بىز دىكى ئىللەتلەر ۋە يەھۇدىيلاردىكى خىسلەتلەر
ئەيساجان تۇردى (ئاچچىق)
مەن يېقىندا « يەھۇدىيلارنىڭ سىرى » ناملىق كاتتا كىتابنى زور قىزىقىش بىلەن ئوقۇپ چىقىپ روھىمدا قاتتىق سىلكىنىش بولدى ، ئۆز مىللىتىم بولمىش ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن يەھۇدىي مىللىتىنى ئۆزۈمچە سېلىشتۇرۇپ كۆرمەكچى بولدۇم . مەزكۇر كىتابنى ئوقۇغان ھەر قانداق بىر ئەقىل ئىگىسى يەھۇدىي مىللىتىگە ئاپىرىن ئوقۇماي ھەم چىن دىلىدىن قايىل بولماي قالمايدۇ . مەيلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولسۇن ، مەيلى مەدەنىيەت جەھەتتىن بولسۇن ...يەھۇدىي مىللىتى دۇنيادىكى ئەڭ گىگانىت مىللەت بولۇشقا مۇناسىپ ، ئۇلارنىڭ 2000 يىللىق سەرسانلىق تۇرمۇشى ئۇلارغا ھەممىگە قادىر « ئەڭگۈشتەر »دىنمۇ قىممەتلىك تەجرىبە – ساۋاق ئاتا قىلغان . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قان – ياشقا تولغان قىسمەتلىك ئۆتمۈشىدىن بۈگۈنكىدەك گۈزەل ئىستىقبالىنى بايقىۋالغان . ئۇلارنىڭ ھەر بىر قېتىملىق يىغىلىشى ھاياتلىق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى بىردىن كەشپىياتنىڭ يارىتىلىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇنبەت زېمىن ھازىرلاپ بەرگەن ، ئۇنداق بولسا ، بىز كىم ؟ بىز قايسى يولدا ،قانداق شەكىلدە كېتىۋاتىمىز ؟ بىز توۋلاۋاتقان ناخشا قايسى ئاھاڭدا ؟ كۈلۈۋاتقان كۈلكىمىز ئۆزىمىزنىڭمۇ ياكى باشقىلارنىڭمۇ ؟ بىزدىكى ئېسىل ئەنئەنىلەر قاچان ؟ نېمىلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى ؟ ! روھىمىزدىن ھەم جىسمىمىزدىن تەڭلا قانداق ئىللەتلەر تەپچىپ تۇرماقتا ....
« ئىللەت تۈزەلمىسە ، مىللەت تۈزەلمەس » دېگەن گەپنى ھەممىمىز ئوبدان بىلىمىز . بىزدە يەنە « ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ يامان ئەيىب – كىشىنىڭ ئۆز نۇقسانلىرىنى بىلمەسلىكىدۇر » دېگەن گەپمۇ بار . ئادەم ئۆز ئەيىب – نۇقسانلىرىنى بىلگەندىلا ئاندىن ئۇنى تۈزىتىشكە تىرىشىدۇ . باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىشقا ئىنتىلىدۇ . شۇنىڭغا ئوخشاش بىر مىللەتمۇ ئالدى بىلەن ئۆزىدىكى ئىللەتلەرنى تېپىپ چىقىش ، ئۇنسى ئېتىراپ قىلغاندىلا ئاندىن ئۇنى تۈزىتىشكە ، ئىلغار مىللەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ .
بىزنىڭ سۆزلەشتىن قورقىدىغان نەرسىلىرىمىز ، دەل بىزنىڭ سۆزلەش ئەڭ زۆرۈر بولغان ئېھتىياچلىق نەرسىلىرىمىزدۇر .
ئۇنداق بولسا بىزدە زادى قانداق ئىللەتلەر ساقلانماقتا ؟ يەھۇدىيلاردا قانداق ئېسىل خىسلەتلەر مەۋج ئۇرماقتا ...؟!
