ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار
ھوزۇرۇڭلارغا ئامېرىكا دۆلەت جۇغراپىيىسى قانىلى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن بىر مۇسۇلماننىڭ ھەج سەپىرى تەسۋىرلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىمنى ئېلىپ كەلدىم .
بۇ فىلىمدە تەسۋىرلىنىدىغىنى ماراكەشلىك داڭلىق ساياھەتچى ئىبن باتتۇتا .
ئىبن باتتۇتا (1304~1377). ئۇ 1304-يىلى2-ئاينىڭ 24-كۈنى ماراكەش تانگېيردا بېربېرلار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 20 ياشلار ئەتراپىدا ھەج سەپىرىگە ئاتلانغان . 44دۆلەتنىڭ تۇپرىقىدىن ئۆتكەن. 120700.8كىلومېتېرلىق مۇساپىنى باسقان.
ئىبن باتتۇتانىڭ ئىزى ئاساسەن ھەربىر مۇسۇلمان دۆلىتىدە قالدى، پار دەۋرى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئۇ بەلكىم باسقان مۇساپىسى ئەڭ ئوزۇن ساياھەتچى بولۇشى مۇمكىن .
فىلىم ئۇزۇنلۇقى:00:44:32 (باتتۇتانىڭ ساياھىتىنىڭ كىچىككىنە بۆلىكى)
بۇ فىلىم كۆك نۇر دىسكىسىدىن ئايلاندۇرۇلغان .MP4 فورماتىدا ،سۈزۈكلۈكى ئىنتايىن ياخشى . چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ(تەۋسىيە)
تۆۋەندىكى كەسمە رەسىملەرنىڭ فورماتى ئۆزگەرتىلگەچكە سۈزۈك چىقماي قالدى، فىلىم ئىنتايىن سۈزۈك .
چۈشۈرۈش ئادېرىسى :
مەككىگە سەپەر
تۆۋەندىكىلىرى بۇ فىلىمنىڭ كەسمە رەسىملىرى (ئىلگىرى كېيىنلىك تەرتىپى ئالمىشىپ كەتكەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى)