.بۇبابتىكى بىلىم نۇقتىلىرى
. قۇرۇلۇشقا ئىشلەش چېرتيوژنىڭ تۈرلىرى
.قۇرۇلۇشقا ئىشلەش چېرتيوژنىڭ ئادەتتتىكى ئىپادىلەش ئۇسۇلى
.قۇرۇلۇشقا ئىشلەش چېرتيوژىنى ئوقۇش ئۇسۇلى
بىرىنجى بۆلەك قۇرۇلۇشقا ئىشلەش چېرتيوژنىڭ تۈرلىرى ۋە ئادەتتتىكى ئىپادىلەش ئۇسۇلى
بىرىنجى. قۇرۇلۇشقا ئىشلەش چېرتيوژنىڭ تۈرلىرى
بىناكارلىق قۇرۇلۇشىدىكى قۇرۇلۇشقا ئىشلەش چېرتيوژى -بىناكارلىق قۇرۇلۇشنىڭ سىرتقى شەكىل دائىرىسى ،چوڭ –كىچىكلىك رازمېرى ،قۇرۇلما شەكلى،تۈزۈلۈشى ۋە ماتېرىياللارنى ئىشلەش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان چېرتيوژ نۇسخىسى .كەسىپ تۈرلىرىنىڭ ئوخشاشماسلىقى بويىچە ،ئادەتتە ئۇ : بىناكارلىق قۇرۇلىشىنىڭ قۇرۇلۇشقا ئىشلەش چېرتيوژى، قۇرۇلمىغا ئىشلەش چېرتيوژى،ئۈسكۈنە قۇرۇلۇشغا ئىشلەش چېرتيوژى قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ.
1. بىناكارلىق قۇرۇلۇشىغا ئىشلەش چېرتيوژى
ئۇ،ئاساسلىقى بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ،سىرتقى قىسىم شەكىل ،ئىچكى قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ،ئىنچىكە قىسىم تۈزۈلۈشى ،بېزەش –رېمونت قىلىش ۋە قۇرۇلۇشقا ئىشلەش تەلەپلىرى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈىدۇ.ئۇنىڭ چېرتيوژ نۇسخىلىرى ئاساسلىقى ئومۇمىي تەكشىلىك چېرتيوژى، قۇرۇلۇش تەكشىلىك چېرتيوژى، قۇرۇلۇش تىك كۆرۈنۈش چېرتيوژى، قۇرۇلۇش كەسمە يۈز چېرتيوژى، قۇرۇلۇش تەپسىلى چېرتيوژى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2. قۇرۇلمىغا ئىشلەش چېرتيوژى
ئۇ،ئاساسلىقى بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرۇلما تىپى ،قۇرۇلمىنىڭ تەكشىلىكتىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ، دېتال شەكلى، چوڭ –كىچىكلىكى ،ماتىريال تەلىپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرۇلۇش قۇرۇلما لايىھىسى مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .ئۇنىڭ خەرىتە نۇسخىلىرى ئاساسلىقى قۇرۇلمىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش چېرتيوژى، دېتال تەپسىلى چېرتيوژى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3.ئۈسكۈنىلەر قۇرۇلۇشىغا ئىشلەش چېرتيوژى
بۇ خىل چېرتيوژ ئاساسلىقى سۇ بىلەن تەمىنلەش ،سۇ چىقىرىۋېتىش ،ئسىنىش،ھاۋا ئالماشتۇرۇش ،ئېلېكترلىك يورۇتۇش قاتارلىقلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىشلەش چېرتيوژىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قۇرۇلۇشقا ئىشلەش چېرتيوژنىڭ رەتلىنىش تەرتىۋى بولسا چېرتيوژ مۇندەرىجىسى ، قۇرۇلۇشقا ئىشلەش ئۇمۇمى چۇشەندۇرلىشى ، بىناكارلىق قۇرۇلۇشىغا ئىشلەش چېرتيوژى ، قۇرۇلما قۇرۇلۇشىغا ئىشلەش چېرتيوژى ۋە ئۈسكۈنىلەر قۇرۇلۇشىغا ئىشلەش چېرتيوژى قاتارلىقلار .