يەھۇدىيلار ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ گىگانت مىللەت ، ئۇلار ئىلىم – پەننى ، كىتابنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىكەن . يەھۇدىي بالىلىرى ناھايىتى تىرىشچان بولغاچقا ، قولىغا پۇل كىرسىلا كىتاب ئالىدىكەن . لېكىن ، بىز يېنىمىزغا پۇل كىرسە ، ھاراق – تاماكا ، ئويۇن – تاماشا ئۈچۈن بۇزۇپ – چېچىشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ ھەرگىزمۇ كىتاب سېتىۋالمايمىز . ئۆيىمىزنى گىلەم بىلەن بېزەشكىلا قىزىقىپ كىتاب ئارقىلىق ئۆي ۋە روھىمىزنى بېزەشكە ئىنتىلمەيمىز . يەھۇدىيلار كىتاب جازىسىنى كارىۋىتىنىڭ بېشىغا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن ، كىتاب جازىسىنى كارىۋىتىنىڭ ئاياغ تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرسا « يامان بولىدۇ »دەپ قارايدىكەن .
يەھۇدىيلار پەرزەنت تەربىيىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن ، بىز پەرزەنت ئائىلىنىڭ ياكى جەمەتنىڭ بايلىقى دەپ قارساق ، يەھۇدىيلار ھەربىر بالىنى يەھۇدىي مىللىتىنىڭ بايلىقى ھەم ئۈمىدى دەپ قارايدىكەن . شۇڭا ، ئۇلار ھەربىر بالىنى ياخشى تەربىيىگە ئىگە قىلىشقا ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىكەن . بىز پايدا ئېلىشقا ، باشلىق بولۇشقا مەبلەغ سالساق ، ئۇلار بالا تەربىيىلەشكە زور كۆلەمدە مەبلەغ سالىدىكەن . ئۇلار بالىلارغا ئەركىنلىك بېرىپلا قالماستىن ھەر دائىم مۇستەقىل ياشاشقا دالالەت قىلىدىكەن .
بىزدە ئاتا – ئانىلارغا يۆلنىۋېلىش ، بىلىم بەرگەن ئوقۇتقۇچىنى ئازابلاش خېلىلا ئېغىر ، يەھۇدىيلاردا ئەگەر ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئاتا – ئانىسى بىرلا ۋاقىتتا تۈرمىگە كىرىپ قالسا ، بالىلاردىن « ئاۋال قايسىسىنى قۇتقۇزۇۋالىسەن ؟ ! »دەپ سورىسا ...يەھۇدىي بالىلىرى ئىككىلىنىپ ئولتۇرماستىن « ئەلۋەتتە ! ئوقۇتقۇچۇمنى قۇتقۇزىمەن – دە ! »دەپ جاۋاب بېرىدىكەن .
يەھۇدىي بالىلىرى باشلىقلارنى ساناپ بېرەلمەيدىكەن . ئەمما يەھۇدىي مىللىتىدىن چىققان كەشپىياتچىلارنى ، ئالىملارنى ، دوكتورلارنى ساناپ بېرەلەيدىكەن . ئۇيغۇر بالىلىرى بولسا داڭلىق شەخسىلەرنى ، ئالىملارنى ، دوكتورلارنى سانىيالمىغىنى بىلەن چوڭ – كىچىك باشلىقلارنىڭ ھەممىسىنى خۇددى كوميۇتېردەكلا ساناپ بېرەلەيدۇ .
يەھۇدىلار ئۆز ئاناتىلىنى ئانىسىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدۇ . ئانا تىلىغا ئاسىيلىق قىلىش – كەچۈرگۈسىز نۇمۇس دەپ قارايدۇ . ئۇلار ئۆز ئانا تىلىنى پىششىق ئىگىلەپ بولۇپ ، ئاندىن باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۆزىگە خىزمەت قىدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ . ھەرگىزمۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش بەدىلىگە ئۆز ئانا تىلىنى قۇربان قىلىۋەتمەيدۇ .
يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىنى قىلىپ بولالماي ھاياتىنى جىددىيچىلىك ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ ، بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى بولسا ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تاپالماي ، باشقىلار قىلغان ئىشلاردىن پەخىرلىنىپ ، ئاپتاپتا قاقلىنىپ ، سوغۇقتا سارغىيىپ ، كوچىلاردا بورت ، دوقمۇشلاردا كورت ...ئويناپ ...ھۇرۇنلۇق ئىلكىدە كۈن ئۆتكۈزمەكتە .
مەن يېقىندا بىر ئايالنىڭ « دۇنيادا غەيۋەتتىنمۇ تاتلىق نەرسە ،غەيۋەت قىلىشتىنمۇ ھۇزۇرلۇق ئىش بارمۇ ؟ ! » دېگىنىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھەيران قالدىم . مېنىڭچە غەيۋەت قىلىش – كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چىرىتكۈچى پارازىت قۇرت بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئاجىزلىقنىڭ ئەڭ ئېنىق بەلگىسى . بىز نېمە ئۈچۈن غەيۋەت قىلىشقا شۇ قەدەر ئامراق بولۇپ كەتتۇق ؟ ! غەيۋەت راستتىنلا شۇنچە تاتلىقمۇ ؟ ! بىز نېمە ئۈچۈن بىر – بىرىمىزنىڭ كەمچىلىكلىرىنى دوستانە ھالدا يۈز تۇرانە كۆرسىتىپ بېرىپ ، تۈزىتىشكە ھەقىقىي ياردەم بېرەلمەيمىز . يەھۇدىيلار بالىلىرى تۇغۇلغان ھامان ئىنجىلنىڭ تېشىغا ھەسەل تۆكۈپ بالىسىنى مەجبۇرىي يالاتقۇزىدىكەن . بۇنىڭدىكى بىردىنبىر خاسىيەتلىك سەۋەب شۇكى ، بالىلىرىنىڭ ئېڭىدا « كىتاب تاتلىق بولىدۇ » دېگەن قاراشنى شەكىللەندۈرۈش ئىكەن . ئويلاپ كۆرەيلى ! كىتاب تاتلىقمۇ ياكى غەيۋەتمۇ ؟ !
يەھۇدىيلارنىڭ ۋۇجۇدىغا شۇنداق ئېسىل خىسلەت ئورناپ كەتكەنكى ، ئۇلار بارلىقىنى ئىلىم – پەن ئۆگىنىشكە بېغىشلىغان ، ئاتا – ئانىلارمۇ بالىلىرىغا « دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق – بىلىم » دەپ تەربىيە بېرىدىكەن. شۇڭا، ئۇلار پۈتۈن زېھنىنى بىلىم ئىگىلەشكە مەركەزلەشتۈرىدىكەن . ئۇلار بىلىم ئىگىلەش يولىدا جاپا چېكىشتىن ھەگىز قورقمايدىكەن . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، يەھۇدىيلاردا مۇنداق بىر ياخشى ئادەت بار ئىكەن : ئەگەر بالىلار يىقىلىپ چۈشسە ، ئاتا – ئانىلىرى يۆلەپ تۇرغۇزماي ، ئۇلارنى ئۆزلىرى ئورنىدىن تۇرۇشقا دەۋەت قىلىدىكەن . شۇڭا ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىرادىسى كۈچلۈك بولۇپلا قالماستىن بەلكى جاپادىن قورقماسلىق روھى باشقىلارنى ھەيران قالدۇرىدىكەن . بىراق ، بىزنىڭ ئاتا – ئانىلىرىمىز « كۆيۈمچان » ، بىز بولساق ھۇرۇن ھەم ئاقنانچى ، ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تەربىيە ئەلۋەتتە ئىككى خىل كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ . دېمەك ، ئۆزىمىزنى سوغۇققانلىق بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىپ كۆرىدىغان بولساق خىسلەتلىرىمىزدىن ئىللەتلىرىمىز ؛ ئېرىشكەنلىرىمىزدىن يوقىتىپ قويغانلىرىمىز ... خېلىلا كۆپ . بىراق ، ئۆزىمىزنى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن چاغلاشقا ھەققىمىز يوق.
بىز ئەگەر سەمىمىيەتلىك بىلەن ئۆزىمىزنى قىدىرىپ تەكشۈرۈپ ، ئۆزىمىزدىكى ئىللەتلەرنى ئېتىراپ قىلىپ ، ئۈمىدسىزلەنمەي ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمىز ئاساسىدا ئارتۇقچىلىقىمىزنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ئىلغار مىللەتلەرنىڭ ئېسىل خىسلەتلىرىنى ئۆزىمىزگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆرنەك قىلساقلا بۇ چەكسىز ھاياتلىق ئالىمىدە ئۇيغۇر ئاتلىق بىر قوۋمنىڭ بارلىقىنىمۇ چوقۇم باشقىلار بىلىپ قالغۇسى