مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1620|ئىنكاس: 36

30-يىللاردىكى مۇھىم ۋەقەلەر! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غەلبە ھامان بىزگە مەنسۇپ!.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 1297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8774
تۆھپە نۇمۇرى: 2157
توردا: 1888 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-5 09:22:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1912-يىلىدىكى تۈمۈر خەلىپە باشچىلقىدىكى خەلق قوزغىلاڭىدىن كىيىن سىياسىي سىھرىگەر دەپ نام ئالغان ياڭ زىڭشىن،خەلىقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتىدىن پايدلنىپ ئۆزىنىڭ 7000مىڭغا يەتمەيدىغان ئەپيۇنكەش چىركلىرى بىلەن شىنجاڭنى 17 يىل سورىدى،بۇ جەرياندا ئىچكىردە ۋەزىيەت ئىنتايىن ناچار بولۇپ،مىللىتارىستلار بىر-بىرى بىلەن ھوقۇق تالاشماقتا ئىدى،يۇرتىمىز شىنجاڭدا بولسا خەلق ئىنتايىن جاپا-مۇشەققەتتە كۈن كەچۈرمەكتە ئىدى،شۇنداق قىلىپ 1931-يىلىغا كەلگەندە ئىلگىركى تۈمۈر خەلىپە قوزغىلاڭنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىللىرىدىن بىرى بولغان خوجانىياز ھاجى باشچىلقىدا ئەڭ ئاۋال قۇمۇلدا قوزغىلاڭ باشلاندى،ئاندىن كەينى-كەينىدىن تۇرپان،خوتەن،قەشقەر،كۇچا قاتارلىق جايلاردا مەخسۇت مۇھىتى،تۈمۈر ئىلى،مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا،ئوسمان ئىلى(قىرغىز) قاتارلىقلار باشچىلقىدا قوزغالدى،ئەڭ دەسلەپكى قۇمۇل قوزغىلاڭىنىڭ سەۋەبى بولسا،بىر خەنزۇ ئوفىتسىر ئۇيغۇر قىزى ئالىمەن،دىگەن يەرلىك خەلىق ئىنتايىن غەزەپلەنگەن ۋە باشتا مۆيدىن باشچىلقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن،خوجانىياز ھاجى قاتارلىقلار ئۇلارغا ئاۋاز قوشتى،ۋە قۇمۇل شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى،لىكىن قوراللىرىنىڭ ناچار بولىشى تۈپەيلى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى،ۋە قوزغىلاڭچىلار كىڭىشىش ئارقىلىق ئىچكىرىدە مابۇفاڭ قىسىملىرىدىن يىڭىلىپ تەمتىرەپ يۈرگەن بالا قوماندان ماجۇڭيىڭنى ياردەمگە چاقىردى،ماجۇڭيىڭنىڭ نىيىتى قارا بولغىنى ئۈچۈن ئولجا چۈشكەن قوراللارنى تەڭ بۆلۈشمەي ئىچكىرىگە قاراپ تىكۋەتتى،خوجانىياز ھاجى ئىنتايىن ئىغىر كۈنلەردە قالدى ھەتتا ئاتتىن ئايرىلىپ،ئالتە-يەتتە ئادەملىرى بىلەن قالغان چاغلىرىمۇ بولدى،بىراق خەلقنىڭ ھىمايىسىدە تىزلىكتە ئەسلىگە كىلىپ تىزلىكتە كۈچ توپلاپ ھۇجۇمنى قايتىدىن باشلىدى،بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن جىن شۇرىن ھاكىمىيتى ياپۇنىيەدە ھەربىي تەلىم ئالغان ئوفىتسىر شىڭ شىسەينى قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇشقا ئەۋەتتى،ئىنتايىن غالجىرلاشقان شىڭ شىسەي تۇرپان قاتارلىق جايلارنى قانغا بويىدى،ۋە ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىنى ئۆلتۈرۈپ كاللىسىنى سازايە قىلغۇزدى،بىراق 1933-يىلى 12-ئاپىرىلغا كەلگەندە تاۋ مىنيۆ،لى شىياڭ تاۋ،چىن جۇڭ قاتارلىقلار جىن شۇرىن ھاكىمىيتىگە قارشى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى،پۇرسەتتىن پايدىلانغان شىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشتە تەختىكە چىقتى،(شۇ يىلى دۇنيادىكى مەشھۇر شەخىسلەردىن، گىتلىر،روزىۋىلىت قاتارلىقلارمۇ تەخىتكە چىققانىدى.) شۇ چاغلاردا ماجۇڭيىڭ شىنجاڭغا قايتا كىردى،ئىلىدا جاڭ پىييۈەن باشچىلقىدا شىڭ ھاكىمىيتىگە قارشى سىياسىي ئۆزگىرىش بولدى،شىڭ شىسەي سوۋىتنىڭ كىلىشتۈرۈشى بىلەن خوجانىياز ھاجى بىلەن ياراشتى ۋە ئوتتۇرىدا جىمسار پۈتۈمى تۈزۈلدى،(ئەينى ۋاقىتتا سوۋىت ئىتتىپاقى مۇڭغۇلىيە ئارقىلىق خوجانىياز ھاجىغا ياردەم بەرگەن ئىدى،شۇڭا كىيىنكى مەزگىلگە كەلگەندە بىز شىڭغىلا ياردەم بىرىمىز،ماجۇڭيىڭ پايۇنيىنىڭ ئادىمى،ماجۇڭيىڭنى بىرلىكتە يوقۇتۇشۇڭلار كىرەك دىگەن.)شۇنىڭ بىلەن خوجانىياز ھاجى بىلەن شىڭ شىسەي بىرلىكتە ماجۇڭيىڭغا قارشى ئۇرۇش قىلدى،ۋە خوجانىياز ھاجى جەنۇبقا يۈرۈش قىلدى،بۇ مەزگىلدە جەنۇبىي شىنجاڭدا قوزغىلاڭ ئوتى تۇتاشمىغان جاي قالمىغان بولۇپ،كۇچا،قەشقەر،خوتەن قاتارلىق جايلاردا قوزغىلاڭ بولىۋاتاتتى،بۇنداق پۇرسەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىن قىچىپ كەلگەن باسمىچىلار ۋە سابىت داموللا باشچىلقىدىكى كۈچلەر 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە ‹‹ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى ›› نى قۇردى،سابىت داموللىنىڭ تەرجىمھالى تۆۋەندىكىچە:-سابىت داموللا ئابدۇباقى كامالى 1983-يىلى(ھىجىرىيە 1300-يىلى)ئاتۇشنىڭ ئازاق كەنتىدە تۇغۇلغان،باشلانغۇچ دىنىي تەربىيەنى ئازاقتا چوڭ ئەلەم ئاخۇنۇم دىگەن كىشىدىن ئالغان،كىيىن قەشقەر خانلىق مەدىرىستە(ھازىر چىقىۋەتتى) ئوقۇغان.1910-يىلى ئۇستازى ئابدۇقادىر داموللام ھەم مامۇت ئاخۇن داموللاملارنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن،بۇخاراغا بىرىپ يۇقىرى مەلۇمات ئالغان.1914-يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ داموللا بولۇپ يۇرتىغا قايتىش سەپىرىدە،ئىلىغا كىلىپ سۈيدۈڭدە ئىسمائىل ھاجى دىگەن كىشىنىڭ رابىيە دىگەن قىزى بىلەن تويلىشىپ ئۆيلۈك بولغان،بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن،‹‹ رەستە ۋەقەسى ›› سەۋەبى بىلەن ئايالى رابىيە بىلەن ئاجىرشىپ،ئوغلى ئابدۇللانى ئايالىغا قالدۇرۇپ،قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە قەشقەر خانلىق مەدىرستە ئۇستازى ئابدۇقادىر داموللام ھەم مەسلەكدىشى شەمسىدىن داموللام بىلەن بىللە مۇددەرىسلىك قىلغان.1924-يىلى ئابدۇقادىر داموللام قەستكە ئۇچرىغاندىن كىيىن سۇيقەستچىلەرنىڭ نىشانى سابىت داموللامغا مەركەزلەشكەن،بۇنىڭ بىلەن سابىت داموللام ھەج قىلىش باھانىسى بىلەن ئىلىغا يىنىپ چىققان ھەمدە ئىلىدىكى زاتلارنىڭ ياردىمى بىلەن،1927-يىلى ‹‹ شىرىن كالام ›› دىگەن كىتابىنى باستۇرغان بۇ كىتابتا نۇقتىلىق ھالدا مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ تەرجىمھالى ۋە ئەخلاق-پەزىلىتى نۇقتىلىق سۆزلەنگەن،بۇ كىتاب كىيىن ھىندىستاندا بىسىپ تارقىتىلغان.1931-يىلى ئۇ ھەج تاۋاپىنى ئادا قىلغان،(بەزى كىشلەرنىڭ دىيشىچە ،سابىت داموللا ھەج تاۋاپ قىلىش جەريانىدا تاتارلارنىڭ مەشھۇر دىنىي ئالىمى مۇسا جارۇللايىف بىلەن كۆرۈشكەن،ۋە سابىت داموللا،شەمسىدىن داموللا،مۇسا جارۇللايىۋ ئۈچەيلەن سابىت داموللىنىڭ ‹‹ ئىسلام قانۇنى ›› ناملىق كىتابى ئاساسىدا،سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھىغا دۆلەت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغىرسىدا تەكلىپ بەرگەن.)1932-يىلى نۇرغۇن دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغان ۋە 12-ئايدا قاغىلىققا يىتىپ كەلگەن،ئاندىن ئۇدۇل خوتەنگە كەلگەن،بۇ چاغدا خوتەندە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باشچىلقىدا قوزغىلاڭ تەييارلىقى ئىشلنۋاتاتتى،شۇنداق قىلىپ 1933-يىلى 2-ئايدا قوزغىلاڭ باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي (ھۆكۈمەتى ئىسلامىيە خوتەن) قۇرۇلىدۇ،سابىت داموللا بۇ ھۆكۈمەتتە شەيخۇلئىسلام بولىدۇ،ئاندىن 1933-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئىنىسى ئىمىر ئابدۇللا(شاھ مەنسۇر) باشچىلقىدا ئىككى مىڭ كىشلىك قوشۇننى باشلاپ قەشقەرگە قاراپ يولغا چىققان،بۇلار يەكەنگە كەلگەن چاغدا تۈمۈر سىجاڭنىڭ(كۇچا قوزغىلاڭىنىڭ باشچىسى) ۋەكىلى ئاپتۇغوپۇر داموللا باشچىلقىدىكى تۆت ۋەكىل يەكەنگە يىتىپ كەلگەن،ئۇلار قوزغىلاڭچىلارنىڭ قەشقەرگە بىرىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئىيتقان،سابىت داموللا بۇنىڭغا قوشۇلمىغان،(ئاپتۇغۇپۇر شاپتۇل داموللا پەيزىۋات شاپتۇللۇق كىشى بولۇپ دىنى مەلۇماتى يۇقىرى كىشى بولغاچقا قەشقەر تەۋەسىدە تەسىرى زور بولغان،لىكىن بۇ كىشى سىپى ئۆزىدىن مۇناپىق كىشى بولۇپ،ئابدۇقادىر داموللامنى قەستلەش سۇيقەستىگە قاتناشقان،ئوسمان پاشا بىلەن تۆمۈر سىجاڭنى زىددىيەتكە سىلىپ ماجەنساڭ ئۈچۈن كەتمەن چاپقان،ئۇ شىڭ شىسەي دەۋىرىدە ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىگەن ھەم قەشقەردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان.1935-يىلى يازدا ئۈرۈمچىگە كىلىپ،ئۆلكە بويىچە ئىچىلغان ‹‹ ئىكىنچى قىتىملىق ئاۋام كونفىرسىيسى›› گە قاتناشقان،قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن شىڭ شىسەينىڭ سىياسەتلىرىنى ماختىغان،ھەتتا:-پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مەندىن كىيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ دىگەن ئەگەر كەلگەن بولسا مۇشۇ شىڭ دۇبەن جانابىللىرى كەلگەن بولاتتى،بۇ زات گەپ قىلسا چىشىنىڭ ئارىسىدىن نۇر تۆكۈلۈپ تۇردىكەن،دىگەندەك سۆزلەرنى قىلغان،بۇنىڭدىن غەزەبلەنگەن مەھمۇت سىجاڭ ئۇنى زىياپەتكە چاقىرغان ۋە ئارىلىقتا:-داموللام مۇشۇ كاپىرنى پەيغەمبەرگە ئوخشاتقان كىشىنىڭ جازاسى نىمىكىن؟ دەپ سورىغان بۇ داموللا بولسا زەكىرىنى كىسىپ ئاغزىغا چىشلىتىپ قويۇش كىرەك! دىگەن شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ گىپى توغرىسىدا مەھمۇت سىجاڭ تىلخەت يازدۇرۋالغان ۋە شۇ كۈنى ئاخشىمى يەنى 1936-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە ئادەم ئەۋەتىپ قەشقەر كوناشەھەرنىڭ ئۆتەڭ بازىرىدا ئۆزى دەپ تىلخەتتە دىگەن ئۇسۇلى بىلەن ئۆلتۈرۈپ،تىلخەتنى پىشانىسىغا چاپلاپ قويغان!)ۋە ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ 7-ئاينىڭ 20-كۈنى قەشقەرگە يىتىپ كەلگەن.بۇلارنىڭ ئالدىغا ئوسمان پاشا (قىرغىز)،كىچىك ئاخۇن تۇەنجاڭ قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەر قارشى ئالغىلى چىققان،لىكىن تۈمۈر سىجاڭ تەسىر كۈچى ئازلاپ كەتكەنلىكىگە چىدىماي بۇلارنى نەزەربەنىت قىلغان،8-ئاينىڭ 3-كۈنى ماجەنساڭ تۈمۈر سىجاڭنى ئۆلتۈرۋەتكەن،بۇنىڭدىن كىيىن ئوسمان پاشا قايتىپ كىلىپ قايتىدىن قەشقەرنى ئىشغال قىلغان ۋە سابىت داموللىنى نەزەربەنىتتىن بوشاتقان،سابىت داموللا 9-ئاينىڭ 10-كۈنى خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئورنىغا ‹‹شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق جەمىيتى››نى قۇرغان،بۇ توغىرسىدا سەيپىدىن ئەزىزى ‹‹ ئۆمۈر داستانى››دىگەن ئەسىرىدە مۇنداق يازغان؛-‹‹شۇنداق قىلىپ،ھىجىرى 1352-يىلى7-ئاينىڭ 4-كۈنى،مىلادى 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى›قۇرۇلۇپ،كۆنچى مەھەللىسى ئالدىدىكى مەيداندا بايراق چىقاردى،بۇ بايراق ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئىدى.بايراق چىقىرىپ ‹جۇمھۇرىيەت›قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش چوڭ يىغىنىدا،‹ھۆكۈمەت›ئىسىملىكى،ئاساسىي قانۇن ۋە‹دۆلەت شىئىرى›ئىلان قىلىندى.››11-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن،ئاتالمىش ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى›ھاكىميتى قەشقەر كوناشەھەرنىڭ تۈمەن دەرياسى بويىدا،يەنى ياۋاغ كۆۋرۈكنىڭ يىنىدا،يىگىرمە مىڭ كىشىلىك يىغىن ئىچىپ،بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ،‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى›ھۆكۈمىتىنڭ ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ئىلان قىلدى،سابىت داموللا ئۆزى ‹دۆلەت ئىشلىرى باش ۋەكىلى›زۇڭلى،بولدى ئاقسۇدا تۇرۋاتقان خوجانىياز ھاجىغا دۆلەت رەئىسلىك ئورنىنى قويۇپ قويدى،سابىت داموللا ئۇزۇن سۆز قىلدى،سۆزدىن كىيىن قەشقەردە نامايىش قىلىندى.بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى ئىلگىركى سوۋىت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن باسمىچىلار ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر ئىدى،بۇ جۇمچۇرىيەت سىتالىن ۋە شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنى ساراسىمىگە سالدى،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خوجانىياز ھاجى ئارقىلىق بۇ جۇمھۇرىيەتنى يوقۇتۇش قارارىغا كەلدى،1934-يىلى 2-ئايدا ماجۇڭيىڭ ئۈرۈمچىنى 20 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن قورشىۋىلىپ سوۋىت ئىتتىپاقى ئەسكەر چىقىرىپ بۇنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى،ماجۇڭيىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا چىكىندى ۋە چىكىنىش يولىدا نۇرغۇن قىرغىچىلىقلارنى ئىلىپ باردى،مانا بۇ مەشھۇر ‹تۇڭگان يىغىلىقى›دۇر،ماجۇڭيىڭ قەشقەرگە كەلگەندە ماجەنساڭ قىسىملىرى بىلەن قەشقەردە زور قىرغىچىلىق ئىلىپ باردى،بۇ (فىۋرال پاجىئەسى)دۇر،سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بىسىمى بىلەن ماجۇڭيىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىغا چىكەتتى،ۋە كىيىن شۇ يەردە ئىتىپ تاشلاندى،ئۇنىڭ قالدۇق قىسىملىرىدىن بولغان ماخۇسەن خوتەننىڭ گۇمىغا چۈشتى،خوجانىياز ھاجى بولسا سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان (ئەركەشتام كىلىشىمى)نىڭ مەزمۇنى بويىچە ئۇلۇغچاتتىكى ئىھساقبىك تۇەنجاڭ (ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىكى مەشھۇر قوماندان ئىھساقبىك مونۇنۇۋ) بىلەن بىرلىشىپ،ۋە شىڭ شىسەي قىسىملىرى بىلەن ماسلىشىپ جەنۇبىي شىنجاڭنى تىنىچلاندۇرۇشقا ماقۇل بولدى،ۋە سابىت داموللا باشچىلقىدىكى كىشلەرنى شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بىرىشكە ۋەدە قىلدى،ۋە 1934-يىلى 4-ئايدا يەكەندە زىرىپ قارى ھاجى (بۇ كىشى كىيىن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە شۇ ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن،مىللىتى ئۆزبىك)،شەمسىدىن داموللا،ئابلاخان،سۇلتانبەگ قاتارلىق تۆت كىشى خوجانىياز ھاجى تەرىپىدىن نەزەربەنىد قىلىندى،4-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھمۇت سىجاڭ قول ئاستىدىكى غوپۇر تۇەنجاڭنى ئەۋەتىپ سابىت داموللىنى قولغا ئالدى،خوجانىياز ھاجى سابىت داموللا بىلەن زىرىپ قارى ھاجىنى ئاقسۇغا يالاپ ئىلىپ كىلىپ،شىڭ شىسەينىڭ ئاقسۇدىكى قىسىملىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن،ۋە شىنجاڭ ئۆلىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان،ئۇ مەھمۇت سىجاڭنىڭ قىسىملىرىنى قالدۇرۇشنى شەرت قىلغان،شۇنىڭ بىلەن مەھمۇت سىجاڭ قىسىملىرى ئالتىنجى دىۋىزىيىگە ئۆزگەرتىلگەن،سابىت داموللا 1934-يىلى شىڭ شىسەينىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىسىگە قامالغان،خوجانىياز ھاجىمۇ 1937-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى (ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ قۇيرۇقى)دىگەن تۆمەت بىلەن تۈرمىگە قامالغان،ۋە 1938-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقىدىن شىڭ شىسەيگە ياردەمگە ئەۋەتىلگەن ھاشىم ھاجى دىگەن كىشى تەرىپىدىن سىرتماقتا بۇغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن،كىشلەر خوجانىياز ھاجى ئۆلگەندىن كىيىن سابىت داموللامنىمۇ ئۆلتۈرۈپ بولدى دىيىشكەن،لىكىن سابىت داموللا 1940-يىلىغا كەلگىچە تۈرمىدەھايات تۇرغان،ۋە ئۈرۈمچى ئىككىنجى تۈرمىنىڭ باشلىقى ليۇ بىڭدى ئىسىملىك تۇڭگان بىلەن تونۇشۇپ قالغان ۋە لىيۇ بىڭدى سابىت داموللىنىڭ تەلىپى بىلەن (قۇرئان كىرىم) ۋە قەغەز-قەلەم ئەكىرىپ بەرگەن،ۋە سابىت داموللىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاپ بەرگەن،سابىت داموللا ئون ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا (قۇرئان كىرىم)نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە-تەفسىرىنى تاماملىغان.