ئىككىنجى قۇرۇلۇشقا ئىشلەش چېرتيوژنىڭ ئادەتتتىكى ئىپادىلەش ئۇسۇلى
1.قۇرۇلۇش چېرتيوژنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى
قۇرۇلۇش چېرتيوژ نۇسخىلىرىنىڭ سۇپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ،چېرتيوژ سىزىش ۋە چېرتيوژ ئوقۇشىنى ئورتاق قائىدە-نىزامفا ئىگە قىلىش ئۇچۇن ،دۆلەت قۇرۇلۇشقا ئىشلەش چېرتيوژنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلىفا قارىتا بىر تۇتاش بەلگىلىمە چىقاردى .
(1) چېرتيوژ فورماتى ،دىئاگرامما ،ئىمزا قۇيۇش كاتەكچىسى
چېرتيوژ فورماتى چېرتيوژ نۇسخىلىرىنىڭ فورمات رازمېرىنىڭ چوڭ –كىچىكلىكىنى كۆرسىتىدۇ.《ئۆي –ئىمارەت قۇرۇلۇشى چېرتيوژنىڭ بىر تۇتاش ئۆلچىمى》(2001-5001 T/GB)گە ئاساسەن بەلگىلندۇ .ئۆي –ئىمارەت قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرۇلۇشقا ئىشلەش چېرتيوژى چېرتيوژ نۇسحىلىرىنىڭ ئەنلىر دىن ئىبارەت بەش خىل ئۆلچەمگە ئايرىلىدۇ. A4,A3,A2, A1 ,A ى0
چېرتيوژ نۇسحىلىرىنىڭ ئەن ۋە چېرتيوژ رامكىسى رازمىرلىرى 1-1.جەدۋەلدىكى بەلگىلىمە ۋە 1-1.رەسىمدىكى كاتەكچە شەكلىگە ئۇيفۇن كېلىشى لازىم . چېرتيوژ نۇسخىسىنىڭ قىسقا تەرىپى تىك تەرەپ قىلىنعاندا ياتما شەكىللىك دەپ ئاتىلىدۇ. قىسقا تەرىپى گورىزونتال تەرەپ قىلىنعاندا ئۇرە شەكىللىك دەپ ئاتىلىدۇ.
㎜1-1.جەدۋەل فورمات ۋە چېرتيوژ رامكىسى رازمىرى
A4 | A3 | A2 | A1 | A0 | فورمات شەرتلىرى |
رازمىر شەرتلىرى |
210/297 | 297/420 | 420/594 | 594/841 | 841/1189 | B/1 |
5 | 10 | C |
25 | A |
چېرتيوژ نۇسخىلىرى تۈپەيلىندىعان ياكى تۈپلەنمەيدىعان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چېرتيوژ رامكىسى سىزىلغان بولىدۇ، چېرتيوژ رامكا سىزىقى توم قىنىق سىزىقى بىلەن سىزىلىدۇ . (1-1.رەسىمگە قاراڭ ).
1-1.رەسىم چېرتيوژ فورماتى ۋە چېرتيوژ رامكىسى ئەندىزسى
چېرتيوژ شەكىللىك b) 3A-0A ئۆرە چېرتيوژ شەكىللىك ياتما a) 3A-0A
چېرتيوژ d) چېرتيوژ نۇسخىلىرىنىڭ فورمات مۇناسىۋىتى شەكىللىك ئۆرە c) 4A
چېرتيوژ نومۇرى رايونى | قۇرۇلۇش ئىسمى | لاھىيەلىگۇچى ئورون نامى |
چېرتيوژ ئىسمى رايونى | ئىمزا قويۇش رايونى |
1-2.رەسىم چېرتيوژ كۆرسەتكۇچلىرى ئۆلچىمى
چېرتيوژ كورسەتكۇچلىرى چېرتيوژىنىڭ ئوڭ ئاستىنقى بۇرجىكىگە جايلاشتۇرۇلۇپ ، چېرتيوژ رامكا سىزىقى بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ. چېرتيوژ كۆرسەتكۆچلىرى ئادەتتە چېرتيوژ ئىسمى رايونى ،ئىمزا قويۇش رايونى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.ھەر قايسسسى رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى 1-2. رەسىمىدە كۆرسىتىلگەندەك بولىدۇ.ئىمزا قوشۇش رايونى لايىھلگۈچى ۋە تەكشۈرۈپ بىكىتكۈچى خادىملارنىڭ ئىمزا قويۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. چېرتيوژ ئىسمى رايونى مۇشۇ چېرتيوژ نۇسخىلىرىدىكى چېرتيوژ ئىسمنى يېزىشقا ئىشلىتىلدۇ. چېرتيوژ نومۇرى رايونى چېرتيوژ نۇسخىلىرىنىڭ چېرتيوژ ئايرىمىسى (مەسلەن ،قۇرۇلۇشقا ئىشلەش چېرتيوژى، قۇرۇلما قۇرۇلۇشقا ئىشلەش چېرتيوژى قاتارلىقلار) ،چېرتيوژ نومۇرى قاتارلىقلارنى يىزىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ.مەلۇم چېرتيوژنى ئاختۇرغاندا ،پەقەت چېرتيوژى مۇندەرىجىسىدىن شۇ چېرتيوژنىڭ چېرتيوژى ئايرىمىسى ، چېرتيوژى نۇمۇرىنى ئىزدەپ تىپىپ ھەمدە رەت بويىچە چېرتيوژ كۆرسەتكۆچلىرى سىلىشتۇرۇپ كۆرۇلسىلا ، ئېھتياجلىق چېرتيوژ نۇسخىلىرىنى تېزلىكتە تاپقىلى بولىدۇ.
