قەلبىمدىكى بارلىق ئازاپلىرىمنى ئۇنتۇپ ، يالغۇز ئولتۇرۇپ ساڭا خەت يېزىۋاتقان مۇشۇ مىنوتلاردا ئالدى بىلەن چىن كۆڭلۈمدىن چەكسىز سېغىنىش ھېسياتىم ئارقىلىق سالام يوللاشقا رۇخسەت قىلغايسەن . سالام ساڭا مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك بولغان گۈلۈم ................... سېنىڭ تۇيۇقسىزلا كېتىپ قېلىشىڭ مېنى قانچىلىك ئازاپلارغا دۇچار قىلغانلىقىنى بىلمايسەن . كۆزلۈرۈمدە ياش ئەمەس ، يۈرۈگۈمدە قانلار دەريا بولۇپ ئاقتى ، نىدالىرىم پەلەككە يەتتى . سەن بۇنى ئاڭلىمايسەن ، مېنىڭ نەقەدەر ئازاپلانغانلىقىمنى بىلمەيسەن . كۆزۈم ئەمەس يۈرۈگۈم يىغلايدۇ . ئەپسۇس سەن بۇنى بىلمەيسەن . مۇھەببەتنى ئاسان چاغلاپ خازان قىلدىم باھارىمنى ، ئەجەپ باشتا بىلمەپتىمەن پۇشايماندا قالارىمنى .
مەن ئۆزۇمنىڭ يۇيۇلماس خاتالىققا قەدەم ئالغانلىقىمغا ، بۇ خاتالىق ۋىجدانىمدا جاراھەت پەيدا قىلغانلىقىغا ، بۇ جاراھەت بولسا يۈرۈگۈمگە مەڭگۈ ساقايماس قارا تامغىسىنى باسقانلىقىغا ئىشەندىم . خىياللىرىم مەن ئۈچۈن ئازاپلانغان ، ھاياتتىن زېرىككەن ۋاقىتلىرىمدا تەسەللىي بەرگۈچى ، قىيىنچىلىقتا قالغاندا ئەقىل كۆرسەتكۈچى ، خوشاللىقىمغا ھەمرا بولغۇچى سادىق دوست بولۇپ كەلدى . مۇشۇ خىياللىرىم ئارقىلىق سەن بىلەن غايىبانە مۇڭدۇشۇپ ، سىردىشىپ كەلدىم . ئىشەنگىن گۈلۈم ........... بۇ سۆزلۈرۈمنىڭ ھەممىسى راست . بىر گۈل بار . ئۇ تولىمۇ ئاددىي ئەمما بەكمۇ خۇشپۇراق . ئۇنىڭدا گۈلدا بولۇشقا تىگىشلىك خىسلەت تامامەن تېپىلىدۇ . ئۇ كۆزنى قاماشتۇرغىدەك رەڭدار ، كۆركەم بولمىسىمۇ لىكىن ئۇ تولىمۇ تەبئىي . ئۇنىڭدا پەقەت ئۆزىگىلا خاس ، .ئۆزگىدە ئۇچىراتقىلى بولمايدىغان لاتاپەت چىقىپ تۇرىدۇ . ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىساڭ تولۇپ تاشقان شەرمى-ھايانى ، گۈللەرگە پۈركەلگەن جەننەتنى كۆرگەندەك بولىسەن . ئۇ تولىمۇ مەردانە ، بوران - چاپقۇندىمۇ ئۆز گۈزەللىكىنى يوقاتمايدۇ . مانا بۇ مېنىڭ گۈلۈم ، بىر ھەقىقى گۈل . قىسىۋاپسەن چېكەڭگە بىر گۈل ، تاپمىغاندەك ھۆسنۈڭ كامالەت . گۈل چېنىپتۇ ھۆسنۈڭ ئالدىدا ، قىلمىغىنە گۈلنى خىجالەت .
مەنبە ؛ ئۆز قەلىمىم
|