بازا تەشكىلاتى يوشۇرۇن سۈرىيىگە كىردىئىراق باش مىنىستىرى نۇر مالىك سەئۇدى ئەرەبىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 2-مارتتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بازا تەشكىلاتى كۈچلىرىنىڭ ئىراقتىن قوشنىسى سۈرىيىگە كۆچكەنلىكىنى ئېيتقان.
نۇر مالىك مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن :«بازا تەشكىلاتى ئىراقتىن سۈرىيەگە يۆتكەلدى، ئېھتىمال سۈرىيەدىن باشقا بىر دۆلەتكە، لۋىيەگە ياكى مىسىرغا ياكى ھاكىمىيىتى مۇقىم بولمىغان، كونتروللىقىنى يوقىتىپ قويغان ھەر قانداق بىر رايونغا يۆتكىلىشى مۇمكىن.»
بۇ ئىراق ئەمەلدارىنىڭ تۇنجى قېتىم بازا تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇشنى ئىراقتىن سۈرىيىگە يۆتكىگەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىراق ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئۆتكەن ئايدا فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ،دىننىي ئەسەبى قوراللىق خادىملارنىڭ ئىراقتىن سۈرىيەگە ئوغۇرلىقچە كىرگەنلىكىنى، بىر قىسىملىرىنىڭ قورال-ياراغ ئەتكەس قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ ، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە تەمىنلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان .
بازا تەشكىلاتىنىڭ تارمىقى بولغان ئىراق ئىسلام دۆلىتى نەچچە يىلدىن بۇيان ئىراق چېگرىسى ئىچىدە تېرورلۇق ھۇجۇمى قىلىپ كەلگەن، ئاساسلىقى ئىراق شىئە مەزھىپى سىياسىي لاگىرى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارىتىلغان. بازا تەشكىلاتىغا بولساسۈننىي مۇسۇلمانلىرى باشچىلىق قىلىدۇ.
سۈرىيە بەشىر ئاساد ھۆكۈمىتىگە شىئەلەرنىڭ تارمىقى، نوپۇسى ئاز سانلىقنى ئىگەللەيدىغان ئالاۋىي مەزھىپى رەھبەرلىك قىلىپ كەلگەن ئىدى.
بەشىر ئاساد ھۆكۈمىتى «تېرورچى ئۇنسۇرلار»نىڭ قانلىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرى پەيدا قىلىپ، سۈرىيە ۋەزىيىتىنى يامانلاشتۇرۇپ تاشلىغانلىقى توغرىسىدا شىكايەت قىلغان . ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا دېيىشىچە، بازا تەشكىلاتىنىڭ ئىراق تارمىقى پائالىيەت دائىرىسىنى سۈرىيىگىچە كېڭەيتكەن.
سۈرىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى قوراللىق كۈچ ھېساپلىنىدىغان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ تارمىقى فەرۇق برگادىسىنىڭ 3-ئاينىڭ 2-كۈنى دېيىشىچە، سۈرىيىدە بازا تەشكىلاتىنىڭ ھەر قانداق كۈچى مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن، دىننىي ئەسەبى قوراللىق كۈچلەر سۈرىيىدە ھەرىكىتىنى داۋام قىلماقتا دېگەن قاراشنى ھۆكۈمەت توقۇپ چىقارغان دەپ قارالغان .
ئامېرىكىنىڭ يەمەندە تۇرۇشلۇق بىر ئاخبارات ئەمەلدارى «بازا»تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلدى شىنخۇا تورى سانا 2-مارت تېلېگراممىسى يەمەن «بازا»تەشكىلاتى 2-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ دېيىشىچە، بۇ تەشكىلات 1-مارت يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى ئادېندا ئامېرىكا ئاخبارات ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، بىر نەپەر ئامېرىكا ئاخبارات ئەمەلدارىنى ئېتىۋەتكەن ھەمدە نۇرغۇن ئادەملەرنى يارىلاندۇرغان.
باياناتتا دېيىلىشىچە، يەمەن «بازا»تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئاخبارات ئەمەلدارىنى نازرەت قىلىۋاتقىنىغا خېلى ئۇزۇن بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ «بازا»تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشكە قاتنىشىش پىلانىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يەمەن خەۋىپسىزلىك ئەمەلدارىنىڭ 1-مارت شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا دېيشىچە، بىر يەمەن ئالاھىدە قىسمى پايتەخت سانادىن ئادېن شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا ئاخبارات ئەمەلدارلىرىنىڭ مەشىقىنى قوبۇل قىلىدىكەن ھەمدە كېلەر ئايدا جەنۇبى قىسىمدىكى ئابىياڭ ئۆلكىسىگە كىرىپ «بازا»تەشكىلاتىنىڭ قۇراللىق خادىملىرىغا زەربە بېرىدىكەن.
2011-يىلى يانۋاردىن باشلاپ، يەمەننىڭ جەنۇبى قىسمىنىڭ ۋەزىيىتى داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، «بازا»تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى تارمىقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى بەزى شەھەر بازارلارنى تارتىۋېلىپ، جىنجىبار شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، بۇ شەھەرنى «بازا»تەشكىلاتىنىڭ يەمەننىڭ جەنۇبىدا قۇرغان «ئىسلام خەلىپىلىكى»نىڭ پايتەختى قىلىۋالغان.2011-يىلى مايدىن بۇيان، يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «بازا»تەشكىلاتىنىڭ قۇراللىق ئۇنسۇرلىرىغا زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتتى ھەمدە 10-سىنتەبېر جىنجىبار شەھىرىنى قايتۇرىۋالدى.شۇندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى داۋاملىق تۈردە جىنجىبارنىڭ شەرقى قىسىم رايونى ۋە باشقا ئىشغال قىلىنغان رايونلاردىكى «بازا»تەشكىلاتىنىڭ قۇراللىق ئۇنسۇرلىرىغا قارىتا تازىلاش ئېلىپ باردى.نۆۋەتتە، ئىككى تەرەپنىڭ كۈرىشى نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلدى، نەچچە مىڭلىغان يەرلىك ئاھالە خانىۋەيران بولدى.
يەمەننىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى ئابدۇللا مەنسۇر ھاردىنىڭ دېيىشىچە ئۇ .ئامېرىكا بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «بازا»تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى تارمىقىغا ئورتاق زەربە بېرىپ، قىزىل دېڭىز ۋە ئادېن قولتۇقى نېفىت تىرانسىپورت سۇ يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 5-مارت ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخو بىلەن كۆرۈشىدۇ
شىنخۇا تورى ۋاشىنگىتۇن 3-مارت تېلېگراممىسى:ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 3-مارت ئىلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما كېلەر ھەپتە ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە ئىسرائىلىيىنى كەلگۈسى نەچچە ئاي ئىچىدە ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەرمەسلىككە نەسىھەت قىلىدۇ.
ئوباما 5-مارت زىيارەتكە كېلىدىغان نىتانىياخو بىلەن كۆرۈشىدۇ.شۇ ۋاقىتتا ئوباما نىتانىياخوغا ئىراننى جازالاشنىڭ ئۈنۈمىنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈشىنى شۇنداقلا ھەربىي ئىشلار زەربە بېرىشىنىڭ خەتەرلىكلىكىنى تونۇپ يېتىشىگە نەسىھەت قىلىدۇ.<<ۋاشىنگىتۇن پوچتا گېزىتى>> ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن:بىز ئىسرائىلىيەنى ھەربىي ئىشلار زەربە بەرمەسلىككە ئۈندەش قارارى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى:ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى ئېنىق قى؛ىپ ئىراننى توسۇپ يادرو قورالى ياساش ئىقتىدارىغا ئېرىشىش ۋاقتىنىڭ بارغانسىرى ئازلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.ئەمما ئامېرىكا ئىسرائىلىيىنىڭ ئالدى بىلەن قول سېلىپ ئوتتۇرا شەرق رايۇنىدا ئۇرۇش پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.ئىسرائىلىيە ئەگەر ئىرانغا زەربە بېرىش قارار قىلىنسا ئامېرىكىغا ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى بەرمەيدىغانلىقىنى،بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئەھۋالنىڭ تەرەققىياتىنى بىلىشنى ئىنكار قىلدۇرىدۇ.ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايۇنىدىكى ھەربىي ئىشلار ئەسلىھەلىرىنى قوغداش ئىقتىدارىنىمۇ چەكلەيدۇ.
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 1-مارت قانات يايدۇرغان بىر تۈرلۈك ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا،كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلار ئىقتىسادىي جازالاش قاتارلىق دېپلۇماتىيە ئۇسۇللىرىنىڭ ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشقا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ،-دەپ قارىغان.
روسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بېلەت تاشلاش باشلاندى
شىنخۇا تورى موسكىۋا 4-مارت تېلېگراممىسى روسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىغا جايلاشقان كامچاتكا چېگرا رايونى، كۆكچى ئاپتونوم رايونى، ماگادان ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا تەسىس قىلىنغان بېلەت تاشلاش پونكىتلىرى شۇ يەر ۋاقتى 4-مارت سائەت 8 دە (بېيجىڭ ۋاقتى 4-مارت سائەت 4تە)شۇ يەردىكى سايلىغۇچىلارغا ئېچىۋېتىلدى، روسىيىنىڭ 6-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بېلەت تاشلاش شۇنىڭ بىلەن رەسمى باشلاندى.
بۇ قېتىمقى چوڭ سايلامغا 110مىليون روسىيىلىكنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقى بار.پۈتۈن روسىيە چېگراسى ئىچىدە جەمئىي 940مىڭدىن ئارتۇق بېلەت تاشلاش پونكىتلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر قايسى بېلەت تاشلاش پونكىتلىرى شۇ يەر ۋاقتى 4-مارت سائەت 8دە سايلىغۇچىلارغا ئېچىۋېتىلىدۇ، بېلەت تاشلاش خىزمىتى شۇ كۈنى سائەت 20دە ئاخىرلىشىدۇ. چەتئەلدىكى 1مىليون 800مىڭ سايلىغۇچىنىڭ بېلەت تاشلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، روسىيە يەنە چېگرا سىرتىدا 384بېلەت تاشلاش پونكىتىنى تەسىس قىلدى.
سايلامغا قاتنىشىدىغان بەش نەپەر نامزات ئايرىم-ئايرىم ھالدا روسىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيىسىنىڭ نامزاتى پۇتىن، روسىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى زۇگانوف، ئادىل روسىيە پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى مىرونوف، ئەركىن دېمۇكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى جىرنوۋىسكى ھەمدە مۇستەقىل نامزات پروكھوروۋ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.روسىيە خەلقنىڭ رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ مۆلچەردىن قارىغاندا، پۇتىننىڭ يەنە زۇڭتۇڭ بولۇش ئېھتىماللىق زور ئىكەن.
زۇڭتۇڭ سايلىمى بەلگىلىمىسى بويىچە، بىرىنچى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاشتا %50دىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشكەنلەر زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىدۇ. ناۋادا نامزاتلارنىڭ سانى ئىككىدىن ئېشىپ كەتسە، تۇنجى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە ھەر قانداق بىرسى سايلىنالمىسا، ئوتتۇرا سايلام كومىتېتى ئېرىشكەن بېلەت سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئىككى نامزاتنى بېكىتىپ ئىككىنچى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاش ئېلىپ بارىدۇ، ۋاقتى تۇنجى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاشتىن 3ھەپتە كېيىن بولىدۇ، بېلەتكە ئېرىشكەن سانى كۆپ بولغانلار زۇڭتۇڭ بولىدۇ.بۇ قېتىمقى سايلامدا ئۈنۈملۈك سايلىنىش ئەڭ تۆۋەن بېلەت تاشلاش نىسبىتى بېكىتىلمىدى. روسىيە ئەل رايىنى سىناش ئورگىنى جامائەتچىلىك پىكرى فوند جەمئىيىتىنىڭ دېيىشىچە، بېلەت تاشلاش نىسبىتى بەلكىم %64گە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
روسىيە 700گە يېقىن چەتئەللىك كۆزەتكۈچىنى بېلەت تاشلاشنى نازارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. روسىيە ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن 4000دىن ئارتۇق مۇخبىر سايلامنى خەۋەر قىلىشقا قاتنىشىدۇ. بۇلتۇر 4-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن روسىيە دۇما سايلىمىنىڭ سايلام نەتىجىسى بەزى ئاممىنىڭ گۇمانىنى قوزغىغاچقا، بۇ قېتىمقى زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ئاشكارا ۋا ئادىل ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، زۇڭلى پۇتىننىڭ تەكلىپى بويىچە، ھەر قايسى بېلەت تاشلاش پونكىتلىرىدا سىن تارتىش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلىپ نازارەت قىلىدۇ. بۇندىن باشقا، ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق بېلەت تاشلاش پونكىتلىرى ئىچىدە ئاشكارا بېلەت تاشلاش ساندۇقى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئومۇمى سانى 60مىڭ دانە.
بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن. روسىيە مەملىكىتى بويىچە 380مىڭدىن ئارتۇق ساقچى ۋە ئىچكى ئىشلار قىسمىنىڭ خادىملىرى سايلام ئېلىپ بېرىلدىغان كۈنى تەرتىپ ساقلايدۇ.
يىراق شەرق رايونى ۋە قاتناش قۇلايسىز رايونلاردا، قۇتۇپ رايونى، يىراق ئوكيان پاراخوتى ھەمدە چېگرا قاراۋۇلخانىسىدا، زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بېلەت تاشلاش فېۋرالنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىلا ئالدىن باشلانغان ئىدى.
روسىيە ئاساسى قانۇنى بويىچە، بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئۇدا يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭ بولالايدۇ.روسىيە قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئەسلىدىكى 4يىلدىن 6يىلغا ئۇزارتتى، بۇ2012-يىلى سايلانغان يېڭى زۇڭتۇڭدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
تۈركىيە سۈرىيە ئۆكتىچى گۇرۇھىنى قورال بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى! شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئىستانبول 3-مارت تېلېگراممىسى:تۈركىيە دېپلۇماتىيە مىنىستىرى داۋۇد ئوغلى 3-مارت مۇنداق دېدى:خەلقئارا جەمئىيەت سۈرىيە دائىرلىرى تارقاتقان ئۇچۇرغا قارىتا مەلۇم ۋاستە قوللىنىپ تارقاتسا بولىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە سۈرىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى گۇرۇھ سۈرىيە مەملىكەتلىك كومىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
داۋۇد ئوغلى شۇ كۈنى ئىستانبولدا ئىتالىيە دېپلۇماتىيە مىنىستىرى چېرچى بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى:سۈرىيە دوستلۇق يىغىنى ئىستانبولدا ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ،خەلقئارا جەمئىيەت دەمەشىق ئېنقىلابىغا جەزمەن بېسىم ئىشلىتىپ،ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ سۈرىيە خەلقىگە يەتكۈزۈلۈشىگە قولايلىق يارىتىشى كېرەك.
داۋۇد ئوغلى 2-مارت ئىستانبولدا سۈرىيە مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەھبىرى بورھان كالۋىن قاتارلىق كىشلەر بىلەن كۆرۈشتى شۇنداقلا تۆت سائەتكە يېقىن سۆھبەت ئېلىپ باردى.بۇندىن ئىلگىرى بورھان 1-مارت پارىژدا مەزكۈر كومىتېتىنىڭ كەلگۈسىدە تۈركىيىدە ھەربىي ئىشلار ۋەكىلى تەسىس قىلىپ سۈرىيە ئۆكتىچە گۇرۇھىنى قورال بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
تۈركىيە زۇڭتۇڭى گول 1-مارت مۇنداق دېدى:تۈركىيە ئىزچىل تۈردە سۈرىيە ئۆكتىچى گۇرۇھىنى قوللاشنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرۇپ كەلدى.
سۈرىيە دوستلۇق خەلقئارا يىغىنى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇنىستا ئېچىلغان بولۇپ،يىغىندا رەئىس باياناتى ئىلان قىلىنىپ،سۈرىيە دوستلۇق خەلقئارا يىغىنى ھەر قانداق شەكىلدىكى سىرتقى مۇداخىلىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى،باشقا ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ جاكارلاپ مەغلۇپ بولغان ھەربىي ئىشلار مۇداخىلە تىراگىدىيىسىنىڭ سۈرىيىدە قايتا ئوينىلىشىدىن پۈتۈن كۈچ بىلەن ساقلىنىدىغانلىقىنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە سۈرىيە كىرزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
مەنبە:_نۇر تورى