ئىمزا قويۇش كاتەكچىسى ھەر قايسى قۇرۇلۇش تۈرى مەسئۇل خادىملىرى ئىمزا قويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىعان جەدۋەل بولۇپ ،چېرتيوژ ئوڭ يېنى ئۈستىدىكى چېرتيوژ رامكا سىزىقىنىڭ سىرتىغا قويۇلىدۇ (1-3.رەسىم )كاتەكچە ئىچىگە ئىمزا قويغۇچى ۋەكىللىك قىلدىعان كەسىپ ، ئىسمى ۋە ۋاقىت (يىل ،ئاي ،كۈن )تولدۇرۇلىدۇ.
رەسىم ئىمزا قويۇش كاتەكچىسى ئەندىزىسى 1-3
(2) ماسىىشتاپ ئۇ سىزىلغان چېرتيوژى شەكلىنىڭ چوڭ –كىچىكلىك نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ. قۇرۇلۇشىقا ئىشلەش چېرتيوژى ئادەتتە كىچىكلىتىلگەن ماسىىشتاپ ئارقىلىق سىزىلدۇ. ئادەتتە كۆپ ئىشىلىتىلىدىعان ماسىىشتاپلار :1:50،1:20،1:10 ،1:5،1:100 قاتارلىقلار .
مەسىلەن ، 1:100دېگىنىمىز ، چېرتيوژ رازمېرلىرىنىڭ ئەمەلىيى جىسمىغا قارىغاندا100 ھەسسە
كىچىكلىتىلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ماسىىشتاپ ئادەتتە چېرتيوژ ئىسمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە يېزىلىدۇ. بىر تاختا چېرتيوژدىكى ھەرقايسى چېرتيوژ نۇسخىلىرىغا بىر خىل ماسىىشتاپ ئىشلىتىلگەندە ، ماسىىشتاپنى بىر تۇتاش ھالدا چېرتيوژ كۆرسەتكوچىگە يېزىپ قويۇشقا بولىدۇ.
(3) ئاتمېتكا ئېگىزلىكى ئاتمېتكا ئېگىزلىكى قۇرۇلۇش ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ ئېگىزلىكىنى ئىپادىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.ئۇ ئاتمېتكا ئېگىزلىك بەلگىسى ۋە ئاتمېتكا ئېگىزلىكى رەقەملىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ(1-4.رەسىم ) ئۈچبۇلۇڭلۇق شەكىل ئۇچى ئىپادىلىنىدىغان ئورۇننى كۆرسىتىدۇ.
ئاتمېتكا ئېگىزلىكى مۇتلەق ئاتمېتكا ئېگىزلىكى ۋە نىسپىي ئاتمېتكا ئېگىزلىكى ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايىرىلىدۇ.
