىتىنىڭ مۇقەددەس كەئبە قۇرۇلۇپ ،40يىلدىنكىيىن بەرپا قىلىنغانلىقى ھەممىگە مەلۇم بولسا كېرەك.بۇ يەردە ئىمام بۇخارى ۋەئىمام مۇسلىم ئەبۇزەر ئەل غەففارىدىن رىۋايەت قىلغان ئىشەنچىلىك بىر ھەدىس بار.ئۇ كىشى رەسۇلۇللاھتىن (س.ئە.ۋ) سورىدى:"يا رەسۇلۇللاھ،يەر يۈزىدە قايسى مەسچىت ئەڭ بۇرۇن سېلىنغان ؟" رەسۇلۇللاھ ئېيتتى:"مەسجىدۇل ھەرەم "، "ئاندىن كيىنكىسىچۇ ؟؟" ،"قۇددۇستىكى ئەقسا مەسچىتى"دەپ جاۋاپ بەردى رەسۇلۇللاھ، ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنەسورىدى:"ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارلىقىدا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەن؟" رەسۇلۇللاھ جاۋاپ بىرىپ ئىېيتتىكى "قىرىق يىل ". ئۆلىمالاركەئبىنىڭ ۋە ئەقسا مەسجىدىنىڭ ئېنىق قۇرۇلغان ۋاقتى ھەققىدە بىردەك پىكىردە ئەمەس.قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇ (ھەرەم مەسچىتى )ناھايىتى قەدىمى مەسجىد بۇلۇپ ،پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ياكى ئادەم،ئىبراھىم ئەلەيھىسالاملار تەرىپىدىن سېلىنغان بۇلۇشى مۇمكىن.ئەقسا مەسچىتى داۋۇدئەلەيھىسالام ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسالام دەۋىرلىرىدە مۆئمىنلەرنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن سېلىنغان .شۇنىسى ئېنىق بولدىكى ،داۋاد ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسالاملارنىڭمۇ شۇنداق بىر مۇقەددەس مەسچىتنى تاشلاپ ئۇنىڭ يېنىغا يەنە بىر ئىبادەتخانا سېلىشى ئەمەلىيەتكە مۇۋاپىق ئەمەس.نەسائى ،ئەخمەد ۋە ئىبنى ماجەلەرنىڭ ئابدۇللاھ بىن ئەمىر ئەل ئاستىن (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت ئاتا قىلسۇن) رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام (س.ئە.ۋ) مۇنداقدىگەن:"داۋادنىڭ ئوغلى سۇلايمان بەيتۇل مەقدىس (ئەقسا مەسجىدى)نىڭ قۇرۇلۇشىنىتۈگەتكەندىن كېيىن ،ئاللاھتىن ئۈچ نەرسىنى سورىدى....". بۇھەدىستىن ئايان بولدىكى ،سۇلايمان ئەلەيھىسالام نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئەقسا مەسجىدىنى قايتا رىمونىت قىلغان.قانداق بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ،بۇ ھەدىس بىزگە سۇلايمان ئەلەيھىسالامنىڭ ھەيكەل سۇلايمانغا ئەمەس بەلكى بەيتۇل مەقدىسنىڭ قۇرۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.بىز ئەلۋەتتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىنى يەھۇديىلارنىڭ ئۆزگەرتىۋىتلگەن تەۋراتىدىن مىڭ ھەسسە ئىشەنچىلىك دەپ قارايمىز.ئەمما ،بىزگە ئايانكى يەھۇدىيلار بىزنىڭ دەلىلىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ،ئەگەردە ئۇنىڭغا قۇلاق سالغان بولسا ئىدى ئۆز ئېتىقادىنى ئېلان قىلمىغان بولاتتى.ھەر قانداق چاغدا كۈچ كۆرسىتىش ھەقىقەتنى قوغداشتىكى بىردىنبىر يول.بىزبۇنى بىزنىڭ مەسجىدىمىز دەيمىز ،ئۇلار ھىچقانداق تارىخى ئىسپاتى ياكى قېزىپ چىققان ئاسار ئەتىقىلىرى بولماي تۇرۇپ ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ھەيكەل سۇلايمانى دەپ بار ئاۋازىبىلەن ۋارقىرىسىمۇ. ئويلايمەنكى بۇ بىر ئەقىدە مەسلىسى بۇلۇپ ،بۇ مەسلە ئۈستىدە بىراۋ ئۆز ئېتىقادىدا چىڭ تۇرغاندەك چىڭ تۇرۇش غەلبە قازىنىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى. گەپكەقايىتىپ كەلسەك :يەھۇدىيلار ئەقسا مەسجىدىنىڭ ئورنىدا ئاتالمىش ھەيكەل سۇلايمان ۋەباشقا خارابىلەرنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ،يەنە نىمىشقا ئۇنى يۇقىتىشنى ئويلايدۇ؟؟..........
تونىل ئىچىدىكى بىتون تۈۋرۈكلەر
قۇشۇمچە: ئەقسامەسچىتى پەلەستىننىڭ قۇددۇس(ئىرۇسالىم) شەھىرىدىكى ھەرەم شەرىف تۆپىلىكىگە جايلاشقان بۇلۇپ ،ئىسلامدىكى ئۈچ مۇقەددەس مەسچىتنىڭ(مەككىدىكى ھەرەم مەسچىتى ،مەدىنىدىكى پەيغەمبەر مەسچىدى) بىرى.ئۇمۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنچى قىبلىسى ،شۇنداقلا سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسالام مىئراج كىچىسى ئاسمانغا ئۆرلىگەن جاي. ئەقسامەسچىتى ئىككىنجى خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان ،كيىن ئۈمەۋىيلار خەلىپىسى ئابدۇل مالىك ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ۋەلىد تەرپىدىن قايتا رىمونىت قىلىنىپ كىڭەيتىلگەن.746-يىلىدىكى يەر تەۋرەشتە ئېغىر بۇزغۇنچۇلۇققا ئۇچراپ،ئابباسىيلار خەلىپىسى ئەل مەنسۇر ۋە ئۇنىڭ ۋەلىئەھدى ئەل مەھىدى تەرىپىدىن قايتائوڭشىتىلغان.1033-يىلىدىكى يەنە بىر يەر تەۋرەشتىن كىيىن فاتىمىلەر خەلىپىسى ئەلئەززاھىر تەرىپىدىن قايتا سالدۇرۇلغان.ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشىدىن كىين سالاھىدىن ئەييۇبى تەرىپىدىن ۋە كىيىنكى ئوسمانلى سۇلتانلىرى تەرىپىدىن قايتا قايتا رىمونىت قىلنغان. پەلەستىن ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلنغاندىن كىيىن ،مەسجىدۇل ئەقسا ۋە باشقا ئىسلامى تەۋەرۈكلەرگە بولغان بۇزغۇنچىلىق توختىماي ئېشىپ بارغان.1969-يىلى دېنىس مايكول روھان مەسچىتكە ئوت قۇيىۋىتپ ،مەسچىتنىڭ شەرقى جەنۇبى بۇرجىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ۋە نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگەسالاھىدىن مۇنبىرى كۈيۈپ كەتكەن. 1990-يىلى يەھۇدى زىئونىزىمچىلىرى مەسجىدۇل ئەقسانىڭ ئۈستىگە ئۈچۈنچى ئىبادەتخانا سېلىش پىلانى تۈزۈپ ،مەسچىتكە سوقۇنۇپ كىرگەن.2000-يىلى ئىسرائىل باش مىنىستىرى شارول100نەچچە قوغدىغۇچى بىلەن ئەقسانى زىيارەت قىلغان ،پەلەستىنلىك مۇسۇلمانلار بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق نامايىش قىلغان.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەھۇدى قىساسكارلىرىنىڭ قەدىمكى ئاسار ئەتىقىلەرنى كولاش پىلانى بىلەن ھەرەم شەرىف تۆپىلكى ئاستىغا كۆپلەپ تونىل قېزىلغان.
پايدىلانغان مەنبەلەر:قىسسەتۇل ئىسلام تورى ۋىكى ئىنسىكىلوپىدىيەسى http://en.wikipedia.org/wiki/Human_rights_in_Israel http://en.wikipedia.org/wiki/Excavations_at_the_Temple_Mount
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا perfume تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-17 01:33 PM
|