بۇ تىمىدىكى سالام خەت مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئابدۇللاھنىڭ جىڭ ئۇرۇشىدا ئوق تىگىپ يارىلىنىپ ۋاپات بۇلۇش ئالدىدا ئۆزىنىڭ ياخشى بۇلالمايدىغانلىقىغا، مىھرىبان ئانىسىنىڭ قىشىغا غەلبە خوش خەۋىرىنى ئۆز ئاغزى بىلەن يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىغا، ئانىسى بىلەن مەڭگۈ دىدارلىشالمايدىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ، بۇ سالام خەتنى يازغان،ئاپتۇر پوللىك دوختۇرخانىسىدا ئىغىر يارلىنىپ ياتقان ئابدۇللامنى يوقلاپ بارغاندا ئانىسىغا يەتكۈزۈپ بىرىشىنى ئۈتۈنۈپ تاپشۇرغان ئىدى. خەتتە مۇنداق يىزىلغاندى:
<<مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان مىھرىبان ئانا،سىنى سىغىنغىنىمنى تىلغا ئالسام قىشىڭغا ھازىرلا قانات چىقىرىپ ئۇچۇپ بارغۇم كىلىدۇ.
لىكىن بىز دۈشمەن بىلەن ئۇرىشىۋاتىمىز،خەلىقنىڭ دۈشمىنىنى يۇقۇتۇپ،خەلىقنى ئازاد قىلماي تۇرۇپ،ئەلۋەتتە بارالمايمىز،جىنىم ئانا،سىنى يالغۇز تاشلاپ قۇيدۇم ،كۆزلىرىمدىن ئۇچۇپ كەتتىڭ
،سىنىڭ ماڭا ئىسىلىپ تۇرۇپ يىغلاپ،باشلىرىمنى سىلاپ باتۇر بول قوزام،مەن يالغۇز ئەمەس،كۆپچىلىك بىلەن بىرگە،دەپ سۈيۈپ ئۇزاتقىنىڭ كۆز ئالدىمدىن نىرى كەتمەيدۇ.ئانا، مەن بىر نەچچە سەپداشلىرىم بىلەن ئەتە دۈشمەن پوتىيىنى پارتىلىتىشقا بارىمەن.جىنىم ئانا،ئۇرۇش دىگەن يا ئۈلۈم-يا كۈرۈم ،ئۇرۇش دىگەن قان تۈكۈش ،بىزنى چۈشىنىسەن ئەگەر قايتىپ كىلەلمىسەم، ئۈزۈڭنى ئۇرپ ،كۆكسىڭنى چاك ئىتىپ، چاچلىرىنىڭنى يۇلۇپ يىغلىما،ئۆزەڭنى تۇتىۋال، جىنىم ئانا مەن ئۈلۈپ كەتسەم سەن ئارزۇلىغاندەك باتۇرلۇق بىلەن ئۈلىمەن ،بۇ مەن ئۈچۈن بەخىت ،ئەلۋەتتە ،كۆڭلىڭنى بۇزما ساڭا ئاتاپ بىر نەچچە كوبلىت شىئىر يازغانتىم بۇ بەلكىم ھاياتىمنىڭ ئاخىردىكى يۈرەك سۆزلىرىم بۇلۇپ قالار، بۇ شىئىرىم ساڭا تەسەللى بۇلۇپ قالار:
ئانىجان يادىمدا بار،
تىنماي ئازاپ چەككەنلىرىڭ.
كىچىلەرى ئۇخلىماي،
ئاق سۈت بىرىپ باققانلىرىڭ.
ئون سەككىز ياشىمغىچە،
شەربەت بىرىپ باققانتىڭ مىنى.
رازى بولغىىن جان ئانا،
ئەمدى كۈرەلمەيسەن مىنى
.
چۈنكى مەن دۈشمەن بىلەن ،
مەيداندا جەڭ قىلغاندىم.
كۆپلىرىنى ئۆلتۈرۈپ،
كۆكرەككە ئوق يىگەننتىم،
يىغلىماڭ جانىم ئانا،
ھەر جايدا باردۇر بىر ئۈلۈم.
چۈنكى ئىچىلماي توزىدى،
ئون گۈلۈمدىن بىر گۈلۈم.
خەيرى خوش ئانا ئۈلۈپ كەتسەم بۇ خىتىم ساڭا بىر ئۆمۈر تەسەللىي،ھايات قالسام،ساق-سالامەت كۆرىشەرمىز،ئەمما،مەن ئوغۇللۇق بۇرۇچىمنى جەزمەن ئادا قىلىمەن،بۈگۈن چۈشۈم بۇزۇلۇپ قاپتۇ،چۈشۈمدە دادام چاقۇرغۇدەك،مەن يۈگرۈپلا چىقسام قۇلۇمدىن يىتىلەپ قاراڭغۇ بىر تار كۇچىغا ئەكەتتى.ھاياتىمنىڭ ئاخىرسىدا خەت ئارقىلىق سىنىڭ مىھرى-شەپقەت يىغىپ تۇرغان كۆزلىرىڭگە سۈيۈپ،
خەت يازغۇچى ئوغلۇڭ ئابدۇللام
1945-يىلى 7-ئاي.>>
مىللىي ئارمىيە گومىنداڭ ھۈكىمىتى بىلەن 11 ماددىلىق تىنىچلىق كىلىشىمى ئىمزالىغان چاغدا گۇمىنداڭنى مەغلۇپ قىلىپ ماناسقىچە قىستاپ كەلگەندە شۇ نەس باسقان 11 ماددىلىق تىنىچلىق كىلىشمنىڭ روھىغا ئاساسەن بىر قىسىم مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى چىكىنىپ غۇلجا شەھرىگە قايتىپ كەلگەندى.
بۇ خەتنى ئابدۇللاھنىڭ ئۆيىنى سۈرۈشتۈرۈپ تىپىپ ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بىرىش ئۈچۈن ئابدۇللامنىڭ مەھەلىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئاران تاپتىم بىز ھويلىغا كىرگەندە بىزگە تازا زەن سىلىپ قاراپ كىتىپ:
باللاىرىم سىللەرنى تۇنىمىدىم .سىللەر ئەسكەر ئوخشايسىلەر،ئالدىنقى سەپتىن ئەسكەرلەر قايتىپ كەپتۇ دەپ ئاڭلىغانتىم ،دىدى.
بۇ چاغدا مەن ئابدۇللاھىنىڭ ئانىسى ئايىمخان ئانىنىڭ مۇرىسىنى تۇتۇپ تۇرغانتىم ئاغزىدىن :<<ئەلھۆكمىللاھ ئانا>> دىگەن سۆزنىڭ قانداق چىقىپ كەتكەنلىگىنى سەزمەي قالغان ئىدى ،چۈنكى ئايىمخان ئانىغا ئوغلىنىڭ ئۇرۇشتا قۇربان بوپ كەتكەنلىگىنى قانداق دىيىشىنى بۈلەلمەي تۇراتتى، ئايىمخان ئانا ئىككى ئۈچ سىكنۇتقىچە جىم تۇرۇپ قالدى ،ئاندىن ئاپتۇرغا ئىسىلىپ :<<جىنىم بالام،كۆز نۇرۇم ئابدۇللام،سەن نىمىشقا باشقا باللارغا ئوخشاش قايتىپ كەلمىدىڭ؟مىنى بۇ جۇدالىققا قانداق چىدايدۇ دىدىڭ؟يۈرەك پارەم باغرىم،يالغۇز مۇساپىر ئاجىز ئاناڭنى قانداق تاشلاپ كەتتىڭ >>دەپ ئىسىلىپ دۇمبىللىرىنى سىلاپ يىغلاپ كەتتى ،بىللە كىرگەن جامائەت قۇرئان ئۇقۇپ دۇئا قىلىدى مۇماي ئۆزىنى بىسىۋىلىپ يىغىسىمۇ توختىدى،
بالامنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى بۇلتۇر كۈزدە ھۈكىمەت تەرەپ ئوقتۇرۇش قىلىپ كەتكەندى.ئەمما مۇشۇ كۈنگىچە بالامنىڭ ماڭا قالدۇرغان بىر ئىغىز سۆزىنىمۇ ئاڭلىمىدىم ئەمدى سىللەر بالامنىڭ بىرەر نەرسىلىرىنى ئەكەلدىڭلارمۇ؟دەپ سورىشىغا ،مەن ئابدۇللاھنىڭ يازغان خىتىنى ۋە ئۇنىڭ بىر قۇر كىيىمنى ئىككى قوللاپ
ئانىسىغا سۇنۇپ بەردىم ،ئاندىن مۇماينى يۈلەپ سۇپىغا ئولتۇرغۇزۇپ،ئانىنىڭ قوللىرىنى مىھرىبانلىق بىلەن سىلاپ تۇرۇپ:يىغلاۋەرمەڭ جىنىم ئانا،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ،ئەلھۆكمىللاھ دىمەي ئامال يوق.سىزنىڭ ئوغلىڭىز جەڭدە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ قۇربان بولدى،ئەمما ئوغلىڭىز كەتكەن بولسىمۇ خەلىقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات.ئاشۇنداق باتۇر ئوغلاننى يىتىشتۈرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن خەلىق سىزدىن مىننەتتار ۋە سىزگە ئاپىرىن ئۇقۇيدۇ
سىز خەلىق ئالام ئالدىدا ئەڭ ئالىي ھۆرمەتكە سازاۋەر ئانا،بىز سىزدەك ئانىلاردىن پەخىرلىنىمىز-دىيشىم بىلەن ئانا ئۆزىنى تۇتالماي ئوغلىنىڭ ختىنى كۆزىگە سۈرۈپ،كىيىملىرىنى باغرىغا بىسىپ تىخىمۇ نالە-پەرياد قىلدى بىچچارە ئانا مىنى قۇچاقلاپ:<<بالامنى كۆرگەن بالام،بالامنىڭ پۇرىقىنى پۇرىۋالاي ،سىز كەتمەڭ>>دەپ جانسىز قوللىرى بىلەن ئىسىلىۋالدى.بۇ ئارلىقتا پۈتۈن مەھەلىدىكى ئەر-ئايال جامائەت ئانىنى ئاۋايلاپ تۇتۇپ ،ئانىنىڭ قوللىرىنى مىڭ تەسلىكتە بۇشىتىپ ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى.مەنمۇ قاتتىق ئازاپلانغا ھالدا جامائەت بىلەن خوشلاشتىم-دە،ئىتىمغا مىنىپ گازارمىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.
مەنبە:ماناس دەرياسىدىن قايتىش
تارىخى ئەسلىمە
ئاپتۇرى: ساۋدانوف زاھىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-5 02:10 PM