رەسىم ئاتمېتكا ئېگىزلىك بەلگىسى ۋە ئىزاھلاش ئۇسۇلى 1-4
ئېلىمىز چىڭداۋ سېرىق دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرىچە دېڭىز تەكشىلىك يۈزىنى مۇتلەق ئاتمېتكا ئېگىزلىك نۆل نۇقتىسى قىلىپ ئالغان بولۇپ ،باشقا ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاتمېتكا ئېگىزلىكلىرى ئۇنى 40M ساس قىلىدۇ. مەسلەن ،بېيجىڭ رايونىنىڭ مۇتلەق مۇتلەق ئاتمېتكا ئېگىزلىكى
. ئەتىراپىدا
بىر كۇرپۇس قۇرۇلۇشنىڭ قۇرۇلۇش ئېگىزلىكلىرىنى ئەگەر مۇتلەق ئاتمېتكا ئېگىزلىكى بىلەن ئىزاھلايدىغان بولساق ، ئۇ ھالدا رەقەملەر ناھايىتى چۇۋالچاقلىشىپ كېتىدۇ شۇڭلاشقا ئادەتتە نىسپىي ئاتمېتكا ئېگىزلىكى قوللىنىلدۇ. يەنى نىسپىي ئاتمېتكا ئېگىزلىكىنىڭ نۆل نۇقتىسى«0.000
±»قىلىپ خاتىرىلىندۇ.ئۇنىڭدىن ئېگىز بولسا ئوڭ بولىدۇ،ئەمما ئادەتتە «+» بەلگىسى ئارقىلىق ئىزھالانمايدۇ. نۆل نۇقتىدىن تۆۋەنلىرى تەتۈر بولىدۇ.ئۇ چاغدا چوقۇم «ـ» بەلگىسى بىلەن ئىزھالاش كېرەك. مەسلەن،0.450 ـ بولغان بولسا ،ئۇ شۇ ئورۇننىڭ ئاتمېتكا ئېگىزلىكى بىرىنچى
قەۋەت ئۆي ئىچى يەر يۈزىدىن تۆۋەن ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ. M 0.450
ئاتمېتكا ئېگىزلىكى ئۈچۈن m(مىتىر) بىرلىك قىلىندۇ. ئاتمېتكا ئېگىزلىكىنىڭ سانلىق قىممىتى ئادەتتە ئونلۇق كەسىر چېكىتىدىن كېيىنكى ئۈچ خانخىچە يېزىلىدۇ.قۇرۇلۇشقا ئىشلەش ئومۇمىي چۈشەندۈرۈشىدە ئادەتتە نىسپىي ئاتمېتكا ئېگىزلىكى بىلەن مۇتلەق ئاتمېتكا ئېگىزلىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىزاھات بېرىلىدۇ.
1-5 رەسىم ئورۇن بەلگىلەش ئوق سىزىقى ۋە ئۇنىڭ رەت نومۇرىنى قويۇش
ئورۇن بەلگىلەش ئوق سىزىقى قۇرۇلۇشقا ئىشلەش جەريانىدا ئورۇن بەلگىلەش ،ئىزنا قويۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى (1-5.رەسىم) .ئىشقىلىپ ئېغىرلىق كۆتۈرگۈچ تام ، تۈۋرۈك ، لىم ياكى چىدىر لىم قاتارلىق ئېغىرلىق كۆتۈرۈش دېتاللىرىنىڭ ئورۇنلىرى بولىدىكەن ، ئۇنىڭغا ئوق سىزىقى سىزىلىشى ھەمدە ئوق سىزىق رەت نومۇرى قويۇلۇشى لازىم .
ئورۇن بەلگىلەش ئوق سىزىقىنىڭ رەت نومۇرى گورزۇنتال يۆلىنىشتە ئەرەپ رەقىمى ئارقىلىق سولدىن ئوڭغا قاراپ رەت بويىچە يېزىلىدۇ.تىك يۆلىنىشلىك رەت نومۇرى لاتىنچە چوڭ ھەرپ ئارقىلىق تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ رەت رەت بويىچە يېزىلىدۇ.ئەمما لاتىنچە ھەرپلەر ئىچىدىكى
ئۈچ ھەرىپنى ئوق سىزىقى رەت نومۇرىZI、O,قىلىپ قوللىنىشقا بولمايدۇ. بۇنداق قىلغاندا
ئەرەب رەقەملىرىدىكى2،0،1 بىلەن ئارىلىشىپ كېتىشىتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
(5) ئاچقۇچ بەلگىسى ۋە تەپسىلى چېرتيوژ بەلگىسى
قۇرۇلۇشقا ئىشلەش چېرتيوژدىكى مەلۇم بىر قىسىم ياكى دېتالنىڭ ئەگەر تەپسىلى چېرتيوژى بولسا ئۇ ھالدا ئاچقۇچ بەلگىسى ئارقىلىق ئىپادىلەش لازىم (1-2.جەدۋەلگە قاراڭ ).
1-2.جەدۋەل ئاچقۇچ بەلگىسى ۋە تەپسىلى چېرتيوژ بەلگىسى
1-3.جەدۋەل دائىم قوللىندىغان قۇرۇلۇش ماتېرىياللرى ۋە قۇرۇلۇش زاپچاسلىرىنىڭ شەرتلىك بەلگىلىرى
2. شەرتلىك بەلگە ۋە دائىم ئىشلىتىدىغان دېتال بەلگىلىرى
بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى ۋە قۇرۇلمىلىرى نىسبەت بويىچە كىچىكلىتىپ سىزىلىدۇ، بەزى بىناكارلىق قۇرۇلىشىنىڭ ئىنچىكە قىسىملىرى ،قۇرۇلما دېتاللىرىنىڭ سىرتقى شەكلى ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئادەتتە ئەينەن سىزىپ چىققىلى بولمايدۇ.شۇڭلاشقا ئۇ چېرتيوژلاردا بەلگىلەنگەن شەرتلىك بەلگىلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ ھەمدە مۇناسىپ بەلگە ۋە رەت نومۇرى بىلەن ئىزاھلىنىدۇ.1-3.جەدۋەلدىكىسى دائىم قوللىندىغان قۇرۇلۇش ماتېرىياللرى ۋە قۇرۇلۇش زاپچاسلىرىنىڭ شەرتلىك بەلگىلىرى.
قۇرۇلما قۇرۇلۇشىغا ئىلەش چېرتيوژىدا دېتاللارنىڭ ئىسمىنى ئىزاھلاش زۆرۈر بولغاندا ، ئادەتتە شەرتلىك بەلگە ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. دېتاللارنىڭ شەرتلىك بەلگىسى ئادەتتە دېتال ئىسمى خەنزۇتىلى تاۋۇش ئېلىپبەسى بويىچە يىزىلىشىنىڭ بىرىنچى چوڭ ھەرپى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.1-4.جەدۋەلدىكىسى دائىم قوللىندىغان دېتاللارنىڭ شەرتلىك بەلگىسى بولۇپ ، ئالدىن كۈچلەندۈرلگەن پولات چىۋىقلىق بېتون دېتاللارنىڭ شەرتلىك بەلگىسى ئالدىغا «-Y
» نى قوشۇپ ئىزاھلاش لازىم .مەسلەن ،《LD-Y》 بۇ ئالدىن كۈچلەندۈرۈلگەن پولات چىۋىقلىق بېتون كىران لىمىنى ئىپادىلەيدۇ.
1-4.جەدۋەل دائىم قوللىندىغان دېتاللارنىڭ شەرتلىك بەلگىسى
. پولات چىۋىقنى رەسىملىك كۆرسىتىش ئۇسۇلى ، بەلگىسى ۋە رازمېرلىرىنى ئىزاھلاش3
(1) رەسىملىك كۆرسىتىش ئۇسۇلى چېرتيوژ ئۈستىگە سىزىلغان سىزىقلار ئومۇمەن چېرتيوژ سىزىقى دەپ ئاتىلىدۇ، دېتال قۇرۇلما چېرتيوژدا پولات چىۋىقنىڭ سەپلىنىش ئورنى ئەھۋالىنى گەۋدىلىك ئىپادىلەش ئۈچۈن ، پولات چىۋىق توم قېنىق سىزىق قىلىپ سىزىلىدۇ، دېتال سىرتقى شەكىل دائىرە سىزىقى ئىنچىكە قېنىق سىزىقى قىلىپ سىزىلىدۇ.1-5 . جەدۋەلدىكىسى دائىم قوللىندىغان چېرتيوژ سىزىقلىرىنىڭ سىزىقى تىپى ۋە ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى ئىشلىتىش ئورنى.
1-6. جەدۋەلدىكىسى ئادەتتىكى پولات چىۋىقنىڭ شەرتلىك بەلگىلىرى .مەسلەن ، دېتال كەسمە يۈز چېرتيوژىدا پولات چىۋىقنىڭ توغرا كەسمە يۈزى توم يۇمىلاق نۇقتا قىلىپ سىزىلغان.
ئالدىن كۈچلەندۈرۈلگەن پولات چىۋىقنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئۈچۈن1-7. جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەن ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش لازىم.
ۋاقىت مەسىلىسى تۈپەيلىدىن مۇشۇلانى يوللىدىم،سۇرەت ھەم جەدۋەللەر ئىشلەنمەي قالدى، ئەگەر قىزىقىدىغانلار بولسا مەن خەنزۇچە نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بەسەممۇ بولىدۇ، 2- بۆلىكى يەنە بىر نەچچە كۈندىن كىيىن يوللىنىدۇ.