مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1323|ئىنكاس: 11

تۇغلۇق تېمۈرخاننىڭ ئىسلامغا مۇشەررەپ بولغانلىقىنىڭ بايانى داۋامى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-5 10:21:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمما، شەيىخنىڭ مەۋلانا ئەرشىددىن ئاتلىق بىر ئوغلى بار ئىدى، ئىلىم-ئېرپاندا يۇقىرى كامالەتكە يەتكەنىدى. ھەزرىتى شەيىخ ۋاپات بولۇش ۋاختىدا بۇ ئوغلىغا ۋەسىيەت قىلىپ :«مەن بىر چۈش كۆردۈم، چۈشۈمدە بىر ئېگىزلىكنىڭ ئۈستىگە بىر چىراغنى ئېلىپ چىقىپ ياندۇردۇم، پۈتكۈل شەرىق ئۇ چىراغنىڭ نۇرى بىلەن يورۇپ كەتتى. ئۇ چۈشنى كۆرۈپ نەچچە مۇددەتتىن كېيىن ئاقسۇدا تۇغلۇق تېمۈرخان بىلەن ئۇچراشتىم، تۇغلۇق تېمۈرخان ۋەدە قىلىپ :«ئەگەر مەن نىچۈن خان بولوركەنمەن، ھوزۇرۇمغا قەدەم تەشرىپ قىلغايسىز، مۇسۇلمان بولغايمەن» دېگەنىدى. ئەمما، مىنىڭ ئۆمرۈم ئۇنىڭغىچە ۋاپا قىلمىدى، سەن بۇ ۋەسىيىتىمنى ئۇنتۇپ قالماي، قاچانكى ئۇ يىگىت خان بولسا، ئۇنىڭ ئالدىغا بارغىن، ئېھتىمال ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ ئىسلامغا مۇشەررەپ بولسا كېرەك. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئېھتىمال ئالەم سېنىڭ بىلەن مۇنەۋۋەر بولغاي. [ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، «قۇرئان»دا :«مۇشرىكلارغا قارشى بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىڭلار» دەپ كۆرسىتىلگىنى بويىچە ئىش قىلغايسەن»] دېگەنىدىن كېيىن پانىي ئالەمدىن باقىي ئالەمگە راۋان بولدى.
بۇ ۋەقەدىن نەچچە مۇددەت ئۆتكەنىدى، تۇغلۇق تېمۈرخان شاھلىق تەختىدە ئولتۇردى، بۇ خەۋەر مەۋلانا ئەرشىددىنگە يەتتى، ئۇ شۇ ھامان ئاقسۇدىن موغۇلىستان«ھازىرقى ئىلى، تارباغتاي»غا باردى. كۆردىكى ، تۇغلۇق تېمۈرخان ئىنتايىن بۈيۈك پادىشاھلىق شان-شەۋكىتىدە بەرقارار بولۇپتۇ. شەيىخ قانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، خان بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولالمىدى. شۇڭا، ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە خاننىڭ ئوردىسغا يېقىن بىرىپ ئەزان ئوقۇشقا باشلىدى. ئاخىر بىر كۈنى سەھەردە خان مۇلازىملىرىدىن بىرىنى چاقىرىپ :«نەچچە كۈندىن بېرى ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر خىل ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ، سەن بىرىپ بۇ ئاۋازدا قىچقارغان كىشىنى ھوزۇرۇمغا ئېلىپ كەلگىن» دېدى. ھەزىرتى مەۋلانا تېخى ئەزاننى تولۇق تۈگۈتىپ بولالمىغانىدى، ھىلقى موغۇل يېتىپ كېلىپ ئۇنىڭ قۇلقىدىن تۇتتى-دە، تارىتقان پېتى خاننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. خان ھەزىرتى مەۋلانا ئەرشىددىننى يىقىنراق كېلىشكە بۇيرىدى ۋە مۇنداق دېدى :«سەن كىمسەن؟ ھەر سەھەردە راھەت-پاراغەتتە ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىمدا قاتتىق ۋاقىراپ، مېنى ئۇيقۇ راھىتىدىن مەھرۇم قىلسەن؟» مەۋلانا ئەرشىددىن :«مەن سېز پالانى ۋاقىتتا مۇسۇلمانلىق دائىرسىگە كىرىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن كىشىنىڭ ئوغلى بولىمەن» دەپ ئاتىسىدىن ئاڭلىغان ھېكايەتنى باشتىن-ئاخىرغىچە بايان قىلدى. خان :«خۇش كېلىپسىز، ئاتىڭىز قەيەردە؟» دەپ سورىدى. مەۋلانا :«ئاتام ۋاپات بولدى، ماڭا بۇ ئىشلارنى ۋەسىيەت قىلغان» دېدى.خان ئېيىتتىكى :«مەن خانلىق تەختىدە ئولتۇرغاندىن بېرى ھەمىشە [مەن ۋەدە بەرگەن كىشى ئەجەپ كەلمىدىغۇ؟] دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم. مانا سىزنىڭ كەلگىنىڭىز ناھايىتى ئوبدان بولدى. ماڭا تەلىم بېرىڭ، مۇسۇلمانچىلىق يوللىرى قانداق بولىدۇ؟» ھەزىرىتى مەۋلانا بىلدىكى ، ھىدايەت قۇياشى بۇ سەھەردە ئىنايەت شەرقىدىن تۇغۇلۇپ، كۇپپارلىق تۈننىڭ قاراڭغۇلۇقى يوقالغۇسىدۇر.
ھەزرىتى مەۋلانا خانغا غۇسلى قىلىش يوللىرىنى ئۆگەتتى، غۇسلىدىن پارىغ بولغاندىن كېيىن ئىماننى بايان قىلىشقا باشلىدى. بۇ سائادەتمەن خان ھايالسىز ۋە تەخىرسىز چىن دىلىدىن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىمان-ئىسلامنى ئاشكارا قىلىش خۇسۇسىدا مەسلىھەتلەشتى، ئاخىر مەسلىھەت شۇنىڭغا قارار تاپتىكى، ئەمىرلەر بىردىن-بىردىن چاقىرلىپ ئىمانغا دەۋەت قىلىنغاي، ئەگەر قوبۇل قىلسا ئىش ئوڭغا تارىتقىنى، رەت قىلغۇچلار چىقسا ئايەت ھۆكۈمى بويىچە قەتلى قىلىنغاي. بۇ مەسلىھەت قارار تاپقاندىن كېيىن كۈندۈز بولدى. پېقىر مۇھەممەدھەيدەرنىڭ بوۋام ئەمىر تۆلەك شۇ چاغلاردا دۇغلات مەنسىپىدە ئولتۇرۇۋاتقانىدى، خان ئەمىر تۆلەكنى يالغۇز چاقىردى. ئەمىر تۆلەك خاننىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ قارىسا، خان بىر تاجىك بىلەن يانمۇيان ئولتۇرۇپتۇ. ئەمىر تۆلەك كىرگەندىن كېيىن خان سۆز باشلاپ ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدى، ئەمىر تۆلەك يىغلاپ تۇرۇپ :«ئۈچ يىل بولدى، پېقىر كاشغارلىك تەقۋادارلارنىڭ ئالدىدا مۇسۇلمان بولغانىدىم، ئەمما سىزدىن قورقۇپ ھازىرغىچە ئاشكارا قىلمىغانىدىم. ئادەم پەرزەنتىگە بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەخىت-سائادەت يوقتۇر» دەپ ئەرىز قىلدى. خان بۇ سۆزنى ئاڭلاپ شادلانغىنىدىن دەرھال قوپۇپ، ئەمىر تۆلەك بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. ئۇلار ئۈچ بولدى، شۇ تەرىقىدە ئەمىرلەرنى بىردىن-بىردىن چاقىرىپ ئىمانغا دەۋەت قىلاتتى. ئەمىرلەرمۇ توختاۋسىز قوبۇل قىلاتتى، تاكى نۆۋەت چۇراس ئەمىرلىرىگە يەتتى. ئۇلار ئىسلامغا كىرىش مەسلىسىدە ئىككىلىنىپ قالدى ۋە بۇ شەرىتنى ئارىغا سالدى :«ساڭقۇي بۇقا ئاتلىق بىر كىشى بار. ئەگەر بۇ تاجىك شۇ كىشى بىلەن چېلىشىپ ئۇنى يىقىتسا، ئىمان كەلتۈرىمىز» دېيىشتى. ئەمىرلەر ئۇلارغا :«سىلەر نېمە ئۇنداق ئورۇنسىز شەرىتلەرنى ئارىغا سالسىلەر؟» دېدى. ھەزرىتى مەۋلانا ئېيىتتىكى :«بۇ شەرىتمۇ بولىدۇ، بۇلار ھەرنېمە دېسە ئورۇنلۇق. مەن ئۇ كىشى بىلەن چېلىشاي، ئەگەر مەن ئۇنى يىقىتسام، سىلەرنى ئىمانغا تەكلىپ قىلاي. بۇ ئىشتا ئىختىيار سىلەردە بولسۇن.» خان ھەزرىتى مەۋلاناغا :«مەن ئۇ كىشىنى ببىلىمەن. ئۇ شۇنداق كۇپپاركى، ئادەم نەسلىدىن ئەمەستۇر. ئىككى ياشلىق تۆگىنى كۆتۈرەلەيدۇ» دېدى. ھەزرىتى مەۋلانا :«ئەگەر پاك ۋە بەرھەق تەڭرى موغۇلنىڭ ئىسلامغا مۇشەررەپ بولۇشىنى ئىرادە قىلغان بولسا ھەم بۇ سائادەت مېنىڭ ئىسمىمغا پۈتۈلگەن بولسا، ئەلۋەتتە ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت بەرگۈسىدۇر» دېدى. ئەمما، خان باشلىق بارلىق مۇسۇلمانلار بۇ ئىشقا رازى ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ ھەرھالدا چوڭ سورۇن تۈزۈلدى، ساڭقۇي بۇقانى ئېلىپ كەلدى. ساڭقۇي بۇقا ئۆز كۈچ-قۇۋۋىتىدىن مەغرۇرلاندى ۋە تەكەببۇرلۇق بىلەن ھەزرىتى مەۋلاناغا قارىدى. ئۇ ئۆز نەزىرىدە ھەزرىتى مەۋلانانى ناھايىتى ئاجىز ۋە خار كۆردى. ئۇلار چېلىشىشقا باشلىدى. ھەزرىتى مەۋلانا قوللىرىنى ئۇنىڭ كۆكرىكىگە قويدى، شۇ ھامان ساڭقۇي بۇقا بىھوش بولۇپ يىقىلدى. ئۇ بىرپەستىن كېيىن ھوشىغا كېلىپ كەلىمە شاھادەت ئېيتىپ، زار-زار يىغلىغان پېتى مۇسۇلمان بولۇپ ئورنىدىن قوپتى ۋە ھەزرىتى مەۋلانانىڭ ئايىغىغا يىقىلدى. پۈتكۈل خالايىق ئارسىدىن قىيقاس-چۇقان كۆتۈرۈلدى. شۇ كۈنى ئاتمىش مىڭ كىشى بىراقلا مۇسۇلمان بولدى. ئۇلار ھەممىسى چاچلىرىنى ئالدۇرۇپ، خەتنە قىلدۇردى. ئىسلام نۇرى كۇپپارلىق قاراڭغۇلۇقىنى يوقاتتى، چاغاتايخاننىڭ يۇرتىدا ئىسلام يېيىلدى. تەڭرىتالاغا تەشەككۈركى، تاكى بۈگۈنگىچە بۇ ئالىي مەرتىۋىلىك خانلىقتا ئىسلام ھاكىمىيتى بەرقارار بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ دۆلەتمەن خان ئابا ۋە ئەجدادىنىڭ ئادىتىگە خىلاپ ھالدا ئىسلامنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن شۇ قەدەر كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.
مەۋلانا خاجە ئەھمەد ئەھلى سالا ۋە تەقۋادار زات ئىدى، پېقىر بۇ ھىكايەتنى شۇ زاتتىن ئاڭلىغانىدىم.
مەنبە: «تارىخى رەشىدىي» .

ئادەم ئۇ ئاخىرى بىر ئۇچۇم تۇپراق،

كەتسىمۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق.

شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،

ۋەياكى شۇمبۇيا ۋەياكى يانتاق.


ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 01:00:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇغلۇق تۈمۈرخان 160 مىڭ قالماقنى ئىسلامغا كىرگۈزگەن،ئەلۋەتتە ھىدايەت ئاللاھتىن ئاللاھ بۇ كىشىگە رەھمەت قىلغاي،تىمىڭىزغا تەشەككۈر!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 01:12:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇغلۇق تۈمۈرخان 160 مىڭ قالماقنى ئىسلامغا كىرگۈزگەن، شۇڭا بۇ كىشىنىڭ تۆھپىسى زور

foormat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 08:00:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 694
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6695
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 3505 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 08:23:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!
oghuzkhan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 11:16:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12072
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11547
تۆھپە نۇمۇرى: 505
توردا: 4613 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 12:19:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇغلۇق تۆمۈرخان يېتىشكەن ئۆلىما موللىمۇ ؟160مىڭ قالماقنى قانداق ئىسلامغا كىرگۈزگەن ؟قۇرئان تەپسىر قىلىپ كىشىلەرنى قايىل قىلىپمۇ ؟ تەپسىلىي يوللاپ قويۇڭلار.............

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   coolbala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-6 12:19 PM  


مېنىڭ ئەڭ زور خۇشاللىقىم تەڭرىم ۋە گىتارىمدا............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61204
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11625
تۆھپە نۇمۇرى: 1990
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2011-10-19
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 04:12:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oghuzkhan يوللىغان ۋاقتى  2012-3-6 11:16 AM
بۇ ئاقساق پادىشاھ، چىڭگىزخاندىن قالسىلا ، ئەڭ ئەشەددى  ...

چىڭگىزغان بىلەن ئوخشۇتۇشىڭىزغا مەن قارشى.،ھازىرقى جەمىيەتنى ئويلاڭ بىر ئادەمنى دىنغا كىرگۈزەلەمسىز  160 مىڭ كىشىنى دىنغا كۈرگۈزۈش ئاسانمۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12072
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11547
تۆھپە نۇمۇرى: 505
توردا: 4613 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 06:15:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كومپارتىيە بۈگۈنكى كۈندە نەچچە يۈز مىلىيۇن كىشىنى پارتىيىگە كىرگۈزدىغۇ ئاينا ........ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   coolbala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-6 06:16 PM  


مېنىڭ ئەڭ زور خۇشاللىقىم تەڭرىم ۋە گىتارىمدا............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 07:15:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
coolbala يوللىغان ۋاقتى  2012-3-6 12:19 PM
تۇغلۇق تۆمۈرخان يېتىشكەن ئۆلىما موللىمۇ ؟160مىڭ قالماق ...

مەن كۆرگەن ماتېريالدا بىر كۈندىلا 60 مىڭ قالماق مۇسۇلمان بولغانلىقى سۆزلىنىپتۇ . مەن يوللىغان تېمىدا قانداق قىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقى ھەم 60 مىڭ قالماقنىڭ قانداق مۇسۇلمان بولغانلىقى ئىلىنغان.

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش