ئەسسىلامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى ، مەن شىنجاڭ تىببي ئۇنۋېرسسىتى كىلىنكىلىق داۋالاش كەسپى ئوقۇغۇچىسى ۋېلىيار بولىمەن.
ئون نەچچە كۈن بۇرۇن بىر دوستىمنىڭ ھاممىسى شىنجاڭ تىببي ئۇنۋېرسسىتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىغا يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن كىرىپ قاپتىكەن، جۈمە كۈنى دوستۇم ماڭا تېلغۇن قىلىپ، دوختۇرخانىدىكى ھاممىسنىڭ ئوپراتسىيەگە تەييارلانلىقىنى، لېكىن قان ئىسكىلاتىدا قاننىڭ كەمچىللىكىنى، دوختۇرخانا تەرەپ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى قان مەسىلىسنى ئۆزلىرى ھەل قىلىشنى بۇيرۇغانلىقىنى، ئائىدىكىللرىنىڭ مۇشۇ ئىش ئۈچۈن باش قاتۇرۋاتلىقىنى ۋە مېنىڭ ساۋاقداش دوستلىرىمنىڭ ئىچىدە Oتىپلىق قان تىپىدىكى قان تەقدىم قىلىشنى خالايدىغان دوستلىرىمنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈندى. مەن دوستلىرىم بىلەن ئالاقىلىشىپ شەنبە كۈنى ئۇلارغا ئىككى دوستۇم 300 مىللىلېتىردىن 600 مىللىلېتىر قان تەقدىم قىلىشنى خالايدىغانلىقنى ئۇقتۇردۇم ۋە شۇ كۈنى ئۇلار قان پونكىتىدا قان تەقدىم قىلدى.
ئۇ دوستۇمنىڭ ھاممىسى ياتقان بۆلۈم يۈرەك كېسەللىرى بۆلۈمى بولۇپ، ئۇ يەردە يېتىۋاتقان كۆپىنچە بىمارلار قان ساقلاپ يېتىپتۇ. سىلەرگىمۇ ئېنىق، يۈرەك ئوپراتسىيەسى قاتارلىق بىر قاتار چوڭ ئوپراتسىيەلەرگە قان چوقۇم لازىم بولىدۇ. ئەمما يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، قان ئېھتىياجى يۇقىرى سۈرەتتە ئېشىپ، كۆپلىگەن بىمارلار ئوپراتسىيەنى ساقلاپ دوختۇرخانىنىڭ يۇقىرى سوممىدىكى داۋالاش پۇللىرى بىلەن يېتىپتۇ. بۇلارنى كۆرۈپ ئىچىم ئېچىشىپ كەتتى.
دۇنيادا مۇھتاجلىقتىن يامان نەرسە يوق. ھايات ئادەمگە بىرلا قېتىم كېلىدۇ. مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۇلارغا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىشنى ئويلاپ قالدىم ۋە قانداق ياردەم قىلىش توغرىسدا باش قاتۇردۇم. بۇ ياردەمنى يەنىلا توردىن پايدىنلىپ قىلىشنى توغرا تاپدىم.
مەن بىر QQ توپى قۇردۇم، قان تەقدىم قىلىشنى خالايدىغانلار تورداشلار بۇ توپنى قوشۇۋىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن دوختۇرخانىغا كىرىپ ئېھتىياجلىق بولغان قان تىپلىرىنى مىقدارىنى قەرەللىك ھالدا QQ توپىغا يوللاپ قويسام، قان تەقدىم قىلىشنى خالايدىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلشىپ ئۇلارغا بىر كىشلىك ئىنساپەرۋەرلىكىنى يەتكۈزسە دېگەن ئۈمىدتىمەن.QQ توپ نۇمۇرى:194938122
نۆۋەتتە جەمئىيەتتە ھەقسىز قان بېرىشتە تونۇش جەھەتتە خاتالىق بار، تۆۋەندىكىلەر توغرا قاراشلار:
1. قان پلازمىسى نورمال يۇسۇندا تەقدىم قىلىنسا، ساغلاملىققا ئەكس تەسىرى بولمايدۇ. ئادەمنىڭ قېنى ئۆز ئېغىرلىقىنىڭ %8 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئادەتتە بىر قېتىمدا بىراقلا تەقدىم قىلىنغان قان پلازمىسى 600 -400 گرامدىن ئېشىپ كەتمىسە، قاننىڭ نورمال فۇنكسىيىسىگە تەسىر يەتمەيدۇ.
2. ئادەم ئورگانىزمى ئىنتايىن كۈچلۈك تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، قان پلازمىسى تەقدىم قىلىنىپ 2-1 سائەتتىلا قان ھەجىمى ئەسلىگە قايتىپ بولىدۇ.
3. قان پلازمىسى تەقدىم قىلىشتا چوقۇم ئاۋۋال سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش، لاياقەتلىك بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن تەقدىم قىلىش لازىم.
4. كۆپ يىللاردىن بېرى ئىشلەنگەن زور مىقداردىكى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولىشىچە، قان پلازمىسىنى نورمال يۇسۇندا تەقدىم قىلىشنىڭ سالامەتلىككە زىيىنى يوق ئىكەن. بەلكى قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاجىزلىتىپ، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. شۇڭا، قان پلازمىسى تەقدىم قىلغۇچىلار ئۆگىلەرنىلا قۇتقۇزۇۋالغۇچى بولماستىن بەلكى يەنە ئۆزىنىمۇ كېسەللىكتىن ساقلاپ قالغۇچى ھېسابلىنىدىكەن.
5. قان ياكى قان پلازمىسى تەقدىم قىلىنغاندىن كېيىن، ئورگانىزمدىكى قان ياساش سىستېمىسى غىدىقلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى قان قىزىل ھۈجەيرىسىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇمۇ ساغلاملىق ئۈچۈن پايدىلىق ئەھۋال.
6. ئادەتتە پۈتۈن قان تەقدىم قىلىش ئارىلىق ۋاقتى 6 ئايدىن كەم بولماسلىقى كېرەك. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور مىقداردا، تەكرار قان ياكى قان پلازمىسى تەقدىم قىلىش سالامەتلىككە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
مەنمۇ مۇشۇ قىشلىق تەتىلدە 400 مىللىلېتىر قان تەقدىم قىلغان، ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق.
كەڭ تورداشلارنىڭ ، سىتودېنىتلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلمەن. بىر جاننى كېسەل ئازابىنى قۇتقۇزۇش، ئائىلىدىكىلىرىنى مۇھتاجلىقتىن خالاس قىلىش بىر چوڭ ساۋاب. ش
QQتوپ نومۇرى:194938122
مېنىڭQQ نومۇرۇم: 349633598
تېلغۇن نومۇرۇم : 18690634212
ئىسمىم: ۋېلىيار
قان تەقدىم قىلىش توغرىسدىكى خەۋەرلەر:
http://www.uycnr.com/xwzx/lwzg/201112/t20111214_239794.html
http://nur.cn/html/news/44728.shtml
http://uyghur.people.com.cn/155989/15193595.html