شۇنىڭ بىلەن 1942-يىلى ئەللىك سەككىز يىشىدا تۈرمىدە ۋاپات بولغان.شۇنىڭ بىلەن ئاتالمىش (شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى) نىڭ ئۆمرى بىر يىلغا بارمايلا تارىخ سەھنىسىدىن چۈشكەن،1937-يىلىغا كەلگەندە مامۇت شىجاڭنىڭ قول ئاستىدىكى ئوفىتسىر ماخۇسەن قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ شىڭ شىسەيگە قارشى ئۇرۇش قىلغان،بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرى ئىھساقبىك ۋە شىڭ شىسەي قىسملىرى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن تىجىتقان.(بەزى مەنبەلەردە ئىيتىشىچە بۇ ئۇرۇشقا سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ خىللانغان قىسىملىرى قاتناشقان) شۇنىڭ بىلەن شىڭ ھاكىمىيتى مۇستەھكەملەنگەن،ۋە 1941-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئەسلى قىياپىتىنى ئىچىپ سوۋىت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ جىياڭ جىيشىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان،ۋە نۇرغۇن زىيالىلار يەنى لىن جىلۇ،ماۋ زىمىن،(ماۋ زىدۇڭنىڭ ئىنىسى)چىن تىيەنچۇ قاتارلىق زاتلارنى تۈرمىگە تاشلانغان،1944-يىلىغا كەلگەندە شىڭ شىسەي دىھقانچىلىق-ئورمانچىلىق مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىنىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ۋۇ جۇڭشىن كەلگەن،ئۇزاق ئۆتمەي ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى باشلىنىپ ئىككى يىلدىن كىيىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان،گومىنداڭ 1946-يىلى ئامىرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ قوللىشى بىلەن،پارتىيمىزگە قارشى ئۇرۇش قىلدى ۋە مەغلۇپ بولۇپ تەيۋەنگە قاچتى،1949-يىلى گىنرال تاۋسىيۆ ھەقىقەتكە قايتىقانلىقىنى جاكارلىدى،مىللى ئارمىيە ئازاتلىق ئارمىينىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ تەشكىللەندى،ۋە 1949-يىلى شىنجاڭ تىنىچ يول بىلەن ئازات قىلىندى،1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى رەسمى قۇرۇلۇپ،كونا جۇڭگۇدىكى باراۋەرسىزلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە خاتىمە بىرىلدى!                                                                                                           پايدىلانغان مەنبەلەر؛_مىرئەھمەت سىيىت،يالقۇن روزى قاتارلىقلار يازغان(مەمتىلى ئەپەندى) رومانى            بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-6 12:40 AM  


ھەممىسى سەن ئۈچۈن!ھەممىسى......

