1.رەسۇلۇللا مۇنداق دەيدۇ:
سەككىز نەرسە باشقا سەككىز نەرسىگە قارىتا قانائەتلەنمەيدۇ.
كۆز كۆرۈش بىلەن قانائەتلەنمەيدۇ
تۇپراق يامغۇر سۈيى بىلەن قانمايدۇ.
ئاياللار ئەرلەرگە قانائەت قىلمايدۇ.
ئالىم بىلىمگە قانمايدۇ.
كۆپ سۇئال سۇرىغۇچى جاۋابقا قانائەت قىلمايدۇ.
ئاچ كۆز پۇل يىىغىشقا قانمايدۇ.
دېڭىز سۇغا قانمايدۇ.
يالقۇنلۇق ئوت ئوتۇن بىلەن قانائەتلەنمەيدۇ.
2.ئەبۇبەكرى سىدىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
سەككىز نەرسە باشقا سەككىز نەرسىنىڭ زىننىتى.
پاك-دىيانەتلىك بۇلۇش _نامراتلىقنىڭ زىننىتى.
تەشەككۇر ئېيتىش _نېئمەتنىڭ زىننىتى.
سەۋرچانلىق _مۇشەققەتنىڭ زىننىتى.
سىپايە بولۇش _ئىلىمنىڭ زىننىتى.
كەمتەرلىك _ئوقۇغۇچىنىڭ زىننىتى.
يىغا _قورقۇشنىڭ زىننىتى.
تاپا-تەنىگە پىسەنت قىلماسلىق_ياخشى ئىشنىڭ زىننىتى.
قورقۇش(تەقۋالىق) _نامازنىڭ زىننىتى.
3.ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مۇنداق دەيدۇ:
قۇرۇق گەپنى تەرك قىلغۇچى ئەقىلنى تاپىدۇ.
ماراپ يۈرۈشنى تاشلىغۇچى مۇلايىملىقنى تاپىدۇ.
ئاچ كۆزلۈكنى تاشلىغۇچى ئىبادەتنىڭ لەززىتىنى تاپىدۇ.
قاقاقلاپ كۈلۈشنى تاشلىغۇچى سالماق قىياپەتكە ئىگە بۇلىدۇ.
چاقچاقنى تاشلىغان كىشى ئابرويغا ئىرىشىدۇ.
دۇنياغا بولغان ھەۋەسنى تاشلىغۇچى ئاخىرەتكە بولغان ئىشتىياقنى تاپىدۇ.
باشقىلارنىڭ ئەيپىنى ئېچىشنى تەرك ئەتكۈچى ئۆز كەمچىلكىنى ئۆزگەرتكەن بۇلىدۇ.
ئاللاھنىڭ قانداقلىقىنى مۇلاھىزە قىلىشنى تەرك ئەتكۈچى مۇناپىقلىقتىن قۇتۇلغان بۇلىدۇ.
4. ئوسمان ئىبنى ئەففان ئېيتىدۇ:
كېچە بىدار تۇرۇپ ئىش بىجىرىدىغان ئادەم تۆۋەندىكى خىسلەتنى تاپىدۇ:
پىكىر _ھىسياتى ئاللاھتىن قورقۇشتىن خالىي بۇلالمايدۇ،ئاللاھقا بولغان ئىنتىزارلىق بىلەن بولىدۇ.
تىلى ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىشتىن خالىي بولمايدۇ،ئاللاھقا مەدھىيە ئوقۇش بىلەن بولىدۇ.
كۆزى ھايا بىلەن بولىدۇ،يىغىنى ھەمراھ قىلىدۇ.
ئىرادىسى پانىي دۇنيانى تەرك ئېتىشتە بولىدۇ.
ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەشتە بولىدۇ.
5.ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ئېيتىدۇ:
نامازدا ئېھتىرام بولمىسا،ئۇنىڭدا ياخشىلىق يوق.
روزىدار يالغان گەپنى توختاتمىسا ،روزىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.
ئىلىملىك تەقۋا بولمىسا،ئىلىمنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.
قىرائەتنى تەھلىل قىلمىسا،ئوقۇشنىڭ پايدىسى يوق.
پۇل تۇرۇپ سېخىي بولمىسا،پۇلنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.
پۇت-قولنىڭ ھەققىنى قوغدىمىسا،پۇت-قولنىڭ ھەققىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.
بەخىت ئۇزاق داۋاملاشمىسا،بەخىتنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.
دۇئا ئىخلاسى بىلەن بولمىسا،دۇئانىڭ پايدىسى بولمايدۇ.
مەنبە:ھىدايەتنامە دىگەن كىتابتىن ئېلىندى.