穿别的鞋,走自己的路

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 807
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 15498
تۆھپە نۇمۇرى: 1799
توردا: 6492 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 12:37:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىن تارىخنى چوقۇم بىلىۋىلىش كېرەك!
كىتابخانا،كۇتۇبخانىلاردىن چىن تارىخىي كىتابلارنى تاپقىلى ۋە ئۇقۇغىلى بولىدۇ.
ئۆتمۈش بىر چۈش خالاس.تارىخنى ھەممە كىشى چوقۇم بىلىش كېرەك،تارىخنى ئۇنتۇش ئېزىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىپ قويسام،تېمىدىكى تارىخىي ۋەقەلەر كىتابلاردا قەيت قىلىنغان،ئۇنى بىلىۋالساق،چۈشەنسەك كۇپايە،شۇڭا،مۇنبەردىكىلەرنىڭ پىكىر يۆنىلىشىدە ئېغىپ كەتمەسلىكىنى،ئاسان ھاياجانلىنىپ ئىنكاس يېزىشىدىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
قالايمىقان ئىنكاس يېزىشتىن ساقلىنىڭ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-6 04:42 AM  


كىشىلەرنىڭ مۈلكىگە تەگمە.چۈنكى،كىشىلەر دادىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى ئاسانلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ-يۇ،مال-مۈلكىنى تارتىۋالغان ئادەمنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ.

ياشاش ھەر بىر نە

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11677
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9894
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 6384 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2012-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 02:53:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماجوڭيىڭ دىگەن مۇناپىقنىڭ قەشقەردە ئېلىپ بارغان زور قىرغىنچىلىق بۇلاڭچىلىق،تالان - تاراچلىرىغا ھەمدەمدە بولغان شاپتۇل داموللا دىگەن مۇناپىق ....بۇ تارىخنى ئوقۇپ كۆزۈمدىن ياش چىكەتكەن مىنىڭ ...
قەشقەرنىڭ ھەقىقەتەن ئاچچىق تارىخى قىسمەتلىرى ئۆتكەنىكەن....

ياشاش ھەر بىر نەپەس بەدىلىگە ھىساب بىرىشتۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75588
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-2-13
ئاخىرقى: 2012-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 03:13:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ھەي بولدىلا يەنىلا ئۇزۇمنى تۇتىۋالاي بۇنى ئۇقۇپ ئاچچىقىم بەكمۇ كەلدى نەپرەتلىنىمەن ئۇ مۇناپىقلارغا  قالايمىقان گەپ قىپ قويدىغاندەك قىلىمەن راسلا ئاچچىقىم بەكلا كەلدى كاپىرلارغا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2933
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 268 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 08:21:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يىللار مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم تەغدىرىنى بەلگۈلەيدىغان يىللار ئىدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73736
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2012-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 09:47:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھمۇت سىجاڭ بەك دانا كىشى ئىدى ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا باتۇرلار كۆپ چىققان بولسىمۇ لىكىن تېخى ئۇنىڭغا يېتىدىغان ئالدىن كۆرەر قۇماندان چىقىپ باقمىدى دەپ ئويلايمەن ، تارىخي ماتىياللارنى كۆرۈشنى بەك ياخشى كۆرىمەن ، مۇشۇنداق تېمىلارنى داۋامىلىق يوللاپ تۇرسىڭىز قېرىندىشىم .

غەلبە ھامان بىزگە مەنسۇپ!.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 1297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8774
تۆھپە نۇمۇرى: 2157
توردا: 1888 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 09:56:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hiyal0097 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-6 09:47 AM
مەھمۇت سىجاڭ بەك دانا كىشى ئىدى ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىد ...

ئەلۋەتتە داۋاملىق يوللاپ تۇرىمەن قىرىندىشىم،بىراق مەھمۇد شىجاڭ چەت ئەلگە چىكىتىپ ئىنتايىن خاتا قىلدى،ئۇ ھەقىقەتەن ئىسىل كىشى ھەم ئىنتايىن سەزگۈر بىراق ئۇ كۆرەش قىلىش يولىنى تاللىماي چەت ئەلگە چىكىتىپ خاتا قىلدى،ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى قوماندان ئابدۇنىياز ئۇنىڭ قالدۇق قىسىملىرىغا قوماندانلىق قىلىپ ئاقسۇغا قەدەر يىتىپ بارغان ۋە شىڭ قىسىملىرىنى ئىغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان ئىدى،بىراق سوۋىت ئۆزى ئەسكەر چىقىرىپ ئىھساقبىك ۋە شىڭ شىسەي قىسىملىرىغا ماسلىششىپ ئۇلارنى تىنجىتتى كىيىن ئابدۇنىياز جەڭدە قازا تاپتى!لىكىن ئابدۇنىياز قومانداننى بىلىدىغانلار ئاز،بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۇ ئورۇسلار ۋە شىڭ شىسەي قىسىملىرىغا قارشى كۆرەشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرغان ئادەم!

ھەممىسى سەن ئۈچۈن!ھەممىسى......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73736
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2012-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 10:26:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tumurkala يوللىغان ۋاقتى  2012-3-6 09:56 AM
ئەلۋەتتە داۋاملىق يوللاپ تۇرىمەن قىرىندىشىم،بىراق م ...

لىكىن مەھمۇد سىجاڭنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشىمۇ ئامالسىزلىقىتىن بولدى ، بىلىشىمچە ئۇ ئادەم چەتئەلدىمۇ كۈرەشنى توختاتمىغان ، مەسىلەن ئاكىسىنى  مۇھسىن ھاجىنى ياپۇنىيەگە ئەۋەتىپ دىگەندەك ،
سۇپاخۇن سۇۋۇرۇفنىڭ ‹‹ مەن كەچكەن كېچىكلەر ›› دىگەن كىتاۋىدا ئابدۇنىيازنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرى ھەقىقىدە ئازىراق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم ، چۈنكى بۇ باتۇرىمىزنىمۇ مەن بەك ھۆرمەتلەيتىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73662
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 211
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2012-1-21
ئاخىرقى: 2012-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 01:23:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت  سېز گە  ياخېشې  تېما  يۇللاپ  سېز     ھەر  قانداق  بېر  ئۇيغۇر بېلېلۈ  لېشېقا  تېگشېلېك    ئېشلاركەن .....      ئاللارەخمەت  قېلېسۇن  ئائېلېڭېزگەخاتېرېجەمېلېك  ئاتا قېلېسۇن:qiray121:qiray121:qiray121

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75223
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-2-9
ئاخىرقى: 2012-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 03:21:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھموت سىجاڭ (مەھمۇت مۇھىتى) دىسە تۇرپاندىكى بوۋاي مومايلار ھەممىسى دىگۈدەك بىلىدىكەن ، خويەنسەندە تۇنجى شەرقىي شىنجاڭ بۇيىچە مۇنتىزىم مەكتەپ ئاچقان ئەدەم شۇ ، تۇنجى قىتىم شەرقىي شىنجاڭغا زاۋۇت قۇرغان ئادەم شۇ ، ئىنقىلاپ قىلىپ تۇرپان پارتىزانلىرىنى يىتەكلەپ شىڭ دۇبەننى غال-غال تىترەتكەن ئەزىمەتلەرنىڭ بىرى شۇ ، ئۇنىڭ جەمەتىدىن ئابدۇراخمان مۇھىتى كىيىن تۇرپان پارتىزانلىرىغا قوماندانلىق قىلىپ ئاممىنى باشلاپ ئىنقىلاپ قىىلىپ ئۈچ ۋىلايەتكە كەتكەن ، مۇھىتىلار جەمەتى تۇرپان تارىخىدىكى خەلقنىڭ غەزىپى يوق تۆت چوڭ جەمەتنىڭ بىرى ئىدى :qiray121

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش